دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى خانىملىرىنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇرلار

سىتوكھولمدىن ئوبزورچىمىز نەۋباھار تەييارلىدى
2024.01.11
qeshqer-chinibagh-engliye-konsulxanisi قەشقەر چىنىباغدىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدى تەرەپ كۆرۈنۈشى، ۋاقتى ئېنىق ئەمەس، قەشقەر
شىۋېتسىيە مىسسىيونېرلار ئارخىپى

19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشى ئەينى ۋاقىتتا قەشقەرنى ناھايىتى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئايلاندۇرغانىدى. بۈيۈك بىرىتانىيەنىڭ ئاسىيادىكى چوڭ دۆلەت ھىندىستاننى ئۆز مۇستەملىكىسى ئاستىغا ئېلىشى ۋە چار رۇسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ تەدرىجىي ھالدا غەربىي تۈركىستاننى ئىگىلەپ پامىر ئېگىزلىكىگە قىستاپ كېلىشى بۇ ئىككى كېڭەيمىچى دۆلەتنىڭ 50 نەچچە يىلغا سوزۇلغان مۇستەملىكە تالىشىش كۈرىشىنىڭ پىلتىسىنى ياقىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىلگىرىكى خىلۋەت ماكان قەشقەر، بىردىنلا ئەنگلىيە-رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى تالىشىش ۋە كۈچ سىنىشىشتا سىياسىي سەزگۈرلۈكى ئىنتايىن يۇقىرى بىر رايون بولۇپ قالىدۇ.

ھەر ئىككى تەرەپ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئادەملىرىنى قەشقەرگە ئەۋەتىپ، ئاخبارات يىغىش بىلەن بىرلىكتە، ئۆزلىرىنىڭ بۇ رايوندىكى تەسىر دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتمەكچى بولىدۇ. چار رۇسىيە ۋە ئەنگلىيە ھۆكۈمەتلىرى زاۋاللىققا يۈزلىنىۋاتقان مەنچىڭ خانىدانلىقىغا بېسىم ئىشلىتىپ ئارقا-ئارقىدىن قەشقەردە كونسۇلخانا تەسىس قىلىدۇ. رۇسىيە تەرەپ دىپلومات پېتروۋسكىينى قەشقەردىكى چار رۇسىيە باش كونسۇللۇقىغا تەيىنلىگەن بولسا، بىرىتانىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئىگە بولغان جورجى ماكارتنېينى (George Macartney Sir) ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باش كونسۇللۇقىغا تەيىنلەيدۇ.

1890-يىلى 24 ياشلىق ماكارتنېي ئەنگلىيەنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى نامىدا قەشقەرگە ئەۋەتىلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭ خانىمى كاتارىن ماكارتنېينىڭ ئەسلىمىسىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ يەنە بىر يوشۇرۇن ۋەزىپىسى رۇسلارنىڭ قەشقەردىكى سۇيىقەست ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىش ۋە ئەنگلىيەگە قارام ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىدى. 1912-يىلى ماكارتنېي قەشقەردىكى كونسۇلخانىغا باش كونسۇل بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ماكارتنېي شۇ تەرىقىدە قەشقەردە 28 يىل تۇرۇپ قالىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدى. قەشقەرگە كېلىپ ئارىدىن بىرقانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 1898-يىلى ماكارتنېي يۇرتىغا قايتىپ، خانىمى كاتارىن ماكارتنېي بىلەن ئۆيلىنىپ ئۇنى قەشقەرگە بىللە ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىككى ئوغۇل ۋە بىر قىز پەرزەنتى قەشقەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولىدۇ.

كاتارىن ماكارتنېي خانىمنىڭ قەشقەرگە بېغىشلاپ يازغان «قەشقەرنى ئەسلەيمەن» دېگەن ئەسىرى 1931-يىلى تۇنجى نەشر قىلىنىدۇ ۋە كىتابخانلارنى كۈچلۈك جەلپ قىلىدۇ. بۇ ئەسەر بىزنى ئەينى دەۋردىكى قەشقەرلىكلەرنىڭ تۇرمۇشى، ھاياتى ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەت ئەھۋالى قاتارلىقلارغا ئائىت ناھايىتى مول ۋە قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ماكارتنېي خانىم قەشقەردە 17 يىل تۇرۇش جەريانىدا قەشقەر ۋە بۇ يەردە ياشىغۇچى خەلقلەر ھەققىدە ناھايىتى چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولغانىدى. بۇ شەھەرنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيان كونا قېلىپىنى ساقلاپ كەلگەنلىكى، كوچىلىرى، بازارلىرى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ كونا پېتى تۇرغانلىقىنى، ئەجدادلىرىنىڭكىدىن ھېچقانداق پەرق قىلمايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. يىغىنچاقلىغاندا، شۇ دەۋردىكى قەشقەرلىكلەرنىڭ ھاياتى ۋە تۇرمۇشىنىڭ قىسمەن كارتىنىسىنى كىتابخانلارغا سۇنغان.

ئۇنىڭدىن باشقا قەشقەرلىكلەرنىڭ ئىرقىي ئالاھىدىلىكى، بەدەن قۇرۇلۇشى ۋە تەقى-تۇرقى، چىراي-شەكلىمۇ باش كونسۇل خانىمىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقانىدى. كاتارىن خانىمنىڭ تۆۋەندىكى بايانلىرىدىن بۇ نۇقتىنى مەلۇم دەرىجىدە ھېس قىلالايمىز: «قەشقەر كىشىلىرىنىڭ تەقى-تۇرقى، چىراي رۇخسارىدا ياۋروپالىقلارغا خاس ئالاھىدە بەلگىلەر ئاز-تولا بار. ئەر-ئاياللار قاۋۇل، بەستلىك، كېلىشكەن، چىرايلىق بولۇپ، چىرايىدىن بىر خىل ئېسىل سۈپەتلىك چىقىپ تۇراتتى… نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيانقى كۆچۈش ۋە سىڭىشىش جەريانىدا بۇ يەردىكى ئىرقلارنىڭ شالغۇتلىشىشى خېلىلا ئېغىر. بۇ يەردىكى قىز-چوكانلار ناھايىتى چىرايلىق، جەزبىلىك، بەزى ئوغۇللارمۇ بەك كېلىشكەن. بولۇپمۇ ئورا كۆز كەلگەن 12 ياشلاردىكى ئوغۇل-قىزلار ناھايىتى گۈزەل. ئۇلار دۇخاۋا، چىت رەختلەردىن كىيىم، يارىشىملىق تۇماق، دوپپىلارنى كىيسە، ئىتالىيانلارغا ياكى ئىسپانلارغا ئوخشاپ كېتىدۇ» دەپ يازىدۇ.

كاتارىن خانىمنىڭ قەشقەر ۋە قەشقەرلىكلەر توغرىسىدىكى تەسىراتى ۋە تونۇشلىرىنى تولۇق، بىر بىرلەپ بايان قىلىشقا مۇمكىنچىلىكىمىز يار بەرمەيدۇ، بىراق بىز تۆۋەندىكى چوڭقۇر مەنىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن قىسقىغىنە بىر قانچە جۈملە ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار دەپ قارايمىز: «بۇ ئادەملەرنىڭ (قەشقەرلىكلەرنى دېمەكچى) قۇلىقى يۇمشاق، باشقۇرۇش ئاسان، ئۇلارنىڭ بىرەر يامان ئىللەتلىرى يوق، ياخشى تەرەپلىرىمۇ يوق» .

جورجى ماكارتنېي قەشقەردە قىلغان خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن «ئاز كۆرۈلىدىغان ساداقەتمەنلىك ۋە ئىقتىدار بىلەن ئۆز دۆلىتىگە خىزمەت قىلغان كىشى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. جورجى ماكارتنېيدىن كېيىن ئەنگلىيەنىڭ قەشقەردىكى كونسۇلخانىسىغا ئارقا-ئارقىدىن بىر قانچە كونسۇل كېلىپ ئالمىشىپ تۇرىدۇ. بۇلاردىن س. پ. سېكورايىن (S. P. Skrine) ، پېرسىي سايكىس (S. P. Sykes) ۋە ئېرىك شىپتون (Eric Shipton) قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش مۇمكىن. بۇلارنىڭ ئىچىدە س. پ. سايكىسنىڭ سىڭلىسى ئېللا سايكىس (Ella Sykes) ۋە ئېرىك شىپتوننىڭ رەپىقىسى دىئاننا شىپتون (Diana Shipton) خۇددى كاتارىن ماكارتنېي خانىمغا ئوخشاشلا تاشقى دۇنياغا ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان مىللەتلەرنىڭ مىجەز-خاراكتېرى ۋە پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە قەلەم تەۋرەتكەن ئاياللاردۇر.

1915-يىلى ماكارتنېي ئەر-ئايال ئەنگلىيەگە دەم ئېلىشقا كەتكەندە، گېنېرال پېرسىي سايكىس قەشقەرگە ۋاقىتلىق كونسۇل قىلىپ تەيىنلىنىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇنىڭ سىڭلىسى ئېللا سايكىسمۇ بىللە قەشقەرگە كېلىدۇ. ئېللا سايكىس ئاكىسىغا ئەگىشىپ ئەينى ۋاقىتتىكى پېرسىيە دۆلىتىدىمۇ ئۇزۇن مەزگىل تۇرغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا تۇرغان ۋاقتى گەرچە ئانچە ئۇزۇن بولمىسىمۇ، قەشقەر، يەكەن، يېڭىسار ۋە خوتەن قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلغان. ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى ئېتنوگرافىيەلىك ۋە تارىخىي بايانلارنى ئاساس قىلغان «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قۇملۇق ۋە بوستانلىقتىن ئۆتۈش» ناملىق كىتابى 1920-يىلى، لوندوندىكى مەكمىللان (Macmillan) نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدۇ. كىتابنى ئاكا-سىڭىل سايكىسلارنىڭ ئورتاق ئەسىرى دېيىشكە بولىدۇ، ئېتنوگرافىيەلىك بايانلارنى ئېللا خانىم يازغان بولسا، تارىخ، جۇغراپىيە قىسمىنى ئاكىسى پېرسىي سايكىس يازغان.

ئېللا خانىم پامىر تاغلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، قەشقەرگە كەلگەن تۇنجى ئەنگلىيەلىك ئايال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر كىتابنىڭ قىممەت ۋە شۆھرەتكە ئىگە بولۇشىدىكى سەۋەب ئەينى ۋاقىتتىكى مۇرەككەپ ھەم كۆپ خىل

قەشقەرلىك ئاياللار ۋە بالىلار، ۋاقتى ئېنىق ئەمەس، قەشقەر
قەشقەرلىك ئاياللار ۋە بالىلار، ۋاقتى ئېنىق ئەمەس، قەشقەر
«ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قۇملۇق ۋە بوستانلىقتىن ئۆتۈش» ناملىق كىتاب

ئىرق، تەركىبلەردىن تەركىب تاپقان ئۇيغۇر ئېلى ئاھالىسى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش ۋە بايانلارنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلىنىشى ئىدى. ئاپتور كىتابىدا ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تاغلىق، بوستانلىق ۋە چۆللۈكلەردە ياشايدىغان ئاھالىلەر ھەققىدە توختىلىدۇ ۋە ئۇلارنى ھەر خىل ناملاردا ئاتايدۇ. مەسىلەن ئۇ كىتابىدا «تاغلىقلار» دەپ ئاتىلىدىغان سارىكۆل ۋە پاخپۇ خەلقى ھەققىدە توختالغاندىن سىرت ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاھالىلەرنى لوپلۇقلار، قىرغىزلار، دولانلىقلار، ئاقسۇلۇقلار، خىتايلار ۋە موڭغۇللار دەپ ئاتاپ، ئۇلارنىڭ چىراي ۋە بەدەن قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى بەرگەندىن باشقا يەنە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى، كىيىم-كېچەك، تۇرالغۇ، ئۆرپ-ئادەتلىرى، مۇراسىملىرى، قاشتېشى، يىپەكچىلىككە ئوخشاش قول-ھۈنەرۋەنچىلىك كەسىپلىرى ھەققىدىكى يېڭى مەلۇماتلارنىمۇ قالدۇرىدۇ. ئېللا خانىم يەنە ئۇيغۇر ئاياللىرى بىلەن ئۆزى كۆرگەن ئىران جەمئىيىتىدىكى پارس ئاياللىرىنى سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ خېلىلا يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى «ۋاقىتلىق نىكاھ» قا ئوخشاش رەھىمسىز سىياسەت-نەيرەڭلەرنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەنلىكىنى ۋە ئۆز ھېسداشلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

 شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئېللا خانىم ئۇيغۇرلاردىكى بىر قىسىم ئىللەتلەرنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. ئۇ، كەپتەرلەرنى ئۇلۇغلاش ۋە كەپتەر مازىرى، مازار-ماشايىقلارغا بېرىپ بالا تىلەش ۋە مۇقەددەس دەرەختىن كېسەللىكلەرگە شىپا تىلەش ئادەتلىرى، باچكىنى قان قىلىپ كېسەل داۋالاش قاتارلىق مەزمۇنلارنى بايان قىلغىنىدا بۇلارنى ئەينى ۋاقىتتىكى «ساۋاتسىزلىق، خۇراپاتلىقتىن بولغان» دەپ قارىغان.

20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىغىچە ياۋروپالىقلارنىڭ قەلىمىدە «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتالغان مەزكۇر زېمىن ھەققىدە قەلەم تەۋرەتكەن ئاخىرقى ئەنگلىيەلىك خانىم، ئەنگلىيەنىڭ قەشقەردىكى ئاخىرقى باش كونسۇلى ئېرىك شىپتوننىڭ خانىمى دىئاننا شىپتون ئىدى. ئۇ، يولدىشى ئېرىك شىپتون 1946-يىلى قەشقەرگە باش كونسۇل بولۇپ تەيىنلەنگەندە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە قەشقەرگە كەلگەن. 1947-يىلى ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىق جاكارلىشى ئەنگلىيەنىڭ قەشقەردىكى كونسۇلخانىسىنى كېرەكسىز بىر ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ئەنگلىيە باش كونسۇلخانىسى تاقىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، باش كونسۇل ئائىلىسى 1948-يىلى ئاپرېل ئېيىدا قەشقەردىن ئايرىلىدۇ.

دىئاننا خانىم خۇددى كاتارىن خانىم بىلەن بەسلەشكەندەك، قەلىمىنى سەپەرگە قەدەم بېسىش بىلەن تەڭلا ئىشقا سالىدۇ. بۇ قەدىمىي ماكاننىڭ ۋە ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ دەسلەپكى ئەھۋاللىرىنى كاتارىن ئەسلىمە قىلغان بولسا، كېيىنكى ئەھۋاللىرىنى دىئاننا يېزىپ قالدۇرىدۇ. ئۇنىڭ 1950-يىلى نەشر قىلىنغان «قەدىمىي ماكان» ناملىق كىتابىدا ئەينى دەۋر قەشقەر كىشىلىرىنىڭ ھاياتىنىڭ جانلىق كارتىنىسى تەسۋىرلەنگەن. ئۇنىڭ بايانلىرى تولىمۇ ئىنچىكە بولۇپ، ئاڭلىغان كىشىنىڭ كۆز ئالدىدا قەشقەرنىڭ ئاشۇ قايناق، جۇشقۇن مەنزىرىسى نامايان بولىدۇ. ئۇنىڭ كىتابى نەشر قىلىنغان بۇ ۋاقىت شەرقىي تۈركىستان پۈتۈنلەي خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان ۋەزىيەتتە ئىدى. دىئاننا خانىم گەرچە سىياسىيون ياكى تارىخچى بولمىسىمۇ كىتابىدا بۇ خىل ۋەزىيەت ھەققىدە ئۆز چۈشەنچىسىنى بەرگەن. ئۇ بىر ياۋروپالىق خانىم نەزىرىدىن خىتاينىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىگە قارشى كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلىگەن. ياۋروپالىقلارغا تونۇشلۇق بولغان تۈركچە ئىسىملارنىڭ ئورنىغا خىتايچە يەر ناملىرىنىڭ قاپلاپ كەتكەنلىكىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ «شىنجاڭ» دېگەن نامدىن باشقا ھېچقانداق خىتايچە ئىسىم قوللانمىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

دىئاننا شىپتونمۇ خۇددى كاتارىن ماكارتنېيغا ئوخشاش قەشقەرلىكلەرنىڭ پىسخىكىسى ھەققىدە توختالغان: «قەشقەرنىڭ ئادەملىرى ھۇرۇن، چېچىلاڭغۇ، ئەمما تىنچ، ئىناق ياشايدىكەن. ئۇلار ئۇزاق زامانلاردىن بېرى مۇشۇنداق ياشاپ كەلگەنىكەن. ھازىر شۇنداق تىنچ ياشاۋېتىپتۇ. شۇڭا، ئۇلاردا ئېسكىموسلاردەك جاسارەت ۋە قەيسەرلىك يوق، پاردانلاردەك ئۇرۇشخۇمار مىجەزنىمۇ يېتىلدۈرمىگەنىدى. ئۇلاردا تىبەتلىكلەردەك جۇشقۇنلۇق ۋە تېتىكلىك، كەشمىرلىكلەردەك قولى گۈل، چېۋەرلىكتىنمۇ ئەسەر يوق ئىدى. ئەمما، بۇ يەردىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى ھەرقانداق بىر جايدىكى ئاددىي-ساددا كىشىلەرگە ئوخشاشلا دوستانە، مېھماندوست. ئۇلار ئاددىيسى بىرەر لەتىپىنىمۇ سىز بىلەن تەڭ بەھر ئېلىشنى خالايتتى. بەزىدە ئۇلارنىڭ ياۋايىلىقى جانغا تېگەتتى. قىلغان ئىشىمۇ كۆڭۈلگە ياقمايتتى. ۋاھالەنكى، ئۇلارغا ئارتۇقچە تەلەپ قويمىسىڭىزلا، ئۇلار شۇنچىلىك جەلپكار، ئاق كۆڭۈل ئادەملەر ئىدى» .

ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇرلار كىتابتا تەسۋىرلىگەندەك ئۇنداق جاسارەتسىز ياكى قەيسەرلىكى بولمىغان خەلق ئەمەس ئىدى. 1945-1949-يىللىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرلار مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەتتا بۇ كۈرەشلەر قەشقەر ئەتراپىغىمۇ تۇتاشقان دەۋر ئىدى. دىئاننا شىپتون خانىمنىڭ كۆزىتىشلىرىدە يۈزەكىلىك كۆپ بولۇپ، ئەپسۇس ئۇ، ئۆزى قەشقەردە تۇرغان شۇ ۋاقىتلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقان قارشىلىق ۋە ئازادلىق ھەرىكەت ۋە ئىنتىلىشلىرىنى ھەتتا ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كۈرەش روھىنى كۆرەلمىگەنىدى.

 چەتئەللىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئىسلام دىنىغا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇ باھالارنى قەشقەر ئۇيغۇرلىرىغا بېرىلگەن پۈتۈنلەي ئىلمىي ۋە توغرا دەپ قارىيالمايمىز. ئەمما بۇ خىل كۆز قاراشلارنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللار ئۈستىدە ئىزدىنىش بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئامېرىكا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ تەتقىقاتچىسى ئېرىك شىلۇسسېل (Eric Schluessel) ، 2020-يىلى نەشر قىلىنغان «ياتلارنىڭ يۇرتى» ناملىق كىتابىدا، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قىسمەن مەۋجۇت بولغان «ۋاقىتلىق نىكاھ» قا ئوخشاش ئەھۋاللارنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تېنىنى كونترول قىلىشتىن باشقا يەنە «روھىنى مەھكۇم قىلىش» مۇ نىشان قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

قەشقەر قەدىمدىن تارتىپ كۆپ خىل مەدەنىيەتلەرنىڭ كېسىشىش ئېغىزى بولۇپ كەلگەن. بۇ ھال قەشقەرنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىمۇ ناھايىتى روشەن بولۇپ، رۇسلار، ئىنگلىزلار، شۋېتلار ۋە باشقا مىللەتلەر بۇ يەردە ھەدەپ ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەتلىرىنى تارقاتقان ھەمدە بەزى دىنىي گۇرۇپپىلار دىنىي تەرغىبات بىلەن شۇغۇللىنىپ، «مەدەنىيەت مۇستەملىكىچىلىكى» يۈرگۈزۈپ، يەرلىك خەلقنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قەشقەر تەسىراتلىرى ھەققىدە كىتاب يازغان خانىملارمۇ گەرچە يازمىلىرىدا قەشقەر خەلقىگە ياۋروپالىقلارنىڭ ئۆلچەملىرى بويىچە باھا بەرمەسلىك بىلەن ئۆزلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرغان بولسىمۇ، يەنىلا ياۋروپا مەدەنىيىتى مەركەزچىلىكىدىن ساقلىنىپ قالالمىغان يەرلىرىمۇ مەۋجۇت.

گەرچە چەتئەللىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى مەلۇم دەرىجىدىكى بىر تەرەپلىمىلىك ۋە خاتا چۈشەنچىدىن خالىي بولالمىسىمۇ، ئەمما ئۆزگىلەرنىڭ باھاسى بىزگە ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتنى كۆزىتىش ۋە چۈشىنىشتە مەلۇم جەھەتتىن ئەينەكلىك رول ئوينايدۇ.

*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.