خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 2013-يىلىدىن بۇيان ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيىسى 24-ئۆكتەبىر كۈنى رەسمىي ھالدا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلگەن. بۇنىڭ بىلەن شى جىنپىڭنىڭ «خىتاي چۈشى» ئىدىيىسى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنىڭ تېخىمۇ زورىيىشىغا يول ئېچىلغان.
«بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيىسىنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرىشى شى جىنپىڭنىڭ بۇ پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى قەتئىي نىيىتىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارالماقتىكەن. شى جىنپىڭنىڭ 19-قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن 3 يېرىم سائەتلىك نۇتقىدىمۇ ھە دەپ، خىتاينى «كۈچلۈك» ۋە «قۇدرەتلىك دۆلەت» دەپ تەرىپلىشى ھەم خىتاينىڭ خەلقئارالىق چوڭ مەسىلىلەردە تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىشىمۇ بۇ نۇقتىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
19-قۇرۇلتايدىن كېيىن ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا خىتاينىڭ بۇندىن كېيىنكى سىياسىتى ئۈستىدە كۆپلىگەن مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىنماقتا. كۆپلىگەن كۆزەتكۈچىلەر، شى جىنپىڭ بۇ قېتىملىق نۇتقىدا خىتاينىڭ دۇنيانىڭ مەركىزى بولۇشقا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىدىن ئوچۇق سىگنال بەردى، دەپ قارىماقتا.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى»، «نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» قاتارلىق گېزىتلەردە «بىز ترۇمپ بىلەن ھەپىلىشىۋاتقاندا، خىتاي بىر تارىخ يارىتىش ئالدىدا تۇرماقتا»، «قۇدرەتلىك شى جىنپىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئۈچۈن نېمىلەرنى ئىپادىلەيدۇ» قاتارلىق تېمىلاردا ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىلەردە، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيىسى ئارقىلىق خەلقئارادا بىر ئاكتىپ سىياسەت يۈرگۈزۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقى، ترامپ ھۆكۈمىتى خەلقئارا سەھنىدىن ئۆزىنى تارتىۋاتقاندا خىتاينىڭ بۇ ئورۇننى تولدۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىدەك مەزمۇنلار مۇھاكىمە قىلىنغان.
مەسىلەن، بۇ ھەقتە يەنە ئامېرىكىدىكى «ۋاقىت» ژۇرنىلىدا «پورتلار، تۇرۇبا يوللىرى ۋە گىو-پولىتىكا: خىتاينىڭ يېڭى يىپەك يولى ئامېرىكا ئۈچۈن بىر رىقابەت» ناملىق بىر مۇلاھىزە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ماقالە قورغاستا تۇرۇپ يېزىلغان.
ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، شى جىنپىڭ ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيىسى 65 دۆلەتكە، پۈتكۈل يەر شارى نوپۇسىنىڭ 70 پىرسەنتىگە ۋە پۈتۈن ئېنېرگىيە مەنبەسىنىڭ 75 پىرسەنتىگە ۋە دۇنيا ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ 28 پىرسەنتىگە چېتىلىدىكەن. ناۋادا بۇ قۇرۇلۇش مۇشۇ يوسۇندا داۋام قىلسا ئۇ ھالدا خىتاي مۇشۇ قىسقا مۇددەت ئىچىدە زورىيىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بۇ بەلۋاغدىكى بايلىقلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش، ئاخىرىدا ئۆزلىرىنىڭ تاۋارلىرىنى ساتىدىغان دۇنياۋى بازارلارنى كۆپلەپ ئېچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇۋالىدىكەن.
ئاۋسترالىيە لاتروبى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى نىك بېسلىي «ۋاقىت» ژۇرنىلىغا قىلغان سۆزىدە، «ئەگەر بۇ پىلان ئەمەلىيلەشكەن تەقدىردە خىتاي دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ھەم ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى ئەڭ مۇھىم رايونىغا ئورۇنلىشىۋالىدۇ،» دەپ كۆرسەتكەن. ئاپتور «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيىسىنىڭ مانا بۇ جەھەتلەردىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكا ئۈچۈن بىر رىقابەت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى پانوما ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور درۇ گلادنېي ئەپەندى «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيىسى ئامېرىكا ۋە رايوندىكى باشقا دۆلەتلەر ئۈچۈنمۇ رىقابەتكە تولغان بىر قۇرۇلۇش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› قۇرۇلۇشى پەقەت ئامېرىكا ئۈچۈنلا ئەمەس، رايوندىكى باشقا دۆلەتلەر ئۈچۈنمۇ بىر رىقابەت ھاسىل قىلىدۇ. ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› قۇرۇلۇشىنىڭ دېڭىزغا تۇتۇشىدىغان قىسمى تىنچ ئوكيانغا يېتىپ بارىدۇ. خىتاي ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئىقتىسادىي ھەم ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىشنى پىلان قىلىۋاتىدۇ. مانا بۇ جىددىي ئويلىنىشقا تېگىشلىك بىر ئىش. چۈنكى، ئامېرىكا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بېرى تىنچ ئوكيانغا ئۆزى يالغۇز ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەن. ئەمما مەنچە ھازىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو مەسىلىسى قاتارلىق باشقا مۇھىم مەسىلىلەردە ھەمكارلىشىشنى ئويلاۋاتقان بولغاچقا خىتاينىڭ ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› ئىستراتېگىيىسىگە ئوچۇق-ئاشكارا توسقۇنلۇق قىلمايۋاتىدۇ. شۇڭا ئامېرىكىدا نۇرغۇن كىشىلەر، ھازىر ئامېرىكا بۇندىن كېيىن كۆپ قۇتۇپلىشىش يولىنى تاللامدۇ-يوق؟ بۇ شۇنىڭ ئىپادىسىمۇ؟ دېگەن ئەندىشىگە چۆمدى.»
دەرۋەقە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنىۋاتقان مۇلاھىزىلەردە بىردەك، ترامپ ھۆكۈمىتى «سۇنىڭ ئىچىدىكى پاقىدەك» سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاينىڭ دۇنياغا لىدىرلىق قىلىمەن دەپ چىقىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە ۋە ترامپ ھۆكۈمىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلىنماقتا. «ۋاقىت» ژۇرنىلىدىكى ماقالىدە، خىتاي مانا مۇشۇنداق بىر ئىستراتېگىيىلىك پىلان ئارقىلىق دۇنيادا مۇھىم رول ئېلىشقا چىشىنى بىلەۋاتقان بىر شارائىتتا ئامېرىكا مەسىلىنىڭ قانچىلىك جىددىيلىكىنى تونۇپ يەتمەيۋاتىدۇ،» دېيىلگەن.
ماقالە ئاپتورى چارلى كەمبېل ماقالىسىدە «يېڭى يىپەك يولى سىياسىتى-خىتاينىڭ دۇنيادىكى تەسىرى زورىيىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئىچىدىكى ئۇششاق ئىشلار بىلەن ھەپىلىشىپ، مەنتىقلىق بىر تاشقى سىياسەتتىن ئۇزاق قېلىۋاتقانلىقىنىڭ يارقىن بىر ئۆرنىكى. خىتاي ھازىر نۇرغۇن قۇرۇلۇش پىلانلىرى ئارقىلىق ‹ئورتاق تەرەققىياتتىن، ھەمكارلىقتىن، ئۆزىدىن ئاۋۋال باشقىلارنى ئويلاش› تىن سۆز ئېچىۋاتىدۇ. خىتاي دۇنيا مۇھىتىنى ئەڭ ئېغىر بۇلغاۋاتقان بىر دۆلەت تۇرۇپ، خۇددى ئېكولوگىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى باشلامچىدەك سۆز قىلىۋاتىدۇ. ئۆزى ئىقتىسادنى قاتتىق كونترول قىلىدىغان تۇرۇقلۇق، ئۆزىنى خۇددى ئەركىن تىجارەت ۋە مەبلەغنىڭ چېمپىيونىدەك كۆرسىتىۋاتىدۇ. كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىدىغان بىر ھاكىممۇتلەق دۆلەت تۇرۇقلۇق، ئۆزىنى دۇنياغا ‹ياخشى ئادەم› قىلىپ كۆرسىتىۋاتىدۇ» دېگەن.
ئۇنداقتا، «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئېھتىماللىقى قانچىلىك؟ نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر بۇنداق كەڭ جۇغراپىيىگە تۇتۇشىدىغان بىر پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
درۇ گلەدنېي ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ بۇ ئىستراتېگىيىلىك يولىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ئۇنداق قۇلاي ئەمەس. خىتاي ئۆزىنىڭ تەرەققىيات مودېلىنى دۇنيادا تېخىمۇ كەڭ يايىمەن دەيدۇ. ئەمما خىتاينىڭ تەرەققىيات مودېلى باشقا دۆلەتلەردە بەك مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ باقمىغان. مەسىلەن، خىتاي كۆۋرۈك ياساش، سۇ ئامبىرى ياكى ئىستۇديۇم ياساش قاتارلىق زور ھەجىملىك ئاساسىي قۇرۇلۇشلارنى ياخشى قىلىدۇ. ئەمما خىتاي ھازىرغىچە چەتئەللەرگە سالغان مەبلەغلىرىدە ئۇزۇن مۇددەت ئىچىدە يەرلىكلەرگە پايدا ئېلىپ كېلىدىغان، يەرلىكلەرنى باي قىلىپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك پاراۋانلىق يارىتىدىغان ئىشلاردا ھېچقاچان غەلىبە قىلىپ باقمىغان. ھەتتا تېخى خىتاينىڭ زاۋۇت-كارخانىلىرىنىڭ ئۇ يەرلەرگە ئىشچىلىرى بىلەن بىللە كېلىپ يەرلىك خەلقنىڭ ئىشىنى تارتىۋالغان ئەھۋاللار كۆپ يۈز بەرگەن. شۇڭا جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە، سىرىلانكا ۋە كولومبىيە قاتارلىق جايلاردا خىتاي مەبلىغىگە قارشى كۆپ نارازىلىقلار چىقىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ھەتتا ئۆز ئىچىدىكى ئۇيغۇر ئېلىگە سالغان مەبلىغىنىڭمۇ يەرلىك خەلققە پايدا ئېلىپ كەلمىگەنلىكىنى، ئەكسىچە يەرلىكلەرنىڭ ئىشىنى تارتىۋېلىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ قېيىن كۈنگە قويغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇندىن سىرت يەنە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى بار. شۇڭا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ قارىغاندا، ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› ئىستراتېگىيىسى بەزىلەر ئۈمىد قىلغاندەك ئۇنداق پايدىلىق بىر ئىستراتېگىيە بولماسلىقى مۇمكىن.»
«ۋاقىت» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ بىخەتەرلىك ئامىلى، دەپ كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭدا ئىچكى بىخەتەرلىك ئامىللىرى سۈپىتىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىمسىزلىق مىسال قىلىنغان. ماقالىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىدىن نارازى ئىكەنلىكى، رايوندا كۆپ قېتىم مىللىي توقۇنۇشلار يۈز بەرگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ رايوندىكى تەرەققىياتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغانلىقىدىن شىكايەت قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
ئامېرىكا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى شان روبېرتس ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ سەۋەبلىك رايوندىكى بېسىمىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى:
«‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› سىياسىتىنىڭ شى جىنپىڭ ئۈچۈن قانچىلىك دەرىجىدە مۇھىملىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. ئۇيغۇر رايونى بولسا بۇ ئىستراتېگىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش-بولماسلىقىدا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولغاچقا ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىنى دەرھال تىنچىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر ئېلىدا مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىگە ئايان. شۇڭا ئۇلار تىبەتنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باشقۇرغان چېن چۇەنگونى يۆتكەپ كەلدى. دېمەك، ئۇيغۇر ئېلىنى بۇنداق قاتتىق ئىدارە قىلىش - مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئارزۇسى. ئەمما بۇ يەردە مەسىلىنى مۇشۇنداق بېسىم بىلەنلا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەل قىلىمەن دەپ ئويلاش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنمۇ، دېگەن بىر مەسىلە بار. مەن، خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى ئەكسىچە رايوندا تېخىمۇ چوڭ زوراۋانلىق ھادىسىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مۇقىمسىزلىقنى كۈچەيتىۋېتىدۇ، دەپ قارايمەن.»
يۇقىرىدىكى ماقالىلەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيىسىدىكى بىخەتەرلىك رىقابەتلىرى پەقەت ئۇيغۇر ئېلىلا ئەمەس ئىكەن. ئافغانىستان، بېرما، جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ ئوخشاش تەھدىت مەۋجۇت بولۇپ، بىخەتەرلىك مەسىلىسى مەزكۇر قۇرۇلۇش ئالدىدىكى ئەڭ زور رىقابەت ھېسابلىنىدىكەن.
«نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» دىكى بۇ ھەقتىكى ماقالىدە بولسا، خىتاينىڭ ئاسىيا تىنچ رايوندىكى زورىيىشىنىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەرنى بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە «ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى نۇرغۇن شېرىكلىرى خىتاينىڭ زورىيىشىدىن، بولۇپمۇ ئامېرىكا رايوندىن چېكىنگەن بىر شارائىتتىكى خىتاينىڭ ئىغۋاگەر پوزىتسىيەسىدىن ئەندىشە قىلماقتا. ئامېرىكا چوقۇم ئۆزىنىڭ بۇ رايوندىن چېكىنىپ چىقىپ كەتمەيدىغانلىقىنى كۈچلۈك شەكىلدە ئىپادە قىلىشى كېرەك. چۈنكى ئاسىيادىكى شېرىكلىرىمىز ‹ئالدى بىلەن ئامېرىكا› دېگەنلىكنىڭ ‹پەقەتلا ئامېرىكا› دېگەننى ئىپادە قىلمايدىغانلىقىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلماقتا،» دېگەنلەرنى بايان قىلغان.