تارىخ بىلەن رېئاللىق ئارىسىدا: خىتاينىڭ مىڭ يىللىق ئوتتۇرا ئاسىيا چۈشى (2)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.04.15
تارىخ بىلەن رېئاللىق ئارىسىدا: خىتاينىڭ مىڭ يىللىق ئوتتۇرا ئاسىيا چۈشى (2) جورج تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس مىلۋارد (James Millward) ئەپەندى خۇنسون ئىنستىتۇتىدا ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆزلىمەكتە. 2018-يىلى 4-ماي.
hudson.org

خىتاي تارىخنامىلىرىدە «غەربىي يۇرت» دەپ خاتىرىلەنگەن كەڭ مەنىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى سىياسىيلاشقان خىتاي تارىخشۇناسلىقىدا ئىزچىل «خىتاينىڭ غەربىي قىسمى» دەپ چۈشەندۈرۈپ كېلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ بولسا تارىخنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي مۇددىئالىرىغا ماس كەلتۈرۈپ شەرھلەشنى ئۆزلىرىگە ۋەزىپە قىلغان خىتاي «ئالىم» لىرىنىڭ «شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگو زېمىنىنىڭ بىر قىسمى» دەيدىغان شوئارسىمان بايانلىرىنىڭ ئەڭ تۈپلۈك ئاساسى ھېسابلىنىدۇ. ئەنە شۇ غەربىي يۇرت تارىخىنىڭ مىلادى 8-ئەسىرلەردىكى سەھىپىسى شۇ زاماننىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك سىياسىي كۈچلىرىدىن غەربكە قاراپ شىددەت بىلەن كېڭىيىۋاتقان تاڭ ئىمپېرىيەسى (618-908) ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ دائىرىسىنى شەرققە سىلجىتىۋاتقان ئەرەب ئابباسىيلار ئىمپېرىيەسى(750-1517) نىڭ ھازىرقى پەرغانە ۋادىسىدا توقۇنۇشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ توقۇنۇش بولسا ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىنىڭ كېيىنكى مىڭ يىللىق مۇساپىسىگە مىسلىسىز تەسىر كۆرسەتكەنلىكى بىلەن ئالاھىدە خاراكتېرلىنىدۇ.

ھازىرقى دۇنخۇاڭ ۋە قۇمۇل ئەتراپىدىن تاكى غەربتە خارەزىم ۋادىسىغىچە، شىمالدا ئالتاي تاغلىرىدىن جەنۇبتا قاراقۇرۇم بويىدىكى خوتەن ۋە قەشقەر ئەتراپلىرىغىچە بولغان كەڭ زېمىنغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان غەربى كۆك تۈرك ئىمپېرىيەسىنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن تاڭ ئىمپېرىيەسى 750-يىلىغا كەلگەندە تىبەت ئىمپېرىيەسىنىمۇ ئېغىر ھالسىزلاندۇرغانىدى. ئەنە شۇ ۋاقىتلاردا ئابباسىيلار ئىمپېرىيەسىنىڭ قۇتەيبە ئىبىن مۇسلىم قوماندانلىقىدىكى شەرققە يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇنلىرىنىڭ ئىشغالىيەت دائىرىسى ئاللىقاچان سەمەرقەنت ۋە بۇخارا رايونىنى كونتروللۇققا ئالغان ھەمدە ئىككى چوڭ ئىمپېرىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى تالىشىش كۈرىشى رەسمىي باشلانغان. شەرق دۇنياسى بىلەن غەرب ئەللىرى ئوتتۇرىسىدىكى قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ مۇھىم غول لىنىيەسى بولغان بۇ رايوننى ئۆز ئىلىكىدە تۇتۇش ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن غايەت زور سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە ئىدى. ئەنە شۇ مەقسەتنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش 751-يىلى پەرغانە ۋادىسىدىكى تالاس (Talas) دەرياسى بويىدا يۈز بەرگەنلىكتىن تارىختا بۇ ئۇرۇش «تالاس ئۇرۇشى» دەپ ئاتالدى.

ھەر ئىككى تەرەپتىن ئاز دېگەندىمۇ يۈز مىڭدىن كىشى قاتناشقان، دەپ قارىلىدىغان بۇ ئۇرۇشتا كورېيەلىك سانغۇن گاۋ شيەنجى باشلاپ ماڭغان تاڭ ئىمپېرىيەسى قوشۇنى شۇ ۋاقىتتىكى ئاساسلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرى بولغان قارلۇقلارنى ياللانما ئارمىيە قىلىپ ئىشلەتكەن. ئەرەب قوشۇنى بولسا تاڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەشەددىي رەقىبى، دەپ قارىلىۋاتقان تىبەتلەر بىلەن ئىتتىپاقداشلىق ئورنىتىپ جەڭگە تەييارلانغان. شۇ يىلى ئىيۇلدا تالاس بويىدىكى ھەل قىلغۇچ ئۇرۇشتا قارلۇقلار ئۆزلىرىنىڭ تاڭ ئىمپېرىيەسى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ ئەرەب قوشۇنى بىلەن بىرلىكتە تاڭ ئارمىيەسىگە ھۇجۇم باشلىغان. ئۇرۇشتا تاڭ ئىمپېرىيەسى ئېغىر تالاپەت يەپ ئاز دېگەندىمۇ 30 مىڭ ئەسكىرى ئۆلگەن.

تالاس ئۇرۇشىدىن كېيىن تاڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ ئۆتكەن بىر ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا يۈرۈش قىلىشتا قولغا كەلتۈرگەن بارلىق ئۇتۇقلىرى كۆپۈككە ئايلانغان. شەرقشۇناس گىگانتلاردىن ۋىلادىمىر بارتولد (V. V. Barthold) بۇ ئۇرۇشقا باھا بېرىپ «شۈبھىسىزكى بۇ ئۇرۇش تۈركىستان تارىخىدا بۇ رايوندىكى يېتەكچى مەدەنىيەتنىڭ خىتاي مەدەنىيىتى ياكى ئىسلام مەدەنىيىتى بولۇشىنى بەلگىلىدى» دەيدۇ. بۇ ئۇرۇشتا ئەسىر چۈشكەن خىتايلار بولسا شەرق دۇنياسىدا ئىزچىل مەخپىي رېتسېپ قاتارىدا ساقلىنىۋاتقان يۇقۇرى سۈپەتلىك قەغەز ياساش تېخنىكىسىنى ئىسلام دۇنياسىغا ئېلىپ كىرىپ، ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ كېيىنكى ئەسىردە دۇنياۋى يېتەكچى مەدەنىيەتكە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنىڭ تارىختىكى رولى ھەققىدە سۆز بولغاندا جورج تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس مىلۋارد (James Millward) مۇنداق دەيدۇ.

«بۇ زور كۈچلەرنىڭ ھەممىسىلا مۇشۇ رايوندا ئۆزئارا ئۇچراشقان ۋە تۇتۇشۇپ كۆرگەن. بۇ جەرياندا دىنىي ئېتىقاد، مەدەنىيەت ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشلار ئوتتۇرىغا چىققان. ھازىردىن مىسال ئالساق بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئۇكرائىنا ئۇرۇشىمۇ قارىماققا رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا بولغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇنىڭغا ئارىلىشىپ كەتكەن تەرەپلەر بەك كۆپ. 751-يىلىدىكى تالاس ئۇرۇشىمۇ شۇنداق بولدى. بۇ قارىماققا ئىككى ئىمپېرىيە ئوتتۇرىسىدا بولغاندەك قىلسىمۇ ماھىيەتتە ئىككى خىل ئىدېئولوگىيە ۋە دىنىي ئېتىقادنىڭ ئۇچرىشىشى بولدى. شۇنىڭدەك بۇ رايوندىكى كىشىلەرنىڭ شەرقتىن كەلگەنلەرگە ياكى غەربتىن كېڭىيىۋاتقانلارغا سادىق بولۇشىنى بەلگىلىدى. قارلۇقلار تېزدىن ئەرەبلەرگە يۈزلىنىپ، تاڭ ئىمپېرىيەسى بىلەن قارشىلاشتى. ئەمما بۇ جايدىكى ئەڭ چوڭ پەرق ھاسىل قىلغان ھادىسە شۇ بولدىكى، بۇنىڭدىن كېيىنلا يۈز بەرگەن ئەن لۇشەن ئىسيانىغا ئەگىشىپ تاڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ بىز ئالتىشەھەر، جۇڭغارىيە دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتاۋاتقان دائىرىدىكى تەسىرى كېيىنكى مىڭ يىل ئۈچۈن ئاخىرقى قېتىملىق تەسىر بولۇپ قالدى. ئەرەبلەرنىڭ غەلىبىسى ماھىيەتتە ئىسلام دىنىنىڭ تاڭ ئىمپېرىيەسى ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسىي يېتەكچىلىكنى مەغلۇپ قىلىشى بىلەن خاراكتېرلەندى. تاڭ ئىمپېرىيەسى بولسا ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنىڭ بۇ جايلاردىكى قورغانلىرىنى تاشلاپ چېكىندى.»

تاڭ ئىمپېرىيەسى ئەنە شۇ تەرىقىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئېغىر مەغلۇبىيەتتىن تېپىچەكلەپ قالغاندا ئىمپېرىيەنىڭ ئۇلۇغ سانغۇنى، تاڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ ئون چوڭ ھەربىي رايونىنىڭ ئۈچىگە قوماندانلىق قىلىۋاتقان يېرىم سوغدى-يېرىم تۈرك قانداشلىقى بولغان ئەن لۇشەن ( «بۇخارالىق روشەن» ) 755-يىلى 200 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن ئىمپېرىيەگە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ، تېزلا چاڭئەن (ھازىرقى شىئەن) ۋە لوياڭدىن ئىبارەت ئىككى پايتەختنى ئىشغال قىلغان. بۇنىڭ بىلەن تاڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن سىقىپ چىقىرىلىشى مۇتلەقلىشىپ، تاڭ ئىمپېراتورى شۇەنزوڭ خان ئوردىنى تاشلاپ چېڭدۇغا قېچىپ كەتكەن. پايتەختنىڭ قولدىن كېتىشى بىلەن تاڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ ھالاك بولۇشى قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدىكى ئىشقا ئايلىنىپ قالغان. ئەنە شۇ ۋاقىتلاردا تاڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ شىمالىدىكى موڭغۇلىيە يايلىقىدا 745-يىلى قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسى «شەرقتە قىتانلار يۇرتىدىن غەربتە ئالتاي تاغلىرىغىچە بولغان قەدىمكى ھونلارنىڭ زېمىنىغا ۋارىسلىق قىلغانچە» تېزدىن قۇدرەت تېپىۋاتقان بولغاچقا ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالغان تاڭ ئىمپېرىيەسى ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسىدىن ئۆزلىرىگە قارشى بۇ توپىلاڭنى تىنجىتىشقا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي تارىخنامىلىرىدە بۇ قېتىملىق ياردەم سوراش جەريانى ھەمدە ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسىنىڭ مۇنقەرزلىككە يۈزلەنگەن تاڭ ئىمپېرىيەسىنى قانداق قۇتۇلدۇرۇپ قالغانلىقى ھەققىدە غايەت زور مەلۇماتلار خاتىرىلەنگەن. بۇ جەرياندا تاڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ ۋەلىئەھدىسى لى كۇا (كېيىنكى ئىمپېراتور تاڭ دېزوڭ) نىڭ ھەربىي ياردەم سورىغۇچى ئەلچى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ پايتەختى ئوردا بالىلىق شەھىرىگە كەلگەنلىكى، قوبۇل قىلىش مۇراسىمىدا لى كۇا ئۇيغۇر ئىمپېراتور بايان چۇرغا تىزلىنىپ سالام بېرىشنى ھەمدە قاغانغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئويناشنى رەت قىلغاندا قاتتىق قامچىلانغانلىقى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي ياردەم ھەققىدە سۆھبەتلىشىپ «ئۇيغۇرلار ئىككى پايتەخت (چاڭئەن ۋە لوياڭ) نى قايتۇرۇپ ئېلىپ بەرگەندىن كېيىن بۇ ئىككى شەھەردىكى پۈتۈن بايلىق ۋە قىز-چوكانلار ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ بولىدۇ؛ شەھەر تاڭ ئوردىسىغا قايتۇرۇلىدۇ» دېگەن مەزمۇندا شەرتنامە تۈزگەنلىكى قاتارلىق تارىخىي ۋەقەلەر روياپقا چىققان. شۇ قاتاردا كېلىشىم بويىچە تاڭ ئ‍ىمپېراتورى تاڭ سۇزوڭنىڭ ئۆز قىزى نىڭگو مەلىكە ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسىنىڭ قاغانى بايان چۇرغا خوتۇنلۇققا بېرىلگەن. بۇ خىلدىكى ئەھۋاللار مىلادى 759-يىلى تىكلەنگەن «بايان چۇر مەڭگۈ تېشى» دىمۇ «قوي يىلى (757-يىلى) دا بېرىپتۇ ۋە يوقىتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ كەلدى. ئىككى قىزىنى سوۋغا قىلىپ بەردى. سۆزىڭىزنى يىرماي، دېدى. خاتا ئىش قىلماي، دېدى» دېگەن شەكىلدە بايان قىلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسىنىڭ قانداشلىق جەھەتتە ئۆزلىرى بىلەن كۆپ يېقىن بولغان ئەن لۇشەنگە ئەمەس، ئەكسىچە تاڭ ئىمپېرىيەسىگە بۇ قەدەر ھەل قىلغۇچ ياردەم بېرىپ ئۇلارنى ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشى ھەققىدە سۆز بولغاندا پروفېسسور جېيمىس مىلۋارد بۇ ياردەمنىڭ پۈتۈنلەي سودا خاراكتېرىدە بولغانلىقىنى، بۇنىڭدا ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى تۈپلۈك مەنپەئەتى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

«ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن ئەن لۇشەنگە ئەمەس، تاڭ ئىمپېرىيەسىگە ياردەم بېرىدۇ دېگەنگە كەلسەك، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلار راۋۇرۇس ماددىي مەنپەئەت ۋەدە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىشقا ئارىلاشقان. چۈنكى بۇنىڭدا چاڭئەن ۋە لوياڭ شەھەرلىرى مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيتتى. شۇڭا بۇ ياردەم پۈتۈنلەي سودىلىشىش ئاساسىدا ئەمەلگە ئاشقان. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمدە توپىلاڭچىلار ئىگىلىۋالغان پايتەختلەرنى ئ‍ۇيغۇر ئىمپېرىيەسى قايتۇرۇپ ئېلىپ بەرسىلا تاڭ ئىمپېرىيەسى ئۇلارنىڭ ئاشۇ شەھەردىكى خالىغان نەرسىنى ئېلىپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلغان. ئۇلار ئەن لۇشەنگە ياردەملەشسە ئۇنىڭدىن ئۇنچە كۆپ مەنپەئەت ئالالمايدىغانلىقىنى ئويلىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە بىر مەيدان سودا، خالاس.»

ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسى ئەنە شۇ تەرىقىدە تاڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا بىۋاسىتە قول تىقىشقا باشلىغان ۋاقىتلاردىن تارتىپ تاڭ ئىمپېريەىسى ئۇيغۇرلارغا تايىنىپ ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە ئىچكى بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ كەلگەن. بۇ بولسا تاڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ كېيىنكى يېرىم ئەسىر مابەينىدە يەنە بىر كۈچلۈك رەقىبى بولغان تىبەت ئىمپېرىيەسىنى ئىسكەنجىگە ئېلىشتا قوللىنىپ كەلگەن «ئۇيغۇرلار ئارقىلىق تىبەتلەرنى چەكلەش» سىياسىتىنىڭ ئاساسى بولغان. كېيىنكى ۋاقىتتا چارۋىچىلىق ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسى ئۇدا بىرنەچچە يىل داۋام قىلغان ئېغىر قۇرغاقچىلىق ۋە قەھەتچىلىكتىن ئىمپېرىيەنىڭ ئىقتىسادى جان تومۇرى سۇنۇش گىردابىغا كېلىپ قالغاندا تاڭ ئىمپېرىيەسى ئۇلارنىڭ ياردەم تەلىپىگە جاۋاب قايتۇرمىغان ھەمدە بۇنى «كۆزگە قادالغان مىقنى يۇلۇپ تاشلاش» نىڭ پۇرسىتى قىلغان. نەتىجىدە 840-يىلىغا كەلگەندە ئ‍ۇيغۇرلارغا بېقىندى بولۇۋاتقان قىرغىز قەبىلىسى تاڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاستىرتىن مەدەت بېرىشى ئارقىسىدا 80 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ پايتەخت ئوردۇبالىققا ئاتلانغان. قاغان ئوردىسىدىكى ۋەزىر كۈلۈگ باغا قىرغىزلار بىلەن يوشۇرۇن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ ئىچكى جەھەتتىن ماسلىشىپ بەرگەن. ئەنە شۇ تەرىقىدە ئىمپېرىيە ھالاك بولغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئەسىرلەر بويى تۈركلەرنىڭ ئاساسلىق ماكانلىرىدىن بولغان، كېيىنچە ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىلىكىدە بولغان تەڭرى تېغى بويلىرىغا كۆچكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىدە دۇنخۇاڭ شەھىرىنى پايتەخت قىلغان شاجۇ ئۇيغۇر خانلىقى ۋە تۇرپاندا «ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتى» نى، تارىم ۋادىسىدا بولسا «قاراخانىيلار دۆلىتى» نى قۇرۇپ چىققان. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ رەۋىشتە تۈركلەرنىڭ ئورنىنى ئېلىپ يىپەك يولىدىكى مەدەنىيەت سەركەردىسى ۋە سىياسىي رەھبەر بولۇپ قېلىشى ھەققىدە سۆز بولغاندا پروفېسسور جېيمىس مىلۋارد بۇنىڭ كۆپ قىرلىق تەسىرگە ئىگە تارىخىي ھادىسە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

«تارىخىي خاتىرىلەر بىزگە قىرغىزلارنىڭ ئۇيغۇر خانىدانلىقىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. بۇ خەلقنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى نامى ئەنە شۇنداق بولۇپ، كىشىلەر ئاسانلا بۇ نامنى ھازىرقى قىرغىزىستان بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويىدۇ. ئەمما ئۇلار ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسىنى ۋەيران قىلغاندىن كېيىن ئۆزلىرى بىر خانىدانلىق قۇرۇپ چىقالمىدى، موڭغۇل يايلىقىدىن باشقا جايغىمۇ كەتمىدى. ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسىنىڭ ھالاك بولۇشىغا يوشۇرۇنغان سىرلار بەك كۆپ. نېمىلا بولمىسۇن ئۇيغۇرلار بولسا غەربكە كۆچۈپ ھازىرقى تۇرپاندا يەنە بىر ئۇيغۇر دۆلىتىنى بەرپا قىلىپ چىقتى. ئىدىقۇت ۋە بەشبالىق (بەش شەھەر) نى قوش پايتەخت قىلغان ئىدىقۇت دۆلىتى تاكى 13-ئەسىرگىچە يىپەك يولىدا بەكمۇ مۇھىم رول ئويناپ كەلدى. كېيىنچە موڭغۇل ئىمپېرىيەسىنىڭ غەربكە يۈرۈش قىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقداشلىرىدىن بولدى. ئۇيغۇرلار ئىدىقۇت رايونىدا ئۆزلىرىنىڭ تۈرك-رۇنىك يېزىقىدىن باشقىچە بولغان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىجاد قىلدى ھەمدە يىپەك يولىدىكى ئاساسىي يېزىقلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار ئولتۇراق تۇرمۇشقا ئۆتكەن ھەمدە ئۆزىنىڭ مۇستەقىل يېزىقى بولغان خەلققە ئايلاندى. بۇ يېزىقنى كېيىنچە موڭغۇللار ۋە مانجۇلار قوبۇل قىلدى. ئەنە شۇ تەرىقىدە كۆچمەن ئۇيغۇرلار تېزدىن يىپەك يولىدىكى سىياسىي پائالىيەتلەردە، شۇنىڭدەك غەرب بىلەن شەرق دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتا كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئوينىغۇچى خەلق بولۇپ قالدى.»

مانا شۇنداق قىلىپ تاڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ 751-يىلىدىكى تالاس ئۇرۇشىدا ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭەيمىچىلىك قىلىش ئارزۇسى ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ بولۇپ، خىتاينىڭ سىياسىي تەسىرى بۇ رايوندىن پۈتۈنلەي سىقىپ چىقىرىلغان. شۇنىڭدەك بۇ رايوننىڭ تۈركىي تىلنى ئاساس قىلغان سىياسىي ۋە مەدەنىيەت سىستېمىسى مۇنتىزىم شەكىلدە يارىتىلغان. تاكى 1755-يىلىغا كەلگەندە مانجۇلارنىڭ غەربتىكى جۇڭغار موڭغۇللىرىنى يوقىتىش ئۇرۇشىدا مانجۇ ئارمىيەسى جۇڭغارىيە ۋادىسىنى ئىشغال قىلغان ھەمدە بۇنىڭغا ئۇلاپلا ئ‍ۆز زامانىسىدا «ئالتىشەھەر» دەپ ئاتىلىۋاتقان تارىم ۋادىسىى ئىشغال قىلىنغان. ئالتىشەھەردىكى خوجا ئەۋلادلىرىنىڭ ۋە ياقۇب بەگ باشچىلىقىدىكى قوقان كۈچلىرىنىڭ كۆپ قېتىملىق قارشىلىقلىرىنى قانلىق باستۇرغاندىن كېيىن 1884-يىلىغا كەلگەندە چىڭ ئىمپېرىيەسى بۇ جايدا ئۆلكە تەسىس قىلىپ ئۇنىڭغا «يېڭى چېگرا» ياكى «يېڭى تېررىتورىيە» دېگەن مەنىدە «شىنجاڭ» دەپ ئىسىم قويغان. ئەنە شۇ تەرىقىدە خىتاينىڭ مىڭ يىلدىن ئوشۇق شېرىن چۈش ھالىتىدە تۇرۇپ كەلگەن ئارزۇسى مانجۇلارنىڭ قولى ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تەقدىرىنى يەنە بىر قېتىم خىتايغا باغلاپ قويۇلدى. (تۈگىدى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.