مۇلاھىزە: خىتاينىڭ ئاسىيادىكى سۇ ئىستراتېگىيىسى

ئاسىيا قىتئەسى دۇنيادىكى سۇ بايلىقى ئىنتايىن كەمچىل بولغان قىتئەلەرنىڭ بىرى. بۇ خىل ھالەت يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە تۇتۇشىدىغان دەريالارغا چوڭ تىپتىكى تۇغانلارنى سېلىپ سۇنى كونترول قىلىۋېلىشى سەۋەبىدىن بارغانسېرى يامانلىشىۋاتىدۇ.

0:00 / 0:00

بۈيۈك ئىرا تورىنىڭ «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 7-فېۋرالدىكى خەۋىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتايدىكى سۇ توسمىلىرىنىڭ سانى ۋە كۆلىمى دۇنيادىكى باشقا بارلىق دۆلەتلەردىكى سۇ توسمىلىرىنىڭ ئومۇمى يىغىندىسىدىنمۇ كۆپ ھەم زور بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا يەنە ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرگە ئېقىپ چىقىدىغان دەريالارغا توسما قۇرۇپ سۇنى كونترول قىلىشنىڭ ئون يىللىق پىلانى ئۈچۈن 635 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ ئاجراتقان. خىتاي ھاكىمىيىتى دەريالارنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا ئورۇنلاشقان دۆلەتلەرنىڭ ئۆز تېررىتورىيىسىدىكى دەريالاردا ئۆز مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولغان سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشلىرىنى قۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ دېگەننى باھانە قىلىپ 1997-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن سۇ بايلىقلىرىدىن ئورتاق پايدىلىنىش ھەققىدىكى ئەھدىنامىگە قول قويۇشتىن باش تارتىپ كېلىۋاتىدۇ.

خىتاي نۆۋەتتە ئاسىيا قىتئەسىدىكى كۆپلىگەن دەريالارنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا جايلاشقان دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھالبۇكى بۇ دەريالار ئاساسەن دېگۈدەك، خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنغان ئۇيغۇر، تىبەت ھەمدە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا بولۇپ، بۇ رايونلارنىڭ ئومۇمى كۆلىمى ھازىرقى خىتاي تېررىتورىيىسىنىڭ 60% نى تەشكىل قىلىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتى رۇسىيە ۋە قازاقىستاننىڭ نارازىلىقىغا قارىماي، ئېرتىش ھەمدە ئىلى دەريالىرىدا توسما قۇرۇش ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ئاقىۋەتتە زايسان ۋە بالقاش كۆللىرىنىڭ قۇرۇپ كېتىش خەۋپىنى پەيدا قىلىشى شۇنداقلا قازاقىستاننىڭ شەرقى قىسمىنىڭ قۇملىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى »نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: يېقىنقى ئون يىلدا خىتاي تىبەت ئېگىزلىكىدىن باشلىنىپ جەنۇبىي ۋە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىگە تۇتۇشىدىغان سارۋېن، براخماپۇترا ۋە مېيگۇڭ دەريالىرىغا توسما قۇرۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ. ئەگەر بۇ پىلان ئەمەلگە ئاشۇرۇلسا،خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدا كۈتۈلمىگەن قارشىلىقلارنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەبچى بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ رايوندا بىر قانچە ئونلىغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان، ئۇلارنىڭ زېمىنىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان، خىتايلار نۇجياڭ دەرياسى دەپ ئاتايدىغان سارۋېن دەرياسى ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۆزىنىڭ تەبىئىي ھالىتىنى ساقلاپ قالغان دەريا بولۇپ، بۇ دەريا چوڭقۇر جىلغىلاردىن ۋە ھەيۋەتلىك مۇزلۇقلاردىن ئۆتۈپ بىرما،تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەرگە بارىدۇ. دەريا ھاۋزىسى دۇنيادىكى ئۆسۈملۈك تۈرلىرى ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان رايون بولۇپ، ئۆسۈملۈك تۈرلىرى 5000 خىلدىن ئاشىدۇ، 2003يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن دۇنياۋى مىراسلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بۇ دەرياغا نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى پەلەمپەيسىمان سۇ توسمىسى قۇرۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ.

خىتاي دائىرىلىرى مېيگۇڭ دەرياسىدا ئالتە سۇ توسمىسى قۇرغان بولۇپ، بۇلاردىن 4200 مېگاۋات ھەمدە 5850 مېگاۋاتلىق ئىككى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك تارقىتىشقا باشلىغان.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ براخماپۇترا دەرياسىدا توسما قۇرۇش پىلانى ھىندىستاننىڭ قاتتىق قارشىلىقىنى قوزغىغانلىقتىن، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئەمەلىيلىشىشى بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەبچى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

خىتايدىكى ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇشى، بايلىق مەنبەلىرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە خورىشى ھەمدە خىتاينىڭ تەبىئىي دەريالارنىڭ ئېكولوگىيىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشى نەتىجىسىدە، ئاسىيا قىتئەسى كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئىسسىق ۋە قۇرغاق رايونغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇقەررەر. بۇنداق ھالەتنىڭ يۈز بېرىشى ئاقىۋەتتە بۇ رايوندىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا سۇ بايلىقلىرىنى تالىشىش كۆرۈشىنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ،رايون خەۋپسىزلىكىگە شۇنداقلا دۇنيا تىنچلىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئاساسلىق ئامىل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.