تارىخنىڭ داۋامى ئۈچۈن

ئوبزورچىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2020.10.23
Abdurehim-Otkur-Ependi-04.jpg ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ نەشر قىلىنغان بىر قىسىم كىتابلىرى: «تارىم بويلىرى»، «يۈرەك مۇڭلىرى»، «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن»، «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك»، «خەزىنىلەر بوسۇغىسىدا».
Photo: RFA

ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ كىملىكى تارىخىغا باغلانغان بولىدۇ. ئۇيغۇر كىملىكىمۇ ئۇيغۇرنىڭ تارىخىغا يىلتىز تارتقان. 80-يىللاردىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تارىخى رومانلارنىڭ ئىزچىل يېزىلىپ تۇرۇشى ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ خىتاي تېڭىۋاتقان دۆلەت كىملىكىگە قارشى مىللەت كىملىكى يارىتىش ئىستىكىنىڭ مىۋىسى ئىدى. چۈنكى تارىخنى ئىزدەش، تارىخنى ئۆگىنىش، تارىخنى ئەسلەپ تۇرۇش ۋە ئەسلىتىپ تۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرنىڭ كىملىكى كۈچلىنىدۇ، چوڭقۇرلىشىدۇ، چاڭقىغان دىللارنىڭ كىملىك تەشنالىقى قانىدۇ. بىز تارىخ يازالىغانلىقىمىز، تارىخ يارىتالىغانلىقىمىز، تارىخنى تىرىلدۈرۈشكە ۋە تارىختىن كەلگۈسىگە قاراپ يول ئېلىشقا قادىر بىر مىللەت بولغىنىمىز ئۈچۈن خىتاينىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندۇق.

بىزنىڭ ئىككى مىڭ يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە يازما ئەدەبىيات خاتىرىمىز، بىر ئۇچى قارا دېڭىزدىن باشلىنىپ يەنە بىر ئۇچى قاراقورۇمغا تۇتاشقان ئاغزاكى تارىخ ئەنئەنىمىز، بارغانلا يەردە دۆلەتلەرنى قۇرۇپ مەدەنىيەت بەرپا قىلغان دۆلەتچىلىك ئەنئەنىمىز، ھىچ قاچان موھىتقا، مۇساپىرەتكە ۋە مۇھاجىرەتكە ماسلىشىپ سىڭىپ كەتمەستىن مەۋجۇتلۇقىمىزنى ساقلاپ كۈچلىنىشىمىز خىتايغا خىرىس بولۇپ تۇيۇلدى. شۇ سەۋەبلىك دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ قۇدرەتلىك زوراۋاننىڭ، دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك نازارەت تېخنىكىسىگە ئىگە دۆلەتنىڭ يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان بۇ قەدەر رەھىمسىز ھۇجۇمىغا دۇچ كېلىۋاتىمىز. شۇڭا بۈگۈنكى زىددىيەت خىتاينىڭ تارىختىن بۇيانقى ئىتىراپ قىلىنمىغان نوپۇزى، سىڭمىگەن مەدەنىيتى ۋە ھىچ قاچان قوبۇل قىلىنمىغان كىملىكى سەۋەپلىك كېلىپ چىقىۋاتىدۇ. بۈگۈنكى زۇلۇم پەقەت خىتاينىڭ يەتمىش يىللىق مەغلۇبىيىتىگە چىدىيالماي ئۇيغۇردىن ئالماقچى بولغان قىساسىنىڭ يالىڭاچ ئوتتۇرىغا چىققان شەكلى. خىتاينى بىئارام قىلغىنى ئۇيغۇرنىڭ باسقانچە كۈچلىنىۋاتقان مەدەنىيىتى، تارىخ ئېڭى، ئۆچۈرگەنچە رۇشەنلىشىۋاتقان ئۇيغۇرلۇق كىملىكىدۇر.

خىتاينىڭ يوقاتماقچى بولغىنى بىزنىڭ تارىخى شان-شەرىپىمىز، زېمىندارلىقىمىز ۋە خوجايىنلىق غۇرۇرىمىزدۇر. بىزنىڭ تارىختا قۇرغان دۆلەتلىرىمىزدىن، خاقان ئاتالغان ئاتا، خانىش ئاتالغان ئانىلىرىمىزدىن پەخىرلىنىشىمىز خىتاينىڭ ئىچىنى قان قىلدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىزى ئۆچۈرۈلدى، ئۇلار سالغان مەسچىتلەر تۈزلەندى، ئۇلار سالغان ئوردا سارايلار ۋەيران قىلىندى، ھەتتا ئۇلار ياتقان قەبرىلەرنىمۇ بىتچىت قىلىشتى. شۇڭا ئۇلار قاراخانلار دۆلىتىنىڭ قەھرىمان جەڭچىلىرى ۋە غالىپ خاقانلىرى كۆمۈلگەن قەشقەردىكى ئارسلانخان، ئوردام قەبرىستانلىقىنى ۋەيران قىلدى. سەئىدىيە دۆلىتىمىزنىڭ تۈۋرۈكلىرى بولغان ئەجدادىمىزنىڭ تەنلىرى دەپىن قىلىنغان ياركەنتتىكى دوخان پاشا مازىرىنى بەربات قىلدى. ئاخىرقى دۆلەتلىرىمىزنىڭ رەھبەرلىرى ياتقان ئۈرۈمچى شامالباغدىكى قەبرىستانلىقنى ۋەيران قىلىپ، خوجىنىياز ھاجى، مەسئۇت سەبىرى، قۇربان قوداي، ساۋۇت داموللا قاتارلىق يېتەكچى زاتلارنى گۆرىدىن تارتىپ چىقاردى. ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك مۇنتىزىم ئارمىيەنى يېڭىپ شىخونى خىتايدىن تازىلاپ ئازات قىلغان ئۇيغۇر قەھرىمانلارنىڭ قەبرىستانلىقىنى تۈزلەپ تاشلىدى.

خىتاي بىزنىڭ تارىخىمىزنى ئۆزگەرتىپ، دىيارىمىزدىكى تارىخقا باغلانغان ناملارنى ئەمەلدىن قالدۇردى. خىتاي ئۇيغۇرنى تارىختىن ئۈمىد ئۈزگۈزۈپ ئاتا-ئانا تونىمايدىغان، ئەجدات ئىزىنى بويلىمايدىغان، بوۋىسى تىككەن كۆچەت، مومىسى ئەي قىلغان باغقا ۋارسىلىق قىلمايدىغان بىر توپ چۇۋالچاق كىشىلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن جان جەھلى بىلەن ئۇرۇنىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرچە دەرسلىكلەرنى ئۆزگەرتىپ قايتا يازدى ۋە لاگېرلاردا ساختا تارىخنى دەرسلىك قىلماقتا.

خىتاي تارىخى ئېسىمىزنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن تارىختىن بۇيان داۋاملاشقان يەر ناملىرىمىزنى ئۆزگەرتىپ چىقتى. ھازىر ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرچە ئاتالغان قىبلەتاغ، كۆكتاغ، بۇلاقتاغ قاتارلىق ناملارنى پۈتۈنلەي خىتايچىغا ئۆزگەرتتى. ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئورگان توربېتى بولغان «تەڭرىتاغ تورى» دېگەن نامنىمۇ تىيانشان تورى قىلىپ ئۆزگەرتتى. ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرچە يەر ناملىرىنى ئېنىقلاپ تۇرغۇزۇپ چىققان نىياز كېرىم شەرقى ئۇستازنى لاگېرغا قامىدى. ئۇنتۇلدۇرۇلغان ئۇيغۇرچە يار ناملىرىنى بايقاپ قېلىپلاشتۇرۇپ بېكىتكەن، ئۈرۈمچىنىڭ ھەممە يېرىگە ئەسلى ئۇيغۇرچە نامنى يازدرۇغان ئاپتونۇم رايۇنلۇق تىل يېزىق كومېتىتىنى بىكار قىلدى. بۇ ئورگاندىكى ئالىم خەسەن، ھەمدۇللا ئابدۇراخمان، ئابدۇزاھىر تاھىر، نائىلجان تۇرغان قاتارلىق زىيالىلارنى قاماققا مەھكۇم قىلدى.

ئۇيغۇر ۋەتەندە تارىخىدىن ئۇزاقلاشتۇرىلىۋاتقان، تارىخى مىراسلاردىن ئايرىلىۋاتقان، تارىخنى رومان ئارقىلىق بىلدۈرىدىغان زىيالىلاردىن مەھرۇم قالغان شارائىتتا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىلارغا تارىخنىڭ داۋامىنى ئۇلاش، يېزىش، قولىدىن كېلىشىچە مۇھاجىرەتتە تارىخى مىراسلارنى قوغداش ۋەداۋام قىلىش بۇرچى يۈكلىنىدۇ. بۇبۈگۈن ئۇيغۇر كىملىكىنى مۇھاجىرەتتە قوغداش، كۈچلەندۈرۈشنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا كەلگۈسىدە ۋەتىنىمىزدە ئۇيغۇرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كاپالەتلۈندۈرۈشنىڭ، ئۇيغۇر كىملىكىنى يۈكسەلدۈرۈشنىڭ ئۇل تېشىدۇر. 

مۇھاجىرەتتە تارىخنى داۋام قىلىشتا ھەر ساھەدىكى كىشىلەرگە ھەر خىل مەسئۇلىيەت يۈكلىنىدۇ. زىيالىلار يازىدۇ، ئوقۇتىدۇ، بايلار بولسا يازدۇرىدۇ، تارقىتىدۇ ۋە ئەۋلاتلارغا سىڭدۈرۈشكە ھەسسە قوشىدۇ. ھەر قايسى ئەللەردىكى تەشكىلاتلار پائالىيەتلەردە ئۇيغۇر تارىخىغا ئالاقىدار تېمىلارنى مۇزاكىرە ۋە مۇلاھىزىلەرگە تاشلايدۇ. ئانا تىل مەكتەپلەر ئۇيغۇر تارىخىنى بالىلار چۈشىنەلەيدىغان شەكىلدە ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا كىرگۈزىدۇ.

مۇھاجىرەتتە ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ تارىخنى داۋام قىلىش، ئۇلاش ئۈچۈن، تارىخمىزنىڭ يوقالماسلىقى ئۈچۈن قىلالايدىغان ئىشىمىز تارىخىمىزنى فامىلىمىزگە سىڭدۈرۈشتۇر. قىلالايدىغان ئىشىمىز مۇھاجىرەتتە تاللاش ھوقۇقىمىز بولغان فامىلە ئارقىلىق تارىخىمىز، قەھرىمانلىرىمىز ۋە تارىخى ناملىرىمىزنى ئائىلىمىزگە ئېلىپ كىرىش، ئىسمىمىز ۋە جىسمىمىزغا باغلاش بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، تۈركىيەدە مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ پۇقرالىققا ئېرىشكەنلىك ئۇچۇرى تارقالدى. بايقىشىمچە ئۇلارنىڭ كۆپى دادىسىنىڭ ئىسمىنى فامىلە ئورنىدا ئىشلىتىپتۇ. شۇنىسى ئېنىقكى فامىلە دېگەنلىك دادا ئىسمى ئەمەس، بەلكى دادا ئىسمى ئارقىسىغا قوشۇلۇپ كېلىدىغان، شۇ كىشىنى ئەجدادىغا باغلايدىغان بىر بەلگە. شۇڭا ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ قىلالايدىغان ئىشى بىزنىڭ بوۋىلار قالدۇرغان ناملاردا، مومىلار يۈرەكتىن چىقىرىپ سۆيگەن ئىسىملارنى فامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ۋە ئىزچىل بولۇشتۇر.

تارىخى ناملارنى ئىزچىل قوللىنىش، قوغداش ۋە داۋام قىلىشتا ئاخبارات ئورگانلىرىمىزنىڭ رولى چوڭ. مىسالەن، خىتاي ئۇيغۇرچە يەر ناملىرىنى ئېنگىلىزچە يازغاندا پۈتۈنلەي خىتايچە تەلەپپۇز بىلەن يازىدۇ. نەتىجىدە ئ‍ۇ يەر ناملىرىنىڭ ئۇيغۇرنىڭ تارىخى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلىدۇ. مەسىلەن، ئاستانە دېگەن ئۇيغۇرچە پايتەخت دېگەن سۆز. بۇ سۆز ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تىللاردا ئورتاق شۇ مەنانى بىلدۈرىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا ئاستانە دېگەن يەر ناملىرىنىڭ بولغانلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت قۇرغانلىقىنىڭ ئىسپاتى. بۇنى خىتايچە تەلەپپۇزدا لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئاسىتانا دەپ يازغاندا دۇنيادا ھىچ بىر مىللەت ئۇنىڭ پايەخت دېگەن مەنىدىكى سۆز ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيدۇ. شۇڭا بىزنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرىمىز ئۇيغۇر ھەققىدە ئېنگىلىزچە خەۋەر تارقاتقاندا يەر نامىلىرىمىزنىڭ خەلقئارادا ئادەتلەنگەن ئاتىلىشىدىن باشقا ئەسلى ئۇيغۇرچە ئاتلىشىنى تىرناق ئىچىگە ئېلىپ بولسىمۇئەسكەرتىپ قويۇشى، ئېنگىلىز تىللىق دۇنياغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدە قانداق ئاتايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويۇشى كېرەك. بىزدە «ئۇيغۇر ئېلى» دېگەن تارىخى نام يوقاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر رايۇنى، ئۇيغۇرلار دىيارى دېگەن سۆزلەرمۇ يېغىپ كەتتى. ئەل دېگەن دۆلەت دېگەنلىك بولۇپ ساپ ئۇيغۇرچە سۆز. ئۇيغۇرلار تارىختا قۇرغان، تۇرپاننى پايتەخت قىلغان، ئىدىقۇت دۆلىتى دېيىلىۋاتقان دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرچە يازما مەنبەدىكى ئىسمى «ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلى» ئىدى. مەھمۇت قەشقەرى «دىۋان» دا زېمىنىمىز ھەققىدە «ئۇيغۇر دېگەن بىر ئەلنىڭ نامى» دېگەن. بىز ئۇيغۇرنىڭ تارىختا قۇرغان ئۆزىنىڭ ئېلىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى. بىزنىڭ روسچە رايۇن داۋايىمىز، ئەرەپچە دىيار سەۋدايىمىز يوق. 

ئۇيغۇردەك كىملىكى تەھدىتكە ئۇچىرىغان مىللەتكە تارىخ يۆلەك بولىدۇ. ئۇيغۇردەك ئۆملىشىپ، ئۆمەكلىشىپ مەۋجۇتلۇق كۆرىشىگە ئاتلىنىشنى كېرەك بولغان مىللەتكە تارىخ قۇۋۋەت بولىدۇ. ئۇيغۇر ئۈچۈن تارىخ بۈگۈنكى قىسمەتنىڭ سەۋەبى، ئەتىكى تەسەۋۋۇرىمىزنىڭ خۇرۇچى، كۆز ئالدىمىزدىكى تەھدىتكە قارشى تەجرىبىلىرىمىزنىڭ مەنبەسىدۇر. ئائىلىلەردە ئەسلەنمىگەن، ئەسلەردە تىرىلدۈرۈلمىگەن، ئەمەللەردە ۋارىسلىق قىلىنمىغان تارىخ ئۆتمۈشكە ئايلانغان ۋەقەلەر، تۇپراققا ئايلانغان شەخسلەر ۋە قەبرىستانلىقلارنى تولدۇرغان جەسەتلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.