شۆھرەت زاكىر ئۇچۇر-ئالاقە ۋاسىتىسىنى كونترول قىلىشتا رىقابەتكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
2016.10.03
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ 23-سېنتەبىر خوڭكوڭ «سۇمۇرغ تېلېۋىزىيىسى» دە قىلغان بىر قىسىم بايانلىرى، چەتئەلدىكى قوللىنىشچانلىقى ئەڭ ئۈستۈن ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىسى بولغان فەيسىبوكتىكى ئۇيغۇرلاردا قىزىق تېمىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. چۈنكى، ئۇ دەل ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا كۈچلۈك رىقابەتكە ئۇچرىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
«سۇمۇرغ تېلېۋىزىيىسى» مۇخبىرى، شۆھرەت زاكىرنى «بىر بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 3 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارەت قىلىپ، ئۇچۇر ۋە پەن-تېخنىكىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيىسىدە قانداق جارى قىلدۇرۇش لازىملىقنى ۋە بۇنىڭغا قانداق مەسىلىلەرگە يولۇقۇۋاتقانلىقىنى سورىغان.
شۆھرەت زاكىر بۇ مەسىلىدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ باھاسىنى مىسال ئېلىپ سۆزىنى مۇنداق باشلىغان: «‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› قۇرۇلۇشىدا شىنجاڭ بىر يادرولۇق رايون بولۇپ، كۆۋرۈك بېشىدىكى ئىستىھكام. پەن-تېخنىكا ئارقىلىق يېتەكلەش، ئۇچۇر ئارقىلىق يېتەكلەش لازىم. ئەمما، بۇ خىزمەتلەردە تەجرىبىمىزنىڭ ئاز بولۇشى بەزى مۇھىم نۇقتىلارغا سەل قارىغانلىقىمىز ئۈچۈن رىقابەتلەرگىمۇ دۇچ كېلىۋاتىمىز. 18-قۇرۇلتايدىن كېيىنلا رەئىس شى جىنپىڭ شىنجاڭغا كەلدى، ئۇ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ئۈستىدە ئۇچراۋاتقان رىقابەتلەرنى مۇنداق 3 نەرسىگە ناھايىتى توغرا يەكۈنلەپ كۆرسەتتى. يەنى، ‹3 خىل كۈچلەرنىڭ چەتئەلدە ئۇرۇقى بار، شىنجاڭ ئىچىدە تۇپرىقى بار، توردا بازىرى بار› دەپ. ئۇچۇر ۋە پەن تېخنىكا سەۋىيىسىنىڭ ۋە تارقىلىشىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ھازىر چەتئەلدىكى بىر ئوچۇم دۈشمەن كۈچلەر بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ سىڭىپ كىردى، لېكىن بىز بىر قانچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق ھازىر بۇ مەسىلىنى، خۇددى كېسەلنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ بىلگەندەك ئېنىق بىلىپ بولدۇق، ئۇنىڭ ساقايماس كېسەك ئەمەسلىكىنى بىلدۇق، ئۇنىڭغا قارشى تۇرالايدىغانلىقىمىزغا ئىشەنچىمىز ئاشتى.»
ئەمما، ئۇچۇر تېخنىكىسى يەرشارىلاشقان بىر پەيتتە خىتاينىڭ پەن-تېخنىكا ۋە ئۇچۇر ۋاسىتىسىدىن خالى ھالدا «بەلۋاغ، بىر يول» قۇرۇلۇشنى ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرىدىن بىرى، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، ئۇچۇر پەن-تېخنىكىنىڭ ھەر قانداق ساھەدىكى باشلامچىلىق قىلىۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قانچە كۆپ تەرەپلىمىلىك توسۇقلار ئارقىلىقمۇ،ئۇچۇر تېخنىكىسى ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە سىڭىپ كىرىشىنى توسالمىغاندەك كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىدىمۇ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى توسۇپ قالالىشى مۇمكىن ئەمەس دەپ كۆرسەتتى.
ئۇ شۆھرەت زاكىرنىڭ سۆزلىرىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتېرنېت ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىگە قاراتقان تۈرلۈك قامال قىلىشلارنى يەنىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنىڭ بىر بېشارىتى دەپ تۇيسىمۇ ئەمما، بۇنىڭ يەنىلا ئۇيغۇرلاردىكى ئەركىنلىككە، ئادالەتكە ئىنتىلىش كۈچىنى توسۇپ قېلىش جەھەتتە ئۈنۈمى بولمىدى، خىتاي ئۆزىمۇ بۇنى ئېتىراپ قىلدى، بۇنداق بىر ئاجىزلىقى باركەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئۇچۇر ۋە پەن تېخنىكا ساھەسىدە يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە ئىزدىنىشى كېرەك» دېدى.
خىتايدىكى بارلىق تاراتقۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقى ۋە نازارىتى ئاستىدا ئىكەنلىكى مەلۇم. ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئەڭ كوپ مەبلەغ ۋە كۈچ ئارقىلىق باشقۇرىدىغان شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسىدە چەتئەلگە چىقىپ كېتىشتىن ئىلگىرى 13 يىل خىزمەت قىلغان، گوللاندىيەدىكى پائالىيەتچى ئابدۇسالام نىياز ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسى ۋە ھەرىكىتىنىڭ ئۈنۈمىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئېھتىياجلىق.»
ئۇنىڭ قارىشىچە: «چۈنكى خىتاينىڭ بۇنى توسۇشقا كۈچى يەتمەيدۇ. ئەگەر خىتاي ئىقتىساد ۋە ھەر قانداق ساھەدە خەلقئاراغا يۈزلىنىمەن، كۈچلۈك دۆلەت بولىمەن دەيدىكەن ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى قويۇپ بەرمەي ئامالى يوق.بۇنداق شارائىتتا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۇچۇر پەن-تېخنىكا ساھەسىدە يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى يېتەكلەش ۋە ئۇيغۇرلاردا ئومۇملىشىۋاتقان ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا ئېھتىياجلىق.ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدە خىتاي قۇرغان قاتمۇ-قات توسۇقلاردىن ئارتىلىش،ئارىلاش تېخنىكىلىرىنى ئىشلىتىپ، بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى تېپىپ چىقىپ، ئۇيچۇرلارغا ئېرىشىۋاتقانلىقى ۋە چەتئەلگە تارقىتىۋاتقانلىقى مەلۇم، 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە ئۈرۈمچىدە ۋەقە يۈز بەرگەن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە خەۋەرلەر ئىنتېرنېت ئارقىلىق دەرھال دۇنياغا چىقىپ كەتتى خىتاي يوشۇرۇپ قالالمىدى مۇشۇنىڭ ئۆزىدىنلا ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىگە بولغان ئىنتىلىشنىڭ كۈچىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە تەييار ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ھازىرمۇ باستۇرۇش قانچە قاتتىق بولسىمۇ قارشىلىقنىڭ توختاپ قالمىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىتىش ئىمكانى بولغان بارلىق ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرى خىتاينىڭ قولىدا، سەزگۈر ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى يۇمشاق ۋە قاتتىق دېتاللىرى ئەڭ تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا بۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىۋاتقانلىقى بىر مۆجىزە. ئۇيغۇرلارمۇ ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ ئىلغار قورال بولغان كومپيۇتېرنى،ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون، ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىش دەۋرىگە كىردى.»