ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇنبەت تۇپراق، جۇغراپىيەلىك ئۈستۈنلۈك ۋە ئالاھىدە ھاۋا كىلىماتى بۇ زېمىننى مول ۋە ئۆزگىچە دورا ئۆسۈملۈكلەر مەنبەسىگە ئايلاندۇرغان. بۇ خىل ئالاھىدىلىك -ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرىنى ئۆزىگە خاس كىلىنىكىلىق ئۈنۈم ۋە خاسلىققا ئىگە قىلىپ دۇنيا تېببىي ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلگەن ئىدى. ھالبۇكى، دورا ئۆسۈملۈك يېتىشتۈرۈش ساھەسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلكىگە ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ «تويماس نەپسى»نى قاندۇرۇش ئۈچۈن تالان-تاراج قىلىنىۋاتقانلىقى يىللار ئاۋۋاللا ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.
2-ئاۋغۇست «تەڭرىتاغ تورى» دا «قەشقەردە بىئو-تېبابەت دورىگەرلىك كەسپى ئۇچقاندەك راۋاجلانماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلىنغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى بەييۈنشەن تېرىلغۇ بازىسىدىكى دېھقانلار بۇ يىل 60 مىڭ مو يەرگە ئوسما يىلتىزى(خىتايچە ئىسمى «بەنلەنگېن»)، ئارپا بەدىيان، توشقان زەردىكى، سەبدە گۈلى ۋە جىغان قاتارلىق دورا ئۆسۈملۈكلىرى تېرىشقا تەشكىللەنگەن. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر تېرىلغۇ بازىسىنىڭ قۇرغۇچىسى «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» يولى بىلەن سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشتىكى يېتەكچى كارخانىلاردىن بىرى بولغان گۇاڭجۇ دورىگەرلىكى گۇرۇھى ئىكەن. مەزكۇر شىركەتنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى چېڭ يوڭخوڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىركەتنىڭ بۇ يىللىق نىشانى ئوسما يىلتىزى تېرىلغۇ كۆلىمىنى 12 مىڭ موغا كېڭەيتىش ۋە ئوسما يىلتىزىنىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارىنى تۆت مىڭ توننىغا يەتكۈزۈش ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، زۇكامغا قارشى تۇرۇش ، بولۇپمۇ دۇنيا خاراكتېرلىك كورونا ۋىرۇسىنى داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىشتا، خىتايدا ئىشلەنگەن تەركىبىدە ئوسما يىلتىزى بولغان «زۇكام جەۋھىرى» ئالاھىدە دورىلىق قىممىتىنى كۆرسەتكەن. يېقىنقى يىللاردا خىتاي ئۆلكىلىرىدە بۇ خىل ئۆسۈملۈككە بولغان ئېھتىياج شىددەت بىلەن ئېشىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، خىتايدىكى تېرىلغۇ كۆلىمى بازار ئېھتىياجىنىڭ ئاران 10 پىرسەنتىنىلا قامدىيالايدىكەن. شۇڭا ئاھالىسى شالاڭ، يېرى كەڭ ئۇيغۇر دىيارى نىشانلىق ھالدا «زۇكام جەۋھىرى» نىڭ خام ئەشياسى بولغان ئوسما يىلتىزى يېتىشتۈرۈش بازىسىغا ئايلاندۇرۇلغان.
تۈرلۈك ئۇچۇر يوللىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر مىللىي تېبابەتچىلىكىدە دورىلىق ئۆسۈملۈك ھېسابلىنىدىغان ئوسما يىلتىزى، چۈچۈك بۇيا، توشقان زەردىكى، جىغان ۋە ئالقاتقا ئوخشاش بىر قىسىم ئۇيغۇر تېبابىتى دورا ئۆسۈملۈكلىرى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى دورا زاۋۇتلىرىنى خام ئەشيا بىلەن تەمىنلىمەكتە ئىكەن. مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردىن ئالغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، چوڭ تىپتىكى دورا شىركەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2020-يىلى يولغا قويغان «جۇڭگوچە دورا ئۆسۈملۈكلىرى ماتېرىياللىرىنى غەربكە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك» دېگەن ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئۇيغۇر دىيارىدا دورا ئۆسۈملۈكى يېتىشتۈرۈش دولقۇنى قوزغاپ، ئۇيغۇر دىيارىنى خىتاينىڭ غەربىدىكى «خىتاي تېبابىتى ئۆسۈملۈكلىرى ماكانى» غا ئايلاندۇرماقچى بولغان.
كۆزىتىشىمىزچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇستەملىكىسىنىڭ ھەربىي ھاكىمىيەت قورغىنى بولغان ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىك زاۋۇتلىرىنى قوشۇۋالغان. يەنە دورا ئۆسۈملۈكلىرى يېتىشتۈرۈش ساھەسىنى غەنىيمەت پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئەڭ چوڭ دورا ئۆسۈملۈكلىرى مەركىزىي بازىسىغا ئايلانغان. نۆۋەتتە بىڭتۈەنگە قاراشلىق 14 شەھەر-مەركەزنىڭ ئىچىدە ھەممىسىدە دېگۈدەك دورا ئۆسۈملۈكلىرى يېتىشتۈرۈلۈۋاتقان بولۇپ، بۇ بىڭتۈەننىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى يېڭى بىر چىقىش يولى بولۇپ قالغان.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى دورا شىركەتلىرىنىڭ خاراكتېرى ئاساسەن خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى دورا شىركەتلىرى بىلەن شېرىكلەشكەن ياكى ھەسسىدارلىق شىركەتلىرىدىن تەركىب تاپقان. مەسىلەن، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەڭ چوڭ دورا شىركەتلىرىدىن بولغان «شىنجاڭ دورىگەرلىك ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» مۇ ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسى بىلەن خىتاينىڭ ۋۇخەن رېنفۇ دورىگەرلىك پايچەك شىركىتىنىڭ ئورتاق مەبلەغ سېلىشى بىلەن قۇرۇلغان. يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلارنى ئىنچىكىلىك تەھلىل قىلىدىغان بولساق، ئۇيغۇر دىيارىدا يېتىشتۈرۈلگەن دورا ئۆسۈملۈكلىرىدىن پەۋقۇلئاددە زور پايدىغا ئېرىشىۋاتقانلار خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى شىركەتلەردۇر. شۇنداق يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇر دورىگەرچىلىكى شىركەتلىرى ئاللىبۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مونوپول قىلىنىپ يۇتۇۋېلىنغان ياكى ئىگىلىۋېلىنغان.
بۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇر دېھقانلىرى تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپتىن تارتىۋېلىنىشى، مەھسۇلاتلارنىڭ ھۆكۈمەت بەلگىلەپ بەرگەن خىتاي زاۋۇتلىرىغا مەجبۇرىي سېتىلىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۇرت ماكانلىرىدىن ھەيدىلىش، نامراتلىق-بېقىندىلىق ئىچىدە قالدۇرۇلۇشقا ئوخشاش قىسمەتلەرگە دۇچار بولدى.
ئەجەبا، خىتايدىكى گىگانت دورا شىركەتلىرى ياكى گۇرۇھلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك ئۆسۈملۈك ياكى ھايۋاناتلار خام ئەشيا قىلىنغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغىنىدا، ئەنئەنىۋى تېبابەت مىراسلىرى بولغان رېتسېپ-رىسالىلەرنىڭ پاتېنت ھوقۇقىغا ئېتىبار بەردىمۇ-يوق؟ «پاتېنت ھوقۇقى قانۇنى» ۋە «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش قانۇنى» دا، «ئەنئەنىۋى داۋالاش ئۇسۇلى، تېخنىكىسى ۋە تېبابەت رېتسېپلىرىنىڭ ھەممىسى يۈرۈشلەشكەن مېخانىزم ۋە تەرەققىيات ئەندىزىسى ئاستىدا ئومۇميۈزلۈك قوغدىلىشى كېرەك» دەپ كۆرسىتىلگەن. ۋاھالەنكى، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ساھەسىدە ئەنئەنىۋى رېتسېپلارنى قوغداش ياكى ئالاقىدار ھالقىلار كاپالەتكە ئىگە قىلىنماسلىق، يەرلىك رېتسېپلارغا چاڭ سېلىپ، ساختا، سۈپەتسىز مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ۋە ياكى تىجارەت رەسمىيەتلىرى چەكلىمىگە ئۇچراش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆپلەپ ساقلانماقتا.
ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىممەتلىك مىراس ھېسابلانغان ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىگە ئېتىبار بەرمەسلىكى ھەمدە قانۇنىي ماددىلارغا ئەمەل قىلماسلىقى سەۋەبىدىن بۇ ساھەنىڭ قانۇنلۇق ھەقدارلىرى ۋە ۋارىسلىرى ھېسابلانغان كىشىلەر تۈرلۈك خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە. ئۇيغۇر تېۋىپلار خىتايچە تىل سەۋىيەسى ئۆلچىمىگە يەتمىگەنلىكى سەۋەبىدىن تىجارەت كىنىشكىسى بېرىلمەي ئىشسىز قالدۇرۇلۇش، سەرخىل- تۆھپىكارلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ياكى ماركا ھوقۇقى، تىجارەتلىرىنىڭ تارتىۋېلىنىشى قاتارلىق ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولماقتا.
ئاشكارا مەلۇماتلاردا «دورا شىركەتلىرىنىڭ تەرەققىيات نىشانى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» دەپ كۆرسىتىلگەن. ئۇنداقتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تاۋارلاشتۇرۇش مەقسىتى راستتىنلا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىگە تۆھپە قوشۇش ياكى ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈنمۇ؟
شەك-شۈبھىسىزكى، خىتايلار بۇ خىل ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش-تەمىنلەش زەنجىرىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ» كە ئايلاندۇرۇۋالغان. ھالبۇكى، خىتاي شىركەتلىرى پەقەتلا ئۆز پايدىسىنى كۆزلەيدۇ، ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئۇلار ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس.
خىتاي دورىگەرچىلىك گۇرۇھلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى دورا ئۆسۈملۈكلىرى بازىلىرىنى كونترول قىلىشى ۋە ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىك شىركەتلىرىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈش قاتارلىق قىلمىشلىرى يالغۇز ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە چېتىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ساھەسىنى ھالاكەت گىردابىغا ئىتتەرمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا يېتىشتۈرۈلگەن دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى «جۇڭيىچە داۋالاش» دورىگەرلىك ساھەسىگە قوللىنىشتىن باشقا يەنە يېمەكلىك، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ۋە تېرە ئاسراش-گىرىم بۇيۇملىرى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كەسپى ساھەسىنى ئېچىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا زور كۈچ سەرپ قىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چوڭ تىپتىكى كارخانىلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئۇيغۇر دىيارىدىن چىقىدىغان ئۈستقۇددۇس، قىزىلگۈل، ئوسما ۋە يېلىمغا ئوخشاش بىر قىسىم تەبىئىي ۋە ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى خام ئەشيا قىلغان مەھسۇلاتلارغا داۋاملىق تۈردە زور مىقداردا مەبلەغ ۋە تېخنىكا ئاجراتقانلىقى مەلۇم. بۇ سەۋەبتىن خىتاي ئىشلەمچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش قەدىمى يەنىمۇ تېزلەشكەنلىكىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس، ئەلۋەتتە. خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەرلىك دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى خىتاي تېبابىتى دورىگەرلىكى ئۈچۈن قوللىنىشى، ئەمما ئۇيغۇر تېبابىتىنى ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىتىش قىلمىشىنى «ھەسەن ئاكام ئاچچىق، ئامۇتى تاتلىق» دېگەن ماقال-تەمسىلگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن.
ئىلگىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان مۇستەملىكە سىياسىتى ھەققىدە ئىزدەنگەن تەتقىقاتچى دەررېن بايلېر (Darren Byler ) خىتاي ھاكىمىيەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى غايەت زور مەھرۇملۇقنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۇشى، ئارىدىن پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلغان دەپ ئىزاھلىغان ئىدى.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر دورىگەرچىلىكىگە، كەڭ مەنىدىن ئالغاندا ئۇيغۇر مىللىي تېبابەتچىلىكىگە ئوخشاش غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەسلى قىياپىتى ۋە ئىزچىللىقىنى ساقلاپ قېلىشقا توسالغۇلۇق قىلماقتا. خىتاي تېبابەتچىلىكى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان پەلسەپە ۋە مەلۇم دىنىي قاراشلار ئۈستىگە قۇرۇلغان ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى نۆۋەتتە كۈچلۈك بازارلىشىش ۋە چەتكە قېقىلىش سىناقلىرىنى باشتىن كەچۈرمەكتە.
***
بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەت ئاپتورنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.