دونالد ترامپ سابىق پىرېزىدېنت رېگاننىڭ ئىزىنى بېسىپ، «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» نى ئاياغلاشتۇرالامدۇ؟
2025.01.21

ئامېرىكانىڭ 1980-يىل سايلانغان، جۇمھۇرىيەتچىلەردىن بولغان پىرېزىدېنتى رونالد رېگان 70 يىل ھۆكۈم سۈرگەن سوۋېت قىزىل ھاكىمىيىتىنىڭ غۇلاپ چۈشۈشىدە مۇھىم رول ئوينىغان، شۇنداقلا ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا نەچچە ئون يىل داۋاملاشقان «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» نى ئاياغلاشتۇرغان مەشھۇر سىياسىيون ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، جۇمھۇرىيەتچىلەردىن 2-قېتىم سايلانغان دونالد ترامپنىڭ تۇتقان مەيدانى، سىياسىتى ۋە غايىسىنىڭ رېگان بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭ خىتاي بىلەن بولغان رىقابەتتە ئۇتۇپ چىقىپ، «يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» نى ئاياغلاشتۇرۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
يېقىندا ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردىن بىرى بولغان «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا، «يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا قانداق غەلىبە قىلىش كېرەك؟» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ خىتاي بىلەن بولغان رىقابەتتە رونالد رېگاندىن ئۆگىنىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، 1980-يىلى رېگان سايلام ۋاقتىدا «ئەمەلىي كۈچ بىلەن تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش» غايىسىنى ھەمدە «ئامېرىكىنى قايتىدىن قۇدرەتلىك قىلايلى» دېگەن شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، دونالد ترامپمۇ بۇنى بىرىنچى قېتىملىق سايلام مەزگىلىدە قوللانغان ھەم 2024-يىلدىكى سايلام مەزگىلىدە داۋاملىق تەكىتلىگەن.
رونالد رېگان ھەقىقەتەن دونالد ترامپ ئۈلگە ئالىدىغان ئەڭ ياخشى ئۆرنەك بولغان. گەرچە بەزىلەر سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى مېخائىل گورباچېۋ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئورۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان دەپ قارىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە رېگان ھۆكۈمىتى موسكۋانى ئىسلاھات يولىغا مەجبۇرلاپ، سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ كۆپ مىقداردا ھەربىي قىسقارتىشىنى ۋە سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي ياۋروپادىكى تەسىر كۈچىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. رېگان ئەڭ باشتىلا قاتتىق قوللۇق سىياسەت يۈرگۈزۈپ، كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيەسىنى رەت قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە قارشى تۇرغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكانىڭ دۆلەت مۇداپىئە چىقىمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، تېخنىكا ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلانغان. ئەمما پەيتى كەلگەندە ئۇ گورباچېۋ قاتارلىقلار بىلەن بىر قاتار ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىپ، ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش ۋە ياۋروپانىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداش جەھەتتە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بۆسۈشلەرنى ھاسىل قىلغان.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى رونالد رېگان بىلەن دونالد ترامپنى، گورباچېف بىلەن شى جىنپىڭنى ئايرىپ قاراش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىدا گورباچېفنىڭ تاشقى سىياسىتىمۇ مۇھىم سەۋەب بولغان.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا ھېچ بولمىغاندا ئىككىنچى قېتىملىق سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ 6-يىلىغا قەدەم قويدى، بۇ قېتىمقى رەقىب خىتايدۇر. بايدىن ھۆكۈمىتى دەۋرىدە خىتاي تېخىمۇ خەتەرلىك بولۇپ قالدى. تىرامپ بىرىنچى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدىلا خىتاينىڭ كۈچىيىشىنى چەكلەش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتى ھەمدە ۋاشىنگتوندىكى سىياسەتچىلەرنىڭ گۇمانىغا قارىماي، ئۇلارنى قايىل قىلدى، ترامپ بۇنىڭ ھەم سودا ئۇرۇشى، ھەم تېخنىكا ئۇرۇشى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. ترامپ ئىككىنچى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە، ئامېرىكانىڭ يېڭى كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق خىتايغا بولغان بېسىمنى كۈچەيتىدۇ. ئەمما ترامپنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى رېگان بىلەن بىردەك بولۇشى، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئاساسلىق رەقىبى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، 3-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ خەتىرىنى، يەنى يادرو قوراللىرىغا ئىگە بۇ ئىككى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇق ئۇرۇشنىڭ خەتىرىنى ئازايتىشى كېرەك».
ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، دۇنيا ھازىر سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بۇيانقى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا خەتەرلىك كۆرۈنىدۇ. خىتاي ھازىر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، ئامېرىكانىڭ ئاساسلىق رەقىبى - ئىقتىسادىي ۋە تېخنىكا جەھەتتە سوۋېت ئىتتىپاقىدىنمۇ كۈچلۈك بولغان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى. خىتاي، رۇسىيە، ئىران ۋە شىمالىي كورېيە ھازىر ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتە ئوچۇق-ئاشكارا ھەمكارلىشىۋاتىدۇ. ئۇلارنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى دۇچ كەلگەن «رەزىللىك ئوق مەركىزى» دەپ ئاتاش مۇبالىغە ئەمەس.
ماقالىدە دېيىلىشىچە، قۇتۇپلىشىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلگەندە، ترامپ رېگاندىن ئۆگىنىشكە دىققەت قىلىشى كېرەك. 1986-يىلى ئامېرىكا بىلەن سوۋېت رەھبەرلىرى بارلىق يادرو قوراللىرىنى بىكار قىلىشقا قوشۇلغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرا مۇساپىلىك يادرولۇق بومبىنى زور دەرىجىدە ئازايتىشقا ۋەدە بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن، ھەربىي مۇسابىقە، توقۇنۇش ۋە جىددىيلىكلەر پەسىيىپ، نىسپىي تىنچلىق ئورنىتىلغان؛ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئورۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشىدا، بېرلىن تېمىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشىدە بۇنىڭ رولى چوڭ بولغان.
ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئىستراتېگىيە ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى رايموند كو نۆۋەتتىكى پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ 80-يىللاردىكى پىرېزىدېنت رونالد رېگاننىڭ يولىغا ۋارىسلىق قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى پىكىرگە قارىتا مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە، بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى دۆلەت تۈزۈلمىسىگە ئەمەس، شەخسنىڭ ھەرىكىتى ۋە كۈچ-نوپۇزىغا بەكرەك ئېغىپ كەتكەن. رېگان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا كوۋىد ۋاباسى تارقىتىش ئارقىلىق ئۇنى ئاغدۇرۇۋەتكەن ئەمەس، بەلكى سوۋېتلارنىڭ ئۆز تۈزۈلمىسىدىن ۋاز كېچىشىگە تۈرتكە بولغان. سوۋېت ئىتتىپاقى تۈزۈلمىسىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدا زىددىيەتلەرمۇ تەڭ مەۋجۇت ئىدى. بۇ زىددىيەتلەر ئېغىرلاشقاندا ئامېرىكانىڭ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشى زۆرۈر بولدى. ھازىر خىتايدىمۇ شۇنداق زىددىيەتلەر يۈز بەرمەكتە. بىز ھازىر خىتايدىكى تەرەققىيات مودېلىنىڭ ئاخىرلىشىۋاتقانلىقىنى، ئىقتىسادىدا داۋالغۇش بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. چۈنكى خىتاي ئىقتىسادىدا زىددىيەتلەر مەۋجۇت. ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەرگە باشچىلىق قىلىپ، خىتاينىڭ ئادىل بولمىغان تاشقى سودا ئۇسۇلىنى تارمار قىلدى، خىتاينى چەكلىدى ھەم يېتىم قويدى. مانا بۇ، پەرقلىق تۈزۈلمىدىن كېلىپ چىققان زىددىيەتلەرنى كونترول قىلىشنىڭ ئېھتىياجىدىن بولماقتا».
بۈگۈنكى كۈندە، تىرامپنىڭ تاشقى سىياسەتتىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى خىتاي بىلەن رىقابەتلىشىش. ئەمما رىقابەت ناھايىتى تېزلا چەكلەش ۋە ئاخىرىدا قارشىلىشىشقا ئايلاندى. ترامپ ئىككىنچى قېتىملىق سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشنى باشلاشنى ئويلىمىدى. ئەمما خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ ئامېرىكا بىلەن تەڭلىشىش، ئاندىن ئامېرىكانى بېسىپ چۈشۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئاللىبۇرۇن باشلانغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئۇكرائىنادىن ئوتتۇرا شەرققىچە، ئالەم بوشلۇقىدىن تور بوشلۇقىغىچە نۇرغۇن ساھەدە توختاۋسىز ئېلىپ بېرىلماقتا.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ترامپنىڭ ۋەدىسى ئامېرىكانى ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاپىتىدىن ساقلاش. ترامپ خىتاينى ئۇرۇش بىلەن ئەمەس، سودا ۋە تېخنىكا ئۈستۈنلۈكى بىلەن مەغلۇپ قىلىشنى ئويلايدۇ، ئەمما ترامپ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيەنىڭ باستۇرۇلۇشىغا قارشى تۇرۇشنى مۇھىم مەسىلە قاتارىدا كۆرمەيدۇ. تىرامپنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدىكى چوڭ ئىشلاردىن بىرى شى جىنپىڭ بىلەن كېلىشىم تۈزۈش بولۇشى مۇمكىن. كارخانىچى ئىلان ماسكنىڭ ترامپ بىلەن يېقىندىن ئارىلىشىشىمۇ ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، چۈنكى خىتاي بىلەن قارشىلىشىش ئىستراتېگىيەسى ماسكنىڭ ئېلېكتىر ئاپتوموبىل شىركىتى تېسلانىڭ مەنپەئەتىگە ماس كەلمەيدۇ.
ترامپ-شى كېلىشىمى پەقەت ترامپ ئامېرىكانىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن بارلىققا كېلىدۇ. 2025- ۋە 2026-يىللىرى سودا جېڭى كۈچىيىپ قالسا، بۇ خىتاي ئىقتىسادىغا ئامېرىكا ئىقتىسادىغا زىيان سالغاندىنمۇ كۆپ زىيان سالىدۇ. بۇ چاغدا، تىرامپ رېگاننىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن مۇرەسسە قىلغىنىغا ئوخشاش، خىتايغا كۆپرەك مۇرەسسە قىلىش پوزىتسىيەسىنى قوللىنىشى كېرەك.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۈگۈنكى يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدە خىتاي بىلەن مۇرەسسەلىشىش ۋە ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن غالىپ كېلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ پايدىسىز بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئاندېرس كور رادىيومىزغا يوللىغان ئىنكاسىدا، يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدە خىتايدىن غالىپ كېلىشنىڭ يولى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «رونالد رېگان ئىقتىسادى چۆككەن سوۋېت ئىتتىپاقىنى ‹ئەمەلىي كۈچ بىلەن تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش› تاكتىكىسى ئارقىلىق مەغلۇپ قىلدى. خىتاينىمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتە ۋەيران قىلىش، تاكى خىتاي دېموكراتىيەنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچە ئۇنىڭغا ھەربىي جەھەتتە بېسىم قىلىش ھازىرقى ئەڭ ياخشى ئىستراتېگىيەدۇر».
ماقالىنىڭ خۇلاسىسىدە مۇنداق دېيىلگەن:
«ترامپنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى بايدىنغا قارىغاندا يامانراق كۆرۈنىدۇ. ئەمما بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى تەھدىتلەرنى تونۇپ يەتمەسلىكى ئاۋۋال ئافغانىستاندا، ئاندىن ئۇكرائىنادا، ئاندىن ئىسرائىلىيەدە بىر قاتار ئاپەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە يول ئېچىپ بەردى، ئاندىن تېخىمۇ چوڭ ئاپەتنىڭ يۈز بېرىشىگە، يەنى خىتاينىڭ تەيۋەننى قامال قىلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردى. ئۆز ۋاقتىدا ئامېرىكانىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەنقىدچىلەر رېگاننىڭ قوللانغان تەۋەككۈل دىپلوماتىيەسىنى ئەيىبلىگەنىدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ ئالدىدا جىممى كارتېر دەۋرىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستانغا بېسىپ كىرگەن بولۇپ، بۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىكى ئەڭ خەتەرلىك پەيتلەرنىڭ بىرى ئىدى. 1980-يىلى، نۇرغۇن كىشىلەر رېگاننىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئورۇشىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقى، ھەقىقىي كۈچ ئارقىلىق تىنچلىقنى يەتكۈزىدىغانلىقى توغرىسىدىكى پەرەزلەرنى مەسخىرە قىلغانىدى. بۈگۈنكى كۈندىمۇ، تىرامپنىڭ شۇنىڭغا ئوخشاش نەتىجە يارىتىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى گەپلەر كىشىلەرگە مەسخىرىلىك تۇيۇلىدۇ. ئەمما تارىخىي ھېكمەتلەرنىڭ بىرى شۇكى، دەۋر بۆلگۈچ ۋەقەلەر دائىم ئۇلار يۈز بېرىشتىن بىر قانچە يىل بۇرۇنمۇ مۇمكىن ئەمەستەك كۆرۈنىدۇ. تاشقى سىياسەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر پىرېزىدېنتنىڭ ئىناۋىتىنى تىكلەيدۇ، شان-شۆھرىتىنى ئاشۇرىدۇ. رېگان شۇنداق بولغانىدى، ئەمدى ترامپمۇ شۇنداق بولۇشى مۇمكىن».