خوڭكوڭدىكى «سۇمۇرغ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى» نىڭ مۇخبىرلىرى 2015-يىلى ئاپرېل ئېيىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئون بەش كۈنلۈك نەق مەيدان زىيارىتىنى تاماملىغاندىن كېيىن يېزىپ چىققان زور ھەجىملىك «دىن ئەسەبىيلىكىنى يوقىتىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى» ناملىق زىيارەت خاتىرىسى ئۆكتەبىر ئېيىدا «سۇمۇرغ تورى» دا يەتتە بابقا بۆلۈنۈپ ئېلان قىلىندى. شۇنىڭدىن كېيىن، يەنى 29-نويابىر كۈنى ئامېرىكا فروستبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ما خەييۈن بۇ زىيارەت خاتىرىسىگە قارىتا ئوبزور يېزىپ، ئۇنىڭ مەزمۇن جەھەتتىكى چولتىلىقى ۋە بىرتەرەپلىمە خاراكتېرىنى تەنقىدلىدى.
پروفېسسور ما خەييۈن تۇڭگانلاردىن چىققان زىيالىيلاردىن بولۇپ، خىتايدىكى مىللەتلەر ۋە ئىسلام دىنى شۇنداقلا خىتاي بىلەن ئوتتۇرا شەرقنىڭ مۇناسىۋىتى قاتارلىق ساھەلەردە كۆزگە كۆرۈنگەن مۇتەخەسسىس. ئۇنىڭ پىكرىچە، مەزكۇر زىيارەت خاتىرىسى ئاپرېل ئايلىرىدا تاماملانغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ مەتبۇئات يۈزىدە رەسمىي ئېلان قىلىنىشى «نيويورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي مەسىلىلەرنى خەۋەر قىلىش بىلەن داڭ چىقارغان مۇخبىرى ئاندرۇ جېيكوبس (Andrew Jacobs) نىڭ ئۇيغۇرلارغا دائىر بىر قاتار خەۋەرلىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى ۋاقىتلارغا توغرا كېلىدۇ. ئاندرۇ جېيكوب ئۆزىنىڭ خىتاي تىلىنى ياخشى بىلىشتەك ئارتۇقچىلىقىغا تايىنىپ، ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولغاندا ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىنىڭ رېئال ئەھۋالىنى يېزىق ۋە نەق مەيداندىن تارتىلغان سۈرەتلەر بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا جانلىق تەسۋىرلەپ بەرگەن، شۇنداقلا ساقچى ئىدارىلىرى، دوختۇرخانا قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى تىغلىق ئەسۋابلار، كىيىم-كېچەك، ساقال-بۇرۇت قاتارلىق ساھەلەرگە قارىتا ئېلان قىلغان تەشۋىقات ۋە بۇيرۇق ھۆججەتلىرىدىن مەلۇماتلار بەرگەن. ئەمما «سۇمۇرغ» تېلېۋىزىيىسىنىڭ مۇخبىرلىرى ئون بەش كۈنلۈك زىيارەت جەريانىدا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ئون نەچچە شەھەر ۋە ناھىيىدە ئالاقىدار پارتكوم سېكرېتارلىرى ۋە سىياسىي قانۇن كومىتېتنىڭ مۇدىرلىرىنى زىيارەت ئوبيېكتى قىلغان. مۇخبىرلىقنىڭ ئەڭ ئەقەللىي قائىدىسى بويىچە ئامما ئارىسىغا قەدەم باسمىغان، شۇڭا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەرقانداق بىر شەھەردە كۆزگە چېلىقىدىغان «ئوقۇغۇچىلار ۋە بالاغەتكە يەتمىگەنلەر مەسچىتكە كىرىشكە بولمايدۇ» ياكى «خوتەندىكى پىۋا ئىچىش مۇسابىقىسى» دېگەندەك ئەڭ ئاددىي تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنىمۇ «كۆرمەي قالغان». مۇشۇ ئەھۋاللار ھەققىدە گەپ بولۇنغاندا پروفېسسور ما خەييۈندىن، نېمە ئۈچۈن «سۇمۇرغ تورى»نىڭ زىيارەت خاتىرىسىنى تولىمۇ چولتا يېزىلغان، دەپ قارايدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ مۇنداق دېدى:
-ئۇلارنىڭ «تەپسىلىي خەۋەر» ياكى شۇنداقراق نامدا ئاتالغان بۇ نەرسىسىنى ئوقۇپ كۆرسىڭىز، مۇنداق بىرنەچچە نۇقتىنى بايقايسىز: بىرىنچىدىن، خۇددى ئاشۇ يازمىنىڭ ئاپتورى ئۆزى ئېيتقاندەك ئۇلار ئىككى ھەپتە ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئۇيغۇرلار رايونىدىكى ئون نەچچە شەھەر ۋە ناھىيىنى كېزىپ چىققان. شۇڭا بۇ زىيارەت خاتىرىسى نەق مەيداندىكى تەكشۈرۈشكە ئەمەس، بەلكى ساياھەتكە بەكرەك ئوخشىشىپ قالغان. چۈنكى ئۆزىڭىز بىلىسىز، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى شۇنچە كەڭ زېمىندىكى شۇنچە كۆپ جايلارنى ئىككى ھەپتە ئىچىدە زىيارەت قىلىپ ئايلىنىپ بولۇش قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ ئىككىنچىدىن، ئۇلار زىيارەت قىلغان كىشىلەر پۈتۈنلەي ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىگە مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار، خالاس. مۇقىملىقنى ساقلىغۇچى ئەمەلدارلار بولغانىكەن، ئۇلار خىتاينىڭ قايسى ئۆلكىسىدە بولۇشتىن قەتئىينەزەر ھەرقاچان ئۆزلىرىنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتى جەريانىدا قانداق «زور ئۇتۇقلار»نى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى كۆپتۈرۈپ ياكى ئاشۇرۇپ سۆزلەشكە ئامراق كېلىدۇ. بۇ خىتايدىكى ھەممىگە مەلۇملۇق بىر ئورتاق كېسەل. شۇڭا ئۇلارنىڭ كىملەرنى زىيارەت قىلغانلىقىغا قارىسىڭىز، پۈتكۈل زىيارەت جەريانىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىرمۇ ئۇيغۇرنى زىيارەت قىلمىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. ئۇلار يەنە تۈرمە ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش جايلارنى زىيارەت قىلمىغان. شۇڭا ئۇلارنىڭ زىيارەت خاتىرىسىگە كۆز يۈگۈرتۈپ باققان ھەرقانداق كىشى بۇنىڭ ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر قېتىملىق سەپەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايدۇ. ھەتتا، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا شۇنداقمۇ دېيىشكە بولىدۇكى، ئۇلارنىڭ ئاشۇ قېتىمقى سەپىرى ئارقىلىق ئېلان قىلغان «زىيارەت خاتىرىسى» ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مۇقىملىقنى ساقلىغۇچى تەشكىلاتلار ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن ياكى تەييارلاپ بەرگەن ماتېرىياللارنىڭ «سۇمۇرغ تورى» دا قايتىدىن ئېلان قىلىنىشى، خالاس.
ئۇنىڭ پىكرىچە، بىر ئېغىزمۇ ئۇيغۇرچە بىلمەيدىغان مۇخبىرلارنىڭ ئىككى ھەپتە ۋاقىت سەرپ قىلىپ، مۇقىملىقنى ساقلىغۇچى خىتاي كاتتىۋاشلاردىن ئون نەچچە ئادەمنى زىيارەت قىلغانلىقى، ئەمما ئون نەچچە مىليون ئۇيغۇر ياشايدىغان شۇنچە كەڭ زېمىندا ئون نەچچە كۈن «پەرۋاز» قىلغان بولسىمۇ يەرلىكتىكى ئۇيغۇر پۇقرالاردىن بىرەر ئادەمنى زىيارەت قىلمىغانلىقى ئۇلارنىڭ كەسپىي خادىملاردىن ئەمەسلىكىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي مۇخبىرلىق ئەخلاقىغىمۇ ھۆرمەت قىلمىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، «سۇمۇرغ» تېلېۋىزىيىسىنىڭ مۇخبىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ زىيارەت خاتىرىسىنى يېزىش جەريانىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مۇقىملىقنى ساقلىغۇچى خادىملارنىڭ يەرلىكنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئەڭ ئەقەللىي ساۋاتلاردىنمۇ خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ-بىلمەي ئاشكارىلاپ قويغان. زىيارەت جەريانىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ نازىر دەرىجىلىك كادىرلىرىدىن بىرى مۇخبىرغا «سەمىمىيلىك» بىلەن ئۆزىنىڭ بۇ رايوندا شۇنچە يىل خىزمەت قىلغان تۇرۇقلۇق ئىسلام دىنى توغرىلىق ئازدۇر-كۆپتۇر بولسىمۇ ئىزدىنىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقان، شۇنداقلا «ھىجرەت»، «جىھاد»، «تەبلىغ»، «قەدىر كېچىسى»، «تۆت خەلىپە» دېگەنلەرنىڭ مەنىسىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. ئەمما مۇشۇ كادىرلار دانىشمەنلەرچە قىياپەتتە «مىللىي ئۆرپ-ئادەت بىلەن ئەسەبىي دىنىي چۈشەنچىنىڭ پەرقى» ھەققىدە مۇخبىرلارغا ساۋاق بېرىشتىن تارتىنىپ قالمىغان. بۇنىڭ بىلەن مۇشۇ كادىرلاردىن تەركىب تاپقان يەرلىك ھاكىمىيەت سىستېمىسى ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا ئەسىردىكى قازىخانىلارنىڭ سوت مەيدانىغا ئوخشىشىپ قالغان.
پروفېسسور ما خەييۈننىڭ قارىشىچە، «سۇمۇرغ تېلېۋىزىيىسى» نىڭ مۇخبىرلىرى زىيارەت قىلغان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يەرلىك ئەمەلدارلار ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى توغرىلىق ھېچنەرسە بىلمەيلا قالماستىن، يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى، تۇرمۇش قاراشلىرى دېگەنلەردىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يەرلىك ئەمەلدارلاردا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولغان خىتاينىڭ ئەڭ ئەقەللىي دۆلەت ئەھۋالىدىنمۇ ھاماقەتلەرچە بىخەۋەر بولۇشىنى كۆرگەن ھەرقانداق ئادەم ياقىسىنى چىشلىمەي قالمايدۇ. ئۇ مىسال تەرىقىسىدە ئۆكتەبىر ئېيىدا ئاقسۇ تەۋەسىدىكى بىرنەچچە ناھىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن «نان چىشلەپ خىتاي خەرىتىسى چىقىرىش» پائالىيىتىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ناننى ئاۋۋال ئوشتۇپ، ئاندىن پارچىلاپ يەيدىغانلىقىدەك ئەقەللىي تۇرمۇش ئادىتىگىمۇ ھۆرمەت قىلىش يادىغا كەلمىگەن يەرلىك ئەمەلدارلار ئاتالمىش مۇسابىقە ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى «ناننى ئوشتۇماي پۈتۈن ھالەتتە يېيىش» كە زورلىغان، بۇنىڭ بىلەن «نان چىشلەپ ھاسىل قىلىنغان خىتاي خەرىتىسى» دە خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان داۋا قىلىپ كېلىۋاتقان تەيۋەن ئۆلكىسى چۈشۈپ قالغان. خىتاينىڭ چوڭ دۆلەتچىلىك نۇقتىئىنەزىرىدىن ئېيتقاندا، بۇ «ۋەتەنپەرۋەرلىك» نامىدا ئوتتۇرىغا چىققان «تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى داۋراڭ قىلىش» تەك بىر تۈرلۈك «بۆلگۈنچىلىك» قىلمىشى ھېسابلىنىدۇ.