خىتاي بىلەن تالىباننىڭ بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

0:00 / 0:00

ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشىگە ئەگىشىپ، خىتاي دەرھال تالىبانلار كونتروللۇقىدىكى ئافغانىستانغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا ئىكەن. تالىباننىڭ سىياسىي رەھبىرى موللا ئابدۇلغەنى بۇرادەر 28-ئىيۇل كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن تيەنجىندە كۆرۈشكەن. بۇ كۆرۈشۈشتە ۋاڭ يى ئامېرىكانىڭ ئافغانىستان سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى تىلغان ئالغان ھەمدە خىتاينىڭ بۇ رايوندا ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىكنى ساقلاش جەھەتتە چوڭ رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ ئۇ يەنە تالىبانلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن ئۇزاق تۇرۇشقا، ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە چاقىرغان. بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن ۋاڭ يى تيەنجىندە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋىندى شېرمان بىلەن كۆرۈشكەندە ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كەسكىن مۇنازىرىلەشكەنىدى.

تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكانىڭ بۇ دۆلەتتىكى تىنچلىقنى ساقلاش تىرىشچانلىقى ئۈنۈم بەرمىگەندىن كېيىن، خىتاي ئامېرىكادىن بوش قالغان بۇ دۆلەتكە باش بولۇشقا ئۇرۇنۇۋېتىپتۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ئافغانىستانغىمۇ «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانى بويىچە مەبلەغ سېلىپ، ئۇنىمۇ پاكىستانغا ئوخشاش بېقىندى دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشماقتىكەن.

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ كەلگۈسىدە تالىبان ياكى كابۇل ھۆكۈمىتى بولسۇن، قايسى كۈچنىڭ ئافغانىستاننىڭ بېشىغا كېلىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ دۆلەتنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئېلىپ كىرىشكە ۋە ئىقتىساد ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رويترېس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بۇ قېتىم تالىبان ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، تالىباننىڭ ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقىنى ساقلاشتا ۋە بۇ دۆلەتنى قايتا قۇرۇپ چىقىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ تالىباننى مۇھىم سىياسىي كۈچ سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىشى ۋە كۆككە كۆتۈرۈشىگە باھا بېرىپ: «خىتاينىڭ تالىباننى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىشى كوممۇنسىت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭمۇ تالىباندەك تېررورىست ۋە قارا جەمئىيەت گۇرۇھى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىدۇ» دېدى.

ئامېرىكا Rand سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى سكوت ھارولد (Scott Harold) ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ قېتىم تالىباننى تەكلىپ قىلىپ كۆرۈشۈشتىكى بىر مۇھىم مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ بىلىشىمچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىلا تالىبان بىلەن ئۇچرىشىشقا باشلىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى تالىباننى مەلۇم جەھەتتىن تەھدىت شەكىللەندۈرۈش ئېھتىماللىقى بولغان، ئەمما خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشقا قايىل قىلغىلى بولىدىغان بىر كۈچ دەپ قاراپ كەلدى. بۇنىڭدىن بىز، تالىبان مەلۇم ساھەدە خىتاينىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە دىققەت قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىدۇ، دەپ قارىساق بولىدۇ. مېنىڭچە ئەڭ مۇھىم بولغىنى، تالىباننىڭ گەرچە مۇسۇلمانلىق ئوبرازى بولسىمۇ، خىتاي ئۇنى ئۇيغۇرلارغا قارشى قوللىنىشنى ئۈمىد قىلىدۇ».

ئۇ يەنە ئافغانىستاندا ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتقاندەك «تېررورچى ئۇيغۇرلار» نىڭ بار-يوقلۇقى ۋە سانى نامەلۇم بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى تەھدىت، «يوشۇرۇن تېررورىست» دەپ قارىلاشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەتتا تېررورلۇق تەشكىلاتى ياساپ چىقىپ، تالىبانغا ۋەزىپە بېرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئەگەر تالىبانلار ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ قالسا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلار بىلەن ئاكتىپ ھەمكارلىشىدۇ. خىتاي بىلەن تالىباننىڭ ئامېرىكىغا بولغان ئۆچمەنلىكى ۋە دۈشمەنلىكى تولىمۇ ئوخشايدۇ. ئۇلار ئامېرىكا تەشەببۇس قىلىۋاتقان دېموكراتىك، ئەركىن سىياسەت ۋە قىممەت قاراشلىرىغا دۈشمەنلىك قىلىدۇ. ناھايىتى روشەنكى ئۇلار پاكىستان ئىستىخبارات ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىدۇ. تالىبانلار ئېتىقادقا ئەمەس، سىياسىي مەنپەئەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. يەنى ئۇلار مۇسۇلماندەك كۆرۈنگەندەك بىلەن ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەممىنى قىلىدۇ. ئەپيۈن تېرىپ زەھەر ساتىدۇ، بومبا قويۇپ بىگۇناھ جانلارنى ئۆلتۈرىدۇ. شۇڭا مەنچە، ئۇلار دىنسىز خىتاي كوممۇنىستلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشتىمۇ ھېچقانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىمايدۇ. قارىماققا دىنغا سادىق كۆرۈنگەن بۇ ئەسەبىي كۈچلەر بىلەن دىنغا ئىشەنمەيدىغان قىزىل كوممۇنىستلارنىڭ نىشانى بىر، مەقسىتى بىر، ھەممىسىلا ھوقۇققا، مەنپەئەتكە چوقۇنىدۇ».

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېندىن تالىباننىڭ بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتىگە بولغان كۆز قارىشى سورالغاندا ئۇ: «ئەگەر خىتاي ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشنى تۈگىتىپ، تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولسا بۇ بىر ئىجابىي ئىش. ئەمما ھېچكىم تالىباننىڭ قوراللىق كۈچ بىلەن ئۇ زېمىننى كونترول قىلىپ، قەبىلىۋى ئىسلام دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە قىزىقمايدۇ» دېگەن.

يەنە بىر جەھەتتىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ كۈچەيگەن تالىباننىڭ ئۇيغۇر رايونى چېگراسىغا تۇتىشىپ قالغان خەتەرلىك كۈچ ئىكەنلىكىنىمۇ ئويلاشقان بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق تەقىب ئاستىغا ئېلىشى مۇمكىن ئىكەن. خىتاي بىلەن ئافغانىستاننىڭ بىۋاسىتە تۇتىشىدىغان چېگراسى 76 كىلومېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ئوتتۇرىدا ئېگىز تاغ-داۋان توسۇپ تۇرغان ۋە ھېچقانداق يول يوق بولۇشىغا قارىماي خىتاي يەنىلا چېگرا بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەيدىكەن ھەمدە ئافغانىستان تۇپرىقىنىڭ «ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلەر» گە پۇرسەت يارىتىپ بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» دە چىققان بىر ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى تالىبان ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇلاردىن «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى» بىلەن بارلىق ئالاقىسىنى ئۈزۈشنى ۋە بۇ تەشكىلاتنى باستۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ: «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە زەربە بېرىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسى» دېگەن. تالىبان تەرەپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرى» مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى پەملىگەنلىكى ئۈچۈن، ھەر قانداق قوشۇننىڭ ئافغانىستان تۇپرىقىدىن پايدىلىنىپ خىتايغا تەھدىت پەيدا قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ تالىباننىڭ قولىدا تەربىيەلىنىپ، خىتايغا قايتىپ ئۆچ ئېلىش ھۇجۇمى قوزغايدىغانلىقى ھەققىدە قىسمەن پاكىتلارنى پەيدا قىلىپ، چەت ئەلدىكى رادىكال ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ خەتىرىنى مەقسەتلىك ھالدا كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلغان، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى دېگەندەك تەشكىلاتلارنى ئويدۇرۇپ چىقارغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى تېررورىزمغا باغلاپ قاتتىق باستۇرۇشقا باھانە تاپقان.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ قېتىم تالىبان بىلەن ئۇچرىشىشىدىكى ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى قايتا كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۇيغۇرلارنى تېررورىزمىغا باغلاش ئارقىلىق ئۇلارغا داۋاملىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2019-يىلىمۇ تالىبان ئۆمىكىنى كۈتۈۋالغانىدى، ئەمما كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خېلى بۇرۇنلا پاكىستان ئارقىلىق ئۇلار بىلەن ئالاقە باغلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسى ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن ئىسلام ئەسلىيەتچىلىكىنى ئاساس قىلغان تالىبان بىلەن قىلچە ئورتاقلىققا ئىگە ئەمەس، ئەمما مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي بىلەن تالىباننى بىر يەرگە ئېلىپ كەلگەن نەرسە ئەمەلىي مەنپەئەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد ۋە رايونلار ئارا سىياسەت جەھەتتە بىر-بىرىگە ئېھتىياجى بارلىقىنى، ئەگەر تالىبان ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ قالسا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە مۈجمەل سىياسەت يۈرگۈزۈشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تالىبان ھازىر ئافغانىستاننىڭ ئون نەچچە ۋىلايىتىنى ئىگىلەپ، چېگرا رايونلارغا كېلىپ توختىغان؛ ئافغانىستان ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئۇرۇش قىلمايلا چېكىنىپ، يېزىلارنى تاشلاپ چىققان ۋە كابۇل قاتارلىق بىر قانچە چوڭ شەھەرگە قاپسىلىپ قالغان. تالىبان كۈچلىرى ئىزچىل ھالدا خىتاينى ئۆزلىرىگە مەبلەغ سالغۇچى، ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۆلىگۈچى دەپ قارايدىكەن. ھالبۇكى، خىتاينىڭ تالىبانغا بولغان قارىشى مۇرەككەپ بولۇپ، بىر جەھەتتىن تالىبانغا ياردەم قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنسا، بىر جەھەتتىن ئۇلارنىڭ دىنىي ئەقىدىسىدىن ئەنسىرەيدىكەن ۋە ئاتالمىش «ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىرى» گە ياردەم قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلمەيدىكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى نۆۋەتتە خىتاينىڭ تالىباننى يېڭىپ چىقىدۇ دېگەن ئىشەنچ بىلەن ئۇنىڭغا دو تىكىۋاتقانلىقىنى، ئەمما تالىباننىڭ ئافغانىستاننى پۈتۈنلەي ئىگىلىشىنىڭ ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى، ئامېرىكانىڭمۇ ئۇنىڭغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.