سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە قىزىل خىتاي نېمە ئۈچۈن بىر - بىرى بىلەن يامانلىشىپ قالدى؟ (2)

0:00 / 0:00

«سېنتىر ئاسىيا»دا بېسىلغان ۋىكتور رىلسكىينىڭ «نېمە ئۈچۈن ماۋ زېدۇڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن رەنجىدى؟» ناملىق ماقالىسىدە شۇنداقلا ماۋ زېدۇڭنىڭ دۇنيادىكى ئىنقىلابىي ۋە مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلەرنىڭ لىدېرى بولۇشقا ئىنتىلگەنلىكىدىن تاشقىرى يەنە ئۇنىڭ، ئاتوم بومبىسى ئارقىلىق دۇنياۋىي ئىمپېرىيالىزم ئۈستىدىن غالىبىيەت قازىنىش مۇمكىنلىكى ھەققىدە تەكلىپ بەرگەنلىكىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ماۋ 1957 - يىلى موسكۋادا ئۆتكەن خەلقئارا كوممۇنىستىك ۋە ئىشچىلار پارتىيىلىرى مەجلىسىدە مۇنداق دېگەن: «كېلەچەكتىكى ئۇرۇشتا قانچىلىك ئادەم چىقىمى بولىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىشقا بولامدۇ؟ مۇمكىن، بۇ، پۈتكۈل دۇنيادىكى 2 مىليارد 700 مىليون ئاھالىنىڭ ئۈچتىن بىر بۆلىكى بولۇشى كېرەك، يەنى 900 مىليون ئادەم. مەن ئەگەر ھەقىقەتەنمۇ ئاتوم بومبىلىرى تاشلانسا، بۇ تېخى ئاز دەپ ھېسابلايمەن... ئەگەر ئادەمزادنىڭ يېرىمى يوقىتىلسا، يەنە يېرىمى قالىدۇ. ئامما ئىمپېرىيالىزم تولۇق يوقىتىلىدۇ ھەم پۈتكۈل ئالەمدە پەقەت سوتسيالىزم بولىدۇ. ھە، يېرىم ئەسىر ئىچىدە، يا پۈتۈن بىر ئەسىر ئىچىدە ئاھالە يەنە، ھەتتا يېرىمىدىن ئوشۇق ئۆسىدۇ.» لېكىن شۇ مەزگىلدە، ماقالە ئاپتورىنىڭ ئېيتىشىچە، شەرق دىكتاتورىنىڭ بۇ رەھىمسىز تەكلىپى كۆپچىلىك تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنغان ئىدى. شۇنداقلا بۇ چاغدا خىتايدا 700 مىليون، سوۋېت ئىتتىپاقىدا بولسا، 200 مىليون ئاھالە ياشاتتى. «يېڭى ئۇرۇشتا ئۇلارنىڭ قايسى تىرىك قالاتتى، بۇنى خىتاي لىدېرى ئېنىقلىمىدى» دەپ يازىدۇ ۋ. رىلسكىي.

سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى بولسا، سوۋېت - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىنى بىۋاسىتە ئاتوم بومبىسى مەسىلىسىگە باغلاپ، مۇنداق دېدى:

- ئەسلى 1957 - يىلى موسكۋادا ئۆتكەن كېڭەشمىگە ماۋ زېدۇڭ بىر گۇرۇپپا ۋەكىللەر بىلەن ئىشتراك قىلغان ۋە شۇنىڭ دائىرىسىدە خرۇشوف بىلەن مەخپىي ئۇچرىشىپ، بۇلار ئاتوم بومبىسى توغرىلىق بىر كېلىشىمنى ئىمزالىغان. ماۋنىڭ نەزەرىيىۋىي كۆز قارىشى بويىچە ئېيتقاندا، ماۋ، ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشى سوتسيالىستىك ۋە كاپىتالىستىك لاگېر ئارىسىدا بولىدۇ. شۇ ۋاقىتتا سوتسيالىزم ئۈزۈل - كېسىل دۇنيادا غەلىبە قازىنىدۇ، دېگەن ئىدىيىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خرۇشوف ماۋ زېدۇڭغا ئاتوم - يادرو تېخنولوگىيىسىنى ۋە ئۆزى ئىشلەپ چىققان بىر ئاتوم بومبىسىنىڭ ئۈلگىسىنى بېرىشكە ۋەدە بېرىدۇ. ماۋ زېدۇڭ بولسا، چوقۇم ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشى بولىدىغانلىقىنى ۋە شۇ ئۇرۇش ئارقىلىق سوتسيالىزم يېڭىدۇ ۋە كوممۇنىستىك ھەرىكەتتە ئۆزىنى رەھبەر سۈپىتىدە كۆرسىتىپ، خىتاي دۇنيادا كوممۇنىستىك يولباشچىلىقنى قولىغا ئالىدۇ، دېگەن دەھشەتلىك بىر نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. لېكىن خرۇشوف بېيجىڭغا بارغابدا ماۋ زېدۇڭغا قوشۇمچە - تىنچ ئوكياندا بىرلەشمە فلوت قۇرۇش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش مەركىزىنى قۇرۇش تەكلىپىنى قويغاندا، ماۋ زېدۇڭ ئۇنى قەتئىي رەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خرۇشوف موسكۋاغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىمزالانغان شەرتنامىنى توختىتىشقا بۇيرۇق بېرىدۇ.»

بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل ئىلگىرى، يەنى 50 - يىللارنىڭ بېشىدا يۈز بەرگەن كورېيە ئۇرۇشىدا سوۋېت ۋە خىتاي ئەسكەرلىرى بىرلىشىپ، شىمالىي كورېيىنى قوللىغان بولسا، ئەمدى ئۇلار ئىككى قارىمۇ - قارشى پوزىتسىيىنى ئېگىلىگەن ئىدى. سىياسەتشۇناس ك. سىرويېژكىن ئەنە شۇ ئۇرۇشتا خىتاي تەرەپ غالىبىيەتكە ئاساسىي كۈچ چىقارغانلىقى ھەققىدە جار سالغان بولسىمۇ، ئەمما سوۋېت ئۇچقۇچلىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1957 - يىل ۋەقەلىرىدىن كېيىن، سوۋېت ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر كەسكىنلىشىپ، ئۇلار 20 يىل مابەينىدە بىر - بىرىگە دۈشمەنلىك كۆز قاراشتا بولۇپ كەلدى. ك. سىرويېژكىننىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇلار ئارىسىدا ئايرىم قوراللىق توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاممىۋى ئۇرۇش ھەرىكەتلىرى بولمىدى. بۇ قوراللىق توقۇنۇشلار پەقەت بەزى چېگرا رايونلىرىدا ئورۇن ئالغان بولۇپ، شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى 1969 - يىلى مارت ئېيىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىدە ئورۇنلاشقان دامان ئارىلىدا يۈز بەردى. ق. غوجامبەردى مەزكۇر توقۇنۇشنىڭ كېلىپ - چىقىش سەۋەبىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى:

- ئەسلى بۇ توقۇنۇشنى ماۋ زېدۇڭ ئاتالمىش مەدەنىي ئىنقىلابنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدىكى دەھشەتلىك ۋەيرانچىلىقلاردىن خەلقنىڭ ئىچكى نەزەرىنى سىرتقا ئاغدۇرۇش ۋە ھەربىيلەرنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى سىناش ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرغان. سوۋېت ئىتتىپاقى قاتتىق زەربە بەرگەندىن كېيىن، ماۋ بۇنىڭدىن بىر ئاز ۋاز كەچكەندەك بولدى، ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياڭلىۋاشتىن ئۇيغۇر ئېلىگە قول سېلىش ۋە ئۇيغۇرلارنى كوزىرلىق قارتا قىلىپ ئويناش پرىنسىپى ئوتتۇرىغا چىقىپ، كۈچلۈك ھەرىكەت باشلىنىپ كېتىدۇ. شۇ ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇرىيەدىكى تەسىرىنى ئۈزۈل - كېسىل يوققا چىقىرىش ئۈچۈن ماۋ زېدۇڭ 1962 - يىلى 29 - مايدا غۇلجىدا تىنچ نامايىشقا چىققان خەلققە قارشى قورال قوللىنىپ، يۈزلىگەن ئادەمنى قىرىپ تاشلايدۇ. مۇشۇنىڭ ئاقىۋېتىدىن ئۈچ ئاي ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا 200 مىڭدىن ئوشۇق ئادەم قېچىپ چىقىدۇ. شۇنداق قىلىپ سوۋېت - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئۈزۈل - كېسىل بۇزۇلۇپ، بىر - بىرىگە قارشى ھەرىكەت باشلىنىپ كېتىدۇ.»

ق. غوجامبەردى خىتاي - ۋيېتنام مۇناسىۋەتلىرىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رولى ھەققىدە توختىلىپ، 1979 - يىلى يۈز بەرگەن خىتاي - ۋيېتنام ئۇرۇشىنىڭ بىۋاسىتە ئامېرىكا - ۋيېتنام ئۇرۇشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋيېتنام تەرەپ بولۇپ، خىتاي ئارقىلىق ئۇنىڭغا قورال - ياراق ۋە ئوق - دورا يەتكۈزگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ شۇنداقلا خىتاينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكىنى بىر - بىرىگە قارشى قويۇپ، ئۇلار بىر - بىرىنى يوقاتقاندا خەلقئارا سەھنىگە ئۆزى چىقىپ كېلىش مەقسىتىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى، خىتاي - ۋيېتنام توقۇنۇشىنىڭ بۈگۈنكى كۈنگىچە سوزۇلۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. سىياسەتشۇناس كېيىنكى يىللاردا، يەنى 1978 - يىلى سوۋېت ئەسكەرلىرى ئافغانىستانغا بېسىپ كىرگەندىمۇ خىتاينىڭ يەنە شۇنداق بىر پوزىتسىيىنى ئېگىلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ماۋ زېدۇڭنىڭ 1949 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قىلغان دەسلەپكى سەپىرىدىن كېيىن قىرىق يىل ئۆتۈپ، پەقەت 1989 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى رەھبىرى مىخايىل گورباچيېف خىتايغا رەسمىي سەپەر بىلەن كەلدى. يۇقىرىدا ئاتالغان ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئەنە شۇ مەزگىلدە بېيجىڭنىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تىنچ نامايىشى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇلغان ئىدى. ۋ. رىلسكىينىڭ تەكىتلىشىچە، شۇ چاغدا غەرب خىتايغا ئىقتىسادىي بايقوت ئېلان قىلغاندا م. گورباچيېفمۇ غەربتىن كۆپ ئۈمىدلەرنى كۈتۈۋاتاتتى. دېمەك، بۇ مەزگىلدىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى غەربنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىگە قارشى چىقالمىغان ئىدى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مەزكۇر سەپەر داۋامىدا ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش بويىچە بىر قاتار كېلىشىملەر ئىمزالانغان ئىدى. بۇ مۇناسىۋەتلەر 1991 - يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، يەنى م. گورباچيېف سوۋېت ئىتتىپاقى پرېزىدېنتى لاۋازىمىدىن كەتكەن، باشقىچە ئېيتقاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈزۈل - كېسىل غۇلىغان ۋاقىتقىچە ساقلاندى.