يېقىندا ياپونىيە «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىدا ئىلگىرى ياپونىيەنىڭ ئۈزبەكىستان، تاجىكىستان، شىۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانىسىدا دىپلومات بولغان، خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى كاۋاتو ئاكىئونىڭ «سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدا يۈز بەرگەن ئىنقىلاب خىتايدىمۇ يۈز بېرەمدۇ؟» ناملىق سىياسىي ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. ئاپتور ماقالىدە نۆۋەتتىكى دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە ئاسىيا مەسىلىسى شۇنداقلا خىتايدا يۈز بېرىدىغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە توختالغان.
كاۋاتو ماقالىسىدە، ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە خەلقئارا سىياسىي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلىرى ئامېرىكىدىكى سايلام، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى، ياپونىيە تاشقىي سىياسىتى ئىكەنلىكىنى، چۈنكى بۇ مەسىلىلەرنىڭ خىتايغا بەلگىلىك تەسىرى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ، ئوتتۇرا شەرق، رۇسىيە چېگرىسى، شەرقىي ئاسىيا ئەللىرىدە داۋاملىشىۋاتقان ئىچكىي ئۇرۇش، زېمىن ماجىرالىرىنىڭ 2016 - يىلىدىمۇ ئوخشاشلا داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئەگەر شىمالىي كورىيەنىڭ ھازىرقى ھاكىمىيىتى يېقىلسا، بۇ خىل ۋەزىيەت خىتايدا بەلگىلىك سىياسىي يەر تەۋرەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆمۈرى ئاخىرىلىشىدىكەن. سەۋەبى شى جىنپىڭنىڭ ھازىرقى سىياسىتى سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى گورباچىفنىڭ سىياسىتىگە ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.
شەرقىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغان ئاپتور، خىتاينىڭ تارىختىن بۇيان شەرقىي ئاسىيا ئەللىرىنى ئۆز قولىغا ئېلىپ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن باشقۇرۇش نىيىتىدە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ جۇغراپىيەلىك ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن خىتايغا يېقىن بولغان بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ كېتىشىنى ئەلۋەتتە خالىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ يەنە، شەرقىي ئاسىيادا ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچلۈك بولغان ياپونىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ۋە ھەربىي جەھەتلەردە ئامېرىكا بىلەن پەۋقۇلئاددە يېقىن بولۇشى خىتاينى ئۇزۇندىن بۇيان بىئارام قىلىپ كېلىۋاتقان ھالقىلىق مەسىلىلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ياپونىيەنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغان ئاپتور، شىنزو ئابې بىلەن شى جىنپىڭنىڭ تارىخىي مەسىلىلەرگە بولغان قارىشىنىڭ ئوخشىماسلىقى ۋە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئارال ماجىراسى سەۋەبلىرىدىن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئۆچمەنلىك پەيدا بولۇپ، ياپون خەلقىدە خىتاينى ئۆچ كۆرىدىغان بىر خىل روھىي كەيپىياتنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى ئېيتقان.
ئاپتور شۇنداقلا 2016 - يىلىدا شەرقىي ئاسىيا ئەللىرىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدىن كېيىن، بۇ رايوننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە پەۋقۇلئاددە ئۆزگىرىش بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى ئوتتۇرىغان. ئۇ، شەرقىي ئاسىيا ئەللىرىدىكى تەيۋەن، تايلاند، بىرما قاتارلىق دۆلەتلەردە ھاكىمىيەتتە ئۆزگىرىش ھاسىل بولسا، بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ خىتايغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ئەگەر خىتاي ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىمىسا، خىتاينىڭ ئىچكىي ۋەزىيىتىدە داۋالغۇش بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالغان ئاپتور: «2015 - يىلى ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ياخشىلانغاندەك بىلىنسىمۇ، بىراق جەنۇبىي تاقىم ئاراللىرى مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئىككى تەرەپ جىددىيلىشىپ كەتكەن ئىدى. لېكىن، دىپلوماتىك سۆزلىشىشلەر يەنىلا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى قاتماللىقلارنى بىرئاز بوشاتتى» دېگەن.
ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەدە ئېلىپ بېرىلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ خىتاي ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىملىقىنى بايان قىلغان ئاپتور:«ئەگەر ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەدە رادىكال كۈچلەر تەختكە چىقسا بۇ خىتاي ئۈچۈن خەۋپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا خىتاي بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ سايلىمىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىدۇ» دەپ باھا بەرگەن.
ئامېرىكا پرېزىدېنت ئوباما ھەققىدە توختالغان ئاپتور:«ئوباما ئۇزۇندىن بۇيان شىمالىي كورىيە مەسىلىسىنى دىپلوماتىك يول بىلەن ھەل قىلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئۇ ئىلگىرىكى كلىنتون،بۇش قاتارلىق پرېزىدېنتلاردەك مەسىلىنى دىپلوماتىك ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمىدى. ئوباما،شىمالىي كورىيە مەسىلىسىگە زېھنىنى ۋە ۋاقتىنى كۆپ سەرپ قىلىۋەتكەنلىكى سەۋەبىدىن شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا، بولۇپمۇ خىتاي، ياپون مەسىلىلىرىگە يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلەلمىدى» دەيدۇ.
خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە توختالغان ئاپتور:«خىتاينىڭ بۇ يولى پەقەتلا ئوتتۇرا ئاسىياغىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ ئىستراتېگىيەلىك نىشاننىڭ غەلىبە قىلىشىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ئوتتۇرا ئاسىيا قانداقتۇر غايەت زور بىر بازار ئەمەس. بۇ پەقەت كىچىكىنە دانىيە بازىرى خالاس. خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن ھالقىپ كېتىشىگە ئەلۋەتتە رۇسىيە يول قويمايدۇ» دېگەن.
ئاپتور ماقالىسىدە: «سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدا يۈز بەرگەن ئىنقىلاب خىتايدىمۇ يۈز بېرەمدۇ؟» دېگەن تېما ئاستىدا خىتاينىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە خىتاي تارىخىنى چىقىش قىلىپ مۇلاھىزە ئېلىپ بارغان ئاپتور:«شى جىنپىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەت گورباچىف يۈرگۈزگەن سىياسەت بىلەن ئوخشاش. ئىككى مىڭ يىللىق خىتاي تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ھەر قايسى دەۋرلەردىكى سۇلالىلەر ھەربىي كۈچكە تايىنىپ بەگىلىك ۋاقىتقىچە ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ كەلگەن. شى جىنپىڭمۇ خىتاي تارىخىدىكى بىر سۇلالىگە ئوخشايدۇ. ئەمەلىيەتتىن ئېيتقاندا،2016 - يىلىدا خىتايدا ئىقتىساد تۆۋەنلەپ، ئىقتىسادنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ماس ھالدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كۈچىمۇ ئاجىزلىشىدۇ. بىر قىسىم چوڭ ئۆلكە ۋە شەھەرلەر ھاكىمىيەتكە بويسۇنمايدۇ. خەلق كەمبەغەللىشىپ،جەمئىيەتتە جىنايەت سادىر قىلىش كۆپىيىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تەڭ، خىتايدا 1990 - يىلىدىن ئىلگىرىكى سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ۋەزىيىتى شەكىللىنىدۇ» دەيدۇ.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىقتىسادشۇناس غالىپ مىجىت خىتاي ئىقتىسادىي ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ياپونىيەدىكى خىتاي ئىشلىرى كۆزەتكۈچىلىرىدىن تاكاشى خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ:«شى جىنپىڭ خىتايدىكى پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى بىلەن خىتاي كومپارتىيەسىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ بولدى. ئۇنىڭ قاتتىق قوللۇق سىياسىتى تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل قاتارلىق ئاپتونوم رايونلاردىكى خەلقلەرنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىۋەتتى. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت قاتلىمى سىرتقى كۆرۈنۈشتە نورمالدەك تۇرسىمۇ، بىراق ئىچكىي جەھەتتىكى ئىختىلاپ سەۋەبىدىن كومپارتىيە بۆلۈنۈش ھالىتىگە كېلىپ قالدى دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ» دېدى.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
سابىق دىپلومات كاۋاتو: «سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدا يۈز بەرگەن ئىنقىلاب خىتايدىمۇ يۈز بېرەمدۇ؟»
