ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم» پىلانى نېمە سەۋەبتىن ئۆزگەرتىلدى؟

ئامستېردامدىن ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر تەييارلىدى
2024.05.24
qumul-yardem-doxtur-dawalash-ayrodurum خېنەن ئۆلكىسىدىكى غوللۇق دوختۇرلاردىن تەشكىللەنگەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى قۇمۇل شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى ماي، قۇمۇل.
pdnews.cn

ئۇيغۇر ئېلىنى بۆلۈشۈپ تالان-تاراج قىلىشتىن، ئىختىيارى تالان-تاراج قىلىشقىچە

مەيلى ئۇيغۇرلارنى بولسۇن ياكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان غەرب دۇنياسىنى بولسۇن، قايمۇقتۇرۇپ كېلىۋاتقان مۇنداق بىر مەسىلە بار: ئۇ بولسىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئۆتكەن 30 يىلدىن بۇيان يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم» پىلانىدۇر. «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدىكى بۇ پىلان ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىنى تالان-تاراج قىلىش پىلانى ئىكەنلىكى كېيىنكى كۈنلەردە ئايدىڭلاشقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ «پىلان» نىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن بولغان كۆرۈنمەس بېغى بۈگۈنگىچە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى چەككىنى يوق! يەنە كېلىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پىلانلىق، ۋاسىتىلىك ۋە نىشانلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلغان دۆلەت تېررورلۇقى جىنايىتى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشتە، مەزكۇر پىلاننىڭ ئىچ يۈزى ھەققىدە ئىزدىنىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى تېخىچە تونۇپ يېتىلگىنى يوق.

ئۇنداقتا، ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم» پىلانى زادى قانداق پىلان؟ بۇ پىلان قاچان، قەيەردە، كىم تەرىپىدىن ۋە نېمە سەۋەبتىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان؟ بۇ پىلان قاچاندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈلۈشكە باشلىدى؟

بۇنىڭدىن بىر قانچە ئىلگىرى، يەنى 13-ماي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇنجى نۆۋەتلىك «سانائەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» كوللېكتىپ تەشۋىقات ھەرىكىتى يىغىنى قارامايدا ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر يىغىندا «شىنجاڭغا ياردەم قىلىدىغان ئۆلكە ۋە شەھەرلەردىكى كارخانىلارنىڭ پۈتكۈل شىنجاڭ تەۋەسىدە مەبلەغ سېلىپ، روناق تېپىشىغا يېتەكچىلىك پىلان لايىھەسى» ئېلان قىلىندى. مەزكۇر لايىھەنىڭ ئېلان قىلىنىشى، خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ئاتالمىش «نۇقتىلىق ياردەم» نامىدا ئۆزىگە بۆلۈپ بېرىلگەن ئۇيغۇر زېمىنلىرىدىلا سودا-تىجارەت قىلىش چەكلىمىسى پۈتۈنلەي بۇزۇپ تاشلاندى. شۇنداقلا خىتاي تىجارەتچىلىرىنىڭ چەكلىمىسىز ھالدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقانداق يېرىدە تىجارەت قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىلدى. يەنى ئەسلىدىكى «پىلان» دا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە ناھىيەلىرىنى خىتاينىڭ 19 ئۆلكە ۋە شەھەرلىرىگە بۆلۈپ بەرگەنىدى. خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسى پەقەتلا ئۆزلىرىگە بۆلۈپ بېرىلگەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مەلۇم ۋىلايەت ۋە ناھىيەلىرىدە تالان-تاراج قىلالايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ باشقا ئۆلكىلەر ئۈلۈشۈۋالغان يەرلەرگە قول ئۇزىتىشى چەكلەنگەنىدى. ھالبۇكى، بۇ قېتىمقى ئۆزگەرتىشتە دەل بۇ خىل چەكلىمە پۈتۈنلەي بىكار قىلىندى. بۇ دېگەنلىك، بۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ 19 ئۆلكە ۋە شەھىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خالىغان يېرىدە، خالىغان ۋاقىتتا، ئۆزى خالىغان تالان-تاراجنى قىلالايدۇ، دېگەنلىكتۇر.

نۆۋەتتىكى تېمىمىزدا بىز ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم» پىلانى بىلەن تونۇشۇپ چىقىش بىلەن بىرگە، بۇ پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، مەزكۇر پىلانغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ھادىسىلەر ئۈستىدە مەخسۇس توختىلىمىز.

مەزكۇر پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشى 1996-يىلى باشلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى خىتاينىڭ «ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» سىياسىتى، شۇنداقلا ئۇيغۇر رايونىغا قاراتقان سىياسىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

1979-يىلى ئاپرېلدا، خىتاينىڭ مەملىكەتلىك چېگرا مۇداپىئە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغان. مەزكۇر يىغىندا خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۇلەنخۇ (يەنى خىتايچە ۋۇ لەنفۇ، موڭغۇل) يىغىن ئەھلىگە مەخسۇس بىر دوكلات سۇنغان. بۇ دوكلات دەل بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان «شىنجاڭغا ياردەم» پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس دوكلات ئىدى. دوكلاتتا ئۇلەنخۇ خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىشىنىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ۋە خىتاينىڭ ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم رولى ھەققىدە توختالغان. مەزكۇر يىغىندا ئۇلەنخۇنىڭ دوكلاتى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ (1979) 52-نومۇرلۇق ھۆججىتى نامىدا تەستىقلانغان. قىزىق يېرى شۇكى، بۇ پىلان شۇ يىللاردا ئەمەس، بەلكى 1996-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن «شىنجاڭغا ياردەم» نامىدا رەسمىي يولغا قويۇلغان.

بۇنداق بولۇشى سەۋەبسىز ئەمەس، ئەلۋەتتە! چۈنكى ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش «ئون يىللىق مالىمانچىلىق» دەۋرىنى ئاخىرلاشتۇرغان بولۇپ، بۇ چاغدا پۈتۈن خىتاي ئېغىر ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كىرىزىسقا پېتىپ قالغانىدى. ئەگەر ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلمىسا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى يىقىلىش خەۋپىگە ئۇچرايتتى؛ ئىسلاھات ئېلىپ بارسا خەۋپ ئوخشاشلا مەۋجۇت بولاتتى، چۈنكى ئىسلاھاتتىن كېيىنكى خىتاي غەرب دېموكراتىك ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشى، ھەتتا «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە» دېگەن يالتىراق نام بىلەن تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان تىبەت، ئۇيغۇر رايونى قاتارلىق سەزگۈر چېگرا رايونلاردىن ئايرىلىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى.

قانداق قىلىش كېرەك؟ «ئىسلاھات» ئېلىپ بېرىش ئىرادىسىگە كەلگەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد رەھبىرى دېڭ شياۋپىڭنىڭ بۇ مەسىلىدە بېشى بەكمۇ قېتىقلىق ئىدى. مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە، ئۇلەنخۇنىڭ «چېگرا رايونلارغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىش» ھەققىدىكى دوكلاتى، دېڭ شاۋپىڭنى بۇ باش قېتىنچىلىقىدىن تېزلا قۇتۇلدۇردى. چۈنكى بۇ دوكلات دېڭ شاۋپىڭغا ھەم خىتاينىڭ «زېمىن پۈتۈنلۈكى» نى ساقلاپ قالالايدىغان، ھەم خىتايلارنى باي قىلغىلى بولىدىغان ياخشى بىر پىلاندەك بىلىنگەن ئىدى.

دېمەك، «ئالدى بىلەن خىتايلارنى باي قىلىش، ئاندىن ‹ياردەم› نامىدا ئۇيغۇر ئېلىغا كۆپلەپ خىتايلارنى يۆتكەش ۋە خىتايلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بايلىق مەنبەلىرىنى ئىگىلەش» دېڭ شياۋپىڭ ئۈچۈن زىخمۇ كۆيمەيدىغان، كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان ئوبدان پىلان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن دېڭ شاۋپىڭ ناھايىتى رازىمەنلىك بىلەن ئۇلەنخۇنىڭ دوكلاتىنى قوبۇل قىلغان، ئەمما دەرھال يولغا قويۇشقا ئالدىرىمىغان. كوممۇنىست خىتاينىڭ ئالدىنقى 30 يىللىق سىياسىي سەھنىسىدىكى مۇرەككەپ ئىچكىي كۈرەشلەر قاينىمىدا پىشىپ قاق بولۇپ كەتكەن دېڭ شياۋپىڭ، مەزكۇر پىلاننىڭ ئوڭۇشلۇق ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن پۇختا ئاساس سېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆڭلىگە پۈككەن.

دېمەك، دېڭ شياۋپىڭ ئىشلارنى ئالدى بىلەن بىڭتۈەننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن باشلىغان. 1984-يىلى خىتاينىڭ ئاتالمىش «مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى» يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدا بىڭتۈەننىڭ مەۋجۇتلۇقى بۇ قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنمايدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى ئىدى. بۇ ۋەجىدىن 1985-ۋە 1988-يىللىرى يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىككى قېتىملىق نارازىلىق ھەرىكىتىدە خىتاينىڭ «ئاپتونومىيە قانۇنى» نى ھەقىقىي ئىجرا قىلىپ، بىڭتۈەننى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەلەپ قىلىنغانىدى.

1990-يىلى «بارىن ئىنقىلابى» يۈز بەردى. مەزكۇر ئىنقىلاب ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدىن پەرقلىق ھالدا خەلقئاراغا كەڭ-كۆلەمدە تەشۋىق قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىدا «بۆلگۈنچى» ۋە «دىنىي ئاشقۇن كۈچ» لەرنىڭ بارلىقى دۇنياغا جاكارلاندى. دېمەك، خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ھەقلىرى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەقلىق قارشىلىقلىرىنى باستۇرۇشتا «دىنىي ئەسەبىيلىك» ئاتالغۇسىنى دەسلەپكى قەدەمدە كوزىر قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. دەرۋەقە، 1996-يىلى ئىيۇلدا ئۇلەنخۇنىڭ دوكلاتى ئاخىرى ئۇيغۇر ئېلىدا «شىنجاڭغا نۇقتىلىق ياردەم» پىلانى نامىدا يولغا قويۇلدى. شۇ يىلى ئۆكتەبىردە ئاتالمىش خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق خىزمىتى ھەققىدىكى «7-نومۇرلۇق ھۆججىتى» ئېلان قىلىندى. ئەمەلىيەتتە، «7-نومۇرلۇق ھۆججىتى» نىڭ ئېلان قىلىنىشى ئاتالمىش شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئېلىغا شۇنىڭدىن كېيىن زور مىقداردا كۆچۈرۈلۈپ كېلىدىغان خىتايلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئىدى. دېمەك، بۇ ۋەجىدىن «شىنجاڭغا نۇقتىلىق ياردەم» پىلانى يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا ساناپ تۈگىتىش مۇمكىن بولمىغان ئېغىر قىسمەتلەر كېلىشكە باشلىدى.

كىشىنى تېخىمۇ چۆچۈتىدىغىنى شۇكى، 2010-يىلىدىكى ئاتالمىش «مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دىن كېيىن، «يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نۇقتىلىق ياردەم» پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بولدى. چۈنكى بۇ چاغدا خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسىگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن بولۇپ، مەزكۇر خىتاي ئۆلكىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇرلارنى قۇل ئىشچى قىلىش، تېرىلغۇ يەرلىرىنى تارتىۋېلىش، جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى قاماش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە كۆچۈپ كىرىش، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارنى ياقا يۇرتلارغا پالاش… قاتارلىق بارلىق جىنايەتلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە تاماملىغانىدى. مانا ئەمدى بۇ 19 خىتاي ئۆلكىلىرى ئۆزلىرىگە تەقسىم قىلىنغان ئۇيغۇر تۇپراقلىرىدىكى تالان-تاراج ئۇسۇللىرىنى ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىشىپ، چەكلىمىسىز ھالدا پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدا خالىغانچە ئىش كۆرەلىشى ئۈچۈن داغدام يول ئېچىپ بېرىلدى.

دېمەك، بۇ قېتىم خىتاينىڭ «شىنجاڭغا ياردەم قىلىدىغان ئۆلكە ۋە شەھەرلەردىكى كارخانىلارنىڭ پۈتكۈل شىنجاڭ تەۋەسىدە مەبلەغ سېلىپ، روناق تېپىشىغا يېتەكچىلىك پىلان لايىھەسى» نى ئېلان قىلىشىنىڭ كەينىدە غايەت زور شۇم غەرەزلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىدا گەپ يوق! بولۇپمۇ مەزكۇر پىلاننىڭ ئالدى بىلەن «شىنجاڭغا سانائەتتە ياردەم بېرىش» تۈرى بىلەن باشلىنىشى، بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى چوڭ-كىچىك خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كەڭ كۆلەمدە يۆتكەپ كېلىنىشىنى تېزلىتىش بىلەن بىرگە، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭمۇ ماس قەدەمدە تۈركۈملەپ كۆچۈپ كېلىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي ۋە ئىشسىزلىق كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنى نىشان قىلىشى مۇمكىن. ھالبۇكى مەسىلە، بۇ قېتىم ئىشلارنىڭ خىتاي ئويلىغاندەك بولۇش ياكى بولماسلىقىدا. چۈنكى غەرب دۇنياسى خىتاينىڭ خەتىرىنى چۈشىنىپ يېتىشىگە ئەگىشىپ، خىتايدىكى كىرىزىسلارنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى ئېنىق. خىتايلارمۇ ئۇيغۇر ئېلىغا ئەمەس، بەلكى چەت ئەلگە قېچىپ چىقىشنىڭ كويىغا چۈشمەكتە. بۇنداق ئەھۋالدا خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچۈپ كېلىشى قانچىلىك ئەمەلىيلىشىدۇ؟ خىتاي ياشلىرىنىڭ خىزمەت ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىغا ماكانلىشىشى خىتاينىڭ كۈتكىنىدەك بولامدۇ؟ بۇ سوئاللارنى داۋاملىق كۆزىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ!

***بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.