ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئاندېرس كور 2017-يىل «فوربېس» ژۇرنىلىدا «دېموكراتىيە بىلەن مۇستەبىتلىكنىڭ يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي بىلەن رۇسىيە باشچىلىقىدىكى مۇستەبىت كۈچلەرنىڭ ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىگە قارشى مۇستەبىتلىك ئېقىمى شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئاندېرس كور رادىيومىزغا يوللىغان ئىنكاسىدا مۇنداق دەيدۇ: «رېگان بىلەن گورباچېف دەۋرى ئامېرىكا ۋە دېموكراتىيەنىڭ تەلەيلىك دەۋرى ئىدى. ئەمدى بىز بۇنداق دەۋرنى كۈتەلمەيمىز. بىز ئەمدى سوۋېت ئىتتىپاقىدىنمۇ ھىيلىگەر ۋە كۈچلۈك دۈشمەن بولغان خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى ئەقىللىق بولۇشىمىز كېرەك».
سىتىفېن كاتكىن «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى داۋاملاشماقتا» ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق تەھلىل يۈرگۈزىدۇ:
80-يىللاردا ئامېرىكا پرېزىدېنتى رېگان بىلەن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ساچىر خانىم ئەركىن بازار ئىگىلىكى دەۋرىنى باشلاپ گۈللەنگەندە، خىتايمۇ بۇ ئېقىمغا قوشۇلۇپ ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈۋالدى. 10 يىللىق گۈللىنىشتىن كېيىن سولچىلار ئۆزىنى رۇسلىۋالدى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىل كىلىنتوننىڭ يېڭى دېموكراتىيە پارتىيەسى بىلەن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تونى بلايېرنىڭ يېڭى ئىشچىلار پارتىيەسى سەھنىگە چىقتى. خىتايدىكى سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى.
1991-يىل سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاياغلاشتى، ئەركىن بازار ئىگىلىكى كوممۇنىزمنى ۋەيران قىلدى» دەپ قارىغان ئامېرىكا، ۋەزىيەتنى خاتا مۆلچەرلەپ بىر قاتار دىپلوماتىك خاتالىقلارنى ئۆتكۈزدى. بۇنىڭ ئىچىدە خىتايغا مۇناسىۋەتلىك خاتالىق ئەڭ چوڭ بولدى. ئامېرىكانىڭ سىياسەت بەلگىلىگۈچىلىرى ۋە مۇتەپەككۇرلىرى كوممۇنىزم بىلەن بولغان ئىدېئولوگىيەلىك رىقابەتنىڭ ئاياغلىشىشى بىزگە پايدىلىق دەپ ئىشەندى ۋە ئامېرىكانى غەرب دۇنياسىنىڭ ئاساسى دەپ قارىمايدىغان بولدى. ئەسلىدە غەرب بىر جۇغراپىيەلىك ئۇقۇم ئەمەس، بەلكى دېموكراتىيە، خۇسۇسىي مۈلك، قانۇن-تۈزۈم، ئېچىۋېتىلگەن بازار، پىكىر ئەركىنلىكى قاتارلىق بىر يۈرۈش سىياسىي تۈزۈم ۋە قىممەت قاراشلىرىنىڭ توپلىمى ئىدى. ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، كورېيە، تەيۋەن ۋە باشقا نۇرغۇن جايلارمۇ بۇنىڭغا تەۋە ئىدى.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغان مۇستەبىتلىكى، جاھىللىقى ۋە ھىيلىگەرلىكى خوڭكوڭ مەسىلىسىدە روشەن ئىپادىلەنگەن: 1945-يىل ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن ئامېرىكا ياپونىيەنىڭ قولىدىن تارتىۋالغان خوڭكوڭنى ئەنگلىيەگە ئېلىپ بەرگەن. 1949-يىل خىتاي قىزىل ئارمىيەسى گومىنداڭنى مەغلۇپ قىلغان بولسىمۇ، ئامېرىكىانىڭ چىشىغا تەگمەسلىك ئۈچۈن ئەنگلىيەنىڭ قولىدىكى خوڭكوڭغا تېگەلمىگەن، تەيۋەنگىمۇ بېسىپ كىرەلمىگەن. پەقەت 80-يىللاردا ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ياخشىلانغاندا، دىڭ شىياۋپىڭ ساچىر خانىم بىلەن ئەنگىلىيەنى 1997-يىل قايتۇرۇۋالىدىغانغا كېلىشەلىگەن. دېڭ شىياۋپىڭنىڭ ئىسلاھاتى دەۋرىدە خوڭكوڭ كوممۇنىست خىتايغا چەت ئەلدىن مەبلەغ كىرگۈزۈش كارىدورى بولغان؛ كېيىنكى ۋاقىتلاردا خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە خەلقئارا بازارغا كىرەلىشىدە خوڭكوڭدەك بىر خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە مەركىزىنىڭ بولغانلىقى چوڭ رول ئوينىغان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 80-يىللاردا خارابلىشىپ كېتىشىدىكى سەۋەب، بىر جەھەتتىن ئۇنىڭ خىتايدەك ئىسلاھات ئېلىپ بارالمىغانلىقى، يەنە بىر جەھەتتىن خوڭكوڭدەك ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىنىڭ يوقلۇقىدىن بولغان. خىتاي خوڭ كوڭنى قايتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دېڭ شىياۋپىڭنىڭ «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» سىياسىتىنى ئىجرا قىلىپ، خوڭكوڭغا مەلۇم دەرىجىدە ئاپتونومىيە، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك بەرگەن ۋە بۇنىڭ 2047-يىلغىچە ئۆزگەرمەيدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن. ئەمما شى جىنپىڭ بۇنى بۇزۇپ تاشلاپ، خوڭكوڭنىڭ بايلىقى، ئاپتونومىيە ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى تارتىۋالغان، قارشىلىق قىلغانلارنى باستۇرغان. مانا بۇنىڭدىن، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تۈپ ماھىيىتىدىن غەربكە، دېموكراتىيەگە قارشى ئىكەنلىكىنى، ئاجىز چاغدا غەربتىن پايدىلىنىپ، كۈچلەنگەندە غەرب بىلەن قارشىلىشىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ قىممەت قارىشىنى دەپسەندە قىلىدىغانلىقىنى، دىپلوماتىيەدىمۇ «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» نى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم، ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىگە خىرىس قىلىۋاتقان خىتاينىڭ ئەمەلىيەتتە پەقەت زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرىگە تايىنىپ جان ساقلاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ستالىن 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان بۆلگۈنچىلەرنى قوللىغان. ئەمما ئۇ 1949-يىل خىتاي كومپارتىيەسىگە ياردەم بېرىپ، كۆپلىگەن خىتايلارنى بۇ رايونغا كۆچۈرۈشكە ئىلھام بەرگەن. خىتايلار 5 پىرسەنتتىن 30 پىرسەنتكە كۆپىيىپ، خىتاينىڭ بۇ رايوننى كونترول قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 2020-يىلىغا كەلگەندە خىتايلارنىڭ نوپۇسى 42 پىرسەنتنى ئىگىلىگەن. ب د ت 2018-يىل ئېلان قىلغان دوكلاتقا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى ‹قايتا تەربىيەلەش› ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىغا قامىغان. كوممۇنىست خىتاي ھازىر تىبەتتىن تۈركمەنىستانغىچە بولغان زېمىننى ‹ئىچكى ئاسىيا› دەپ ئاتاپ، بۇ يەردىكى ھەربىي كونتروللۇقىنى داۋام قىلماقتا؛ خىتاي يەنە بۇنىڭلىق بىلەن قالماي، قالايمىقانچىلىق ئىچىدىكى پاكىستان بىلەن بېرمىغا قول سوزماقتا».
ئاپتورنىڭ بۇ ماقالىدە بەرگەن تارىخىي ئۇچۇرىغا قارىغاندا، 1945-يىل ب د ت قۇرۇلىدىغان چاغدا ئەنگلىيە باش ۋەزىرى چېرچېل ئامېرىكا پرېزىدېنتى روزۋېلىتنىڭ «خىتايمۇ چوڭ دۆلەت رولىنى ئوينىشى كېرەك» دېگەن پىكرىگە قايناپ كەتكەن، چۈنكى ئۇ خىتاينىڭ پۈتۈن قىلغانلىرى كۆز بويامچىلىق دەپ قارىغان. ئامېرىكا 1945-يىلدىن 1948-يىلغىچە گومىنداڭغا 8 مىليارد دوللار (بۈگۈنكى 100 مىليارد دوللاردىن كۆپ پۇل) ياردەم بەرگەن، گومىنداڭ قىسىملىرىنى تەربىيەلىگەن، ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆپۈككە ئايلانغان. ماۋ زېدۇڭ خىتاينى ئالغاندىن كېيىن ئامېرىكانى دۈشمەن كۆرگەن. ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتى نورماللىشىپ 40 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە، شى جىنپىڭمۇ ئامېرىكانى دۈشمەن كۆرۈشكە باشلىغان.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: «ستالىن ئامېرىكاغا قارىغاندا، خىتايدىن بەك ئەنسىرىگەن. ئۇ 1953-يىل ئۆلگەندىن كېيىن خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىدە زومىگەرلىك تالاشقان. ئانالىزچىلار ئەينى چاغدىكى نامرات خىتاينى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشكە ئىلھاملاندۇرغان بىل كىلىنتوننى ئەيىبلەيدۇ؛ ھالبۇكى خىتايغا ‹ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىدىغان دۆلەت› قاتارىدا مۇئامىلە قىلغان جىم كارتېرنىمۇ ئەيىبلەش كېرەك».
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ غەرب رەھبەرلىرىنىڭ ئەمدى ھوشىنى تېپىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «پرېزىدېنت جوۋ بايدېن خىتاي بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمما كىشىلەر بۇ دەۋرنى نېمە دەپ ئاتىسۇن، ھازىرقى دۇنيا 5 يىل ئىلگىرىكى دۇنيا بىلەن ئوخشىمايدۇ. خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەر ئىككىسى ئاجىز دۆلەت، ئۇلارنىڭ كاتىۋاشلىرىمۇ ئاجىز. ئەمما بۇ، ئۇلار ئۈستۈنلۈك قازىنالمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس. ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى قايتىدىن دەس تۇرۇپ، ئەركىن دۇنيا تەرتىپىنى ھەم ئۆزىنى قوغدىمىسا، قاباھەتلىك كۈچلەر بۇ قېتىم ئۈستۈنلۈك قازىنىشى مۇمكىن. رۇسىيە غالجىرلاشتى، خىتايمۇ پات يېقىندا غالجىرلىشىدۇ. شۇڭا ھازىرقى ۋاقىت ناھايىتى خەتەرلىك بىر تارىخىي پەيتتۇر».
ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: «جاھانگىرلار كېلىپ كېتىپ تۇرسىمۇ، گۇرۇھلارداۋاملىق مەۋجۇت بولىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۈگۈنكى خىتاي ناتسىسست گېرمانىيەسى بىلەن ياپونىيە جاھانگىرلىكى قوللانغان ئىستراتېگىيەنى قوللىنىۋاتىدۇ. ۋىلادىمىر پۇتىن رۇسىيەنى بىرلىككە كەلتۈرىمەن دەپ يۈراۋاتقاندا، شى جىنپىڭمۇ ‹خىتاينى بىرلىككە كەلتۈرۈش› كە ئالدىراۋاتىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن شەكىللەنگەن دۇنيا تەرتىپىدە 1979-يىلدا چوڭ بىر بۇرۇلۇش، 1989-يىل بىلەن 1991-يىل ئارىلىقىدا بىر كىچىك بۇرۇلۇش بولدى. ئەمدى ئۈچىنچى چوڭ بۇرۇلۇش ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن كېيىن بەلگىلىنىدۇ».
دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى داۋام قىلىۋاتقان بۇ مەزگىلدە، خىتاي رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىناغا ئىككى بىسلىق سىياسەت قوللىنىۋاتىدۇ، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسى ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئامېرىكا بىلەن خىتاي كەلگۈسىدە ئۇرۇشۇپ قالسا، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ناھايىتى ئېغىر زىيانغا ئۇچراش بەدىلىگە خىتاينى يېڭىۋالىدۇ.