خىتاينىڭ «مائارىپ ساھەسىدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش» سىياسىتىنىڭ ئارقىسىغا نېمىلەر يوشۇرۇنغان؟
2023.08.04

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان ئاتالمىش «›مائارىپقا نىشانلىق ياردەم بېرىش‹خىزمىتىنى شى جىنپىڭنىڭ ‹شىنجاڭ ئىستراتىگىيەسى› سىياسىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي دېگەننى تەكىتلەۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ «كەسپىي مائارىپنى كۈچەيتىش» نى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشى، ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى.
خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 1-ئاۋغۇست كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 1-ئاۋغۇست ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان «مائارىپ ساھەسىدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم يىغىنى» دا، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالانغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي سۆز قىلىپ، «مائارىپ ساھەسىدە شىنجاڭغا ياردەم» قۇرۇلۇشىنى شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭ ئىستراتېگىيەسى» نىڭ تەلىپى بويىچە ئېلىپ بېرىشنى تەكىتلىگەن.
ما شىڭرۇي، خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «مائارىپ ساھەسىدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم» نىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە «مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» خىزمىتىدىكى مۇھىم سىياسىي ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «مائارىپ مىنىستىرلىقى شىنجاڭغا بولغان ياردەمنى ئاساسلىق سىياسىي ۋەزىپە دەپ تۇتماقتا. بۇ شىنجاڭنىڭ كەسپىي جەھەتتە كۈچلۈك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. يېڭى تەرەققىيات دەۋرىدىكى مىللىي ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشىدۇ. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.»
تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ما شىڭرۇينىڭ «مائارىپ ساھەسىدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم» نى مۇھىم بىر سىياسىي ۋەزىپە قىلىشنى تەكىتلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ قەدىمىنى يەنىمۇ تېزلەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى، خىتايدىكى 19 ئۆلكىنىڭ مائارىپ كۈچىگە تايىنىپ، شەرقىي تۈركىستاننى خىتاينىڭ باشقا ئۆلكە-شەھرلىرىگە ئوخشاش ھالەتكە كەلتۈرۈش ئىكەن.
خىتاي ئۆلكە-شەھەرلىرىدە 1990-يىللاردىن بۇيان كەڭ-كۆلەمدە ئېچىلغان «شىنجاڭ سىنىپلىرى» ۋە 2000-يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسىدە تېز سۈرئەتتە كۆپەيتىلگەن «قوش تىللىق سىنىپلار»، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن «ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتى دەپ تەنقىدلىنىپ كېلىنگەن ئىدى. 2016-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈشنى ۋە ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتابلارنى ئىشلىتىشنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدى. شۇنداقلا بۇنى «دۆلەت تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش» دېگەن نامدا پەردازلىغان ئىدى. بۇ ئەھۋال شۇ مەزگىللەردىلا غەرب دېموكراتىك ئەللىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىدلەنگەن ئىدى.
دوكتور ئەركىن ئەركىن ئەپەندى، 2018-يىلدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارانىڭ بېسىمى ۋە ئەيىبلەشلىرىگە پىسەنت قىلماستىن، شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇشنى ئاتالمىش «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتى» نىڭ مۇھىم بىر پارچىسى، دەپ ئاتاپ كەلگەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇ سىياسەتنى تېخىمۇ رادىكال ۋاسىتىلەر بىلەن ئىجرا قىلىشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر يىغىندا خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئومۇملاشتۇرۇشتىن باشقا رايوندا كەسپىي مائارىپنى كۈچەيتىش دېگەنلەرنىڭ تەكىتلىنىشى، رايوندا خىتايلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقى بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خىتاينىڭ رايوندىكى زاۋۇت-فابرىكىلىرى ئۈچۈن كەسپىي ساھەلەر بويىچە مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرى يېتىلدۈرۈشنىمۇ مەقسەت قىلىدىكەن.
بۇ يىغىندا ما شىڭرۇي يەنە تەبىئىي پەن ساھەلىرى ۋە تېخنىكىلىق ساھەلەردە ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ «شىنجاڭغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىشى» نى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، ما شىڭرۇينىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىگە جىددىي دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ما شىڭرۇينىڭ «كەسپى مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇرۇش» دېگەن سۆزلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەرنى خىتاي كارخانا-شىركەتلىرىنىڭ كەسىپلەشكەن مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىممۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇلۇشى، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىپادىلىرىدىن بىرى ئىكەن.