شىۋېت مىسسىيونېرلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن ئايرىلىشى

ئوبزورچىمىز نەۋباھار
2022.05.16
شىۋېت مىسسىيونېرلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن ئايرىلىشى خەلق ئارىسىدا ۋەز ئېيتىۋاتقان شىۋېت مىسسىيونېرلىرى (John Törnquist فوتوسى)
Shiwétsiye Missiyonérlar Arxipi

شىۋېت مىسسىيونېرلىرى 1892-يىلىدىن باشلاپ قەشقەر، يېڭىسار ۋە يەركەندتە مىسسىيونېرلىق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. ئۇلار 1894-يىلى قەشقەردە تۇنجى قېتىم رەسمىي تۈردە دىن تارقىتىش پونكىتى قۇرغان. قەشقەرگە تۇنجى بولۇپ يېتىپ بارغان مىسسىيونېر ن. ف. ھۆيېر (N. F. Höijer) نىڭ قالدۇرغان مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئۇلار شەرقىي تۈركىستاندا خرىستىيان دىنى تارقىتىش بىلەن شوغۇللانغان 25 يىل جەريانىدا، مەركىزى ستوكھولمدىكى شىۋېتسىيە دىنىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستانغا جەمئىي 31 نەپەر مىسسىيونېر ئەۋەتىلگەن ئىكەن. بۇلارنىڭ ئارىسىدا 4 نەپىرى كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن، ئىككىسى پونكىتتىن ئايرىلغان، 1938-يىلىغىچە 25 نەپەر مىسسىيونېر دىن تارقىتىش بىلەن شوغۇللانغان.

ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەرقايسىي قاتلاملىرىدىكى دىنىي ئۆلىمالار ۋە ئاۋام مۇسۇلمانلار شىۋېت مىسسىيونېرلىرىنىڭ خىرىستىيان دىنى تارقىتىش پائالىيەتلىرىگە قارشى تۈرلۈك شەكىللەردە نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما يەرلىك مەنچىڭ دائىرىلىرى ۋە كېيىنچە خىتاي مىلىتارىستلىرىنىڭ بۇ ئىشقا سۈكۈت قىلىش پوزىتسىيەسى تۇتۇشى سەۋەبلىك، شىۋېت مىسسىيونېرلىرى ئۆز پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى باشلانغان مەزگىللەردە، يەنى 1914-يىلى ئوسمانلى سۇلتانلىقىدىن شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىلگەن 5 نەپەر تۈركنىڭ بىرى بولغان ئادىل ھىكمەت بەي قەشقەر ھەققىدىكى خاتىرىلىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «شىۋېت مىسسىيونېرلىرى ئاجىز، كەمبەغەل، يېتىم-يېسىر بالىلارنى توپلاپ، خرىستىئان دىنىغا تارقاتماقتا ئىدى. ئۇلار بالىلارغا كىچىكىدىنلا خرىستىيان ئەقىدىسىنى سىڭدۈرۈشكە تىرىشاتتى. ئەمما ئۆلىمالار بۇ جەريانلارنى كۆرمەسكە سېلىۋاتقاندەك، بۇ بالىلارنىڭ ئەتە-ئۆگۈن چوڭ بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدا ئۆز يىلتىزى ۋە ئەسلى ئەقىدىسىنى ئىنكار قىلىپ، غەيرىي دىنلارغا ئېتىقاد قىلىشتەك ئېھتىماللىقنىڭ يۈز بېرىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەندەك قىلاتتى. بۇ خىل سوئاللارغا جاۋاب بېرىشى قىيىن بولغان ئەھۋاللاردا، تەكبىر ئېيتىشتىن باشقا ئىش ئۆلىمالارنىڭ قولىدىن كەلمەيتتى. ئۇلار ئىلىمنىڭ قىرىندىلىرىدىنمۇ خەۋىرى يوق ھالەتتە ئىدى.»

دەرۋەقە، ئەينى ۋاقىتتا بىر قىسىم ئۆلىمالارنىڭ بۇ ئىشقا پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىشى، قەشقەرنى مەركەز قىلغان جەنۇبتىكى رايونلاردا شىۋېت مىسسىيونېرلىرىنىڭ ئەركىن-ئازادە ھالدا خىرىستىيان دىنىنى تارقىتىشىغا، بۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مىڭ يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىسلامىي ئەقىدىلىرىنى بۆلۈشكە، ھەتتا ئۇنىڭغا خىرىس پەيدا قىلىشقا ۋاستىلىق ھالدا سەۋەبچى بولغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئەينى ۋاقىتتا بىر قىسىم بالدۇر ئويغانغان سەرخىللار مىللەتنىڭ تەقدىرى، ئىسلامىي ئېتىقادنىڭ بۆلۈنمەسلىكى ئۈچۈن جىددىي ئەندىشەلەردە بولغان ئىدى. ئۇلار شىۋېت مىسسىونېرلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا خىرىستىيان دىنى تارقىتىشتىن ئىبارەت بۇ «مەدەنىيەت مۇستەملىكىچىلىكى» گە قارشى تۈرلۈك شەكىللەردە نارازىلىق بىلدۈرىدۇ، ھەتتا ئاممىۋىي نامايىش تەشكىللەپ، ئۆز قارشىلىقىنى ئىپادە قىلىدۇ. بۇ جەھەتتە ئابدۇقادىر داموللام تالىپلىرىنى تەشكىللەپ بۇ قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ بايراقدارى بولىدۇ. ئۇلار شىۋېت دىن تارقاتقۇچىلىرىنىڭ دىن تارقىتىش پائالىيەتلىرىگە قاتتىق چەك قويۇش ئۈچۈن قەشقەردىكى بىر قىسىم شەھەر مۆتىۋەرلىرى ۋە مەدرىسەلەرنىڭ تالىپلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. ئەينى ۋاقىتتىكى قەشقەر مەھكىمە شەرىئەنىڭ مۇپتىسى مامۇت ھاجىم بۇ ئىش توغرىلىق «قۇرئان» ۋە «ھەدىس» لەردىن ئاساس كەلتۈرۈپ پەتىۋا يازىدۇ. پەتىۋا شەھەر ئىچىدىكى چوڭ-كىچىك مەسچىت ۋە مەدرىسەلەرگە تارقىتىلىدۇ ۋە تاملارغا چاپلىنىدۇ. قەشقەردىكى مىڭلىغان ئامما كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، شىۋېت دىن تارقاتقۇچىلىرىنىڭ قەشقەردە ئاچقان شىپاخانا، مەكتەپ ۋە چېركاۋلىرىنى تاقاشنى تەلەپ قىلىدۇ. قەشقەردىكى شىۋېت باسمىخانىسى بېسىپ تارقاتقان «ئىنجىل» ۋە باشقا خرىستىيان دىنىغا ئائىت كىتاب-ۋاراقچىلارنى كۆيدۈرىدۇ.

ئۇنداقتا، قەشقەردىكى يۇقىرىقى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا شىۋېت مىسسىيونېرلىرى قانداق قاراش ۋە ئىنكاسلاردا بولغان؟

مىسسىيونېرلارنىڭ خاتىرىلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، شىۋېتسىيە دىن تارقىتىش پونكىتىنىڭ دەسلەپكى يىللاردىكى پائالىيەتلىرى يەرلىك ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، يەرلىك مۇسۇلمانلار ئۇلارنى «دىن ئوغرىلىرى» دەپ چەتكە قاققان. قەشقەردىكى يەرلىك مەنچىڭ ئەمەلدارلىرى گەرچە ئۇلارنىڭ دىن تارقىتىش پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى «ئەجنەبىي ئالۋاستىلار» دەپ ئاتاپ، سوغۇق نەزەر بىلەن مۇئامىلە قىلغان. مىسسىيونېر ل. ې. ھۆگبېرىينىڭ خاتىرىسىدە قەشقەر خەلقىنىڭ موللا، بەگ ۋە سودىگەرلەرنى يىغىپ، شىۋېت مىسسىيونېرلىرىنىڭ دىن نتارقىتىش پائالىيەتلىرىگە قارشى جامائەت پىكرى توپلىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا يەنە مىسسىيونېرلار كېلىشتىن بۇرۇن، قەشقەرنىڭ تېنچ-ئامان بىر يۇرت ئىكەنلىكىنى، كېيىن چەت ئەل دىن تارقاتقۇچىلىرى كېلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئەقىدىسىگە بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلغانلىقى، قەشقەردىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مىسسىيونېر ھۆگبېرىينىڭ سۇ قۇدۇقلىرىغا زەھەر تاشلىۋەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزى كۆرگەنلىكىنى، شۇنىڭدىن كېيىن يۇرت ئىچىدە تۈرلۈك ئاپەتلەر يۈز بېرىپ، ھايۋانلار ۋە ئادەملەرگە كېسەل تەگكەنلىكى، ھەتتا قەشقەردە قار-يامغۇرمۇ ياغماس بولغانلىقى ھەققىدە ئەرزنامە يېزىپ، قەشقەر دوتىيىگە تاپشۇرغانلىقى، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ توغرىلىق قەشقەر ئۆلىمالىرىنىڭ پەتىۋا چىقارغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. مىسسىيونېرلارنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇلارنىڭ مەكتەپ ئېچىشىمۇ قەشقەردىكى دىنىي زاتلارنىڭ توسقۇنلىقىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەكتەپلىرىگە پەقەتلا ئاز ساندىكى يوقسۇللار ۋە غېرىپ-غۇرۇۋالارنىڭ بالىلىرى تىزىملاتقان ئىكەن. شۇڭا ئەينى ۋاقىتتا شىۋېتر مىسسىيونېرلىرى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار، ئائىلىسى نامرات، كوچا-كويلاردا قالغان ئىگە-چاقىسىز كىشىلەرگە يېقىنلىشىپ، ئۇلارنى ئۆزىگە تارتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولغان. مىسسىيونېرلار يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى قىيىن ئەھۋالدا قالغان ھالىتىنى تەسۋىرلەپ، ئۆزلىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلار ۋە توسالغۇلار سەۋەبىدىن ھەتتا ئۆزئارا يىغىلىپ يىغىن ئاچىدىغان شارائىتىنىڭمۇ بولمىغانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ داۋاملىق نازارەت قىلىنىش، ئەرز قىلىنىش، كەمسىتىلىش، ھەتتا قولغا ئېلىنىش ۋە ئىز قوغلاپ تەقىب قىلىنىشتەك قىيىن ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەنلىكىنى يازغان.

شىۋېت مىسسىيونېرلىرى يەنە ئۆزلىرىنىڭ بۇ تۇپراقلاردىكى دىن تارقىتىش پائالىيەتلىرىنىڭ قاتتىق توسالغۇغا دۇچ كەلگەنلىكى ۋە چارىسىز قالغانلىقىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن خېلى كۈچىگەنلىكىمۇ مەلۇم. ئۇلار شاڭخەيدىكى شىۋېتسىيە كونسۇلخانىسىغا ۋە رۇس كونسۇلخانىلىرىغا كۆپ قېتىم تېلېگرامما يوللاپ ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىيىن ئەھۋالىنى مەلۇم قىلغان. ئەنگىلىيە بىلەن چاررۇسىيە كونسۇلخانىلىرىنىڭ ئۇلارغا قايتۇرغان جاۋاب تېلېگراممىلىرىدا بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ، شىۋېتسىيە كونسۇلخانىسى بىلەن بىرلىكتە مىسسىيونېرلارنى تېنچ-ئامان ئۆز دۆلىتىگە يولغا سېلىش ئۈچۈن ياردەمدە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. مىسسىيونېرلار خاتىرىلىرىدە «بۇلار بىزنى يامان كۈنلىرىمىزدە تاشلاپ قويمىدى» دەپ مىننەتدار بولۇشقان. بىر مەزگىللەردە ئۇلارنىڭ سىرتقا چىقىشىمۇ خەتەرلىك بولۇپ قالغاچقا، قەشقەردىكى كونسۇلخانىلارنىڭ خادىملىرى كېچىلىرى يوشۇرۇنچە كېلىپ، ئۇلارنىڭ پاسپورت-ۋىزا ئىشلىرىنى بېجىرىپ بەرگەن ئەھۋاللارنىڭ بولغانلىقىمۇ مەلۇم.

1930-يىللانىڭ ئىككىچى يېرىمىغا كەلگەندە قەشقەر، يەركەند ۋە يېڭىسار قاتارلىق جايلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى بىردىنلا جىددىيلىشىپ كېتىدۇ. مىلىتارىست شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنىڭ مىسسىيونېرلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسى رادىكال شەكىلدە ئۆزگىرىدۇ، ئۇلار قەشقەر، يەركەند ۋە يېڭىساردىكى مىسسىيونېرلار پونكىتىنىڭ ئۆيلىرى ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى ھېچقانداق پۇل بەرمەستىنلا مۇسادىرە قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ شۇ جايلاردا سېتىۋالغان يەر-جايلىرىمۇ بىردەك تارتىپ ئېلىنىدۇ.

1937-يىلى 4-ئايدا گېنېرال مەھمۇت مۇھىتى چەت ئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغاندىن كېيىن، قەشقەرنىڭ ۋەزىيىتى تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كېتىدۇ. گېنېرال ئابدۇنىياز كامال مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئەسكەرلىرىگە قوماندان بولۇپ، خوتەننى بېسىپ ياتقان ما خۇسەن باشچىلىقىدىكى تۇڭگان ئەسكەرلىرى بىلەن بىرلىشىپ، قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبى ئۇرۇش مالىمانچىلىقىغا چۆكۈپ، سىياسىي ۋەزىيەت ئىنتايىن قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا شىۋېت مىسسىيونېرلىرىنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ قىيىنلىشىپ، ئۇلارنىڭ پائالىيەت دائىرىسى بارغانسېرى تارىيىپ، ھەتتا مىسسىيونېرلار قۇرغان دوختۇرخانا، مەكتەپ ۋە دىن تارقىتىش پونكىتلىرى تاقىلىپ قېلىش ۋەزىيىتىگە چۈشىدۇ. ئۇلارنىڭ دىن تارقىتىش پونكىتلىرىغا ئوت قويۇلۇپ، ۋەيران قىلىنىدۇ، خىرىستىيان دىنىغا كىرگەن بىر قىسىم كىشىلەر ئۆلتۈرۈلىدۇ. بۇ جەرياندا شىۋېت دىن تارقاتقۇچىلىرى بىر مەزگىل ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن قەشقەردىكى ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسىغا كىرىپ پاناھلىنىدۇ.

شۇنداق قىلىپ، 1938-يىلى شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتى قەشقەر، يەركەند ۋە يېڭىساردىكى شىۋېت مىسسىيونېرلىرىنىڭ دەرھال چېگرادىن چىقىپ كېتىشى توغرىلىق پەرمان چۈشۈرىدۇ. شىۋېت مىسسىيونېرلىرىنىڭ خاتىرىلىرىدە يېزىپ قالدۇرۇلىشىچە، شۇ يىلى قەشقەردە 17 نەپەر مىسسىيونېر ۋە ئىككى نەپەر بالا قالغان ئىكەن. بۇ ۋاقىتتا يەرلىكلەر ياكى قەشقەردىكى باشقا چەت ئەللىكلەرمۇ ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇلار ھەتتا سۇ توشۇيدىغانغىمۇ ئادەم تاپالماي، ئۆزلىرى دەريادىن سۇ ئېلىپ كېلىپ ئىچىشكە مەجبۇر بولىدۇ. 1938-يىلى 6-ئايغا كەلگەندە شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق شىۋېت دىن تارقاتقۇچىلىرى يېرىم ئەسىردەك دىن تارقىتىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان بۇ زېمىندىن كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلاردىن پەقەتلا ئۈچ نەپەر دىن تارقاتقۇچى ۋەزىيەت تېنچلانغۇچە بازىنى ساقلاپ تۇرۇش ئۈچۈن ئاخىرىقى ئۈمىدى بىلەن كەتمەي تۇرىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ ئاخىرىقى ئۈمىدىمۇ كۆپۈككە ئايلىنىدۇ. ئۇلارانىڭ ھەممىسى كارۋانلارغا قوشۇلۇپ، ھىمالايا تېغىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ھىندىستاننىڭ كەشمىر رايونىدىكى سىرىناگارغا يول ئالىدۇ.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.