پائالىيەتچىلەر: «خىتاينىڭ ‹شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش› تەشۋىقاتى ياپونىيەدە تەسىر قوزغىيالمىدى»

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابدۇمەنجىن يېتەكچىلىكىدىكى بىر ئۆمەك ئۆتكەن ھەپتە ياپونىيە بىلەن جەنۇبىي كورېيەدە زىيارەتتە بولغان. ئۇلار بۇ قېتىملىق زىيارەتتە، شۇ دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن بىرلىكتە «رەڭدار شىنجاڭ» تېمىسىدىكى پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، «شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرغان.

قازاق مىللىتىدىن بولغان نۇرلان ئابدۇمەنجىن باشچىلىقىدىكى بۇ ئۆمەكنىڭ 14-ئۆكتەبىردىن 19-ئۆكتەبىرگىچە ياپونىيەنىڭ ئوساكا ۋە جەنۇبىي كورېيەنىڭ سېئول شەھەرلىرىدە زىيارەتتە بولۇشى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ تۇنجى قېتىم چەت ئەلدە دىپلوماتىك يول ئارقىلىق ئېلىپ بارغان «شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» تەشۋىقاتى ھېسابلىنىدۇ. ۋاھالەنكى، بۇ پائالىيەت ياپونىيەدىكى رەسمىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە تىلغا ئېلىنمىغان. نۆۋەتتە ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان سىياسىي پائالىيەتچىلەر خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق «دوستلۇق، ھەمكارلىق» سەپىرىنىڭ ماھىيەتتە ئۇلارنىڭ كۈتكىنىدەك ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاقلاش غەرەزلىرىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ياپونىيەدىكى ئاكتىپ سىياسىي پائالىيەتچى ساتو تاكاشى (Sato Takashi) ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر ئۆمەكنىڭ ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدىكى بۇ قېتىملىق زىيارىتى ياپون خەلقىنىڭ خىتايغا قارشى كەيپىياتى كۈچەيگەن ۋاقىتقا توغرا كەلگەن بولۇپ، ياپونىيەدە ھېچقانداق تەسىر قوزغىيالمىغان. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ياپونىيەدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زۇلۇم ۋە باستۇرۇشىنى ئەيىبلەيدىغان نارازىلىق كەيپىياتى ناھايىتى كۈچلۈك. شۇڭا، بۇ ئۆمەكنىڭ ياپونىيە زىيارىتى ۋە خىتاي ئەلچىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «رەڭدار شىنجاڭ» تېمىسىدىكى پائالىيىتى ياپونىيەدىكى نارازىلىق كەيپىياتنى بېسىش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان كۆز بويامچىلىق دەپ ئويلايمەن. ئۇندىن باشقا ئۇلارنىڭ ياپونىيەنى تاللىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب بولسا، ياپونىيە 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن كىيىن غەرب دۆلەتلىرى يۈرگۈزگەن ئىقتىسادى جازانى ئەڭ باشتا بىكار قىلغان دۆلەت بولۇپ، ھازىرمۇ ياپونىيەنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدە خىتايپەرەسلەر خېلى كۆپ. شۇڭا خىتاي ئۇلارنى قىلتاققا دەسسىتىش ئاسان دەپ قارىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇ زىيارەت ياپون مەتبۇئاتلىرىدا خەۋەر قىلىنمىدى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ پائالىيىتى ئاۋام پۇقرالارنىڭ خىتايغا بولغان باھاسى ئەڭ ناچارلاشقان مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلدى، شۇ سەۋەبتىن ئۇ ھېچقانداق تەسىر پەيدا قىلالمىدى دەپ قارايمەن.»

«شىنخۇا تورى» نىڭ 21-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نۇرلان ئابدۇمەنجىن ياپونىيەدىكى زىيارىتى مەزگىلىدە «شىنجاڭدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭ ھەققىدىكى ھەر خىل يالغان، سەلبىي گەپلەرنى رەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن يېڭى ئوبرازىنى نامايان قىلغان».

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئەخمەتجان لېتىپ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ياپونىيەدە ئاۋام خەلق، مەتبۇئات ۋە ھۆكۈمەت ئارىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىتا خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرىدىغان ھەم ئەيىبلەيدىغان كۆز قاراشلار كۈنسايىن ئېشىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ئۆزىنى ئاقلاپمۇ ئاقلاپ بولالمايدىغان دەرىجىدىكى پاتقاققا پاتقان. يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي ئۆز ئىچىدە ياپونلارغا قارشى ئۆچمەنلىك ئوتىنى ئۇلغايتقان بولۇپ، خىتايدا ياشاۋاتقان ياپون پۇقرالىرىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن تۆھمەتكە ۋە ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچراش، ھەتتا ئۆلۈم ۋەقەلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىدەك پاجىئەلەرنىڭ كۆپلەپ يۈز بېرىشى ياپونلۇقلارنىڭ خىتايغا قارشى نارازىلىقىنى يۇقىرى پەللىگە چىقارغان. خىتاي دەل بۇ نارازىلىقنى پەسەيتىش ئۈچۈن بۇ ئۆمەكنى ياپونىيەگە ئەۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

خىتاي خەۋەرلىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئۆمەك ياپونىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى ۋە ئوساكا ۋىلايەتلىك پارلامېنتنىڭ پارلامېنت باشلىقى ناكاتانى ياسىنورى، خىتاي-ياپونىيە دوستلۇق ئەلچىسى ۋە 1986-يىلدىن بۇيان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا «كوجىما ياسۇخىرو ئوقۇش ياردەم پۇلى» تەسىس قىلغان راھىب كوجىما ياسۇخىرو، ئوساكا ۋىلايىتى ياپونىيە-خىتاي دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھەمدە شۇ جايدىكى مۇھاجىرلار ۋە ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە ئۇلار بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەتلىشىپ، «شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەش» تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بارغان.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ساۋۇتجان مەمەت ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ بۇ ئۆمەكنى ياپونىيەگە ئەۋەتىشىدىكى سەۋەبلىرىدىن بىرى ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئۈچۈن بولسا، يەنە بىرى ياپون ھۆكۈمىتى ۋە جامائىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان پوزىتسىيەسىنى سىناپ بېقىش ئىكەن. ئۇ، خىتاينىڭ بۇ مۇددىئالىرىغا يېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئابدۇكېرىم ئابدۇرەھماننىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندىن بۇيان ياپونىيەدە خىتايدىكى ياپون پۇقرالىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىگە قارشى نارازىلىق كۈچەيگەن پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق «دوستلۇق، ھەمكارلىق» ئۆمىكىنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئەۋەتىدىكەن، لېكىن مەقسىتىگە يېتەلمەيدىكەن.

خىتاينىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىملىق زىيارەتتە ياپونىيە تەرەپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قولغا كەلتۈرگەن «مۇقىملىق، ئىناقلىق، تەرەققىيات» نەتىجىلىرىگە ئىجابىي باھا بەرگەن. شۇنداقلا، 2025-2026 يىلىدىكى خىتاي-ياپونىيە-كورېيە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يىلىنى پۇرسەت بىلىپ، ئۇيغۇر ئېلى بىلەن ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياپونىيە «ئاسىيا لىبېرال دېموكراتىك ئىتتىپاقى كېڭىشى» دائىمىي ھەيئىتىنىڭ مۇدىرى، ئوبزورچى ۋە سىياسىي پائالىيەتچى مىئۇرا كوتارو (Miora Kotaro) ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا يوللىغان يازمىچە ئىنكاسىدا بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ بۇ ئۆمىكىنىڭ ياپونىيە زىيارىتى يەرلىك سىياسەت مەسىلىسى بولۇپ، ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىگە زور تەسىر كۆرسىتەلمەيدىكەن. ئۇ يەنە بۇ خىلدىكى دىپلوماتىك ئالاقىلەردە، ياپونىيە تەرەپنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە سەل قارىماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ:

«ئوساكا ۋىلايەتلىك پارلامېنت ھۆكۈمىتى ‹2025-يىللىق ئوساكا كانساي كۆرگەزمىسى›نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن خىتاي بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. مەن ئەلۋەتتە بۇ كۆرگەزمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەمما مەن يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك دەپ قارايمەن. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، مېنىڭچە بۇ زىيارەت ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىگە زور تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. چۈنكى بۇ يەرلىك سىياسەت مەسىلىسى. ھازىرقى مۇھىم نۇقتا، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە چىن دىلىدىن كۆڭۈل بۆلىدىغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋام پالاتاسى سايلىمىدىن كېيىن پارلامېنتتا ئورۇن ئېلىش ياكى ئالالماسلىق مەسىلىسىدۇر. شۇڭا مېنىڭچە، ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سايلاپ چىقىلىشى تېخىمۇ مۇھىم».

يۇقىرىدا مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابدۇمەنجىن يېتەكچىلىكىدىكى بۇ تەشۋىقات ئۆمىكى ياپونىيە ھۆكۈمىتىدە، مەتبۇئات-تاراتقۇلاردا ۋە ئاۋام خەلق ئارىسىدا ھېچقانچە تەسىر قوزغىيالمىغان.