شۆھرەت مۇتەللىپوۋنىڭ بىئولوگىيەلىك تەجرىبىدە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقى غۇلغۇلا قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.04.11
shohret-mutellip-1.jpg ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپوف.
Photo: RFA

بۇنىڭدىن ئون يىلچە ئىلگىرى ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپوۋ ئۆزىنىڭ غول ھۈجەيرە ساھەسىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلىرى بىلەن ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ تەبىئىي پەن ساھەسىنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ئىدى.

شۇنىڭدىن بۇيان شۆھرەت مۇتەللىپوۋ «تەبىئەت»، «غول ھۈجەيرە غولى» دېگەندەك خەلقئارادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تەبىئىي پەن ژۇرناللىرىدا ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئۆزىنىڭ ھۈجەيرە ساھەسىگە مەنسۇپ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا شۆھرەت مۇتەللىپوۋنىڭ خىتاي ئالىملىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، گېن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.

فېيسبۇك بەتلىرىدە تارقالغان بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلاردا شۆھرەت مۇتەللىپوۋنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەمىن ئەتكەن زور سوممىلىق تەجرىبە خىراجىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى، شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتى قۇرۇپ بەرگەن تەجرىبىخانىدا خىتاي ئالىملىرى بىلەن بىرلىكتە گېن تەجرىبىسى قىلىۋاتقانلىقى ئېيتىلىدۇ. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى ھەممىدىن بەك چۆچۈتكىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش» نامىدا نەچچە مىليون ئۇيغۇرنىڭ تولۇق گېن ئەۋرىشكىسىنى توپلاپ بولغانلىقى ھەممىگە مەلۇم بولغان ئەھۋالدا ئۇيغۇر خەلقى پەخىرلىنىپ يۈرگەن بىر ئۇيغۇر ئالىمنىڭ ۋاسىتىلىك ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاللىقانداق مۇددىئالىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى بولدى.

فېيسبۇكتىكى بۇ خىل يازمىلارغا ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ ئىنكاس يازغانلار ئارىسىدا شۆھرەت مۇتەللىپوۋنىڭ سىڭلىسى، ئون نەچچە يىلدىن بېرى شۆھرەت مۇتەللىپوۋ بىلەن تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسى ساھەسىدە زىچ ھەمكارلىشىپ كەلگەن ئالىمە مايسەم مۇتەللىپوۋانىڭ بولۇشى بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىنى تېخىمۇ ئۇلغايتقان.

ئامېرىكانىڭ ئەڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپلىرىدىن بولغان ماساچۇسېتىس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ (MIT) پروفېسسورى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ھەمدە خەلقئاراغا تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسى ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئالىملارنىڭ بىرى سۈپىتىدە تونۇلغان مايسەم بۇ توغرىلىق سۆز بولغاندا ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

«مەن ئۇنىڭ (شۆھرەت مۇتەللىپوۋنىڭ) مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان. ئېسىمدە قېلىشىچە، بۇ ئىشلار 2015-ۋە 2016-يىللىرى باشلانغان. شۇ ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭغا مەخسۇس بىر تەجرىبىخانا ئېچىپ بەرگەنلىكىنى، بۇنى ‹خۇسۇسىي ئىنستىتۇت› دېگەندەك نامدا ئاتىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئەمما خىتايدا راستىنىلا ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىدا بولمايدىغان مۇشۇ خىلدىكى خۇسۇسىي تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ بار-يوقلۇقىنى سورىسىڭىز، مەن بۇنىڭغا بىرنەرسە دېيەلمەيمەن. خىتايدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قولى تەگمەيدىغان بىرەر شەيئىنىڭ بارلىقىدىن بەكمۇ گۇماندىمەن. دېمەك، بۇنداق ئەھۋالدا خىتايدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان ئادەم جەزمەنكى ئۆز تەتقىقاتىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن قىلىدۇ. يەنە كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدا بولمايدىغان ھېچنەرسە بولمايدۇ. ئۇ (شۆھرەت مۇتەللىپوۋ) ئەنە شۇنداق بىر مۇھىتتا ئىشلەۋاتىدۇ.»

بىز بۇ توغرىلىق شۆھرەت مۇتەللىپوۋنىڭ پىكرىنى ئېلىش مەقسىتىدە ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىشكە كۆپ قېتىم تىرىشتۇق. ئاخىرى ئۇ ھازىر ئىشلەۋاتقان «ئورېگان ساغلاملىق ۋە تەبىئىي پەن ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى شۆھرەت مۇتەللىپوۋنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە زىيارەتنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما شۆھرەت مۇتەللىپوۋنىڭ ھاۋالىسى بويىچە ئۇ شەخسەن يېزىپ چىققان يازما باياناتنى بىزگە ئەۋەتتى. بۇ باياناتتا شۆھرەت مۇتەللىپوۋنىڭ مۇنداق مەزمۇندىكى سۆزلىرى كۆزگە چېلىقىدۇ:

«بىر ئۇيغۇر ئەۋلادى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاز سانلىق مىللەت سۈپىتىدە زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن تولىمۇ ئەندىكمەكتىمەن. مەن خەلقئارادىكى رەھبەرلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىرى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداش كۈرىشىنى داۋام ئەتتۈرۈشكە دەۋەت قىلىمەن. مېنىڭ بىر ئالىملىق سالاھىيەتتە تەتقىقات بىلەن مەشغۇل بولۇشۇم ئىنسانىيەتنىڭ ئومۇمىي ھاياتلىق سۈپىتىنى ياخشىلاشنى نىشان قىلىدۇ. ھازىرقى زامان پەن تەتقىقاتى ئوخشىمىغان ئارقا كۆرۈنۈش ۋە دۆلەت تەۋەلىكىدىكى كۆپلىگەن ئالىملارنىڭ ھەمكارلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا مەن كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن، جۈملىدىن خىتايدىكى ئالىملار بىلەن ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىۋاتىمەن.»

بىز مايسەمدىن شۆھرەت مۇتەللىپوۋنىڭ نېمە ئۈچۈن خىتايدا ئىشلەشنى تاللىغانلىقى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا ئۇ بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم سەۋەب قاتارىدا ئىنسان غول ھۈجەيرە تەجرىبىسىدە زۆرۈر بولغان، شۇنىڭدەك ئاياللارنىڭ تۇخۇمدانىدىن ئېلىنىدىغان ئاياللىق تۇخۇمنىڭ مەنبەسىنى تىلغا ئالىدۇ.

«ئەمدى ئۇ نېمىشقا خىتايدا ئىشلەيدۇ، دەپ سورىسىڭىز ئۇ تەتقىق قىلىۋاتقان ئىنسان تۆرەلمىسى تەجرىبىسىدە ئىنسان تۇخۇمى كۆپلەپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇ نەرسىلەرنى تېپىش بۇ جايدا، مەسىلەن، ئامېرىكانىڭ ئۆزىدىمۇ ئۇنچە ئاسان ئەمەس. بار بولغانلىرىمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتايىن قاتتىق بولغان مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئېلىنىشى لازىم. بۇنىڭدا ئۆزىنىڭ تۇخۇمىنى ھەدىيە قىلغۇچى ئاياللارنىڭ رۇخسىتى ئېلىنىشى، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە كۆپلىگەن جەدۋەللەر تولدۇرۇلۇشى لازىم بولىدۇ. قانداقلا بولسۇن، مېنىڭچە، بۇ ئىشلارنى مۇشۇنداق بىر تەرتىپتە بېجىرىش بەكمۇ مۇۋاپىق. چۈنكى ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىشى لازىم، بولۇپمۇ ئۆز بەدىنىدىن ئاشۇ خىلدىكى ماددىلارنى تەقدىم قىلغۇچى ئاياللار ئۆزلىرى تەقدىم قىلغان بۇ ماددىلارنىڭ نېمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلىشكە ھەقلىق. ئەمما خىتايدا بۇ ئىشلار بەكلا ئاسان. چۈنكى خىتايدا بۇ ھەقتە قاتتىق ئىجرا قىلىنىدىغان ھېچقانداق بەلگىلىمە يوق.»

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى بەزى يازمىلاردا شۆھرەت مۇتەللىپوۋ خىتايدىكى تەجرىبىخانىدا ئىشلىتىۋاتقان ئىنسان تۇخۇملىرىنىڭ لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇر ئاياللىرىدىن ئېلىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنىدۇ. بىز بۇ مەسىلە ھەققىدە مايسەمگە سوئال قويغىنىمىزدا ئۇ بۇنىڭغا ھازىر ئۆزىنىڭ قولىدا ئىسپات يوقلۇقىنى، خىتاينىڭ ھازىرقى سىياسىي شارائىتىدا بۇنى تەكشۈرۈشنىڭمۇ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، خىتايلارنىڭمۇ تەجرىبە ماتېرىياللىرىنىڭ مەنبەسى توغرىسىدا شۆھرەت مۇتەللىپوۋقا ھېچنەرسە دېمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى:

«ئۇيغۇر ئاياللىرى توغرىلىق سورىسىڭىز، مەن بۇنىڭغا بىرنەرسە دېيەلمەيمەن. چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىنى بىلمەيمەن. ئەمما خىتايدا خىتاي ئاياللىرى ئۆز تۇخۇمىنى ھەدىيە قىلىدۇ، دېسە بۇ مەن ئۈچۈن ھەيران قالىدىغان بىر ئىش. چۈنكى شەرقىي تۈركىستاندا نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى سىز ياخشى بىلىسىز. ئۇلار ھازىر ئۈچ مىليونچە ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنى لاگېرلارغا قامىۋەتتى. يەنە كېلىپ لاگېردىكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى گېن (DNA) تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن. يەنە كېلىپ بۇ كىشىلەرنىڭ ھېچقانداق رۇخسىتى بولمىغان ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ قان ئەۋرىشكىسى ئېلىندى. يالغۇز لاگېرلاردىكى ۋە تۈرمىلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس، شۇ جايدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋرىشكىلىرى ئېلىندى. پۈتكۈل خەلقنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈشىنىڭ مەقسىتى نېمە دېسىڭىز، بۇنىڭدا ئۇلارنىڭ ھەر بىرسىنىڭ ئىمۇنېنت ئالاھىدىلىكى، گېن ئالاھىدىلىكى دېگەنلەرنى توپلاپ كىمنىڭ ئىممۇنېنت سىستېمىسى كىمگە ماس كېلىدۇ دېگەننى، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ بىئولوگىيەلىك ئەزالىرىنى تەقدىم ئەتكۈچىنىڭ ئەزالىرى كىمگە چۈشىدۇ، دېگەننى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلاردىكى ئاياللارنىڭ تۇخۇمدانلىرىدىن تۇخۇم ئالمىدى، دېسە سىز ئىشىنەمسىز؟ شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى راستىنىلا ئاشۇنداق قىلغان بولسا، مەن بۇنىڭغا ھەيران قالمايمەن. ئەمما بۇ ئاشۇ تۇخۇملار مەخسۇس ئاكامنىڭ خىتايدىكى تەجرىبىخانىسىدا تەتقىقات ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن، دېگەنلىكىم ئەمەس. ئەگەر راستىنىلا شۇنداق بولغان ھەمدە ئاكام بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز قالغان ھالەتتىمۇ بۇنىڭغا ھەيران قالمايمەن. ئەمما مەن ھېچقاچان خىتايدا ئىشلىمەيمەن.»

شۆھرەت مۇتەللىپوۋنىڭ رادىيومىزغا ئەۋەتكەن باياناتىدا ئىنسان تۇخۇمى مەسىلىسىمۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇ بۇ تۇخۇملارنىڭ پۈتۈنلەي ھەدىيە ئارقىلىق كەلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ: ئۇنىڭ باياناتىدا بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلىدۇ:

«مەن ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىۋاتقان بۇ خەلقئارالىق ئالىملار مەن ئىشىنىدىغان، ھۆرمەتلەيدىغان، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقاتى ئارقىلىق شۇ جەمئىيەتنىڭ سۈپىتىنى يۈكسەلدۈرۈشنى كۆزلەيدىغان كىشىلەردۇر. مېنىڭ ئىنسان تۆرەلمىسى ھەققىدىكى تەتقىقاتىم ئورېگان ساغلاملىق ۋە تەبىئىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلمىي ۋە ئەخلاق پرىنسىپلىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلغان ھالدا داۋام قىلىۋاتىدۇ. تەتقىقاتىمدا ئىشلىتىلگەن ئىنسان تۇخۇملىرى بولسا بوۋاقلىرىنىڭ گېن جەھەتتە كەمتۈك تۇغۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئارزۇسىدىكى ئاياللارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تەقدىم قىلىشىدىن كەلگەن.»

بىز مايسەمدىن شۆھرەت مۇتەللىپوۋنىڭ ھازىرمۇ خىتايغا بېرىپ-كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋىرى بار-يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ بۇ ئىشنىڭ ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

«ئەلۋەتتە خەۋىرىم بار. تېخى ئۆتكەن يىلىمۇ ئۇ ئاشۇ يەردە (خىتايدا) ئىدى. چۈنكى ئۇ يەردە ئۇنىڭ بىر چوڭ تەجرىبىخانىسى بار. ئاڭلىشىمچە، نەچچە مىليون دوللارلىق بۇ تەجرىبىخانىنى بىر باي ئاكامغا ھەدىيە قىلغانمىش. خەۋىرىڭىز بولغاندەك بۇ غايەت زور پۇل كېتىدىغان تەتقىقات. شۇڭا ئاكام بۇنىڭدىن ئۇنداق ئاسانلىقچە قول ئۈزمەيدۇ. سىزچە ئاكام ئۇيغۇرلۇق ۋىجدانى قايناپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى نەزەردە تۇتۇپ بۇ ئىشلاردىن ۋاز كېچەرمۇ؟ مەن بۇنىڭدىن گۇماندا. چۈنكى ئاكام نام-شۆھرەتنى بەكلا قوغلىشىدۇ. تورلاردىكى خەۋەرلەردىن ئۇنىڭ خېلى ئىلگىرى ئۈرۈمچىگە بارغانلىقىنى، شۇ ۋاقىتتا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ئۇنى شەخسەن كۈتۈۋالغانلىقىنى كۆرگەنمەن. شۇ ۋاقىتتا مۇشۇ ئىككى ئۇنىۋېرسىتېت ئاكامغا پەخرىي ئۇنۋانلارنى بەرگەن ئىكەن. سىزنىڭ خەۋىرىڭىز بولغاندەك ئاشۇ مۇدىرلار ھازىر تۇتقۇندا. يېقىندا ئاڭلىسام، ئۇلار ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپتۇ. مەن ھازىرغىچە ئاز دېگەندىمۇ ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ سەرخىل زىيالىيلىرىدىن 330 نەچچە كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ۋە تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى ئاڭلىدىم. ئەگەر ئاكام بىلەن سۆزلىشىپ قالسىڭىز، ئۇنىڭدىن شۇنى سوراپ باقسىڭىز: ئۇ ئۆزىگە پەخرىي ئۇنۋانلارنى تەقدىم قىلغان ئاشۇ مۇدىرلار توغرىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بىر نەرسە دەپ باققانمىدۇ؟ ئەگەر مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن بولسام، مەن جەزمەن مۇشۇنى سورايتتىم. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاكامدىن مۇشۇ سوئاللارنى سوراش ھەققى بار. نېمىشقا ئۇ بۇ ئىشلار توغرىسىدا ئىزچىل سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋالىدۇ؟»

بىز سۆھبەت ئاخىرىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شۆھرەت مۇتەللىپوۋنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشىدىن بەكمۇ رەنجىگەنلىكىنى تىلغا ئالغىنىمىزدا، مايسەم ئۆزىنىڭمۇ بۇ ئىشتىن بەكلا غەزەپلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى:

«ئۇيغۇرلارنىڭ ئاكامدىن خاپا بولۇشىنى مەن توغرا چۈشىنىمەن. ئاكامنىڭ بۇ ئىشلىرىدىن مەنمۇ نەپرەتلىنىمەن. چۈنكى خىتاي شىركىتى بىلەن ئىشلىدى دېگەن گەپ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئىشلىدى، دېگەن گەپ. خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئىشلىدى، دېگەن گەپ چوقۇم خىتاينىڭ سىياسەتلىرىگە قوشۇلدى، دېگەن گەپ. بۇ نېمىنى كۆرسىتىدۇ، دېسىڭىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرى ئىنسان ھەقلىرىگە خىلاپ. يەنە كېلىپ شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلارغا قامىلىۋاتقان ئەزىز خەلقىمىزنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە قارشى سىياسەتلەر. بىر ئادەمنىڭ مۇشۇنداق بىر ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ ئاللىقاچان شۈبھىلىك ئىشلارغا ئارىلىشىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ باشقا تاللىشى بولمىغان بولسا ھەمدە مۇشۇ سەۋەبتىن خىتايدا ئىشلەپ ئاشۇ تۇخۇملارنى ئىشلەتكەن بولسا، مەن بۇنى توغرا چۈشىنەتتىم. ئۇ مۇشۇنداق بىر مۇھىم تەتقىقاتنى ئامېرىكىدا قىلسىمۇ بولاتتىغۇ؟ ئۇنىڭ بۇ يەردە خىزمىتى بار. ئۇ بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇ نېمە ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى بۇ يەردە قىلمايدۇ؟ ئەگەر ئاشۇ شىركەتلەر ياكى تەتقىقات ئورۇنلىرى ئۇيغۇر ھەمشىرىلىرىمىزنىڭ تۇخۇمدانلىرىدىن ئېلىنغان تۇخۇمنى ئىشلەتمىدى، دېسە مەن بۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن. چۈنكى بۇنىڭ ئېھتىماللىقى بەك چوڭ.»

شۆھرەت مۇتەللىپوۋنىڭ خىتايدىكى قايسىي ئورۇن بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا ئۇ خىزمەت قىلىۋاتقان «ئورېگان ساغلاملىق ۋە تەبىئىي پەن ئۇنىۋېرسىتېتى» ھازىرغىچە جاۋاب بەرمىدى. بىز بۇ ھەقتىكى مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى يېقىن كەلگۈسىدە داۋاملىق ئېنىقلىماقچىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.