ئۇيغۇرلار غەرب ئەللىرىدىن پاناھلىق تىلەشنىڭ يوللىرىنى زادى قانچىلىك بىلىدۇ؟

0:00 / 0:00

غەرب ئەللىرىگە خىتاي زۇلۇمدىن قېچىپ چىقىپ پاناھلىق تىلىگەن نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىقتىن باشقا پاناھلىق يوللىرىنى بىلمەيدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ھەممىگە ئايان بولغىنىدەك، ئۆز ۋەتىنىدە خىتاينىڭ تۈرلۈك بېسىملىرىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ غەرب ئەللىرىدىن پاناھلىق تىلەش ئىشلىرى 90-يىللاردىن كېيىن ئەۋج ئېلىپ، ئونمىڭلىغان ئۇيغۇرلار ھەرقايسى دۆلەتلەردە سىياسىي پاناھلانغۇچى بولۇپ ياشىماقتا. 2000-يىللاردىن كېيىن، بولۇپمۇ 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى»دىن بۇيان، ئۆز ۋەتىنىنى تەرك ئېتىپ غەرب ئەللىرىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلەيدىغانلارنىڭ سانى تېخىمۇ يۈكسەلدى. تايلاند، مالايشىيا قاتارلىق ئەللەرگە قېچىپ چىقىپ ئېغىر ئەزىيەت چەككەن، ھەتتا خىتايغا قايتۇرۇلۇپ بېرىلىپ تۈرلۈك جازالارغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەس.

بىراق، غەرب ئەللىرىگە مىڭ مۇشەققەتتە يېتىپ كېلىپ سىياسىي ئىلتىجادا بولۇنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا تەلىپى ئۇنداق ئاسان قوبۇل كۆرۈلگەن ئەمەس. گېرمانىيەدە ھەتتا بۈگۈنگە قەدەر، 20 يىلدىن بۇيان پاناھلىق مەسىلىسى ھەل بولماي كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ بار. ئۆز بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى لايىقىدا ئىپادىلەپ بېرەلمەي غەرب ئەللىرىدە ئاۋارىچىلىك تارتىۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق تىلەشنىڭ دائىرىسى ۋە يوللىرى ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇماتى بولمىغاچ، ئۇلار خىتاي زۇلۇمدىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، ياتئەل سىياسىتىنىڭ تۈرلۈك بېسىملىرىغا مۇپتىلا بولغان.

يۇقىرىقى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ياۋروپا دۆلەتلىرىگە كەلگەن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلەپلىرى قوبۇل كۆرۈلگەن بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ جاۋاب كۈتۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ب د ت ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي پاناھلىق توغرىسىدىكى كېلىشىم، قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىدىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن سالاھىيەتكە ئىگە دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ئىلتىماسى نېمە ئۈچۈن ئۇنداق ئاسان قوبۇل قىلىنمايدۇ؟

گېرمانىيەنىڭ كارلىسرۇھى شەھىرىدە 10 يىلدىن بۇيان ھۆكۈمەتنىڭ پاناھلىق قوبۇل قىلىش ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنىۋەر ئەھمەت ئەپەندى سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «غەرب ئەللىرىگە قېچىپ كېلىپ پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلىپىنىڭ قوبۇل كۆرۈلۈشىگە، ئۇنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىلا كۇپايە قىلمايدۇ. نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ خىتاي زۇلۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئاساسىي دەسمى قىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشلىرىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ھەم ھەممە بىلىدۇ. بىراق، پاناھلىق تىلىگۈچى ئۆزى ئۇچرىغان زۇلۇمنى كونكرېتنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسە ۋە سوتچىلارنى ئۆز دەرتلىرىگە ھەقىقىي ئىشەندۈرەلمىسە، ئۇنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسى رەت قىلىنىدۇ.»

سىياسىي پاناھلىق ساھەسىدە مۇتەخەسسىسكە ئايلانغان ئەنىۋەر ئەھمەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاناھلىق يالغۇز سىياسىي پاناھلىقنىلا كۆرسەتمەيدۇ. ب د ت ۋە جەنۋە ئەھدىنامىسىگە كۆرە، ئۇ يەنە ئۇرۇش مۇساپىرلىرى پاناھلىقى، تەبىئىي ئاپەت پاناھلىقى، دىنىي جەھەتتىكى پاناھلىق، مائارىپ جەھەتتىكى پاناھلىق، كېسەللىك پاناھلىقى، نىكاھ ئەركىنلىكى پاناھلىقى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ پروگراممىنىڭ مەقسىتى، مانا بۇ مەزمۇنلار ھەققىدە ئۇچۇر بېرىش.

گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2015-يىلى ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىدىن 1 مىليوندىن ئارتۇق ئىنسان ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدىن قېچىپ، غەرب ئەللىرىگە كېلىپ پاناھلىق تىلىدى. مۇتلەق كۆپ قىسىم سۈرىيەلىكلەرنىڭ «ئۇرۇش مۇساپىرلىرى پاناھلىقى» ئىلتىماسى قوبۇل كۆرۈلدى. يەنە ئونمىڭلىغان ئىنسان ئافرىقا ۋە بالقان يېرىم ئارىلى دۆلەتلىرىدىن قېچىپ كېلىپ «سىياسىي پاناھلىق» ۋە «تەبىئىي ئاپەت پاناھلىقى» ئىلتىماسىدا بولۇنماقتا. «كېسەللىك پاناھلىقى» تەلەپ قىلىۋاتقانلارنىڭمۇ سانى ئاز ئەمەس. بۇلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ سانىنى يوق دېيەرلىك ھېسابلاشقا بولىدۇ.

ئەنىۋەر ئەھمەت ئەپەندى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەتلا سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچى ئىكەنلىكىنى، پاناھلىق تىلەشنىڭ مۇھىم ساھەسى بولغان دىنىي جەھەتتىكى پاناھلىق، مائارىپ جەھەتتىكى پاناھلىق، كېسەللىك پاناھلىقى، نىكاھ ئەركىنلىكى پاناھلىقى دېگەندەك چوڭ مەزمۇنلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسەن ساۋاتسىزلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ سۆزىدە، مائارىپتا ھەقسىزلىققە ئۇچراۋاتقان، داۋالىنىشقا قۇربىتى يەتمەيۋاتقان ياكى مەجبۇرىي نىكاھقا قىستىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدە، سىياسىي پاناھلىتىن باشقا يەنە دىنىي، كېسەللىك ۋە مائارىپ پاناھلىقىنى تىلەش شەرتلىرىگە توشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ۋەھالەنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز تەشۋىقاتلىرىدا «خىتايدا دىنىي ئەركىنلىك كاپالەتكە ئىگە، مائارىپ تەرەققىي قىلغان، كېسەللەرگە داۋالىنىش شارائىتى بار، نىكاھ ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز يوق» دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئەنىۋەر ئەھمەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گېرمانىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلەۋاتقان خىتايلارنىڭ سانى يېقىندىن بۇيان ھەسسىلەپ كۆپەيمەكتە ئىكەن. ئۇلار پاناھلىق تىلىگەندە، «دىنىي پاناھلىق» ئىلتىماسىدا بولىدىكەن. دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار بولسا، دىنىي جەھەتتە ئۇچرىغان زۇلۇملار ھەققىدە زۇۋان سۈرمەيدىكەن.

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، قۇرۇلتاي رەھبەرلىرى خېلى بۇرۇنلا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، مەخسۇس پاناھلىق تىلەش قوللانمىلىرىنى تۈزۈپ تارقىتىش ئىشلىرىنىمۇ يولغا قويغان.

دېمەككى، خىتاي زۇلۇمدىن قېچىپ غەرب ئەللىرىگە مۇساپىر بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ب د ت ۋە جەنۋە ئەھدىنامىسىدە تىلغا ئېلىنغان «دىنىي جەھەتتىكى پاناھلىق»، «مائارىپ جەھەتتىكى پاناھلىق»، «كېسەللىك پاناھلىقى» ۋە «نىكاھ ئەركىنلىكى پاناھلىقى» دېگەنلەرنىمۇ بىلىپ قويۇشى لازىم ئىكەن.