1991-يىل سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن سوۋېتنى مەركەز قىلغان «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» ئاياغلاشتى، كاپىتالىزم بىلەن سوتسىيالىزمنىڭ كۈرىشىدە كاپىتالىزم غەلىبە قازاندى دەپ قارالغانىدى. ئەمما ئارىدىن 30 يىللار ئۆتكەندە، بۇ ئۇرۇشنىڭ ئىقتىسادنى مەركەز، تېخنىكىنى تايانچ، ئىدېئولوگىيەنى يېتەكچى قىلغان يېڭى شەكىلدىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا ئايلىنىۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە.
«تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى داۋاملاشماقتا» ناملىق ماقالىدە دەل شۇ مەسىلە تەھلىل قىلىنغان بولۇپ، دەۋر ئۆزگەرسىمۇ كوممۇنىزم، ناتسىسزمغا ئوخشاش ئىدېئولوگىيەنىڭ ماھىيەت جەھەتتىن ئۆزگەرمەيدىغانلىقى، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ بۇنىڭ ئەڭ روشەن مىساللىرى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
ئامېرىكا پرىنسىتون ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى، تارىخچى ۋە تەتقىقاتچى سىتېفېن كاتكىن (Stephen Kotkin) يازغان بۇ ماقالىدە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ تارىختا ۋە بۈگۈنمۇ غەربكە قارشى بىرلىك سەپنى بۇزمىغانلىقى، سوۋېت يىمىرىلگەن بىلەن رۇسىيەنىڭ چوڭ دۆلەت غايىسىنىڭ ساقلىنىپ قالغانلىقى ۋە خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ ئورنىنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇپ، يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، گەرچە ستالىن ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يوقالغان بولسىمۇ، ستالىننىڭ ئەرۋاھى ۋە بۈيۈك رۇسىيە غايىسى ۋىلادىمىر پۇتىن دەۋرىدە قايتا تىرىلگەن. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جاھانگىرلىك غايىسى ۋە غايەت زور قوراللىرىغا ۋارىسلىق قىلغان ۋىلادىمىر پۇتىن، 2022-يىل 2-ئايدا ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغان ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ باققان. بۇ خۇددى ستالىن 1939-يىل فىنلاندىيەگە ھۇجۇم قىلغاندا ئامېرىكا باشلىق غەرب ئەللىرىنىڭ ئىنكاسىنى سىناپ باققانغا ئوخشايدىكەن. ئۆتكەن يىل رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئۇكرائىنا 1950-يىل شىمالىي كورېيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان جەنۇبىي كورېيەنى ئەسلىتىدىكەن. ئۇ چاغدىمۇ كوممۇنىزم لاگېرىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىگە بىرلىكتە قارشى تۇرغان.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ياۋروپا ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان ۋالتېر (1694-1778) «تارىخ تەكرارلانمايدۇ، بەلكى ئىنسانلارنىڭ خۇي-پەيلى تەكرارلىنىدۇ» دېگەن. ستالىن ۋە ماۋ زېدۇڭغا ئوخشاش كوممۇنىست دىكتاتورلار كوممۇنىزمنى دۇنياغا يېيىشنى غايە قىلىشقان، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىدېئولوگىيە ئارقىلىق جاھانغا ھاكىم بولۇشنى چۈشىگەن. ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭمۇ چوڭ دۆلەت غايىسى ئارقىلىق خەلقئارادا مۇتلەق نوپۇز تىكلەشنى ئارزۇ قىلىشقان، ئەمما ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بولغىنى ئۈچۈن ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش يولىنى تۇتقان. ئامېرىكا ئۇلارنىڭ ئورتاق دۈشمىنىگە ئايلانغان، چۈنكى ئامېرىكا ئىنسانلىققا ئاپەت كوممۇنىزم ۋە ئۇنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى بولغان مۇستەبىتلىكىنى رەت قىلىپ، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنىڭ ئىنسانلار بۈگۈنگىچە ئېرىشكەن بۈيۈك سىياسىي نەتىجە ئىكەنلىكىنى دۇنياغا نامايان قىلغان.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئاندېرس كور كوممۇنىست دىكتاتورلارنىڭ ساختا ئېتىقادى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ھېچقايسىسى كوممۇنىزمغا ئەمەس، ھوقۇققا ئىشىنىدۇ، قورال كۈچىدىن پايدىلىنىپ ھوقۇق تۇتالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بۈگۈن شى جىنپىڭ ئۆزىنى كوممۇنىزمغا ئىشىنىمەن دەۋاپتۇ، ئەمما ئۇ خىتاينىڭ ۋە ئۆزىنىڭ كۈچلىنىشى ئۈچۈنلا شۇنداق قىلىدۇ. 1979-يىلىمۇ خىتاي كومپارتىيەسى ۋىيېتنام كوممۇنىستلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلغان، ھوقۇقنى كوممۇنىزمدىن ئۈستۈن قويغانىدى».
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئامېرىكاغا قارشى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى بارلىقىنى، ئەمما بۇنىڭمۇ ۋەزىيەتكە بېقىپ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاپتور سىتىفېن كۆتكىن ماقالىسىدە مۇنۇلارنى دەيدۇ: ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلىنىسكىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ياۋروپادىن، شۇنداقلا ناتودىن ياردەم تەلەپ قىلىشى پۈتكۈل غەرب دۇنياسىنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى. چۈنكى ئۇكرائىنادا ھۇجۇمغا ئۇچرىغىنى يالغۇز بۇ دۆلەتنىڭ تۇپرىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىلا ئەمەس، بەلكى دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك قىممەت قارىشى ئىدى. بۇ ھۇجۇمنىڭ ئالدىدا ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭ «چەكسىز دوستلۇق» ئورنىتىشى ئۆز ۋاقتىدا ستالىن بىلەن ماۋ زېدۇڭنىڭ كوممۇنىزم غايىسى ئارقىلىق دۇنياغا ھاكىم بولۇش، مۇستەبىتلىك بىلەن جاھانگىرلىكنى دۇنياۋى ئېقىم قىلىشقا ئۇرۇنۇشىغا ئوخشايتتى. ناھايەت، ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمىدى، غەرب دۇنياسى ئۇلارنى توسۇپ قويدى، ئۇكرائىنالىقلار ئەينى ۋاقىتتىكى فىنلاندىيەلىكلەرگە ئوخشاش ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئىززەت-غۇرۇرىنى ساقلاپ قالدى.
تارىختىكى بۇ پاراللېل تەرەققىياتقا نەزەر سالغىنىمىزدا، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ، كاپىتالىزم بىلەن كوممۇنىزمنىڭ، دېموكراتىيە بىلەن مۇستەبىتلىكنىڭ كۈرىشى تېخى ئاياغلاشمىدى؛ 1991-يىل سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغان، بېرلىن تېمى يىقىلغان، شەرقىي ياۋروپادىكى سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر كوممۇنىزم لاگېرىدىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، خىتاي، شىمالىي كورېيە، كۇبا، ۋېنېزۇئېلا قاتارلىق دۆلەتلەر ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە. خىتاي كوممۇنىستلىرى قىسمەن شەكىل ئۆزگەرتىپ، ئامېرىكىنىڭ ياردىمى بىلەن كۈچلىنىۋالغاندىن كېيىن يەنە ئەسلىگە قايتىپ، غەرب دۇنياسى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ رەقىبكە، ھەتتا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىنمۇ مۇرەككەپ ۋە خەتەرلىك دۈشمەنگە ئايلاندى. سوۋېت دەۋرىدىكى بۈيۈك رۇسىيە چۈشىدىن ۋاز كەچمىگەن ۋىلادىمىر پۇتىنمۇ شى جىنپىڭ بىلەن ئىتتىپاق قۇرۇپ، غەرب دۇنياسىغا قارشى سەپكە قېتىلدى. بۇ ۋەزىيەت سىياسىي ئانالىزچىلار تەرىپىدىن «يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» دەپ ئاتالدى.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئاندېرس كور بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بۈگۈن رۇسىيە بىلەن خىتاي ئىدېئولوگىيە، ئىقتىساد ۋە ھەربىي جەھەتتىن ھەمكارلاشماقتا. بىراق بۇ، ئوغرى-قاراقچىلارنىڭ شېرىكچىلىكى بولۇپ، مەنپەئەت ئۈستىدىلا بىرلىككە كېلەلەيدۇ. شۇڭا بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىشەنچ يوق، رۇسىيە خىتاينىڭ ئەڭ ئاخىرىدا دۇنيانىڭ خوجىسى بولۇشقا ئالدىراۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. رۇسىيە ئېنېرگىيە ئېكىسپورتىدا خىتايغا بارغانچە بېقىنىپ قالسا سوۋېت ئىمپېرىيالىزمى چۈشىنى يوقىتىدۇ. خىتاي بۇ ئۇتتۇرىدا پايدا ئالىدۇ».
ئامېرىكادىكى ئانالىزچى گوردون چاڭمۇ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەمكارلىشىشى ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن ئەمەس. ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ دۇنيا قارىشى ئوخشىمايدۇ. بىراق ھازىر ئۇلار مەنپەئەتلىرىنىڭ بىر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. ئۇلار ئامېرىكا ۋە ئەركىن دۇنيا تەرتىپىنى ئۆزلىرىنىڭ دۈشمىنى كۆرىدۇ. بۇ خىل قاراش ئۇلارنى ئامېرىكا ۋە ئامېرىكا ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ھەممە نەرسىگە قارشى يېڭىدىن شەكىللەنگەن رەزىللىك گۇرۇھىغا ئايلاندۇردى. بۇ گۇرۇھتا ئۇلارنىڭ شىمالىي كورېيە ۋە ئىرانغا ئوخشاش ئەزالىرى بار. دۇنيا ھازىر تېز سۈرئەتتە پارچىلىنىۋاتىدۇ، ئەمما پرېزىدېنت بايدېن بۇنى ئېتىراپ قىلمايۋاتىدۇ، چۈنكى ئېتىراپ قىلسا يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنى ياكى كونا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ داۋامىنى ئېتىراپ قىلغاندەك بولۇپ قالىدۇ».
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە كورېيە يېرىم ئارىلى يەنىلا بۆلۈنمە ھالەتتە، خىتاي يەنىلا كوممۇنىستىك دۆلەت، خىتاينىڭ مەقسىتى دېموكراتىك تەيۋەننى ئىگىلەپ، ئۇنى چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى مۇستەبىت كوممۇنىست ھاكىمىيەتكە قېتىش. ئاسىيادىن باشقا دۆلەتلەردىمۇ ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرى تەشەببۇس قىلىۋاتقان غايە بىلەن قارشىلىشىدىغان خىلمۇ خىل ئىدېئولوگىيە ۋە سىياسىي تۈزۈمدىكى دۆلەتلەر مەۋجۇت. ئەڭ چاتاق يېرى، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى قوراللىق ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كەتسە، دۇنيانى ۋەيران قىلىدىغان يادرو قوراللىرى تەھدىتى مەۋجۇت.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەزى ئانالىزچىلار ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ھازىرقى مۇناسىۋىتىنى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆرمەيدىكەن. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش تېخىمۇ كۈچەيگەندە ئاندىن بۇنى «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» دەپ ئاتاشقا بولىدىكەن.
ئاپتور بۇ ماقالىسىدە يەنە مۇنۇلارنى يازىدۇ: 90-يىللاردىن كېيىن دۇنيا ئۆزگەردى، تېخنىكا يېڭىلىقلىرى بىلەن بىللە دۇنيانىڭ سىياسىي قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىشلەر بولدى. ياۋرو-ئاسىيادىكى ئۈچ قەدىمىي دۆلەت خىتاي، ئىران ۋە رۇسىيە سەر خىللىرى ئۆزلىرىنى غەربكە تەۋە دەپ قارىمىدى. خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ قائىدىلىرىگە ئەمەل قىلمىدى. بۇنداق ئەھۋالدا خىتايدىن سىياسىي تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىشنى كۈتۈش ئەخمىقانىلىك ئىدى. رۇسىيەمۇ غەربتىن پايدىلانغان بىلەن ئاخىرقى ھېسابتا ئىقتىسادىي كۈچىنى غەربكە زەربە بېرىش ئۈچۈن توپلىدى. خىتاي ئەسلىدە سابىق سوۋېتنىڭ دوستى ھەم غەرب دۆلەتلىرىگە قارشى قوللانغان سىياسىي شېرىكى ئىدى؛ ھازىر رۇسىيە خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسىغا قارشى قوللىنىۋاتقان شېرىكىگە ئايلاندى. بۇ ئەھۋال خىتاينى ئامېرىكا بىلەن مۇقەررەر توقۇنۇشىدىغان ھەتتا ئۇرۇشىدىغان ۋەزىيەتكە ئاپىرىدۇ.