خىتاي ھۆكۈمىتى بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە مۇداپىئە ياردىمى بېرىش ۋە قورال-ياراق بىلەن تەمىنلەشكە مۇناسىۋەتلىك قارارلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، «ئامېرىكا ئوت بىلەن ئوينىشىۋاتىدۇ» دېگەن.
ئاقسارايدىن تارقىتىلغان ئۇچۇرغا قارىغاندا، بايدىن ھۆكۈمىتى 21-دېكابىر شەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تەيۋەنگە مۇناسىۋەتلىك 571 مىليون دوللار قىممىتىدىكى خامچوتىنى تەستىقلاپ، تەيۋەننىڭ ھەربىي كۈچى ۋە ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشتىكى بىر زور قەدەمنى تاشلىغان. بۇ خامچوت تەيۋەننى ھەربىي مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىغان ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەش، تەيۋەن ئارمىيەسىگە ھەربىي تەلىم-تەربىيە ياردىمى قىلىش قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
بايدېن ھۆكۈمىتى يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە، تەيۋەنگە 295 مىليون دوللارلىق قورال-ياراق سېتىپ بېرىش كېلىشىمىنىمۇ تەستىقلىغان.
مەزكۇر قارار خىتاينىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 22-دېكابىردىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، «ئامېرىكا ئوت بىلەن ئوينىشىۋاتىدۇ، ئۇ تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان خەتەرلىك ھەرىكىتىنى توختىتىشى كېرەك» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

ھالبۇكى، ئامېرىكادىكى تەتقىقاتچىلار بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىنى قارشى ئېلىپ، بۇنى تەيۋەن بوغۇزى تىنچلىقىنى قوغداشتىكى مۇھىم قەدەم، دەپ باھالىماقتا. ئامېرىكا راند تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور رايموند كو رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى:
«بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان ھەربىي ياردەم ھەقىقەتەنمۇ زور، بۇ ناھايىتى ياخشى بىر ئىش. ئۇ رايون بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. ئەلۋەتتە، خىتاي بۇنىڭدىن خۇشال بولمايدۇ، ئۇ دائىم مۇشۇنداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ. خىتاي تەيۋەنگە تەھدىت سالمىغان بولسا، تەيۋەنمۇ ئۆزىنى قوراللاندۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولمىغان بولاتتى.»
«فوكس» خەۋەرلەر تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارلىرى خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ پاراخوت ۋە ھەربىي ئايروپىلانلىرىنى تەيۋەن بوغۇزى ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بولغان ئەندىشىلىرىنى تىلغا ئالغان ئىدى. ئۇلار خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ رايون ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرىدىغانلىقى ۋە ئاقىۋەتتە ئۇرۇشقا سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، شۇ چاغدا خىتاي تەيۋەن بوغۇزى ئەتراپىغا ئونغا يېقىن پاراخوت ۋە 47 ھەربىي ئايروپىلان ئەۋەتكەن ئىكەن.
ئامېرىكادىكى خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى دوكتور ئاندېرس كورنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا خىتاينىڭ بۇنداق ئىغۋاگەرلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىمەن دېسە، تەيۋەننىڭ قورال كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشى كېرەككەن. ئۇ ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتكەن جاۋابىدا مۇنداق دېگەن:
«ئامېرىكانىڭ تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي سودىنى كۈچەيتىشى، كۈچ-قۇدرەت ئارقىلىق تىنچلىقنى بەرپا قىلىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇ خىتاينى توسۇپ قالىدۇ. خىتاي، بىزنىڭ تەيۋەنگە باشپاناھ بولۇشتىن ۋاز كېچىشىمىزنى ساقلاپ تۇرۇۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇ شۇندىلا تەيۋەنگە ھۇجۇم قوزغىيالايدۇ. ئەگەر بىز تەيۋەننىڭ ھەربىي كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرالىساق، خىتاي ئۇنداق قىلالمايدۇ. ئامېرىكا تەيۋەننى خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىقىدىن قوغداشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى سۈپىتىدە ئۇنى يادرو تېخنىكىسىغا ئىگە قىلىشنى ئويلىشىپ بېقىشى كېرەك.»
مەلۇم بولۇشىچە، بايدىن ھۆكۈمىتى تېخى بۇ يىل 9-ئايدىلا تەيۋەننىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال ۋە تەربىيەلەش تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 567 مىليون دوللارلىق قوشۇمچە راسخوتنى تەستىقلىغان ئىدى. ئارىدىن 4 ئاي ئۆتمەيلا بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە شۇنىڭغا ئوخشاپ قالىدىغان 571 مىليون دوللار قىممىتىدىكى قوشۇمچە راسخوتنى تەستىقلىشى، ئامېرىكانىڭ رايون بىخەتەرلىكى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنىڭ زورىيىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىپ بېرىدىكەن. دوكتور رايموند كو بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئون يىلدىن بۇيان تەيۋەن بوغۇزىدىكى ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىپ كەلدى. ئۇ بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىدۇ. مېنىڭچە، ئامېرىكا قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئىش ئۆزى بېكىتكەن سىياسەتلەردە چىڭ تۇرۇشتۇر، يەنى ئۇ بولسىمۇ تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچ ۋە بىخەتەر بولۇشى ئامېرىكاغا پايدىلىق، دېگەن كۆز قاراشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت. رايوندا تىنچلىقنى ئورنىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى تەيۋەننى ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن كېرەكلىك قوراللار بىلەن تەمىنلەش بولۇشى مۇمكىن. مەن شەخسەن تەيۋەننىڭ ئۆزىنى ئۆزى قوغدىيالايدىغان ھالەتكە يەتكەندە، ئامېرىكانىڭ تەيۋەننى مۇداپىئە قىلىش مەسىلىسىدە ئىستراتېگىيەلىك ئېنىقلىق ھالىتىگە يۆتكىلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن.»
مەلۇم بولۇشىچە، تەيۋەن دائىرىلىرى بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىملىق ئىككى ھەربىي ياردەم كېلىشىمىنى تەستىقلىشىنى قارشى ئالغان بولۇپ، ئۇلار بۇنى تەيۋەننىڭ مۇداپىئەسىگە بەرگەن ۋەدىسىگە بولغان ساداقىتىنىڭ ئىپادىسى، دەپ باھالىغان. تەيۋەن تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى X دىكى باياناتىدا «بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ‹تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرى قانۇنى› (TaiwanRelationsAct) ۋە ‹ئالتە بىخەتەرلىك كاپالىتى پىرىنسىپى› (SixAssurances) گە ئاساسەن مۇداپىئە ئىشلىرىمىزغا بەرگەن ۋەدىسىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىغانلىقىنى قارشى ئالىمىز. تەيۋەن ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئاشۇرۇش ۋە ئىككى تەرەپلىك بىخەتەرلىك ئالاقىسىنى داۋاملىق كۈچەيتىش ئارقىلىق، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقىنى قوغدايدۇ» دەپ يازغان.