«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «خىتاي ئافغانىستان ۋەزىيىتىگە ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك» بىر ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئافغانىستان مەسىلىسىدە خىتاي «ئامېرىكا مەغلۇب بولدى، ئافغانىستان بىزگە ئوڭچە قالدى» دەپ ئالدىراپ خۇشال بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىكەن. تالىباننىڭ ئافغانىستاننى ئىگىلىشى ئامېرىكانىڭ ئابرۇيى ۋە بۇ رايوندىكى تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرغاندەك قىلغان بىلەن، يەنە يېڭى گىئو-سىياسىي خەتەر ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشچە، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ھازىر بۇنى ھېس قىلىشقا باشلىغان. ئامېرىكانىڭ ھەر قانداق ھەربىي تەۋەككۈلچىلىكى ۋە رايون ئۈستۈنلۈكىنى تەنقىدلەش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەي كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم ئافغانىستان مەسىلىسىدە باشقىچە گەپ قىلىپ: «ئامېرىكا ئافغانىستاندىكى 20 يىللىق ئۇرۇشنى ئالدىراپ-تېنەپ ئاخىرلاشتۇرغىنىدىن جاۋابكار بولۇشى كېرەك» دېگەن. خىتاي گەرچە بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش قارارىغا ئىنكاس بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، خىتاينىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ گېپىگە قارىغاندا، ئۇلار ئافغانىستاندا يامراپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان خەتەرلىك ئامىللارنىڭ ھەممىسىنى ئامېرىكاغا ئارتىپ قويماقچى بولغان. خىتاي دۆلەت خەپسىزلىكى مىنىستېرلىقىغا قارايدىغان «خىتاي خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات ئورنى» دىكى بىر خىتاي ئانالىزچى «بىز بىر قالايمىقان دۆلەتنىڭ بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا تېررورلۇقنىڭ ئۇۋىسى بولۇپ قېلىشىنى خالىمايمىز،» دېگەن.
گوردون چاڭ ئەپەندى خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى ئەندىشىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇپ بەرگىنىدىن خۇشال ئىدى، ئەمدىلىكتە بولسا ئامېرىكانىڭ تۇيۇقسىز ئەسكەر چېكىندۈرۈشىدىن كېلىپ چىققان مالىمانچىلىقتىن ئەنسىرەشكە باشلىدى. تالىبان كۈچلىرى ئافغانىستاننى تولۇق تىنجىتىشتىن ئىلگىرى خىتاينىڭ سىياسەت بەلگىلىگۈچىلىرى ھەر ۋاقىت ھۇشيار تۇرۇشقا مەجبۇر. مېنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تالىبان ئىسلام ئەمىرلىكىنىڭ ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىشىدىن ئەنسىرىمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار تالىباننى ئاللىقاچان سېتىۋالدى. بۇ يېڭى ھاكىمىيەت گۇرۇھى پۇل ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنى خىتايلارغا سېتىپ بېرىدۇ».
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، 7-ئاينىڭ 14-كۈنى پاكىستاندا يۈز بەرگەن پارتىلاشتا 9 خىتاي ئىشچىنىڭ ئۆلۈشى خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە بولغان ئەندىشىسىنى پەيدا قىلغان. خىتاي بۇنى «ئافغانىستاندىكى قوراللىق كۈچلەر پەيدا قىلغان تېررورلۇق ۋەقەسى» دېگەن بولسىمۇ، پاكىستان بۇنى «كۈتۈلمىگەن ۋەقە» دېگەن. ھالبۇكى، پاكىستاندا ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە بولۇۋالغان خىتاي، بۇ رايوندا كۈندىن كۈنگە كۈچىيىۋاتقان خىتاي ئۆچمەنلىكىنىڭ نىشانىغا ئايلانغانلىقىنى سەزگەن. خىتاي يەنە نۆۋەتتە تالىبانلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن ئافغانىستاندىكى قالايمىقانچىلىقنىڭ پاكىستان، تاجىكىستان، قازاقىستان ۋە باشقا قوشنا دۆلەتلەرگە يامراپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشى خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ زومىگەرلىك قىلمىشىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بولۇپ، ئامېرىكا بۇ دۆلەتتىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئۇ يەردىكى قالايمىقانچىلىقنى تۈزەش ۋە رايون بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىتاي بىلەن رۇسىيەگە قالىدىكەن.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 16-ئاۋغۇست كۈنى ئاقسارايدا ئافغانىستان ۋەزىيىتى توغرۇلۇق قىلغان سۆزىدە «بىزنىڭ ھەقىقىي رەقىبىمىز خىتاي بىلەن رۇسىيە، ئەگەر ئامېرىكا ئافغانىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن نەچچە ئون مىليارد دوللارنى توختىماي سەرپ قىلىۋەرسە، ئۇلار (خىتاي بىلەن رۇسىيە) ناھايىتى خۇشال بولىدۇ،» دېگەن.
«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بۇ ماقالىدە خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئانالىزچىلارنىڭ بۇ ھەقتە ئېيتقان سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، گېرمانىيە مارشال فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى سىمور «ئامېرىكا ھەر قېتىم خىتايغا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگەندە دائىم بىر توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. 20 يىلدىن بېرى ئارقىمۇ-ئارقا يۈز بەرگەن كىرزىىسلار خىتايغا نۇرغۇن پۇرسەت يارىتىپ بەردى. ئافغانىستان مەسىلىسى ئىزچىل ھالدا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ كۈچىنى خورىتىپ كېلىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلە ئىدى،» دېگەن. سېئول يونسېي ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى جون دېلۇرى مۇنداق دېگەن: «خىتاي بۇ ئىشتىن خۇشال بولماي، بەلكى ئەندىشىگە چۈشۈشى كېرەك. ئامېرىكا ئاخىر ھېچكىمنى رازى قىلالمايدىغان ۋە غەلىبە قىلالمايدىغان بۇ جەڭدىن قۇتۇلدى؛ ئافغانىستاندىكى ئارتۇق ھەربىي چىقىمنى تۈگىتىپ، دىققەت نەزەرىنى خىتاي بىلەن بولىدىغان ئۇزاق مۇددەتلىك رىقابەتكە مەركەزلەشتۈردى.»
2001-يىلدىكى «11-سىنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن ئامېرىكا تالىباننى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن خىتاينىڭ قوللىشىغا مۇھتاج بولغانلىقتىن ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن، ئەمما ئامېرىكا ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا بۇ تەشكىلاتنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلىپ، تېررورلۇق تىزىملىكىدىن چىقىرىپ تاشلىغانىدى. ئەمما خىتاي بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ كەلگەن ھەمدە بۇ تەشكىلاتنى يوقتىن بار قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن. ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا باغلاپ داۋاملىق باستۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشكە سەۋەب كۆرسىتىش ئىكەن.
«ئامېرىكا ئاۋازى» تورىنىڭ 18-ئاۋغۇست بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى تالىبان ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلىش ئۈچۈن بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» گە زەربە بېرىشىنى شەرت قىلغان. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 18-ئاۋغۇست ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: «بىز تالىباننىڭ ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل تېررورلۇق كۈچلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىشىنى، ھەر قانداق كۈچنىڭ ئافغانىستان تۇپرىقىدىن پايدىلىنىپ بىخەتەرلىكىمىزگە تەھدىت سېلىشىغا يول قويمايدىغانلىقى ھەققىدىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».
گوردون چاڭ ئەپەندى خىتاينىڭ مەزكۇر تەشكىلاتنى ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىش ئۈچۈن ئويلاپ تاپقان بىردىنبىر كۈچلۈك باھانىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى تېخى بۈگۈنگىچە جازاغا ئۇچرىمىدى. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى گەرچە ھازىر مەۋجۇت بولمىسىمۇ، خىتاي بۇنى بار دەپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق دۇنيانى، ھېچ بولمىغاندا خىتاي خەلقىنى قايىل قىلماقچى. خىتاي ئەمەلدارلىرى ھەر زامان ئۆزىنىڭ قورقۇنچلۇق قىلمىشلىرىنى يوللۇق كۆرسىتىشكە خۇشتار».
خىتاي «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇپ، تالىباننىڭ قولىغا ئۆتۈشى خىتاي ئۈچۈن زور ۋەقە بولۇپ، تالىباننىڭ غەلىبىسى ئەگەر بۇ رايوندىكى مۇقىمسىزلىقنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتسە، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانى بەلكىم بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدىكەن. بۇ پىلان مەزكۇر رايوندىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ۋە بىۋاسىتە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشقا چېتىلىدىغان بولۇپ، ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش ۋە قالايمىقانچىلىق سەۋەبىدىن بۇ پىلاننىڭ كۆپ قىسمى ئافغانىستاندىن ساقىت قىلىنغان. ھالبۇكى، خىتاينىڭ بۇ پىلان بويىچە پاكىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستانغا سالغان مەبلىغى تالىبان ئىسلام ئەمىرلىكىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئېنىقسىز ۋەزىيىتى تۈپەيلىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن.
سىنگاپور جەنۇبى دېڭىز تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات ئىنستىتۇتى تەتقىقاتچىسى رافېللو پانتۇسىنىڭ «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» گە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي گەرچە تالىبان بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلسىمۇ، ئەمما رايون بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدىن ھەمدە سوۋېت بىلەن ئامېرىكاغا ئوخشاش مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ئەمەلدارلىرى ئافغانىستان ھەققىدە سۆز قىلغاندا دائىم ئۇنى ‹جاھانگىر دۆلەتنىڭ مازارلىقى› دەپ ئاتايدۇ. مەنچە، خىتاي ئافغانىستاندىكى مالىمانچىلىقنىڭ جەنۇب ۋە شىمالغا يامراپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. بۇ ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ مەسىلە، بۇ مالىمانچىلىق بەلكىم ئۇلارنىڭ ئارقا سەپ رايونىدىكى مۇقىملىقىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشى مۇمكىن».
گوردون چاڭ ئەپەندى ئافغانىستاندىكى بۇ مالىمانچىلىقنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پۈتۈنلەي پايدىسىز ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار ۋە باشقىلار بەلكىم تالىباننىڭ دۈشمەنلىرىدىن بەزى ياردەملەرنى ئېلىشى مۇمكىن. بىز ئېھتىمال بۇ يەردە ‹دۈشمىنىمنىڭ دۈشمىنى مېنىڭ دوستۇم› دەيدىغان پرىنسىپنىڭ قوللىنىلغانلىقىنى كۆرۈشىمىز مۇمكىن».
«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» دىكى بۇ ماقالىدە كۆرسىتىلىشچە، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلۇشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن، خىتاي، ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە پاكىستان ئەمەلدارلىرى قاتاردا ئۇچراشقان بولۇپ، ئافغانىستاننىڭ كەلگۈسى ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن. بۇ دۆلەتلەر تالىبان بىلەن سۆھبەتلىشىش يولىنى تاللامدۇ ياكى 1996-يىل قۇرۇلغان تالىبان ھاكىمىيىتىنى يېتىم قالدۇرغانغا ئوخشاش يېتىم قالدۇرامدۇ، بۇ تېخى نامەلۇم ئىكەن. خىتاي ئۆز ئاقىۋىتىنى ئويلىشىپ، تالىبان ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا ئالدىراپ كەتمەسلىكى، ئېتىراپ قىلسىمۇ باشقا دۆلەتلەر ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارقىلىق ئېتىراپ قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.