ئارزۇگۈل نۇرمەمەت: «سومالىلىقلار جاپالىق ياشىسىمۇ، ئەمما ئۇلار بىزدىن بەختلىككەن»

0:00 / 0:00

خىتاي تەشۋىقاتى كۆپ ھاللاردا ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقىدا ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا ياشاۋاتقان ئاھالىلەرنىڭ ھال-ئەھۋالىنى مىسالغا ئېلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى نۆۋەتتىكى ئاتالمىش «تىنچلىق» نىڭ قىممىتىنى بىلىشكە ۋە خىتاي كومپارتىيىسىگە مىننەتدار بولۇشقا ئۈندەيدۇ. ئۆتكەن ئايلاردا سومالىدا خالىسانە داۋالاش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ كەلگەن سېسترا ئارزۇگۈل نۇرمەمەت خانىم، ئۇرۇش ۋەزىيىتى تەلتۆكۈس ئاخىرلاشمىغان سومالىدىكى ئاھالىلەر بىلەن ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە سېلىشتۇرما ئېلىپ باردى. «سومالىلىقلارنىڭ چېكىۋاتقىنىنى جاپا، ئۇيغۇرلارنىڭكى بولسا زۇلۇم» دەپ تەرىپلىگەن ئارزۇگۈل خانىم، ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىغان سومالىلىقلارنىڭ كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا باشلانغان ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ» لەرگە قارشى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىش دولقۇنىنىڭ بايراقدارى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا ئوچۇق خەت» ناملىق خېتىدە مۇنداق دېگەن: «سۈرىيەدىكىدەك ئەسەبىي تەشكىلاتلار خالىغانچە قىرغىن قىلىدىغان، دۆلەت ۋەيران بولغان، خەلق ئازاب-ئوقۇبەتتە ياشاۋاتقان تۇرمۇش سىلەرنىڭ غايەڭلارمۇ؟ بىر قىسىم ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىكىدەك ئۇرۇش ئوتى ھەممە يەرنى قاپلىغان، ئائىلىلەر خانىۋەيران بولغان تىنچسىز مەنزىرىنى كۆرگۈڭلار بارمۇ؟. . .»

بۇ سوئالغا ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىدا مۇنداق جاۋاب بېرىلگەن: «ئەسەبىي بىر تېررورچى تەشكىلاتنىڭ قىرغىنچىلىقى، ئەسەبىي بىر تېررورچى دۆلەتنىڭ قىرغىنچىلىقىدەك قورقۇنچلۇق ئەمەس. ئۇرۇش مەيدانىدا ئۆلۈش، تۈرمىدە چىرىشتەك ئازابلىق ئەمەس. ئوتتۇرا شەرق مۇسۇلمانلىرىنىڭ دۆلەتمۇ-دۆلەت قېچىپ جان قۇتقۇزۇشى، يېزىدىن يېزىغا رۇخسەتسىز بارالمايدىغان، خوتەن ئاھالىلىرىنىڭ كۈنىگە سېلىشتۇرغاندا كۆپ ئەركىندۇر، راھەتتۇر.

بۇ تېمىدا نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئارزۇگۈل نۇرمەمەت خانىم ئۆزىنىڭ سومالى تەسىراتى ھەققىدىكى سۆھبەت خاتىرىمىزدە مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «سومالىلىقلارنىڭ چېكىۋاتقان پەقەتلا جاپا-مۇشەققەت، بىزنىڭكى بولسا زۇلۇم؛ ئۇلارنى ساقچى تۇتۇپ كەتمەيدىكەن، قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىش ئۈچۈن رۇخسەت سورىمايدىكەن، قېرىنداشلىرى تۈرمىدە ئەمەسكەن، ئۇلارنىڭ ئاچلىقى، سۇسىزلىقى ئۆتكۈنچى قىيىنچىلىق ئىكەن، شۇڭا كەلگۈسىدىن ئۈمىدسىز ئەمەس ئىكەن. خەلق شۇنچە نامرات بولسىمۇ بالىلىرىنى چەتئەللەردە ئوقۇتالايدىغانلار خېلى بار ئىكەن، ئۇلار ئۇيغۇرلارغا سېلىشتۇرغاندا نەچچە ھەسسە بەختلىك ئىكەن.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئارزۇگۈل نۇرمەمەت خانىم بۇ تەسىراتلىرىنى سومالى تېلېۋىزىيىسىدىمۇ بايان قىلغان ئىكەن.