ئامېرىكا ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرگەندىن كېيىن، خىتاي تەشۋىقاتلىرى «كابۇلنىڭ قولدىن كېتىشى ئامېرىكانىڭ ئوبرازى ۋە ئىناۋىتىنىڭ يەر بىلەن يەكسان بولغانلىقى» دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن. ئەمما ئانالىزچىلار ئامېرىكانىڭ بۇ رايوندىن تېزلىكتە چېكىنىشىنىڭ خىتاي ئۈچۈن چوقۇم پايدىلىق بولۇشىنىڭ ناتايىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. «ئامېرىكا ئاۋام رادىيوسى» 23-ئاۋغۇست بەرگەن مۇلاھىزىسىدە تالىبان كونتروللۇقىدىكى ئافغانىستاننىڭ خىتاي ئۈچۈن چوقۇم غەلىبە ۋە مۇۋەپپەقىيەتتىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئەنگىلىيە خەۋپسىزلىكى ئاقىللار مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى رافېللو سانتۇسىنىڭ قارىشىچە، خىتاي بىر تەرەپتىن ئۆز چېگراسى يېنىدا ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنى خالىمايدىكەن، ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن، ئافغانىستاندىكى تېررورلۇق ۋە مالىمانچىلىقنى باشقا دۆلەتنىڭ بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. چۈنكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇقلۇقتا زور كۆلەملىك جەڭ قىلىش، نۇرغۇن ھەربىي خىراجەت سەرپ قىلىش ۋە ئەسكەرلەرنى قۇربان بېرىش كېرەك ئىكەن، خىتاي بۇنداق بەدەل تۆلەشنى ھەم خالىمايدىكەن.
خىتاي ئانالىزچى جۇ يوڭبياۋ بۇ مۇلاھىزىگە قاتنىشىپ، خىتاي ئۈچۈن ئېيتقاندا، تالىبان ئىسلام ئەمىرلىكىدىكى پايدىسىز ئامىللارنىڭ پايدىلىق ئامىللاردىن كۆپ ئىكەنلىكىنى، بىخەتەرلىك مەسىلىسىنىڭ بۇنىڭدىكى ئەڭ پايدىسىز ئامىل ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ئامېرىكانىڭ ئاففغانىستاندىن چېكىنىشىنىڭ بۇ رايوندىكى رادىكال ئىسلامىزم ئوتىنى ئۇلغايتىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتىغا مەدەت بېرىدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەمەلىيەتتە بولسا خىتاي «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نى باھانە قىلىپ، «تېررورلۇقنىڭ مەنبەسى بولغان ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش» شوئارى ئاستىدا كۆپلىگەن لاگېرلارنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانىدى. ئامېرىكا جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇرشۇناس شان روبېرتس ئەپەندى جۇ يوڭبياۋنىڭ قارىشىغا رەددىيە بىلدۈرۈپ، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» دەيدىغان تەشكىلاتنىڭ خىتايغا تەھدىت پەيدا قىلالمايدىغانلىقىنى، خىتايغا ئەڭ چوڭ تەھدىتنىڭ ئۇيغۇرلاردىن بولمىغان جىھادچىلار تەشكىلاتىدىن كېلىدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇلارنىڭ خىتاينى ئىسلامنىڭ دۈشمىنى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئافغانىستاندىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىن باشقا يەنە ئىقتىساد مەسىلىسى نۆۋەتتە خىتاي ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلە بولۇپ، مارىلەند شىتاتى فروستبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى ما خەييۈن، ئافغانىستاندىكى مۇقىمسىزلىق ۋە ئېنىقسىزلىقنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقىنى، خىتاي گەرچە ئافغانىستاننىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، بۇنىڭ قۇرۇق ۋەدە ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ئافغانىستانغا كۆپ مىقتاردا مەبلەغ سالالمىسا، ئۇ يەردە تەسىر كۈچكە ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ما خەييۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تالىبانلارنىڭ يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇش مەزگىلىدە باشقا دۆلەتلەرنىڭ قوللىشى ۋە ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن رايون بىخەتەرلىكىنى ساقلاشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «تالىبانلار يېڭى ھۆكۈمەت قۇرىمەن دېسە، باشقا دۆلەتلەر ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىچكىي ئىشىغا ئارىلىشىپ قالماسلىقىنى تەكىتلەيدۇ. بولۇپمۇ خىتاي، رۇسىيە، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بۇنى تەلەپ قىلىدۇ. تالىبانلارمۇ، ‹بىز سىلەرنىڭ ياردىمىڭلارغا مۇھتاج، شۇندىلا بىز سىلەرنىڭ ئارزۇيۇڭلار ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، ئافغانىستاندىكى مىللەتلەر ۋە قوراللىق كۈچلەرنى كونترول قىلىمىز، دۆلىتىڭلارنى ھۇجۇمغا ئۇچراتمايمىز› دەيدۇ. شۇڭا مەنچە، تالىبانلار بۇ ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ‹ئەل-قائىدە›، ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› ياكى پاكىستاندىكى جىھاد گۇرۇپپىلىرى بىلەن جەڭ قىلمايدۇ، بەلكى ئۇلارنى يىراقتىن باشقۇرۇش ياكى ئۆز كونتروللۇقى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ».
25-ئاۋغۇست كۈنى «The Algemeiner» ژۇرنىلىدا «خىتاي بىلەن تالىباننىڭ ئىتتىپاقى نېمىشقا ئۇيغۇر مەسىلىسىدە بۇزۇلۇشى مۇمكىن؟» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىنىڭ ئاپتورى مايا كارلىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي گەرچە ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشىنى «مەغلۇبىيەت» دەپ ئاتاپ كۆرەڭلەۋاتقان ۋە ئافغانىستاندىكى تەبىئىي بايلىققا ئىگە بولۇشنىڭ چوتىنى سوقۇۋاتقان بولسىمۇ، تالىباننىڭ بۇ رايوندا داۋاملىق رادىكال ئىسلامىزم ۋە تېررورلۇق يۈرگۈزۈشىگە قاراپ، ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە ئەندىشىگە چۈشكەن.
مايا كارلىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي بىلەن تالىبان ھازىرچە ئۆزلىرىنى دوست دەپ قاراۋاتىدۇ، ھەر ئىككىلىسى ئامېرىكاغا ئۆچ ھەمدە ئامېرىكانىڭ بۇ رايوندىكى تەسىر كۈچىنى تازىلاشنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ. تالىبان خىتاي ئارقىلىق ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى قانۇنلاشتۇرماقچى، خىتاي بولسا يىللاردىن بۇيان بۇ دۆلەتنى ئۆزىنىڭ كۈچلۈك بازىسى قىلىشنى ئويلاپ كەلدى. ئافغانىستاننىڭ مول تەبىئىي بايلىقى خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىغا پايدىلىق».
مايا كارلىننىڭ قارىشىچە، خىتاي بىلەن تالىبان گەرچە يۇقىرىقىدەك مەنپەئەتلىرى سەۋەبىدىن ئۆزئارا ھەمكارلىشىش يولىغا ماڭسىمۇ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ پەرقلەر ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان زىددىيەتلەر ئۇلارنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىقىغا توسقۇنلۇق قىلىدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «خىتاي تېررورلۇققا قارشى تۇرىمەن دەيدۇ ھەمدە تالىبان كونتروللۇقىدىكى ئافغانىستاننى خەتەرلىك رايون دەپ قارايدۇ. تالىبان بولسا بۇ رايوندا رادىكاللىق ۋە تېررورلۇق ئېلىپ بارىدۇ، ئەمما خىتاي بۇ ئەھۋالنىڭ ئۆز چېگراسى يېنىدا يۈز بېرىشىنى خالىمايدۇ. يەنە كېلىپ، خىتاي ئىلگىرى تالىباننى ئاتالمىش ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› گە ماددىي ياردەم قىلغان دەپ ئەيىبلىگەنىدى».
مايا كارلىن بۇ ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغان: «خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارغا تېررورلۇق قالپىقى كىيگۈزۈپ، ئۇلارنى ۋەھىشيلەرچە خورلىدى. تالىبان بىلەن ئاتالمىش بۆلگۈنچى تەشكىلات ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› نىڭ ئۆتمۈشتىكى مۇناسىۋىتى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ئەندىشىگە سالماقتا، ئۇلار بۇ تەشكىلاتنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەيدۇ، ئەمما بۇ تەشكىلاتنىڭ كېلىپ چىقىشى، ھەتتا بۈگۈنكى مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە تالاش-تارتىشلار بار».
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «خىتاي تالىبان بىلەن ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› نىڭ بۇ خىل مۈجمەل ئالاقىسىنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا يۈرگۈزگەن ۋەھشىي سىياسىتىنى ئاقلاپ كەلدى. خىتايغا كۆرە، تالىباننىڭ باش كۆتۈرۈشى بەلكىم ‹ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىرى› نىڭ زالىم خىتايغا قارشى كۈرەش قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، تالىبان رادىكال ئىسلامىزمنى ئاساس قىلىدىغان بىر تەشكىلات، شۇڭا ئۇلار ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىشىنى كۆرمەسكە سالالمايدۇ».
ما خەييۈننىڭ قارىشىچە، تالىبانلارنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» گە زەربە بېرىشى ۋە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشىنى قوللىشى ناھايىتى تەس ئىكەن. بۇ ئەھۋالدا خىتاي ھۆكۈمىتى تالىبانلار ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشقان جىھاد تەشكىلاتلىرىغا ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، ئۇيغۇرلارغا سوزغان قارا قولىنى تارتىشى كېرەك ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەگەر خىتاي يەنىلا ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› نى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرسا، ئوتتۇرا ئاسىيادا تېخىمۇ چوڭ جىھاد ھەرىكىتى پەيدا بولۇشى مۇمكىن. مېنىڭچە، ئامېرىكا گىئو-سىياسىي نۇقتىدىن ئويلاپ ئافغانىستاندىن چېكىندى. سىز بۇنىڭدىن ئەلۋەتتە بەزى جىھاد گۇرۇپپىلىرىنىڭ خىتايغا كۆز تىكىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ يېتەلەيسىز. شۇڭا خىتاي ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن بەك ئېھتىيات قىلىشى كېرەك».
مايا كارلىننىڭ ماقالىسىدە بايان قىلىنىشىچە، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» دېگەن بۇ نام تۇنجى قېتىم 1999-يىل ئافغانىستاندىكى بىر قېتىملىق يىغىندا تىلغا ئېلىنغان. موسكۋادىكى بىر گېزىت ئوسامە بىن لادىننىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» بىلەن «ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى» گە ئىقتىسادىي ياردەم قىلماقچى بولغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. خىتاي بولسا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» بىلەن «تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى» (TIP) نىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، 2008-يىل بېيجىڭدا يۈز بەرگەن پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىش تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بۇلارنىڭ راست-يالغانلىقى پاكىت بىلەن ئىسپاتلانمىغان، ئەمما خىتاي ئوسامە بىن لادىن بىلەن تالىبانلارنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» گە قورال ۋە پۇل ياردەم قىلغانلىقىنى، ئەسكەر تەربىيەلەپ بەرگەنلىكىنى، بۇ تەشكىلاتنىڭ بىن لادىن تېررورلۇق گۇرۇھىنىڭ بىر تارمىقى ئىكەنلىكىنى داۋراڭ سېلىپ كەلگەن. تالىبانلار بۈگۈن ھاكىمىيەتنى قايتا قولىغا ئالغاندىن كېيىن، خىتاي ئەمەلدارلىرى «ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىرى» نىڭ قايتا باش كۆتۈرۈپ، خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلىشىدىن ئەنسىرەشكە باشلىغان.
ما خەييۈن تالىبانلارنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» مەسىلىسىدە خىتايغا ۋەدە بەرگەن بىلەن، سۆزى بىلەن ھەرىكىتىنىڭ بىردەك بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مەنچە، تالىبان بۇ يەردە خىتاي بىلەن ئويۇن ئوينايدۇ، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئافغانىستاندا ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› بار دەپ سۆزلەپ يۈرمەيدۇ ۋە بۇ خىل ئىسلامىي ھەرىكەتكە قارشى جەڭ قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارە ئېلان قىلمايدۇ. يەنە كېلىپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئەزالىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكى ۋە قەيەردە تۇرىدىغانلىقىمۇ ئېنىق ئەمەس. ئىككىنچىدىن، ئەگەر تالىبانلار شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە ھۇجۇم قىلسا، ئۇلارنىڭ مۇجاھىدلىق ئوبرازى زىيانغا ئۇچرايدۇ. بىر مۇجاھىد قانداقمۇ باشقا مۇجاھىدقا ھۇجۇم قىلسۇن؟ باشقا دۆلەتلەر، جۈملىدىن ئامېرىكامۇ تالىباننىڭ بۇنداق قىلىشىغا مەدەت بەرمەيدۇ».
ماقالىدە بېرىلگەن ئانالىزدىن قارىغاندا، يېڭى تالىبان ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىش يولىنى تاللايدىكەن، خىتاينىڭ ياردىمى ۋە مەبلىغىنى قوبۇل قىلىدىكەن، شۇنداقتىمۇ تالىبانلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق باستۇرۇشىغا ياردەم بەرمەسلىكى مۇمكىن ئىكەن، چۈنكى ئۇلار خەلقئارانىڭ قوللىشىغا مۇھتاج بولغاچقا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن سودىلاشقانلىق ياكى چىرىكلىشىپ كەتكەنلىكتەك تەسىرات بېرىپ قويۇشنى خالىمايدىكەن.
ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلگەن: «تالىباندىن ئىبارەت بۇ كۈچلۈك ئىسلامىي ھەرىكەتكە تايانغان ھۆكۈمەت، مىليونلىغان مۇسۇلمانلارنى لاگېرغا سولاپ قىيناۋاتقان بىر دۆلەت بىلەن ھەمكارلاشماسلىقى مۇمكىن. تالىبان دەسلەپتە بەلكىم بىرەر ھۆكۈمەت قۇرۇپ بولغىچە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىدۇ، ئاندىن خەلقئارانىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىدۇ. بىراق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان دەھشەتلىك زۇلۇمى تۈپەيلىدىن خىتاي بىلەن ئۇزۇن مۇددەت دوست بولۇپ ئۆتۈشى ناتايىن».