شوتلاندىيەلىكلەرنىڭ تاللىشى ئۆز كېلەچىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا نېمىلەرنى ھېس قىلدۇرۇۋاتىدۇ؟

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014-09-19
Share
shotlandiye-musteqilliq.jpg شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى قوللۇغۇچىلىرى قوللىرىدا بايراقچىلارنى كۆتۈرۈپ مۇستەقىللىقنى تەشۋىق قىلماقتا. 2014-يىلى 12-سېنتەبىر، شوتلاندىيە.
AFP

شوتلاندىيە خەلقىنىڭ ئۆز كېلەچىكى ھەققىدىكى ئەركىن تاللىشى پۈتۈن دۇنيانىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىمۇ ھاڭ-تاڭ قالدۇردى.

19-سېنتەبىر شوتلاندىيە خەلقىنىڭ مۇستەقىل دۆلەت بولۇش ياكى بۈيۈك بىرىتانىيەنىڭ قوينىدا قەپ قېلىش ھەققىدىكى ئومۇمىي خەلق ئاۋازىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى.

مۇستەقىللىقنى رەت قىلىپ، بۈيۈك بىرىتانىيە پادىشاھلىقى تەۋەسىدىكى بىر ئالىي ئاپتونومىيە بولۇشنى خالايدىغانلار 55% ئاۋاز بىلەن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. بۈيۈك بىرىتانىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇشنى خاليدىغانلار 45% ئاۋاز بىلەن مەغلۇپ بولدى.

بۇنىڭ بىلەن شوتلاندىيە خەلقىنىڭ 307 يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن مىللىي دەۋاسى يەنە بىر قېتىم كېلەچەك ھەققىدىكى قىيىن تاللاشنىڭ ھەل قىلغۇچ نۇقتىسىدا ئۆز خەلقىنى ئارىسالدى قىلدى.

نۇرغۇن كىشىلەر ئەجەبا شوتلاندىيەنىڭ 1707-يىلىدىن بۇيانقى مۇستەقىللىق ئارزۇسىغا چېكىت قويۇلدىمۇ دەپ سوراشتى.

ياشلار بىلەن ئىشچىلار قاتلىمى مۇستەقىللىق ئۈچۈن بېلەت تاشلىغان

شوتلاندىيە خەلقىنىڭ بۇ قېتىملىق مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش كۈرىشىدە ياشلار بىلەن تۆۋەن قاتلامدىكى ئىشچىلار ئاكتىپ رول ئوينىغان.

ئاۋاز بېرىشنىڭ نەتىجىسىدىن قارىغاندا، مۇستەقىل بولۇشنى تەلەپ قىلىپ ئاۋاز بەرگۈچىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ياشلار بىلەن ئىشچىلار قاتلىمى تەشكىل قىلغان.

شوتلاندىيەدىكى يۇقىرى قاتلام مەنپەئەتدار گۇرۇپپىلار بىلەن ئوتتۇرا قاتلامدىن يۇقىرى كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسمى شوتلاندىيەنىڭ بۈيۈك بىرىتانىيەنىڭ قوينىدا قەپ قېلىشى ئۈچۈن بېلەت تاشلىغان.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىدىن مەمەت توختى ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، شوتلاندىيەنىڭ بۇ قېتىملىق ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ دۇنياغا بىر مىللەتنىڭ ئۆز كېلەچىكى ھەققىدىكى ئەركىن تاللاش ھوقۇقىنى تونۇش ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇتتى دېدى.

خىتاي شوتلاندىيە خەلقىنىڭ ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىدىن ئارامىغا چۈشكەن

خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرى شوتلاندىيە خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق يولىدىكى ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش ھەرىكىتىدىن قاتتىق دەككە-دۈككىگە چۈشكەنلىكى مەلۇم.

كۆزەتكۈچىلەر بۇنداق بولۇشىنى ئۇيغۇر، تىبەت، تەيۋەن ۋە نۆۋەتتە داۋالغۇش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان خوڭكوڭ مەسىلىلىرىدىن ئىبارەت خىتايدىكى داۋالاش قىيىن بولغان قورساق ئاغرىقلىرىنىڭ سەۋەبىدىن دەپ قارىماقتا.

بۈگۈن شوتلاندىيە خەلقىنىڭ ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىشىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنىشى بىلەن خىتاي دائىرىلىرى يېنىك نەپەس ئالغان.

كۆزەتكۈچىلەر بىردەك، ئەگەر شوتلاندىيە مۇستەقىللىققا ئېرىشسە، بۇنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق خەلقلەرگە زور ئىلھام ۋە ئۈمىد بېغىشلايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇنداق بولۇشىنى ھەرگىزمۇ خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئالېكىس سالموند: شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشى ھەرگىزمۇ ئاخىرلاشمىدى


ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋاز بېرىش نەتىجىسى شوتلاندىيەدىكى مۇستەقىل بولۇشنى خالايدىغان كىشىلەرنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەن.

بۈگۈن شوتلاندىيەدىكى مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىنىڭ رەھبىرى، شوتلاندىيە مىللىي پارتىيەسىنىڭ رەئىسى بايانات بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئاۋاز بەرگەن شوتلاندىيەلىكلەرنىڭ ئاز سانلىق بولۇپ قېلىشى ھەرگىزمۇ شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىق يولىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئەمەس. شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشى تېخى ئاخىرلاشمىدى. مېنىڭ ۋەزىپە مۇددىتىم ئاخىرلاشتى، ئەمما شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشى داۋاملىشىدۇ. شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىق چۈشى ھەرگىزمۇ ئۆلمىدى.»

«قەيسەر يۈرەك»: شوتلاندىيەلىكلەرنىڭ مىللىي ئارزۇسىنىڭ نامايەندىسى

ئۇيغۇرلار «قەيسەر يۈرەك» ناملىق كىنو ئارقىلىق شوتلاندىيەنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەش تارىخىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن. ئۇلار مەزكۇر فىلىمدىكى مىللىي قەھرىمان ۋىللىيامنىڭ جازا مەيدانىدا توۋلىغان «ئەركىنلىك!» دېگەن سۆزىنى ھېلىھەم شوتلاندىيە خەلقىنىڭ ئاۋازى دەپ بىلىدۇ.

خۇددى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكىتلىگىنىدەك، بۈيۈك بىرىتانىيەدىكى شوتلاندىيە، كانادادىكى كۈبەك، ئىسپانىيەدىكى كاتالونىيە ۋە بېلگىيەدىكى فىلاندېرلارنىڭ مۇستەقىللىق يولىدىكى كۈرەشلىرى ۋە ئەركىن تاللىشى خىتاينىڭ شۇنچە باستۇرۇشلىرىغا قارىماي ئەركىنلىك چۈشىنى يوقاتمىغان ئۇيغۇرلارغا ھامان ئۈمىد بېغىشلايدۇ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت