تارىخچىلار: ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رۇسىيەدىكى ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئېتنوگرافىيە تەتقىقاتى ئىلگىرىكى دەۋرگە قارىغاندا سۇسلاشقان
2018.12.31

كېيىنكى ۋاقىتلاردا مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كەڭ دائىرىدىكى تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە كۆپلىگەن ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ نەشر قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەنە شۇنداق ئەسەرلەرنىڭ يەنە بىرى رۇسىيە پايتەختى موسكۋادىكى «ئىسلامسكايا كنىگا» نەشرىياتىدىن يورۇق كۆرگەن ئىدى. «يىپەك يولى ۋادىلىرى: مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئېتنوگرافىيەسى، تارىخى ۋە مەنبەشۇناسلىقىنىڭ بۈگۈنكى مەسىلىلىرى» دەپ ئاتالغان مەزكۇر كىتابنىڭ ئومۇمىي ھەجمى 848 بەتنى تەشكىل قىلغان. ئەسەر رۇسىيە مۇپتىلار كېڭىشى، رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئومۇمىي تارىخ ئىنستىتۇتى ۋە ماردجانى فوندى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. كىتاب مەشھۇر ئېتنوگراف ۋە شەرقشۇناس، مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ تارىخى ۋە ئېتنوگرافىيەسى بويىچە مۇتەخەسسىس بەلقىس كارمىشېۋانىڭ 100 يىللىق خاتىرىسىگە بېغىشلانغان. مەزكۇر توپلامدا گېرمانىيە، ئىسرائىلىيە، كانادا، ئىتالىيە، پولشا، فىرانسىيە، رۇسىيە قاتارلىق ئوندىن ئوشۇق مەملىكەتنىڭ ئالىملىرى بولۇپ، 72 ئاپتورنىڭ 66 ئىلمىي ماقالىسى بېرىلگەن. ئۇنىڭ ئىچىدە قازاقىستانلىق ئۇيغۇرشۇناسلاردىن رىسالەت كەرىموۋا ۋە ئابلەت كامالوفلارنىڭ ماقالىلىرىمۇ ئورۇن ئالغان.
ئالمۇتا شەھىرىدىكى ر. سۇلايمانوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قارمىقىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ رەھبىرى، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى رىسالەت كەرىموۋانىڭ «يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرىدا مېتالنى قايتا ئىشلەشنىڭ ئەنئەنىۋى تۈرلىرى (لېنىنگراد، موسكۋا ۋە قازاقىستان ئېتنوگرافىيەلىك ئېكىسپېدىتسىيەلىرىنىڭ ماتېرىياللىرى ئاساسىدا، 1976-1990-يىللار)، تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئابلەت كامالوفنىڭ «يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرى تارىخىدىكى مەشرەپ ئەرلەر ئولتۇرۇشلىرى» ناملىق ماقالىلىرىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلمىنىڭ تارىخ ۋە ئېتنوگرافىيە مەسىلىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە ئېتنوگرافىيەسى بويىچە قانداق ئىلمىي تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان؟ بۇ ساھەلەردە كىملەر ئىشلىگەن؟
ئابلەت كامالوف سوۋېت دەۋرىدىكى تارىخ تەتقىقاتلىرىنىڭ راۋاجلىنىش ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى بويىچە تۇنجى ئىلمىي لايىھەلەر سوۋېت تارىخشۇناسلىق پېنىنىڭ راۋاجلىنىشىغا قوشۇلغان چوڭ تۆھپە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي ۋە ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىنىڭ ئاساسىي باسقۇچلىرى 1940-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا ئالېكساندر بېرنشتام تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنغان ئىدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى بويىچە تەتقىقاتلار موسكۋا، لېنىنگراد، ئالمۇتا ۋە تاشكەنت قاتارلىق تۆت شەھەرنىڭ ئىلمىي مەركەزلىرىدە ئېلىپ بېرىلدى.»
ئابلەت كامالوفنىڭ تەكىتلىشىچە، تاشكەنتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى بويىچە تەتقىقاتلار ئانچە قويۇق بولمىغان ئىكەن. ئۇلار ئاساسەن موسكۋا ئالىملىرى بىلەن ھەمكارلىقتا ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ جەھەتتە بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چىڭ ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىش تارىخى ئەكەت خوجايېفنىڭ ئەمگەكلىرىدە تەتقىق قىلىنغان. شۇنىڭدەك ئوتتۇرا ئەسىر بويىچە ئايرىم تەتقىقاتلار رۇسىيەنىڭ نوۋوسىبىرسك شەھىرىدە ئېلان قىلىنغان. 1984-يىلى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىدە مەخسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە ئېتنوگرافىياسى بۆلۈمىنىڭ ئېچىلىپ، ئۇنىڭغا گېگىل ئىسقاقوفنىڭ باشقۇرغان ئىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستانلىق تارىخچىلار موسكۋالىق ۋە لېنىنگرادلىق ئالىملار بىلەن زىچ ھەمكارلىقتا ئىشلىگەن. سوۋېت تارىخشۇناسلىق پېنىگە شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخ تەتقىقاتىنىڭ نەزەرىيىۋى نۇقتىلىرىمۇ كىرگەن بولۇپ، سوۋېت تارىخچىلىرى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەرلىك ئاھالىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ دېگەن ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە تەستىقلىغان ئىكەن.
ئابلەت كامالوف يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار مىللەت سۈپىتىدە شەرقىي تۈركىستاندا شەكىللەندى. بۇ ئىدىيە خىتاي تارىخشۇناسلىق پېنىنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسىگە قارشى كېلىدۇ. خىتاي ئالىملىرى ئۇيغۇرلار پەقەت 9-ئەسىردە موڭغۇلىيەنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر كۆچمەن قاغانلىقى غۇلىغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستانغا ئولتۇراقلاشقان دېگەن پىكىرنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. سوۋېت ئالىملىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەرلىك ئاھالىسى ۋە بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن ئېلېمېنتلار ئاساسىدا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كېلىپ چىققانلىقىنى ۋە شەكىللەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.»
ئابلەت كامالوف يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى بويىچە تەتقىقاتلارنىڭ ئاساسەن ئالمۇتادا 1986-يىلى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە قۇرۇلغان ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى، ئاندىن شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قارمىقىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى ئاساسىدا داۋام قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرقى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى بويىچە تەتقىقاتلار ئىلگىرىكىدەك جىددىي بولمىسىمۇ، ئەمما مەلۇم دەرىجىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىكەن. دۇنيا ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنى ھازىر ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە غەربىي ياۋروپانى مەركەز قىلغان ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى بويىچە شۇغۇللانغان تەتقىقاتچىلار ھازىر ئۆزلىرىنىڭ چەتئەللىك كەسىپداشلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىقتا ئىشلىمەكتە. پەقەت ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كۆپلىگەن ئالىملىرى ئەمگەكلىرىنى پەقەت ئۆز مەملىكەتلىرىدىلا ئەمەس، بەلكى چەتئەللەردىمۇ نەشر قىلىنماقتا.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستانلىق ئېتنوگراف تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى رىسالەت كەرىموۋا سوۋېت دەۋرىدە ئېتنوگرافىيە مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىككى مەركەز بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بۇ مىكلۇخو ماكلاي نامىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقلىرىنىڭ ئېتنوگرافىيە ئىنستىتۇتىنىڭ موسكۋا ۋە لېنىنگرادتىكى بۆلۈملىرى. كۆپلىگەن سوۋېت ئېتنوگرافلىرى ئەنە شۇ مەركەزلەردە ئۆسۈپ يېتىلدى. سوۋېت دەۋرىدە ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيەسى مۇتەخەسسىسلىرىدىن ئىرىنا زاخاروۋانى ئاتاشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ ‹سوۋېت ئۇيغۇرلىرىنىڭ ماددىي مەدەنىيىتى› ناملىق ئەمگىكى ‹دۇنيا خەلقلىرىنىڭ ئېتنوگرافىيەسى› ناملىق كۆپ توملۇق ئەسەردە ئېلان قىلىنغان. بۇ توپلام كلاسسىكىلىق ئەمگەك دەپ باھالانغان ئىدى. ئۇيغۇر تارىخچىسى رۇقىيەم خوجايېۋا ئانا ۋە بالا ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە مۇتەخەسسىس بولغان. مېنىڭ ئىلمىي رەھبىرىم ئالېكساندىر رېشېتوف بولسا، سوۋېت ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئېتنوگرافىيەسىنى تەتقىق قىلغان. بۇنىڭدىن تاشقىرى ليۇدمىلا چۋىر، ئېللا مامېدوۋا ۋە باشقىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنوگرافىيە مەسىلىلىرى بويىچە كۆپلىگەن تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان.»
رىسالەت كەرىموۋانىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىقتا ئېتنوگرافىيە بىرىنچى نۆۋەتتە گېگىل ئىسقاقوفنىڭ ئىسمى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىكەن. ئۇنىڭ «رۇس ساياھەتچىلىرى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلىرى ئېتنوگرافىيەسىنىڭ تەتقىق قىلىنىشى» ناملىق مونوگرافىيەسى نەشر قىلىنغان ئىكەن.
رىسالەت كەرىموۋا يەنە مۇنداق دېدى: «ئەينى ۋاقىتلاردا ئۇ ھەر خىل ئېتنوگرافىيەلىك بۆلۈملەرنى باشقۇرغان ئىدى. ئاتاپ ئېيتقاندا، 1986-ۋە 1996-يىللىرى ئۇ ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئېتنوگرافىيە بۆلۈمىنى باشقۇردى. بۇ بۆلۈمدە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە بىر نەچچە خادىملار ئىشلىگەن ئىدى. يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان رۇقىيەم خوجايېۋا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلغان گالىنا باراتوۋا. مەن بولسام ئۇيغۇرلارنىڭ ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپى مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلغان ئىدىم. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ياش تەتقىقاتچىلارمۇ بولدى. مەسىلەن، ئادىلجان زۇلياروف ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرۇشلۇق ئۆي ھۈنىرى بويىچە نامزات-دوكتور بولدى.»
رىسالەت كەرىموۋانىڭ دېيىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، يەنى 1990-يىللاردىكى ئىقتىسادىي تاپچىللىق تۈپەيلى كۆپلىگەن تەتقىقاتلار توختاپ قېلىپ، ئالىملار ئىشسىز قالغان ئىكەن. ئىلگىرى بۇ ساھەدە ئىشلىگەن تەتقىقاتچىلارنىڭ بەزىلىرى ئالەمدىن ئۆتكەن بولسا، بەزىلىرى باشقا ساھەلەرگە يۆتكەلگەن. رىسالەت كەرىموۋا ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىن تارتىپ قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيەسى تەرەققىياتىدا سۇسلىشىش ئەھۋالىنىڭ بايقالغانلىقىنى بىلدۈردى.