سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاياغلاشتىمۇ؟ (3)

0:00 / 0:00

2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» نىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشتىراكچىسى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جاھانگىرلىك غايىسىگە ۋارىسلىق قىلغان رۇسىيە، خىتاي بىلەن بىرلىكتە غەرب دۆلەتلىرىگە قارشى قۇتۇپقا ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ كۈچى ئالدىدا ئامالسىز قالدى ۋە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى.

يېقىندا «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا ئامېرىكا راتگېرس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، سىياسىەشۇناس ئالېكساندىر موتىل (Alexander Motyl) نىڭ «ھازىر دەل رۇسىيە ۋەيران بولغاندىن كېيىنكى ۋەزىيەتكە تەييارلىق قىلىدىغان ۋاقىت» دېگەن ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، رۇسىيەنىڭ تارىختىكى باشقا ئېمپېرىيەلەرگە ئوخشاش پارچىلىنىشىنىڭ مۇقەررەرلىكى، مۇستەبىت جاھانگىرلىك قانچە بالدۇر ئاخىرلاشسا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكى، بۇنىڭغا توسقۇن بولماسلىق كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ماقالىدە ئاپتور مۇنداق تەھلىل يۈرگۈزىدۇ: رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىپ بىر يىلدەك ۋاقىت ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە رۇسىيەنىڭ ئاخىر مەغلۇپ بولۇشى كۆزگە كۆرۈنۈپ قالدى، ئەگەر رۇسىيە راستىنىلا مەغلۇپ بولسا، رۇسىيەدە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ھەر خىل ئەھۋاللار بار. ئەگەر رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ھوقۇقتىن چۈشسە، سولچى مۇستەبىتلەر بىلەن ئوڭچى مىللەتچىلەر ئارىسىدا ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى يۈز بېرىشى مۇمكىن. مۇستەبىتلىككە قارشى ئۆكتىچىلەر رۇسىيەنى ئىسلاھ قىلىشقا ۋەدە بەردى. ئەمما بۇ ھوقۇق كۈرىشى ھاكىمىيەتنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، رۇسىيەنى داۋاملىق ئۇرۇش قىلىشتىن يىراقلاشتۇرىدۇ. ئۇرۇشتىن كېيىن ئاجىزلاشقان رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادى ۋەيران بولغان ھامان، غەزەپلەنگەن رۇسلار كوچىغا چىقىشقا باشلايدۇ؛ بۇ قالايمىقانچىلىق ئەۋجىگە چىقاسا، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدىكى تاتارىستان، باشقورتىستان، چېچېنىيە، داغىستان ۋە ساخا قاتارلىقلار جۇمھيرىيەتلەر مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىشى ۋە خىتاينىڭ ئاجىز خېرىدار دۆلىتىگە ئايلىنىشى مۇمكىن.

جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتس (Sean Roberts) رۇسىيەنى يالغۇز قويمىغان خىتاينىڭ ئەمەلىيەتتە رۇسىيەدىن نەپ ئېلىشنى كۆزلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «رۇسىيە بارغانچە يالغۇز قېلىۋاتىدۇ. خىتاي رۇسىيە بىلەن مۇشۇنداق ئالاھىدە ۋەزىيەتتە ئالاقە قىلىۋاتقان بىردىنبىر دۆلەت. مەنچە، رۇسىيە ئەگەر بۇ ۋەزىيەتتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈۋالسا، خىتايغا تېخىمۇ رەھمەت ئوقۇيدۇ. ھازىرمۇ ئۇلار ئىقتىساد ۋە باشقا كۆپ جەھەتتە خىتايدىن ناھايىتى رازى. بۇ ئەھۋالدا رۇسىيە بۇنىڭدىن كېيىن سىياسىي جەھەتتىمۇ بارغانچە خىتاينىڭ ئېغزىغا قارايدىغان بولۇپ قالىدۇ».

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇشىمۇ، غەلىبە قىلىشىمۇ خىتايغا پايدىسىز دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، رۇسىيەنىڭ كەڭ زېمىنى ۋە رۇسلاردىن باشقا چوڭ مىللەتلەر چاررۇسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەسىرلەر بويى باشقا مىللەتلەرنى بويسۇندۇرۇشنىڭ نەتىجىسى، بۇنىڭغا سوۋېت ئىتتىپاقى ۋارىسلىق قىلغان. تارىختىن قارىغاندا، چوڭ ئىمپېرىيەلەرنىڭ ھەممىسى ئۇرۇشتىن كېيىن پارچىلانغان. ناپالېئون ئىمپېرىيەسى ئۇنىڭ موسكۋاغا قىلغان ئۇرۇشى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن يىمىرىلگەن. 20-ئەسىردە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى، ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسى، گېرمانىيە ۋە رۇسىيە ئىمپېرىيەلىرىنىڭ ھەممىسى ھەربىي مەغلۇبىيەتتە يىمىرىلگەن.

مىخائىل گورباچېف 1985-يىلى سوۋېت كومپارتىيەسىنىڭ رەھبىرى بولۇپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن ئىسلاھات ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالماقچى بولغان، ئەمما مەغلۇپ بولغان. 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەن. ئەگەر بۈگۈنكى رۇسىيە سوۋېت ئىتتىپاقىدەك پارچىلانسا، ئۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب، رۇسىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مۇستەبىتلىك ۋە چىرىكلىك، يەنى پۇتىننىڭ ھوقۇق مەركەزچىلىك سىياسىي تۈزۈمىنىڭ رەھىمسىزلىكى ۋە ئۈنۈمسىزلىكى ئىكەن.

ئۇكرائىنا ئۇرۇشى تېگى تەكتىدىن ئالغاندا، پۇتىن ۋە ئۇنىڭ دۆلىتىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئەگەر رۇسىيە بۇ ئۇرۇشتا تامامەن مەغلۇپ بولسا، ئۇنىڭدىن چىقىدىغان ئاقىۋەتنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدىكەن، رۇسىيە مەيلى پۇتىن دەۋرىدە ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن بولسۇن، زاۋاللىققا يۈزلىنىدىكەن. ھەتتا پۇتىنمۇ بۇنىڭدىن ئەنسىرىگەن بولۇپ، ئۇ 2023-يىللىق يېڭى يىللىق سۆزىدە بۇ ئۇرۇشنىڭ رۇسىيەنىڭ مۇستەقىللىقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: « بۈگۈنكى كۈندە گەرچە رۇسىيەنىڭ پارچىلىنىشىنى خالايدىغانلار ناھايىتى ئاز بولسىمۇ، ئەمما رۇسىيەدە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مۇقىمسىزلىقنىڭ مەلۇم بىر پەيتتە رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدىكى جۇمھۇرىيەتلەرنى مۇستەقىل بولۇشقا ئىتتىرىدىغان ئەھۋالنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس. ئۇكرائىنا ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كىرىلو بۇدانوف مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەندە، رۇسىيەنىڭ بىر نەچچە پارچە قىلىپ كېسىلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن».

جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى ياۋروپا، رۇسىيە ۋە ياۋروئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى، تارىخشۇناس مارلېن لارۇئېللېنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە يىمىرىلگەن تەقدىردە مۇقىمسىزلىق، زوراۋانلىق، ھەتتا ئىچكى ئۇرۇش يۈز بېرىشى مۇمكىن ئىكەن. شان روبېرتس ئەپەندىنىڭ بۇنىڭغا بولغان قارىشى باشقىچە بولۇپ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەنچە، كەلگۈسىدە نېمە بولىدىغىنىى پەرەز قىلىش تەس. تارىختىن قارايدىغان بولساق، كۆپىنچە دۆلەتلەر ئېغىر مۇقىمسىزلىقتىن پارچىلىنىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى ئىدېئولوگىيە بىلەن زور دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك ئىدى. سوۋېت پارچىلانغاندىن كېيىن مۇستەقىل بولغان دۆلەتلەر غەرب بىلەن يېقىنلىشىپ، دېموكراتىك ھاكىمىيەت تۈزۈمى ۋە ئەركىن بازار ئىگىلىكىنى سىناپ باقماقچى بولدى. ئەمما رۇسىيەدە ۋە ئۇنى تەشكىل قىلغان جۇمھۇرىيەتلەردە مۇقىم بىر ئىدېئولوگىيە يوق، بۇ ئەھۋالدا ئۇ تېخىمۇ مۇقىمسىز بولىدۇ، ئەمما ئاقىۋىتىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. ئەگەر خىتايمۇ ۋەيران بولىدۇ دېيىلسە، ئاقىۋەتتە ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن دۇنيادا ناھايىتى چوڭ داۋالغۇش پەيدا قىلىدۇ».

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ھازىرقى خىتاي سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدەك سوتسىيالىزم ئىمپېرىيەسى قۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. كەلگۈسىدە خىتايمۇ سوۋېتقا ئوخشاش پارچىلىنامدۇ دېگەندە، ئۇنىڭ سوۋېتقا ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرى بار، كەلگۈسىنى پەرەز قىلماق ھەقىقەتەن تەس.

ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقىي ئىشلار مىنىسترى ھېنرى كىسسىنگېر «رۇسىيەنىڭ پارچىلىنىشى ئۇنىڭ كەڭ زېمىنىنى تالاش-تارتىش رايونىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. بۇ خەتەرلەرگە يەنە مىڭلىغان يادرو قورالىنىڭ تەھدىتى قوشۇلىدۇ» دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە «ئەڭ ياخشى ئۇسۇل يەنىلا رۇسىيەنى ئاجىز قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىش، ئۇنىڭ ئورنىغا رۇسىيەنى <تىنچلىق مۇساپىسى> گە كىرگۈزۈش» دەپ تەكلىپ بەرگەن.

ئەمما بۇ ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، غەرب دۇنياسىنىڭ رۇسىيەنى ساقلاپ قېلىش ئىستراتېگىيەسى ئاقىلانىلىك ئەمەس. چۈنكى تارىخ شۇنى كۆرسەتكەنكى، ئىمپېرىيەنىڭ يىمىرىلىشى قوشنا دۆلەتلەر ۋە پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈنمۇ ياخشى ئەھۋال. ناپالېئون ئۆلگەندىن كېيىن ياۋروپادا نىسپىي تىنچلىق دەۋر باشلانغان. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىمۇ تىنچ بولغان، چۈنكى سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ چېگراسى ئېنىق، دۆلەت قۇرۇشقا تەييار سەرخىللىرى كۈچلۈك ئىدى. غەرب دۇنياسى ئەمدى رۇسىيەنىڭ پۈتۈنلۈكىنى قوغداشنىڭ ئورنىغا ئۇكرائىناغا داۋاملىق ياردەم بېرىشى، ئاندىن بېلارۇسىيە ۋە قازاقىستانغا ئوخشاش مۇھىم دۆلەتلەرنى قوللىشى كېرەك. مانا بۇلار پۇتىننىڭ ئىمپېرىيەسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى مالىمانچىلىقنى تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى كاپالىتى.

شان روبېرتس ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «رۇسىيە بىلەن خىتاي ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ دۇنيادىكى يېتەكچىلىك ئورنىغا ئۆچمەنلىك بىلەن قارايدۇ. شۇڭا خەلقئارا سىستېمىدا خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ مەنپەئەتى بىر. ئۇلار ھازىر خەلقئارا تەرتىپنى بۇزۇشقا ئۇرۇنماقتا. مەنچە ئۇكرائىنا ئۇرۇشى بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدۇ. ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسى خىتاينىڭ قىلمىشىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ-يوق، بىلگىلى بولمايدۇ. مېنىڭچە، ئەگەر رۇسىيە بۇ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولسا، خىتاي ئامېرىكا بىلەن ياۋروپاغا شىلتىڭ ئېتىشتىن يالتىيىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ بەزى ئۆزگىرىشلەر بولۇشى مۇمكىن. كەلگۈسىنى پەرەز قىلىش تەس، ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى ھەر خىل بولىدۇ ۋە بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىجابىي بولمايدۇ».