2014 - يىل 18 - سېنتەبىر كۈنى شوتلاندىيىدە ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق، شوتلاندىيىنىڭ مۇستەقىللىق يولىنى تاللىشى ياكى داۋاملىق ئۇلۇغ بېرىتانىيە بىرلىكى ئىچىدە بولۇشى بەلگىلىنىدۇ. ئۇنداقتا شوتلاندىيە خەلقى قايسى يولنى تاللىشى مۇمكىن؟ خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىكى خەۋەر ئانالىزلىرىدا ئىلگىرىسۈرۈلۈشىچە، نۆۋەتتە شوتلاندىيىلىكلەرنىڭ كۆپ قىسمى شوتلاندىيىنىڭ مۇستەقىللىق يولىغا مېڭىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنداقتا 1707 - يىلى ئەنگىلىيە تەۋەلىكىگە ئۆتكەن شوتلاندىيىلىكلەر يەنە نېمە ئۈچۈن ئارىدىن 300 يىل ئۆتكەندىن كېيىن شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىق يولىنى تاللىماقچى بولدى؟
ئۇيغۇر سىياسىي ئانالىزچىلىرىدىن ئامېرىكىدىكى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
شوتلاندىيىنىڭ ئەنگىلىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل دۆلەت بولۇشى ياكى داۋاملىق ئۇلۇغ بېرىتانىيە پادىشالىقى تەۋەسىدە تۇرۇشى ھەققىدە ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش كۈنى 2014 - يىل 18 - سېنتەبىر دەپ بەلگىلەنگەن بولۇپ، شوتلاندىيە خەلقىنىڭ تەقدىرى بەلگىلىنىدىغان كۈنلەرنىڭ يېقىنلىشىشى بىلەن خەلقئارادا بۇ ھەقتىكى خەۋەر ۋە ئانالىزلار كۆپەيمەكتە.
ئانالىزلاردا نىمە ئۈچۈن مۇستەقىللىق يولىنى تاللاش ھەققىدە ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىشنى يولغا قويماقچى بولدى؟ ئەگەر شوتلاندىيە مۇستەقىللىق يولىنى تاللىسا شوتلاندىيىنىڭ ئىقتىسادىدا چېكىنىش بولامدۇ، ياكى گۈللىنىش دەۋرى باشلىنامدۇ دېگەندەك مەسىلىلەر نۇقتىلىق تېما قىلىنغان.
خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان كۆپلىگەن خەۋەر ئانالىزلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شۇتلاندىيە خەلقىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى شوتلاندىيىنىڭ مۇستەقىللىق يولىغا مېڭىشىغا مايىللىقىنى ۋە شوتلاندىيىنىڭ تەقدىرى بەلگىلىنىدىغان بۇ كۈننى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ ھەقتە خەلقئارادىكى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلچر ۋە تەشكىلاتلار ئۆز ئىپادىسىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى شوتلاندىيە خەلقىنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى، شوتلاندىيەلىكلەر مەيلى مۇستەقىللىق يولىنى تاللىسۇن ياكى داۋاملىق ئۇلۇغ بېرىتانىيە پادىشاھلىقى تەۋەلىكىدە قېلىشنى قارار قىلسۇن، بۇ شوتلاندىيە خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا ۋە خىتاي تىلىدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدىمۇ 18سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلىدىغان شوتلاندىيىنىڭ مۇستەقىللىق يولىغا مېڭىشى ياكى داۋاملىق ئەنگىلىيە دۆلەت تەۋەلىكىدە قېلىشنى تاللىشى ھەققىدە خەۋەر ئانالىزلىرى ۋە مۇنازىرىلەر كۆپەيدى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرگىنىدە شوتلاندىيە خەلقىنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە يەنە، شوتلاندىيىنىڭ داۋاملىق ئەنگىلىيىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىدە قېلىشىنىڭ شوتلاندىيە خەلقى ۋە ئەنگىلىيە دۆلىتى ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ياخشى تاللاش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شوتلاندىيىنىڭ داۋاملىق ئەنگىلىيە تەۋەسىدە بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىشى، خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئانالىزچى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شوتلاندىيىلىكلەرنىڭ 18 - سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغان ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش ھەرىكىتىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى بايان قىلدى.
تۆۋەندىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
0:00 / 0:00