پروفېسسور ما خەييۈننىڭ مۇلاھىزىسى: «تەڭرىتاغدا پەرۋاز قىلغان سۇمۇرغ» نىڭ چولتا بايانلىرى (2)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2015-12-08
Share
namaz-meschit-xoten-ashqunluq.jpg ئۇيغۇرلارنىڭ رېستورانلىرىدا ھاراق سېتىش مەجبۇرلىنىۋاتقان مەزگىلدە، مەلۇم مەسچىتتە ناماز ئۆتۈۋاتقان ئۇيغۇرلار. 2015-يىلى 16-ئاپرېل، خوتەن.
AFP

«سۇمۇرغ تېلېۋىزىيىسى» نىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زىيارىتى جەريانىدا ئەڭ كۆپ سورالغان مەسىلە دىنىي ئەسەبىيلىككە دائىر ئەھۋاللار بولۇپ، ئۇلار دەسلەپكى قەدەمدە زىيارەت قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شيۇڭ شۇەنگونىڭ ئېيتىشىچە، «دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر بىردەك مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىپ، شىنجاڭنى خىتايدىن ئايرىپ تاشلاپ، مۇستەقىل قىلىشنى نىشان قىلغان ئىكەن.» چۈنكى، ئۇلار «ئىسلام ئەقىدىسى خىتاينىڭ دۆلەت قانۇنىدىن ئەلا»، « كومپارتىيە ھاكىمىيىتى كاپىرلارنىڭ ھۆكۈمىتى، شۇڭا ئۇنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش لازىم» دەپ قارايدىغان بولۇپ، بۇ خىل قاراشنىڭ ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى زىيىنى ھازىر بەك ئېغىر بولۇۋېتىپتۇ.

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى خىتاي ئەمەلدارلار «سۇمۇرغ تېلېۋىزىيىسى» نىڭ مۇخبىرلىرىغا ئىنكاس قىلغان ئورتاق بىر مەسىلە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىرنەچچە قېتىملىق «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن پەسكويغا چۈشكەن بولسىمۇ يىلتىزىدىن يوقىتىلمىغان، شۇنداقلا 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن يېڭىدىن يامراشقا باشلىغان دىنىي ئەسەبىيلىك ئىكەن.

پروفېسسور ما خەييۈننىڭ قارىشىچە، ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ھەممىدىن بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغىنى رايون مىقياسىدا ئىسلام دىنىغا قارىتىلغان باشقۇرۇش ئىكەن. بىز، نېمە ئۈچۈن ئىسلام دىنىي مەسىلىسىنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئەڭ نازۇك مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، بۇنىڭ بىرنەچچە تۈرلۈك سەۋەبى بار: بىرىنچىدىن، ۋاقىت جەھەتتىن قارايدىغان بولساق، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇسۇلمان مىللەتلەر نوپۇسنىڭ ئاساسىي قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان بىرنەچچە مۇسۇلمان دۆلىتى مۇستەقىل بولۇپ، ئارقا ‏-ئارقىدىن سىياسىي سەھنىگە چىقتى. شۇڭا قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇرلار دىيارىدا شۇنىڭدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا پانتۈركىزم ۋە پان ئىسلامىزمغا قارشى تەشۋىقات كۈرىشى ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى. چۈنكى دائىرىلەر ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئامىل بولۇشتەك رولىنى تونۇپ يەتكەن بولغاچقا بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى. ئىككىنچىدىن، ‹11-سېنتەبىر ۋەقەسى› دىن كېيىن ئۇيغۇرلار دىيارى بىلەن ئافغانىستاننىڭ چېگرىداش ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتقان خىتاي دائىرىلىرى ئافغانىستاندىكى بېن لادىن بەرپا قىلغان ‹ئەلقائىدە›، يەنى ‹بازا› تەشكىلاتىنىڭ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ زوراۋانلىق ئىدىيىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بازار تېپىشىدىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىپ كەلگەن ئىدى. شۇڭا ‹11-سېنتەبىر ۋەقەسى› دىن ئۇزاق ئۆتمەيلا خىتاي دائىرىلىرى ئۇشتۇمتۇتلا ئۇيغۇرلار دىيارىدىمۇ كۆپلىگەن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ھەتتا ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى› نىڭ ئالاقىدار پائالىيەتلىرىنى خەۋەر قىلىشقا باشلىدى. ئەمما بۇلار ئىلگىرى ھېچقاچان مەتبۇئات يۈزىدە ئېلان قىلىنىپ باقمىغان نەرسىلەر ئىدى. ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا قارشى جەڭ باسقۇچىغا ئۆتكەندىن كېيىنلا خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ كۈتۈلمىگەن يوسۇندا ئۆزلىرىنىڭ ‹تېررورلۇقنىڭ قۇربانلىرى بولۇپ كەلگەنلىكى› نى داۋا قىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭغا ماس ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئىسلام دىنىغا تەئەللۇق نۇرغۇن نەرسىلەرنى دىنىي ئەسەبىيلىككە باغلاشقا باشلىدى. ئۈچىنچىدىن، بۇنىڭدا تېخىمۇ مۇرەككەپ بولغان يەنە بىر ئامىل مەۋجۇت: خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىسلام دىنى ھەققىدىكى مەلۇماتلىرى ۋاسىتىلىك ھالدا غەرب ئالىملىرىنىڭ ئىسلام دىنى ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزلەشتۈرۈلگەن. مۇشۇ سەۋەبتىن غەرب ئالىملىرىنىڭ ئىسلام دىنى ھەققىدىكى بەزى قاراشلىرىمۇ خىتاي تەۋەسىدىكى ئىسلام دىنىغا دائىر سىياسەتلەردە ۋە جامائەت پىكرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. شۇڭا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق، ئوتتۇرا شەرقتىكىگە ئوخشاش زورلۇق ۋەقەلىرىنى سادىر قىلىشىدىن بەك قورقىدۇ. بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىسلام تەشكىلاتلىرى ياكى لىۋىيە، يەمەن قاتارلىق جايلاردىكى ئىسلام قوراللىق كۈچلىرىگە ئوخشاش تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدا بارلىققا كېلىشىدىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى، مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، ھازىرقى ئەھۋالدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرەلەيدىغان بىردىن-بىر مەنىۋى كۈچ دەل مۇشۇ رايوندىكى ئىسلام دىنى. شۇڭا خىتاي ھاكىمىيىتى ئىسلام دىنىنى ئۆزى ئۈچۈن بىر تۈرلۈك دۈشمەن ھېسابلاۋاتىدۇ.»

«سۇمۇرغ تېلېۋىزىيىسى» مۇخبىرلىرى زىيارەت جەريانىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومدىكى ئەھۋالدىن ئالاقىدار خادىملاردىن مۇشۇ ھەقتە ئەھۋال ئىگىلىگەندە، ئۇلار ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يۇقىرى قاتلام رەھبەرلەرنىڭ 2010-يىلىدىن باشلاپ دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ مۇشۇ خىلدىكى بىر قاتار خەۋپىنى ھېس قىلىپ يەتكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن «زامانىۋى مەدەنىيەت» نامىدىكى بىر قاتار پائالىيەتلەر ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىي ئىدىيىلەرنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرماقچى ۋە ئۇنى يوقاتماقچى بولغانلىقىنى ئېھتىيات بىلەن سۆزلەپ بەرگەن.

2012-يىلى يانۋاردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن خوتەندە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە تۇنجى قېتىم «دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 2013-يىلى ماي ئېيىدا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيىلەرنىڭ تەسىرىنى چەكلەش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 11-نومۇرلۇق ھۆججىتى» تارقىتىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەردە كۆزگە چېلىقىدىغان، ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ ھېجاپلىنىشى، دىنىي پاسوندىكى كىيىملەرنى كىيىشى، ئەرلەرنىڭ ساقال-بۇرۇت قويۇشى قاتارلىقلار دەسلەپ بولۇپ «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ رېئال تۇرمۇشتىكى ئىپادىلىرى» دىن دەپ قارالغان ۋە بۇنىڭغا قارشى «جەڭ» باشلانغان. ھەرقايسى جايلاردا بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ كۇتۇپخانىلارغا ياكى دوختۇرخانىلارغا كىرىشىگە بولمايدىغانلىقى، ئاپتوبۇسقا چىقىشىغا بولمايدىغانلىقى، ھەتتا ئىدارە-جەمئىيەتلەرنىڭ ئائىلىلىكلەر قورۇسىغا كىرىشىگىمۇ بولمايدىغانلىقى ھەققىدىكى يازما ئۇقتۇرۇشلار ھەرقايسى جايلارغا چاپلانغان.

بىز «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ تەسىرىنى يوقىتىش» دېگەن نامدا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقىنى تىلغا ئالغىنىمىزدا پروفېسسور ما خەييۈن مۇنداق دېدى: «توغرا دەيسىز. شىنجاڭدىكى بۇ ھادىسە تولىمۇ بىمەنە شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقتى. شىنجاڭدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر رەتكە تۇرغۇزۇپ چىققان رايوندىكى ئەسەبىي دىنىي ئىدىيىلەرنىڭ ئىپادىلىرىگە قارىسىڭىز ‹تاماكا چەكمەسلىك›، ‹ھاراق ئىچمەسلىك›، ‹بەلگىلەنگەن مەسچىتكە بارماسلىق› ‹پارتىيەلىك كادىرلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەسلىك› دېگەندەك ماددىلارنىڭ بارلىقىنى بايقايسىز. بۇ ئىشلارنى راستىنى دېگەندە مەن ‹دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش› دېگەن نامدا خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە نىشانىغا ماڭغانلىق دەپ چۈشىنىمەن. چۈنكى، يەرلىك ئۇيغۇرلار خىتايلارنىڭ ئاسسىمىلياتسىيەسىگە مەنسۇپ ھادىسىلەرنى قوبۇل قىلمىسا دائىرىلەر بۇنىڭ خاراكتېرىنى دەرھاللا ‹دىنىي ئەسەبىيلىك خاھىشى› دەپ بېكىتىدۇ. شۇڭا ئۇلار باياتىن سىز تىلغا ئالغان ‹قوش تىللىق ئوقۇتۇش›، ‹ھاراق-تاماكا› دېگەندەك ھادىسىلەرنى دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ بەلگىسى، دەپ چۈشىنىۋالغان، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۆلچىمىدە كىمدە كىم بۇلارنى رەت قىلسا ‹دىنىي ئەسەبىيلىك› قىلغان بولىدۇ؛ بۇلارنى قوبۇل قىلسا ‹ۋەتەنپەرۋەرلىك› بولىدۇ. دېمەك بۇنىڭدا ناھايىتى چوڭ بىر مەسىلە مەۋجۇت: بىر ئادەمنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى نورمال پائالىيىتىنى، شۇنداقلا ئەخلاق قارىشىنى مۇشۇنداق ئۆلچەم بويىچە چەكلەشكە توغرا كەلسە، ئۇ چاغدا خىتايدا ئەسەبىيلىككە ياتمايدىغان ھېچنەرسە قالمايدۇ. مەسىلەن، ئاددىي بىر مىسالنى ئالساق، غەربتىكى ھەرقانداق بىر مەملىكەتتە ئاممىۋى سورۇندا تاماكا چېكىشكە بولمايدۇ. بۇ ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى مەدەنىيەتلىك بولۇشنىڭ بىر ئۆلچىمى. ئەمدى كېلىپ مۇشۇنداق بىر ئاددىي ھادىسىنى دىنىي ئەسەبىيلىككە باغلىۋالغاندا ئۇنى ‹مەدەنىيەتلىك بولۇشقا قارشى چىققانلىق› دېمەي نېمە دەيمىز؟»

«سۇمۇرغ تېلېۋىزىيەسى» مۇخبىرلىرىمۇ زىيارەت جەريانىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدا بىر قىسىم دىنىي ئەھكاملارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دائىملىق تۇرمۇش ئادەتلىرى بىلەن چەمبەرچاس يۇغۇرۇلۇپ كەتكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال ھاياتىدىن ئايرىپ تاشلاشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بايقىغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت