ئوتتۇرا ئاسىيادا سۇ مەسىلىلىرى بارغانسېرى ئۆتكۈرلەشمەكتە. نۆۋەتتە سىر ۋە ئامۇ دەريالىرىدىن پايدىلىنىش مەسىلىسى ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان ئارىسىدىكى مۇھىم ئىختىلاپلىق نۇقتىغا ئايلانماقتا.
قازاقىستان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شېرىپجان نادىروف ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، سۇ مەسىلىلىرى مەركىزىي ئاسىيا رايونىدىكى چوڭ مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. قازاقىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سۇ مەسىلىسىمۇ رايوندىكى جۇغراپىيىۋى سىياسەت، ئىقتىسادىي تەرەققىيات قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىدۇر.
تاجىكىستان بىلەن قىرغىزىستان ئامۇ ۋە سىر دەريالىرىنىڭ باش ئېقىنلىرىدا رۇسىيىنىڭ ياردىمى بىلەن سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى ۋە سۇ توغانلىرىنى سېلىشقا كىرىشكەندىن كېيىن، مەركىزىي ئاسىيا رايونىدىكى سۇ جېدىلى تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىپ كەتتى.
مۇتەخەسسىسلەر جۇغراپىيىۋى سىياسىي مەنپەئەتلەرگە چېتىشلىق مەزكۇر سۇ مەسىلىلىرىنى ھەتتا « مەركىزىي ئاسىيادىكى سۇ ئۇرۇشى» دەپمۇ ئاتىدى.
مەركىزىي ئاسىيادىكى سۇ كۈرىشى ئۆزبېكىستان بىلەن تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستان ئارىسىدا، قازاقىستان بىلەن خىتاي ھەم رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا مەيدانغا چىققان بولۇپ، نۇرسۇلتان نازاربايېف مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئەنە شۇ سۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىختىلاپلار سابىق سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان ھەمدە نازاربايېفنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا توسقۇن بولغان. قازاقىستان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ، جۇغراپىيە ئالىمى شېرىپجان نادىروف ئەپەندى سۇ مەسىلىسىنىڭ ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن بىر گەۋدىگە ئايلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
دوكتور نادىروفنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى چېگرا ھالقىغان دەريالارنىڭ سۇ مەنبەلىرى مەسىلىسى ئۇزۇندىن بۇيان ئېكولوگىيە، ئىقتىساد ۋە سىياسەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، بولۇپمۇ ئېكولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى بۇ مەسىلىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن ئىدى.
ئۇلار بالقاش كۆلى، ئېرتىش دەريالىرىنىڭ كېلەچەكتە سازلىققا ئايلىنىپ، قازاقىستاننىڭ ئۇست - كامېنوگورسك، پاۋلودار، قارىغاندا ۋە شەمەي شەھەرلىرى ئاھالىسىنىڭ ئىچىملىك سۇسىز قالىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا ئالىتاغ مۇزلۇقلىرىنىڭ ئېرىپ، ئالمۇتا شەھىرىنى سۇ ئېلىپ كېتىش خەۋپىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار مۇنداق پاجىئەلىك ھادىسىنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنلىكىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى كەڭ دائىرە بويىچە راۋاجلاندۇرۇش پىلانلىرى بىلەن باغلىماقتا.
قازاقىستان دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇغراپىيەشۇناس پروفېسسورى شېرىپجان نادىروفنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مەسىلە قازاقىستان مۇستەقىل بولغان 20 يىلدىن بۇيان ئىزچىل تەكىتلىنىپ كەلمەكتە.
رۇسىيە ئېكولوگىيە مۇتەخەسىسلىرىدىن پېتىر بولوگوف قازاقىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سۇ مەسىلىسىگە مۇراجىئەت قىلىپ، مەزكۇر مەسىلىنىڭ ناھايىتى مۇرەككەپ ۋە قازاقىستان ئۈچۈن جىددىي ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇنىڭ «مەركىزىي ئاسىيا» تور بېتىدە ئېلان قىلغان «خىتاي قانداق قىلىپ قازاقىستاننى چۆلگە ئايلاندۇرۇۋاتىدۇ؟» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە مانا شۇ مەسىلىنى كۆرسەتكەن. ئاپتور پېتىر بولوگوف ماقالىسىدە «بالقاش كۆلى يېقىنقى ئون نەچچە يىل ئىچىدە ئارال كۆلىنىڭ تەقدىرىنى تەكرارلايدۇ، ئېرتىش دەرياسى سازلىققا ئايلىنىپ سۇسىزلىشىدۇ. بۇ يېرىم چۆللۈك يەرلەرنى سۇسىز راۋاجلاندۇرۇش مۇمكىن ئەمەستۇر، بۇ سۇلارنى خىتايلىقلار ئۇيالماستىن ئىلى ۋە ئېرتىش دەريالىرىدىن تارتىپ ئالماقتا. مەركىزىي ۋە شەرقىي قازاقىستاننىڭ ھاياتى بىۋاسىتە شۇلارغا باغلىق بولۇۋاتماقتا» دەپ يازغان.
پروفېسسور شېرىپجان نادىروف قازاقىستاندا ھەقىقەتەن بالقاش كۆلىنىڭ ئىككىنچى ئارالغا ئايلىنىپ قېلىشى خەتىرى بارلىقىنى، بىراق ھازىرنىڭ ئۆزىدە قازاقىستاندا ھاۋا ئىسسىپ، مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىۋاتقانلىقى، شۇڭا ھازىر جىددىي سۇ مەسىلىسى يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.
پروفېسسور نادىروفنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستاندا سۇدىن پايدىلىنىش، بولۇپمۇ سۇغۇرۇش سىستېمىلىرىدا كۆپ مەسىلىلەر مەۋجۇت، قازاقىستاندا كۆپ مىقداردىكى سۇلار خىتايغا قارىغاندا بەكرەك قۇمغا سىڭىپ كېتىۋاتىدۇ.
بىراق، ئۇ ئېرتىش ۋە ئىلى دەريالىرىنىڭ باش ئېقىملىرىنىڭ كونترول قىلىنىشىنىڭ قازاقىستان ئۈچۈن ئەمەلىي تەھدىت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قاراشلىرىمۇ
رۇس ئاپتورى پېتىر بولوگوف بىلەن ئاساسەن بىردەكلىككە ئىگە.
بوگولوف ماقالىسىدە قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خەۋپ تۈپەيلىدىن سۇ مەسىلىسىنى كۆپ قېتىم خىتاينىڭ ئالدىغا قويغانلىقى، چېگرا ھالقىغان ۋە خەلقارا دەريالارغا ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى ھەققىدە مۇزاكىرىلەر خىتاي ۋە قازاقىستان ئوتتۇرىسىدا 1998 - يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقى، 2009 - يىلى قازاقىستان خىتاي بىلەن بۇ مەسىلىنى تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىش مۈمكىنچىلىكىگە ئىگە بولغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ يېزىشىچە، 2011 - يىلى ئىلى ۋە ئېرتىش سۈيى مەنبەلىرىنى 2014 - يىلغىچە تەڭ پايدىلىنىش ھەققىدە خىتاي بىلەن كېلىشىم ئىمزالانغان.
0:00 / 0:00