خىتاي تەتقىقاتچى: خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھالقىما تەرەققىيات سىياسىتى مەغلۇپ بولدى (2)

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015.05.20
shinjang-xizmiti-yighini-xitay-305.jpg شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 6-فېۋرال، بېيجىڭ.
www.xinjiang.gov.cn

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھالقىما تەرەققىياتنىڭ مەغلۇبىيىتىدىكى تۈپ سەۋەب نېمە؟

بېيجىڭدىكى «ئەنبەي» ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى تاڭ لىمىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە، شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇلغان ئىقتىسادى تەرەققىيات پىلانلىرىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇنىڭ 4 خىل سەۋەبىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئىدى. بىز ئالدىنقى نۆۋەتلىك پروگراممىمىزدا ئاپتورنىڭ بۇ ھەقتىكى ئانالىزلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئىدۇق. تاڭ لىمىڭ مۇلاھىزىسى داۋامىدا ھۆكۈمەتنى ئۇيغۇر ئېلىغا قاراتقان ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيىسىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرىپ، بىر قانچە خىل تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئۇنىڭ پىكىرلىرى چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بېيجىڭدىكى «ئەنبەي» ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەرەققىيات ۋە مىللىي سىياسەت تەتقىقاتچىسى تاڭ لىمىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىزمەت تەكشۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە ئۆزى بايقىغان مەسىلىلەرنى «ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىي نېمىشقا نەتىجە بەرمەيدۇ» ماۋزۇلۇق بىر ماقالىدە يېزىپ چىققان ئىدى. ئۇ ماقالىسىدە 2010-يىلىدىكى شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇلغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىنى باھالاپ چىققان. ئۇ بۇ سىياسەتنى مەغلۇپ بولدى، دەپ قارىغان بولۇپ، ئارىدىن ئۆتكەن 5 يىل جەريانىدا مەركەزدىن سېلىنغان شۇنچە مەبلەغگە قارشى رايوندا كۈتۈلگەن بىر نەتىجە كۆرۈلمىگەن. ئۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى مۇلاھىزە قىلىپ، ئۇنى 4 نۇقتىغا يىغىنچاقلاپ چىققان. ئۇ تۆت مەسىلە ئاساسلىق مەبلەغنى سانائەت رايونلىرىنى قۇرۇشقا ئىسراپ قىلىش، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى چوڭ كارخانىلارنىڭ يەرلىكنىڭ بايلىقىنى سۈمۈرۈشى، بارلىق كۈچنى نېفىت ۋە كۆمۈر قېزىپ چىقىرىشقىلا قارىتىپ، سانائەت قۇرۇلمىسىدا كۆپ خىللاشماسلىق ھەم شۇنداقلا شېرىك قىلىپ قويۇلغان يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئارا ئورۇنسىز رىقابەت بولۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ئۇنىڭ بۇ ماقالىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار تاڭ لىمىڭنىڭ بىر زىيالىي بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدا كۆرۈلۈۋاتقان بەزى مەسىلىلەرنى توغرا باھالاپ چىققانلىقىنى، ئەمما بۇ يەردە قوشۇپ قويۇشقا تېگىشلىك يەنە نۇرغۇن ئامىللارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكىدىكى جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچىسى، ئىقتىساد پەنلىرى دوكتور كاندىداتى پەرھات بىلگىن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشىنى ئەركىن تىجارەت ۋە ئەركىن ھەرىكەت قىلىش ھوقۇقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تاڭ لىمىڭ مۇلاھىزىسىنىڭ ئاخىرىدا يۇقىرىدىكى بۇ 4 مەسىلىگە ئاساسەن ھۆكۈمەتنى ئۇيغۇر ئېلىغا قاراتقان ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيىسىنى ئۆزگەرتىشنى چاقىرىپ، تۆۋەندىكى پىكىر -تەكلىپلەرنى سۇنغان.

ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىدا ئارتۇقچە سېلىنغان سانائەت رايونلىرىنى قىسقارتىشنى، سانائەت رايونلىرىنى قۇرغاندا چوقۇم شۇ جاينىڭ تەبىئىي شارائىتى، ئاساسىي قۇرۇلۇشىنىڭ ئەھۋالىنى نەزەرگە ئېلىشقا، ھۆكۈمەتنى يەرلىك كارخانىلارنى بولۇپمۇ ئوتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى خۇسۇسىي كارخانىلارنى يۆلەشكە چاقىرغان. ئۇ بۇنى ئىزاھلاپ «كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى خۇسۇسىي كارخانىلار دۆلەت خەزىنىسىگە گەرچە چوڭ كارخانىلاردەك زور ھەسسە قوشالمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار يەرلىككە ئىش ئىمكانى يارىتىپ، يەرلىك ئىقتىسادنىڭ ئۆرلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ بۇ مەسىلىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي مۇقىمسىزلىقنىمۇ نەزەرگە ئېلىپ تۇرۇپ «زور مەبلەغ سالغۇچى كارخانىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىشچى -خىزمەتچىلىرى بىخەتەرلىك ئەندىشىسى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىپ كەتسە، مانا مۇشۇنداق كىچىك ۋە ئوتتۇرا كارخانىلار قەپ قېلىپ، تەرەققىياتنى داۋام قىلىدۇ» دەپ ئەسكەرتكەن.

پەرھات بىلگىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، يەرلىك كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپلىق كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش دۇنيا بانكىسى تەرىپىدىن خېلى بۇرۇنلا دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان بىر ئىستراتېگىيە بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شارائىتىگىمۇ ماس كېلىدىكەن. ئەمما بۇ يەردىكى ھەل قىلغۇچ مەسىلە بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىنى كۆتۈرۈش، ئۇيغۇر خەلقىنى باي قىلىش نىيىتىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە سەمىمىيلىكىدۇر.

تاڭ لىمىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قويغان تەكلىپلىرى ئىچىدە يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېكولوگىيىلىك بۇزغۇنچىلىقنىمۇ تىلغا ئېلىپ، ھۆكۈمەتنى ئۇيغۇر ئېلى ئېكولوگىيىسىنىڭ سىغىمچانلىقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكولوگىيىسى ئىنتايىن سەزگۈر ۋەزىيەتتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر ئېلىدا سۇ ئاز. بۇنى ئاز دەپ، رايوندىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز شىركەتلىرى ناھايىتى كۆپ سۇ ئىشلىتىدۇ. شۇڭا رايوندىكى سانائەتلىشىش سىياسەتلىرى چوقۇم ئۇيغۇر ئېلى ئېكولوگىيىسىنىڭ بەرداشلىق بېرىش دەرىجىسىنى بولۇپمۇ سۇ مەنبەسىنىڭ سىغىمچانلىقىنى دىققەتكە ئالغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.»

خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى چاقىرىپ، زور ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانلىرىنى ئېلان قىلدى ۋە رايونغا مىلياردلارچە يۈەن مەبلەغ سالدى. مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا قاراتقان تەشۋىقاتلىرىدا ھەدەپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تەكىتلەپ، بۇنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ بىردىن -بىر مەنبەسى قىلىپ كۆرسەتتى، ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى باي قىلىپ مۇقىملىق يارىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بىراق، بۇ سىياسەت يولغا قويۇلغان 5 يىلدىن بۇيان بولسا ئەكسىچە ۋەزىيەت تېخىمۇ كەسكىنلەشتى، نارازىلىق، قارشىلىق ھەرىكەتلىرى تېخىمۇ كۆپەيدى، قانلىق باستۇرۇشلارنىڭ سانى ئارتتى. ئۇنداقتا بۇنىڭ سەۋەبى يۇقىرىدىكى خىتاي مۇتەخەسسىسى ئوتتۇرىغا قويغان ئىقتىسادىي خاتالىقلارمۇ؟ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئىقتىسادىي مەسىلىنىڭ ھېچقاچان ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ تۈپ سەۋەبى بولۇپ باقمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.