كاۋاشىما: جۇ ئېنلەي بىلەن نېھرۇنىڭ سۆھبىتىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى
2012.12.19

كاۋاشىما ماقالىسىدە ئۆتكەن ئەسىردىكى ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقتىن دۈشمەنلىشىشكە ئۆتۈش، دۈشمەنلىشىشتىن تىنچلىققا قاراپ مېڭىشتىن ئىبارەت بىر قاتار ئىككى دۆلەت بېسىپ ئۆتكەن تارىخىي دىپلوماتىك يوللارنى يورۇتۇش بىلەن بىرگە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىشتا بولۇۋاتقان زېمىن مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلمىي تارىخىي پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان.
ئاپتور ماقالىسىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مۇنداق بايان قىلىدۇ:
«خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشتىكى تۇپراق ئاقساي چىندۇر. ئاقساي قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «ئاق دەريا» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. چىن بولسا دەل ھازىرقى خوتەننىڭ قەدىمكى ئاتىلىشىدۇر. ئاقساي چىن مۇستەملىكە شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتىگە جايلاشقان. خوتەندىكى قاراقاش دەرياسىنى ئاساسلىق سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان دەريادۇر. ئاقساي چىننىڭ شەرق تەرىپى جامۇ ۋە كەشمىر بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ئاقساي چىن، جامۇ ۋە كەشمىر قاتارلىق جايلار ئەزەلدىن شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىغا تەۋەدۇر. 1900-يىلغىچە بولغان دۇنيا خەرىتىلىرىدە بۇ جايلار شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىغا تەۋە قىلىپ كۆرسىتىلگەن. جامۇ، كەشمىر 13-ئەسىردىكى ئۇيغۇر سەئىدىيە خانىدانلىقىنىڭ تۇپراقلىرىدۇر.»
ئاپتورنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى ۋە خىتاي، ھىندىستان مۇناسىۋىتى ھەققىدە تۈركىيە ھاجى تېپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
كاۋاشىما ماقالىسىدە 1954-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى ھىندىستان بىلەن خىتاي ئىمزالىغان بەش پرىنسىپلىق تىنچلىق كېلىشىمىدىن كېيىن، 1959-يىلىدىكى تىبەت ماجىراسى تۈپەيلىدىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىپ 1960-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 25-كۈنىگە قەدەر خىتاينىڭ باش مىنىستىرى جۇ ئېنلەي، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چېن يى باشچىلىقىدىكى ئۆمەك ھىندىستان تەرەپ بىلەن يېڭى دېھلىدا مىنىستىر دەرىجىلىك ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئاپتور ماقالىسىدە بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە مۇستەملىكە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى خىتاي باش مىنىستىرى جۇ ئېنلەينى قاتتىق بىئارام قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
ئاپتور ئەينى چاغدىكى سۆھبەتنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ:
1960-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى خىتاي، ھىندىستان سۆھبىتى ناھايىتى جاپا-مۇشەققەتلىك، كۆڭۈلسىزلىك ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى. سۆھبەتكە ھىندىستان باش مىنىستىرى نېھرۇ، ھىندىستاننىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى سارۋەپاللى،خىتاي باش مىنىستىرى جۇ ئېنلەي، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چېن يى قاتارلىقلار قاتناشقان ئىدى. سۆھبەتتە خىتاي باش مىنىستىرى جۇ ئېنلەي خىتاي ئەنئەنىسى بىلەن كوممۇنىزم ئەنئەنىسىنىڭ نىكاسىدىن تۇغۇلغان دىپلوماتىك ئۇسۇل بىلەن سۆز ئېچىپ،سورۇننى بېشىغا كىيىپ، ئاقساي چىن رايونىنىڭ خىتاي تۇپراقلىرىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى.ئاقساي چىن مەسىلىسىدە ئاھ ئۇرۇپ، ھەسرەتلىنىپ يۈرگەن ھىندىستاننىڭ مۇئاۋىن باش پرېزىدېنتى سارۋەپاللى مۇنداق دېدى «ھىندىستان خىتاي بىلەن 1950-يىلىدىن باشلاپ خەلقئارالىق مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بېرى، بارلىق كۈچى بىلەن بېيجىڭغا ياردەمدە ۋە يار-يۆلەكتە بولدى. ئەمدى چېگرا مەسىلىسىدە ھىندىستان بارلىق كۈچى بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي ئىگىلىۋېلىشىغا قارىتا تالاش-تارتىش قىلىدۇ. خىتاي دۆلىتى 19-ئەسىردە شەرقىي تۈركىستاننى ۋە ئاقساي چىننى مۇستەملىكە قىلىۋالدى. 1950-يىلىدا تىبەتنى...» دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقاندا، جۇ ئېنلەي ئاچچىقلىنىپ تۇرۇپ: «شەرقىي تۈركىستانمۇ، تىبەتمۇ نەچچە يۈز ۋە نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئايرىم-ئايرىم خىتاينىڭ زېمىنى ئىدى» دېدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چېن يى ھىندىستاننىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتىغا خىتاي بىلەن ياخشى دوستلۇق ئورنىتىشنىڭ قىممىتىنى ئەسلىتىپ «نېمە ئۇ نەچچە مىڭ كۋادرات كىلومېتىر يەر دېگەن، ئالتە يۈز مىليون جۇڭگولۇق بىلەن دوست بولۇش ئۈچۈن» دېدى. بۇنىڭغا جاۋابەن سارۋەپاللىمۇ ئوخشاشلا: «نېمە ئۇ نەچچە مىڭ كۋادرات كىلومېتىر يەر دېگەن، خىتايلارنىڭ نەچچە يۈز مىليون ھىندىستانلىقلار بىلەن دوستلىشىشى ئۈچۈن» دېدى.
كاۋاشىمانىڭ ئوقۇرمەنلىرىدىن بىرى بولغان، ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
ئاپتور ماقالىسىدە، خىتاي باش مىنىستىرى جۇ ئېنلەي دۆلىتىگە قايتقاندا سۆھبەتتىن ئۆزىنىڭ قاتتىق ئازابلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دۆلەت رەئىسى ماۋ زېدۇڭغا بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى چوقۇم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئويۇنى ئىكەنلىكىنى، جۇڭگو تەرەپ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن نورمال مۇناسىۋەتنى ساقلىمىغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بارلىق كېلىشىملەرنى ئىناۋەتسىز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي دۆلىتىنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ قىياسلىرىنى بىلدۈرگەن. ماۋ زېدۇڭ بىلەن جۇ ئېنلەي ئارىسىدىكى مەخپىي پاراڭدىن خەۋەردار بولغان موسكۋا بۇ سۆھبەتنى موسكۋادىكى ھىندىستاننىڭ باش ئەلچىسى مېنونغا يەتكۈزۈپ قويغانلىقىنىمۇ بايان قىلغان.
ئاپتور ماقالىسىدە، ھىندىستان 1950-يىلى خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشتا، سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن خىتاي بىلەن يېقىنلاشقانلىقىنى يازىدۇ. ئۇنىڭ ماقالىدە بايان قىلىشىچە، موسكۋادىكى ھىندىستان ئەلچىخانىسىنىڭ باش ئەلچىسى مېنون، 1950-يىلىدىكى ستالىن بىلەن ماۋ زېدۇڭ ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن «سوۋېت-خىتاي شەرتنامىسى»گە ئاساسەن، خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك ئەسكىرىي كۈچى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەملىكە قىلىشىغا سۈكۈت ھالەتتە تۇرۇشى توغرىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغان. بۇ قېتىمقى ھىندىستان، خىتاي سۆھبىتىدىن بىر ھەپتە ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى خروشىف ھىندىستاندا زىيارەتتە بولغان، خىتاي تەرەپ بۇ زىيارەتتىن قاتتىق گۇمانلانغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق قارشىلىشىش پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرمىگەن.