ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ تەيۋەن زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خىتاينىڭ فرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لۇ شايې بۇ زىيارەتنى «نەتىجىسىز ئىغۋاگەرچىلىك» دېگەن. ئۇ يەنە «تەيۋەننى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، تەيۋەنلىكلەرنى قايتا تەربىيەلەيمىز» دېيىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويغان جازا لاگېرلىرى تۈزۈلمىسىنى تەيۋەنگە، شۇنداقلا چەت ئەللەرگىمۇ ئېكىسپورت قىلىدىغانلىقىدىن باشارەتلەر بەرگەن. خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ بۇ سۆزى غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان.
لۇ شايې فرانسىيەنىڭ BFM تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «10 يىل ئىلگىرى، 20 يىللار ئىلگىرى تەيۋەنلىكلەر بىرلىكنى قوللايتى. تەيۋەن دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ئەسەبىي تەشۋىقاتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغانلارنىڭ نىسبىتى ئۆرلەپ كەتتى. بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، بىز قايتا تەربىيەلەش ئېلىپ بارىمىز. ئىشىنىمىزكى، تەيۋەنلىكلەر شۇ چاغدا بىرلىكنى يەنە قوللايدۇ.»
مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭغا بىنائەن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويغان «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى جازا لاگېرلىرى تۈزۈلمىسىنى ئاۋال خوڭكوڭغا يۆتكەپ، ئارقىدىن تەيۋەندىمۇ ئىجرا قىلماقچى بولىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر دۇنيا ئەللىرى خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرمىغاندا، خىتاينىڭ بۇ تۈزۈلمىنى پۈتۈن دۇنياغا ئېكىسپورت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن.
خىتاينىڭ فرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لۇ شايېنىڭ بۇ پىكىرلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، تېخى ئىككى يىل ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ: «بىز ئىككىنچى شىنجاڭ بولۇپ قالمايلى» دەپ نامايىش قىلغان خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ھازىر ئۆز ئەركىنلىكىنى يوقاتقانلىقىنى، بۇ تەھدىتنىڭ نۆۋەتتە تەيۋەنلىكلەرنىڭمۇ بېشىغا كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
«ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مۇدىرى، نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بەھتىيار ئۆمەر ئەپەندى بۇ خۇسۇستا توختالغاندا، خىتاينىڭ «قايتا تەربىيەلەش» نامىدىكى جازا لاگېرلىرى تۈزۈلمىسىدىن نومۇس قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، بەلكى ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىدىغان بىر ئاڭغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇ تۈزۈلمىنى دۇنيادىكى مۇستەبىت دۆلەتلەرگە ئۆرنەك قىلىپ كۆرسىتىپ، ئاقىۋەتتە پۈتۈن دۇنياغا ئېكىسپورت قىلىش نىيىتىدە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت، خىتاينىڭ فرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لۇ شايېنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى تۈزۈلمىسىدىن پات ئارىدا ۋاز كېچىش نىيىتىدە ئەمەسلىكىنى، بۇ سۆزنىڭ خىتاينىڭ دۇنياغا زومىگەر بولۇش نىيىتىدە بولۇۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.