«تەرجىمە قىلىش» مۇ ياكى «سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزۈش» مۇ؟
2025.02.25
يېقىنقى ئون يىل مابەينىدىكى ۋەزىيەتتىن كۆزەتكەندە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «خىتايچە زامانىۋىلىشىش» شوئارى ئاستىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپ، مەتبۇئات ۋە ھۆكۈمەت مۇئامىلىسىدە چەكلىمىگە ئۇچرىشى ئەڭ زور چېكىگە يەتتى.
ئىلگىرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى زىيالىيلار ئارىسىدا ئالقىشقا ئېرىشكەن، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش، ئىزباسارلارنىڭ، ھەۋەسكارلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن «مىراس»، «تارىم» ۋە «ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» قاتارلىق نۇرغۇن گېزىت-ژۇرناللارنىڭ بۈگۈنكى قىسمەتلىرى بىزگە مەلۇم. كىتاب رەستىلىرىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتاب-ژۇرناللار ئۈچۈن، پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەر ياكى خىتاي كومپارتىيە تەشۋىقاتىنى يايىدىغان ئەسەرلەردىن باشقىلىرىغا ئورۇن بېرىلمىدى، بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل نەشرىيات ساھەسى قىپ-قىزىل بىر ئەدەبىياتقا مەركەزلەشتى.
كىتابخانىلاردا ئىلگىرى نەشر قىلىنغان ۋە تارقىتىلغان ئەسەرلەر كۆزدىن يوقىتىلىپ، ئورنىغا خىتاي ئېيتىمىغا ماسلاشتۇرۇپ يېزىلغان «كونا ئىسىم، يېڭى مەزمۇن» دىكى كىتابلارنىڭ دەسسىتىلگەنلىكى دىققەت تارتىدۇ. ئىگىلىشىمىزچە، قايتىدىن تەرجىمە ۋە تەھرىرلەشكە ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، يېڭىدىن نەشر قىلىنغان كىتابلاردىن خىتاي كىلاسسىك ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرىدىن «سۇ بويىدا» رومانى 2024-يىل، ئاپرېل ئېيىدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن قايتا نەشر قىلىنغان.
20-ئەسىرنىڭ 60-70-يىللىرىدا پۈتكۈل خىتاي دۆلىتى تەۋەسىدە ھۆكۈم سۈرگەن سىنىپىي كۈرەش تۈپەيلىدىن، تاكى ئاتالمىش مەدەنىيەت ئىنقىلابى ئاياغلاشقۇچە، ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن سىياسىي ئۈزۈندىلەردىن باشقا ئەسەرلەرنىڭ نەشر قىلىنىشىغا يول قويۇلمىدى. «سۇ بويىدا» رومانى تىلغا ئېلىنغاندا، كىشىلەر 70-يىللارنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىنى ئەسلەيدۇ. 1976-يىلغا كەلگەندە، «سۇ بويىدا» رومانىنىڭ دەسلەپكى قىسىملىرى خىتاي تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ خەلققە سۇنۇلغان ئىدى. ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە نىسبەتەن، بۇ خۇددى قاتتىق قۇرغاقچىلىقتىن كېيىن ياققان يامغۇردەك، ئۇلارنىڭ چاڭقىغان قەلبىگە ئوزۇق بولغان ئىدى. بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەب، روماندىكى يۇقىرى تەرجىمە ماھارىتىنىڭ رولى بولۇپ، ئوقۇرمەنلەر ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھىتىگە قايىل بولاتتى، ھەتتا روماننىڭ تەرجىمە ئەسەر ئىكەنلىكىنىمۇ ئەستىن چىقىرىپ قوياتتى. ئەينى ۋاقىتتا تەرجىمە گۇرۇپپىسىغا قاتناشقانلاردىن ئەخمەت پاسار، غۇلام غۇپۇرى قاتارلىق پېشقەدەم تەرجىمانلار بار بولۇپ، كىتابنى ئوقۇغان كىشى تەرجىمانلارنىڭ قابىلىيىتىگە ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايتتى. مۇھىمى بۇ ئەسەرنىڭ تەرجىمىسىدە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تىل قانۇنىيىتى ۋە ئادىتىگە ئۇيغۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي دۇنياسىغا ماس كېلىدىغان سۆز-ئىبارىلەرنى قوللىنىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىنغانىدى. روشەنكى، تەرجىمىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى شۇكى ئەسەردىكى بىر قىسىم قەھرىمانلارنىڭ ئىسمى ۋە سۆز-ئاتالغۇلار ئۇيغۇر كىتابخانلارغا ئەڭ تونۇشلۇق بولغان ئىسلامىي ئاتالغۇلار بىلەن ئىپادىلەنگەن ئىدى. مەسىلەن، «ئىسقات بەرمەك»، «ئەزرائىل»، «شەيىخ»، «مازار»، «ئاللا ئىگەم»، «ئەۋلىيا-ئەنبىيا»، «پەرۋەردىگار»، «بەيئەت قىلماق»، «خانىقا»، «شەيتان»، «مېھراب»، «دۇئا»، «خۇدا بوي»، «ئىلاھى ھاپىز» قاتارلىق سۆز-ئىبارىلەر خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن.
ئىلگىرى بۇ روماننىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمە نۇسخىسى 1985-يىلى ۋە 2012-يىللىرى بىرقانچە قېتىم نەشر قىلىنغان. ھەر قېتىملىق نەشرىدە قايتا تەھرىرلىنىپ بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەر كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، روماننىڭ ئەسلى تەرجىمىسىدىكى سۆزلۈكلەر ساقلاپ قېلىنغان. ئۈندىدار سۇپىسىدىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، 2024-يىلدىكى يېڭى تەرجىمىسى پەقەتلا بىر قىسىمغا يىغىنچاقلانغان بولۇپ، ئېلى تۇراق ئىسىملىك مۇخبىر تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى. ئۈندىدار سۇپىسىدىكى ئىنكاسلار ئارىسىدا، بۇ روماننىڭ نېمە ئۈچۈن قايتا تەرجىمە قىلىنغانلىقى ھەققىدە مۇنازىرىلەر بولغان. مەلۇمكى، كۆپچىلىك كىشىلەر «يېڭى دەۋرنىڭ ئېھتىياجى» سەۋەبىدىن، سەزگۈر سۆز-ئىبارىلەر چىقىرىۋېتىلىپ قايتا نەشر قىلىنغان دەپ قارىغان.
يېقىنقى ۋەزىيەتتىن كۆزەتكەندە، 2017-يىلدىن 2019-يىلغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە تەخمىنەن 630 يېزا ئىسمىنىڭ ئۆچۈرۈلۈپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىياسىي ئىدېئولوگىيەسىگە ماس كېلىدىغان قىزىل مەزمۇندىكى يەر-جاي ناملىرىغا ئالماشتۇرۇلغانلىقى دەلىللەنگەن ئىدى. ئۆزگەرتىلگەن يەر ناملىرى «مازار»، «شېھىت»، «مەسچىت»، «ئىمام» قاتارلىق دىنىي، تارىخىي ياكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە باغلىق ئاتالغۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2019-يىلى خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان چەكلەنگەن سەزگۈر سۆز-ئىبارىلەر تىزىملىكىدە ئىسلام دىنىدىكى بىر قىسىم ئۇقۇم ۋە سۆزلەر تەكىتلەنگەن. گەرچە بۇ تىزىملىك پۈتكۈل خىتاي مەتبۇئات سىستېمىسىغا قارىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر رايونىدا مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تۈرلۈك «ئىچكى ھۆججەت» ۋە «ئاق تاشلىق كىتاب» لارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى بىر سىر ئەمەس.
ۋاھالەنكى، ئۇيغۇر ئېلىدە ئىجرا قىلىنىۋاتقان «سەزگۈر سۆز-ئىبارىلەر» ئۆلچىمى يالغۇز يەر-جاي ئىسىملىرىدىلا گەۋدىلىنىپ قالماستىن، بەلكى بارلىق مەتبۇئات، مائارىپ، ئاخبارات ۋە نەشر بۇيۇملىرىغىمۇ قاتتىق ئۆلچەمدە تەتبىقلانغان. سۆز-ئىبارىلەردىكى «سەزگۈرلۈك» ئۇيغۇرلارغا كەلگەندە، «سۆز» كاتېگورىيەسىدىن ھالقىپ كىشىلەرنىڭ سىياسىي ئېڭى، كومپارتىيەگە سادىقلىقى ياكى خىتاي ئېيتىمىغا ئەمەل قىلىش دەرىجىسىگە ھۆكۈم قىلىدىغان قورالغا ئايلاندۇرۇلغان. شۇنداق ئېيتالايمىزكىن، «سەزگۈر سۆز-ئىبارىلەر» ئۆلچىمى ئۇيغۇرلارنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ زەربە بېرىش ئوبېيكتىغا ئايلاندۇرۇشتىكى بىر باھانە خالاس. 2017-يىل باشلانغان «تېررورلۇق ۋە ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش» نامىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زور تۇتقۇن ۋە تەقىب ئاستىغا ئېلىش ھەرىكىتى داۋامىدا، دەرسلىك كىتابلاردا سەزگۈر سۆز-ئىبارىلەر ۋە زەھەرلىك مەزمۇنلار بايقالدى دېگەن ھۆكۈم بىلەن، مۇھەررىر ۋە مەسئۇللاردىن ساتتار ساۋۇت، يالقۇن روزى ۋە ۋاھىتجان ئوسمان قاتارلىق زىيالىيلارغا «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇندى» جىنايىتى ئارتىلىپ بىگۇناھ ھالدا تۈرمىلەرگە قامىلىپ ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىدى.
«سۇ بويىدا» رومانىنىڭ ئۆتكەن يىلى قايتا تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرۇلۇپ نەشر قىلىنىشىنىڭ ئارقىسىدا شەك-شۈبھىسىزكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولى بار دېيەلەيمىز. دەرسلىك كىتاب، گېزىت-ژۇرناللارغا قارىتىلغان كونتروللۇق ئەلۋەتتە مەزكۇر روماننىڭ ئۇيغۇر تىلدىكى نەشرىگىمۇ ئوخشاش ئىجرا قىلىنىدۇ. مەزكۇر روماننىڭ ئىسلامىي سۆز-ئىبارىلەر چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىنكى ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلماق قىيىن.
بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، «سۇ بويىدا» رومانى قايتا تەرجىمە قىلىندى دېگەندىن كۆرە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «سۈزگۈچ» ىدىن ئۆتكۈزۈلدى دېگىنىمىز تۈزۈك. تور سەھىپىلىرى ئارقىلىق سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزۈلگەن «سۇ بويىدا» رومانىدىن خەۋەر تاپقان بولساق، بۇ قاتاردا يەنە بىزگە نامەلۇم بولغان قانچىلىغان كىتاب ۋە رومانلارنىڭ خىتاينىڭ قاتمۇقات سۈزگۈچلىرىدىن، قەدەم-باسقۇچلۇق تەكشۈرۈش كونتروللۇقىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالايمىز. «سۇ بويىدا» رومانىنىڭ يېڭىدىن تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنىشى بىزگە ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ نۆۋەتتىكى قىسمىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئاسسىمىلياتسىيەسىگە يەنىمۇ يېقىنلاشقانلىقىدىن، ئۆز ئېتىقادى، مىللىي قەدرىيەتلىرىدىن يىراقلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]