تارىم بويىدىكى ئىچىملىك سۇنىڭ بۇلغىنىشى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرى

ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر
2022.04.20
uyghur-hashar-osteng-chepish.jpg ھاشارغا مەجبۇرلىنىپ ئۆستەڭ چېپىۋاتقان ئۇيغۇر دېھقانلار. ئاقسۇ.
Social Media

20-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىللىرى مەشھۇر ئۇيغۇر يازغۇچىسى ئەختەم ئۆمەرنىڭ «قۇرتلاپ كەتكەن كۆل» ناملىق پوۋېستىغا ئاساسەن ئىشلەنگەن «ئاخىرقى كۆل» ناملىق ئالتە قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلەرگە يات ئەمەس. ئەسەردە تارىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىملىك سۈيىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشى مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا بىر قاتار تراگېدىيەلىك ۋەقەلىكلەر بايان قىلىنغان. فىلىمنىڭ باشلىنىشىدا تىلغا ئېلىنغان كىرىشمە سۆزلەر ھەقىقەتەنمۇ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. يەنى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىي قىسمىنىڭ ھۆل-يېغىن مىقدارى ئاز، سۇ مەنبەسى كەمچىل بولغىنى ئۈچۈن، بۇ يەردىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ كۆل قېزىپ، سۇ يىغىش ئارقىلىق ھەم ئىچىملىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ كەلگەنلىكى ھەم تۇپراقنىڭ نەملىكىنى قوغداپ كەلگەنلىكى، ئەمما ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىغا كەلگەندە بۇ كۆللەردىكى سۇلارنىڭ ئازىيىپ ۋە قۇرتلاپ كەتكەنلىكى سۆزلىنىدۇ.

بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە شۇكى، تارىختىن بۇيان بۇ تۇپراقلارنى ۋە يەرلىك خەلقنى سۇ بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن قېزىلما كۆللەرنىڭ سۈيى نېمە ئۈچۈن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللارغا كەلگەندە ھەم ئازىيىپ ھەم قۇرتلاپ كېتىدۇ؟

مەسىلىنىڭ تېگى-تەكتىنى يەنىلا خىتاينىڭ 1978-يىلىدىن تارتىپ يولغا قويغان ئاتالمىش «ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى» دىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. گەرچە خىتاينىڭ ئىسلاھاتى دەل 1978-يىللاردا باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىسلاھات ئۇيغۇرلارنى باياشات ۋە گۈزەل تۇرمۇشقا ئەمەس، بەلكى ئېغىر نامراتلىققا، ياشاش مۇھىتىنىڭ ۋەيران قىلىنىشىغا، ئىچىملىك سۇ مەنبەلىرىنىڭ بۇلغىنىشى ۋە ئازىيىشىغا، تارىم ۋادىسىدىكى بىپايان توغراقلىقلارنىڭ قۇرۇپ كېتىشىگە، دېھقانلارنىڭ زىرائەتلەردىن ھوسۇل ئالالماسلىقىغا سەۋەب بولغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئېغىر نامراتلىققا مەھكۇم بولۇشى، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئوقۇشنى داۋام قىلالماسلىقى، شۇنداقلا ياشلارنىڭ يۇرتلىرىنى تاشلاپ سىرتلارغا مەجبۇرىي ئىشلەمچىلىككە يۆتكىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئاقىۋەتتە، ئاتالمىش «نامراتلىقنى يوقىتىش» باھانىسىدە مىليۇنلىغان خىتاي ئاھالىلىرى ئۇيغۇر رايونىغا كىرىپ، بايلىق، سۇ ۋە يەرلەرنى ئىگىلەپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆز يۇرتلىرىدىن سىقىپ چىقىرىشقا باشلىدى.

خىتاينىڭ ئىشىكنى سىرتقا تاقىشى ۋە ئاخىرىدا بىڭتۇەننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى

مەلۇمكى، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بۇيان، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تاكى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئىشىكنى تاقاپ، سىرتقى دۇنيا بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىلەرنى ئۈزگەنىدى. خىتاي 1950-يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلاپلا ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىكى يەر-زېمىنلارنى مۇسادىرە قىلىش، «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» دىن قالغان مەنىۋى مىراسلارنى يوقىتىش ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان «سىياسىي كۈچلەر» نى تازىلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي ھەربىي نازارەت ئاستىغا ئالغانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ يىللاردا «يەر ئىسلاھاتى» ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىكى يەر-زېمىنلارنى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈۋالغان، كوپىراتىپ تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ شەخسلەرنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلغانىدى. 1950-يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا «ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش»، «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتى قوزغاپ، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇستەملىكە سىياسەتلىرىگە قارشى ئاۋازلارنى ئۆچۈرۈشكە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسىي ئىرادىسىنى بەربات قىلىشقا ئۇرۇنغانىدى. ئۇنىڭدىن باشقا كېيىنكى يىللاردىكى «دىننى ئىسلاھ قىلىش» نامىدا دىنسىزلاشتۇرۇش، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش» نامىدا ئاتالمىش «قوش تىل مائارىپى» نى يولغا قويۇش، مەجبۇرىي ئەمگەك، ھاشار قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىدىغان تۈرلۈك زوراۋانلىقلىرىنى سۆزلەپ تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە. 1972-يىلى ئامېرىكا پرېزىدېنتى نېكسوننىڭ خىتايغا قىلغان زىيارىتى بىلەن باشلانغان، غەرب دۇنياسىنى ئالداش ھىيلىسى، 1978-يىلى دېڭ شياۋپىڭ تەرىپىدىن «پىششىقلاپ ئىشلىنىپ» رەسمىي يوسۇندا «ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» نامى ئاستىدا يولغا قويۇلدى. بۇ دەل خىتاي دۆلىتىنىڭ خەلقئارالىق ئالدامچىلىق ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشى ئىدى. دەل بۇ دەۋردە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا «ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش» سەۋەبلىك يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئېڭىنىڭ ئويغىنىشىغا سەۋەب بولىدىغان تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ئالدىن مۆلچەرلىدى. شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى 1975-يىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئۇنى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى، ئۇيغۇرلارنىڭ باش كۆتۈرۈشىنى توسۇپ قېلىشتىكى مۇھىم قورال ھېسابلىدى.

دەرۋەقە، 1949-يىلى كۈزدە يۈز مىڭ كىشىلىك «خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى» نى باشلاپ ئۇيغۇر ۋەتىنىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن، يەرلىك خەلقلەرگە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان، «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نى تەسىس قىلىشقا ئاساس سالغان ۋاڭ جېن 1952-يىلى ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىپىسىدىن چېكىندۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ كېيىنكى يىللاردا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا مۇھىم ۋەزىپىلەرگە قويۇلۇپ كەلگەن ۋە ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقى سەۋەبلىك ھېچقانداق جاۋابكارلىققا تارتىلمىغانىدى. 1975-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى 11-نومۇرلۇق ھۆججەت چىقىرىپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ ھەربىي رايون ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدى، ئەمما 1980-يىلىغا كەلگەندە خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ۋاڭ جېن «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. 1981-يىلى ۋاڭ جېن، دېڭ شياۋپىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلغان مەزگىلىدە، دېڭ شياۋپىڭغا ۋە خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا رەسمىي يوسۇندا تەكلىپ سۇنۇپ، «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇ يىلى 7-ئايدا دېڭ شياۋپىڭ ۋاڭ جېنىنىڭ بۇ تەكلىپنى تەستىقلايدۇ. ئۇ تەستىقىدا «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نى خىتاينىڭ «ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش» سىياسىتىدە «ئالدىن تەرەققىي قىلىشقا يول قويۇلغان دېڭىز ئەتراپى رايونلىرى» بىلەن بىرلىكتە ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىچىملىك سۇ ۋە مۇھىت بۇلغىنىشى

1981-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى رەسمىي يوسۇندا «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن خىتاي كومپارتىيەسى بىڭتۇەندىن ئىبارەت بۇ يېرىم ھەربىي خاراكتېردىكى بۇ ئالاھىدە سىستېما ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك تالان-تاراجنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ.

مەلۇمكى، تارىم ئويمانلىقى جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى غايەت زور ئويمانلىق بولۇپ، ئىقلىمى قۇرغاق، ھۆل-يېغىن مىقدارى ئاز، تىپىك ئىچكى قۇرۇقلۇق كىلىماتىغا خاس رايوندۇر. تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا دۇنياغا مەشھۇر تەكلىماكان قۇملۇقى سوزۇلۇپ ياتىدۇ.

تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى گويا يۇلتۇزلاردەك تارقالغان بوستانلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ قۇملۇقنى تىزگىنلەش ۋە سۇ مەنبەلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش جەھەتتىكى ئەقىل-پاراسىتىنىڭ ئىسپاتىدۇر. تارىختىن بۇيان بۇ زېمىندا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر خەلقى تەكلىماكاننىڭ قۇم-بورانلىرىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە بوستانلىقلارنى كېڭەيتىش جەريانىدا، يەر ۋە سۇدىن ئىبارەت ھاياتلىقتىكى بۇ ئەڭ مۇھىم ئىككى ئامىلنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى قانداق ساقلاش ھەمدە ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىشنى ئوبدان ئۆگەنگەن، شۇنداقلا ئۆزىگە خاس بوستانلىق مەدەنىيىتى بەرپا قىلغان.

ئۇيغۇر خەلقى تارىختىن بۇيان دەريا-تاراملاردىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىش، كۆل قېزىپ سۇ ساقلاش، ئورمان بەرپا قىلىش، چۆلنى بوستانلاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، تارىم ۋادىسىدىكى سۇ كەمچىل بولۇش ۋە قۇرغاقچىلىق ئاپەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ كەلگەن. ھالبۇكى، «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى چوڭ-كىچىك دەريا ئېقىنلىرىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىۋېلىشى بىلەن، رايوندا ئېغىر قۇرغاقچىلىق، سۇسىزلىق ۋە مۇھىت بۇلغىنىشى باشلانغان. تارىم دەرياسى بويىدىكى نەچچە مىڭ يىللىق قەدىمىي توغراقلىقلار قۇرۇپ، بوستانلىقلار تارىيىپ ھەم چۆللىشىپ، رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىدا ئېغىر بۇزۇلۇش كېلىپ چىققان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى سۇ ساقلايدىغان كۆللەر قۇرۇپ، قۇرتلاپ كېتىشىدەك ئېغىر ئەھۋاللار كېلىپ چىققان.

سۇنىڭ كەمچىل بولۇشى، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەردىن ھوسۇل ئالالماسلىقى، ئۇلارنى يەنىمۇ ئېغىر دەرىجىدىكى نامراتلىققا يۈزلەندۈرگەن. قەدىمدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە، نامراتلىق دۇنيانىڭ قايسى يېرىدە يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، مۇئەييەن يوسۇندا مائارىپنىڭ چېكىنىشى، يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ كۆپىيىشى، ئاۋامنىڭ نارازىلىقى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىمسىزلىقى قاتارلىق تۈرلۈك ھادىسىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولۇپ كەلگەن. تەبىئىيكى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان تارىم ئويمانلىقىدىكى بوستانلىقلاردا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-90-يىللاردا يۈز بەرگەن تۈرلۈك ۋەقە-ھادىسىلەر ۋە ئۇنىڭغا باغلىق بولغان ئامىللارنىڭ كەينىدىمۇ دەل يۇقىرىقىدەك بىر قاتار سەۋەبلەر مەۋجۇت ئىدى.

ئەختەم ئۆمەرنىڭ «قۇرتلاپ كەتكەن كۆل» پوۋېستىدىكى كۆلنىڭ قۇرتلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىل دەل «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نىڭ چوڭ دەريا ئېقىنلىرىنى كونترول قىلىۋېلىشى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۈرلۈك باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىشىدۇر. 1983-يىلى «يەر ھۆددىگەرلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمى» يولغا قويۇلۇپ، دېھقانلارنىڭ يەرنى ئىشلىتىش ۋە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى قىسمەن كاپالەتلەندۈرۈلگەندەك ھالەت بارلىققا كەلگەن. ئەمما تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى بىڭتۇەننىڭ سۇ مەنبەلىرىنى كونترول قىلىۋېلىشى سەۋەبلىك ئوتتۇرىغا چىققان سۇ كەمچىللىكى مەسىلىسى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۇەنگە بەرگەن ئالاھىدە سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئىمتىيازلىرى سەۋەبلىك، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يېزا-ئىگىلىكىدە تەرەققىي قىلىشى ئېغىر توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، داۋاملىق نامراتلىشىش ۋە «قۇرتلاپ كەتكەن كۆل» پاجىئەلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان.

خىتاي ستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-ۋە 90-يىللىرىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى 11 مىليوندىن ئارتۇق يېزا نوپۇسى ئىچىدە، 10 مىليون 540 مىڭ ئادەم ئىچىملىك ​​سۇنى ئۆستەڭدىن ئېلىپ ئىشلىتىشكە ئېھتىياجلىق بولغانىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 2 مىليون 480 مىڭ ئادەم يۇقىرى فتورلۇق زەھەرلىك سۇ ئىستېمال قىلىشقا مەجبۇر بولغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇلار دەل سۇ سەۋەبلىك كېسەل بولۇش ۋە سۇ سەۋەبلىك نامراتلىشىشتەك ھادىسىلەر كېلىپ چىققان. پاكىز سۇ ئىچىش ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسىغا ئايلىنىپ قالغان.

تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى سۇ مەنبەلىرىنىڭ بۇلغىنىشى ۋە تارىم ۋادىسىدىكى قۇرغاقچىلىق ۋە سۇ بۇلغىنىشىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا بىڭتۇەننىڭ زېمىن ۋە سۇ مەنبەلىرىنى ھەددىدىن زىيادە ئېچىش، تېرىلغۇ يەرلەرگە ھەددىدىن ئارتۇق خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلىتىش بىلەن تۇپراق ۋە سۇنى بۇلغاش قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللار بىۋاسىتە سەۋەب بولغان. تۇپراق ۋە سۇنىڭ بۇلغىنىشى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئاقىۋەتلەر ئاساسەن تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ:

بىرىنچى، تۇپراقنىڭ قۇملۇقلىشىشى؛

خىتاي ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، گېئولوگىيەلىك دەۋر بولغان 690مىڭ يىل ئاۋۋال يىلىغا 0. 49كۋادرات كىلومېتىر سۈرئەتتە قۇملاشقان بولسا، تارىختىن بۇيانقى 2000يىل مابەينىدە، يىلىغا 9. 85كۋادرات كىلومېتىر سۈرئەتتە قۇملاشقان. ئەڭ ئېغىر قۇملىشىش دەۋرى دەل 1950-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە بولغان 50 يىلدا يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ دەۋردە تارىم ۋادىسىنىڭ قۇملىشىشى يىلىغا 170كۋادرات كىلومېتىردىن كۆپ بولغان. يېقىنقى ئەللىك يىلدا تارىم ۋادىسىدىكى تۇپراقلارنىڭ قۇملىشىش نىسبىتىنىڭ بۇنچە تېز بولۇشىغا سەۋەب بولغىنى دەل، نوپۇسنىڭ ئېشىشى، سۇغىرىلىدىغان تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ كۆپىيىشى، بىڭتۇەننىڭ سۇ ئامبارلىرى ئارقىلىق دەريا ئېقىنلىرىنىڭ تۆۋەنگە ئېقىشىنى كونترول قىلىشى نەتىجىسىدە بوستانلىق بىڭتۇەنگە كېڭىيىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ قۇملىشىش ۋە چۆللىشىشى كېلىپ چىققان. ئۇيغۇر دىيارىدىكى 87ناھىيە، شەھەر ئىچىدىكى 53ناھىيە ۋە شەھەرلەر قۇم بورانلارنىڭ يۇتۇپ كېتىش خەۋپىدە قالغان. بوستانلىقلارنىڭ ۋەيران قىىلىنىشى، قۇملۇقنىڭ كېڭىيىشى ئاستىدا، توپا-توزاڭلىق ھاۋارايى داۋاملىق كۆرۈلۈپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قۇرغاقلىشىش ۋە چۆللىشىشى بىلەن سۇ مەنبەلىرى ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇق پۈتۈنلەي بۇزۇلغان.

ئىككىنچى، دەريا ئېقىنلىرىنىڭ قىسقىرىپ، كۆللەرنىڭ تارىيىپ، ئورمانلىقلارنىڭ قۇرۇپ كېتىشى؛

ئۇيغۇر دىيارىدىكى دەريا ئېقىنلىرى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھاياتى ۋە تۇرمۇشىغا بىۋاسىتە باغلىنىشلىق بولۇپ كەلگەن. ئەمما دەريا ئېقىنلىرىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئۈستۈنكى ئېقىنلىرىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ دېھقانچىلىق تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، دەريا ئېقىنلىرىنى توسۇش ۋە سۇ ئامبارلىرىنى ياساش ئارقىلىق زور مىقداردىكى دەريا سۇلىرىنى كونترول قىلىۋالغان. بۇ سەۋەب، تارىم ۋادىسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىغا سۇ يېتىپ بارالماي، دەريا ئېقىنلىرىدا سۇ مىقدارى ئازىيىپ كېتىش، بىر قىسىم دەريا ۋە كۆللەر قۇرۇپ كېتىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. خىتاي ستاتىستىكىلىرىغا ئاساسلانغاندا، 50-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدا كۆلىمى 5كۋادرات كىلومېتىردىن چوڭ بولغان كۆلدىن 52سى بار بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 9700كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. 70-يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، بۇ كۆللەرنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى كىچىكلەپ، 4748كۋادرات كىلومېتىرغا چۈشۈپ قالغان. مەشھۇر لوپنۇر كۆلى(ھەجمى3006كۋادرات كىلومېتىر)، ماناس كۆلى (ھەجمى 550كۋادرات كىلومېتىر)، تايتاما دەرياسى (ھەجمى 88كۋادرات كىلومېتىر)، ئايدىڭ كۆل (ھەجمى 124كۋادرات كىلومېتىر) قاتارلىق كۆللەر ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇپ كەتكەن. بۇنىڭ بىلەن تارىم دەريا ۋادىسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى يەر ئاستى سۈيىنىڭ ئورنى تۆۋەنلەش، ئىشلىتىشكە بولىدىغان سۇ مەنبەلىرى ئازلاش، توغراقلىق، يۇلغۇنلۇق ۋە شۇنىڭدەك قىممەتلىك دورىلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قۇرۇپ، ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان. تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەتراپىدىكى توغراقزارلىق كۆلىمى 1950-يىلىدىكىدىن 47. 5%ئازىيىپ، ئېغىر دەرىجىدىكى ئېكولوگىيەلىك بۇزغۇنچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئۈچىنچى، تۇپراق ۋە سۇنىڭ بۇلغىنىشى؛

بىڭتۇەننىڭ سۇنى تىزگىنلىشى ۋە مۇھىتنى بۇلغىشى نەتىجىسىدە، جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىنىڭ دېھقانچىلىق ۋە يېزا-ئىگىلىكى تەرەققىياتى ئېغىر توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان. بۇنىڭغا ئەگىشىپ، بىڭتۇەننىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ۋە يېزا ئىگىلىكىدىكى كېرەكسىز سۇلارنىڭ ياخشى بىر تەرەپ قىلىنماسلىقى، ھەددىدىن زىيادە خىمىيەلىك تەركىبلىك ئوغۇتلارنىڭ تۇپراققا ئىشلىتىلىشى نەتىجىسىدە، زەھەرلىك تۇپراقنىڭ ئىچىملىك سۇنى بۇلغىشىدەك ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 50-يىللاردىكى ساپ، پاكىز دەريا، كۆل سۇلىرى، 70-يىللارغا كەلگەندە شورلىشىش دەرىجىسى خىتاينىڭ ئىچىملىك سۇ ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەن. 90-يىللارغا كەلگەندە بولسا، تارىم دەرياسى ئېقىنلىرىنىڭ شورلىشىش نىسبىتى خىتاينىڭ دۆلەتلىك ئىچىملىك سۇ ئۆلچىمىدىن 5تىن 10ھەسسىسىگىچە ئېشىپ كەتكەن. ئىچىملىك سۇ سۈپىتىنىڭ بۇلغىنىشى بىۋاسىتە ھالدا تارىم ۋادىسىدىكى ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپ، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھاياتى ۋە تۇرمۇشىغا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلغان.

دەرۋەقە، بىڭتۇەننىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىكنىڭ يېڭىچە ئۇسۇلدا قايتا باش كۆتۈرۈشى بولۇپ قالغان. بىڭتۇەننىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى جىنايەتلىرى يالغۇز مۇھىتنى بۇلغاش، بايلىق مەنبەلىرىنى كونترول قىلىۋېلىش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن قانلىق باستۇرۇشلاردا باش رول ئېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى يەنە خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈپ كەلگەن بارلىق جىنايەتلىرىدە دۆلەت تېررورلۇقنىڭ ۋاسىتىسى بولۇپ كەلگەن.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەملىكە ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىكى بارلىق جىنايەتلىرىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى دەل ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئاشكارا يوسۇندا مەيدانغا چىقىرىلىشى بولۇپ، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇنغا سوزۇلغان، ئالدىن پىلانلانغان ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن يۈرگۈزۈلگەن بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ تاشقى دۇنيانى ئاسانلا ئالداپ كېتەلەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما رېئاللىق دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.