مۇتەخەسسىسلەر «شىنجاڭدىكى بىر قانچە تارىخىي مەسىلە» ناملىق يىغىنغا ئىنكاس قايتۇردى

0:00 / 0:00

خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جىشېڭ يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا كومپارتىيەنىڭ «شىنجاڭدىكى بىر قانچە تارىخىي مەسىلە» ھەققىدىكى مەيدانى ۋە سىياسىتىنى شەرھلەپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىدېئولوگىيەلىك تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى «ئۇزۇندىن بېرى مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان چوڭقۇر ئىدېئولوگىيەلىك مەسىلىلەر» نى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلىنغان.

يۈ جىڭشېڭ يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ دىن، مەدەنىيەت، تارىخ ۋە مىللەت مەسىلىلىرىدىكى چۈشەنچىسىنى كومپارتىيەنىڭ بۇ مەسىلىلەردىكى مەيدانى بىلەن ماسلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، «بىز شىنجاڭنى تارىخ، مەدەنىيەت، مىللەت، دىن ۋە باشقا ساھەلەردىكى خاتا ئىدىيىلەرنىڭ تەسىرىدىن تازىلىشىمىز كېرەك،» دېگەن.

ئۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن تەشۋىقات پائالىيىتىنى كۈچەيتىپ، مەزكۇر رايوندىكى خەلق ئاممىسىغا يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھالقىلىق نۇقتىلارنى سىڭدۈرۈشنى، بۇ مەسىلىلەردە پارتىيە كادىرلىرىغا، زىيالىيلارغا ۋە دىنىي ساھەدىكىلەرگە تەربىيە ئېلىپ بېرىشنى تەكىتلىگەن. يۈ جىڭشېڭ بۇ سۆزلەرنى 12‏-سېنتەبىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلەن «شىنجاڭدىكى بىر قانچە تارىخىي مەسىلە» ناملىق سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان.

بەزى ئانالىزچىلار، بۇ يىغىننىڭ بۇ يىل 11‏-ئايدا چاقىرىلىدىغان كومپارتىيە 19 ‏-قۇرۇلتىيى ھارپىسىدا ئېچىلىشى دىققەت قوزغايدىغانلىقنى بىلدۈردى. ئامېرىكىدىكى پرىنسىتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتسىسى، خىتاي ۋەزىيەت ئانالىچىسى چېن كۇيدې ئەپەندىنىڭ پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرىمىزغا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى بۇ يىغىن ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خەلقلەرگە ئۆزىنىڭ «شىنجاڭ مەسىلىسى»دىكى رەسمىي سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ يىغىننىڭ بېرىدىغان سىگنالى شىنجاڭغا قاراتقان رەسمىي سىياسەتىمىزدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ، دېگەننى بىلدۈرۈشتۇر. بىز بۇنى ئاساسىي جەھەتتىن مۇنداق چۈشەنسەك ياكى مۆلچەرلىسەك بولىدۇ. كومپارتىيە بۇرۇن يولغا قويۇپ كەلگەن ئىنتايىن قاتتىق قول، ئىنتايىن زوراۋان باستۇرۇش خاراكتېرلىك سىياسەت داۋام قىلىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى، دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتىنى بىكار قىلىش ياكى ئاجىزلاشتۇرۇش داۋاملىشىدۇ، دېگەننى ئىپادىلەيدۇ.»

مەزكۇر «سۆھبەت يىغىنى»غا خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاچقۇچلۇق ئورگانلىرىدىكى ھالقىلىق شەخسلەر قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار جاڭ چۈنشيەن، سۇ جەنشۇ، گۇ شۇنكۈن، سۈن چۈنلەن، دۇ چىڭلىن، ياڭ جىڭ قاتارلىق كومپارتىيە مەركىزى كومىتېتى، ج خ مىنىستىرلىقى، مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمى، دۆلەت كابىنېتى ۋە خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى ئاچقۇچلۇق ئورۇنلارنى ئىگىلەپ تۇرغان ھوقۇقدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

لېكىن خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، «شىنجاڭدىكى بىر قانچە تارىخىي مەسىلە ھەققىدە سۆھبەت يىغىنى» دەپ ئاتالغان بۇ يىغىندا، كونكرېت «قايسى تارىخىي مەسىلىلەر»نىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق مەزكۇر رايوننىڭ دىن، تارىخ، مىللەتلەر، مەدەنىيەت مەسىلىلىرىدە قانداق مەيداندا تۇرۇش كېرەكلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

يىغىندا يۈ جىڭشىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كۆپ مىللەتلىك، كۆپ خىل دىن ۋە كۆپ خىل مەدەنىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاينىڭ چىن، خەن سۇلالىلىرىدىن بېرى خىتاي زېمىنى ئىكەنلىكى، بۇ رايوندىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ۋە مەدىنىيەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ پارچىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۆپ خىل دىنلار تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. لېكىن كومپارتىيەنىڭ بۇ قارىشى بەزى تارىخچىلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

ئامېرىكىدىكى خىتاي تارىخچى جۇ شۆيۈەن ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، يۈ جىڭشىڭنىڭ سۆزىدە بىر تارىخىي ئىزچىللىق يوقكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭ سۆزىدە ئۆز-ئۆزىگە نىسبەتەن ناھايىتى زور بىر ئېنىقسىزلىق بار. شۇڭا ئۇنىڭ سۆزىنىڭ بىر ئىزچىللىقى يوق. ئۇنىڭ سۆزى كومپارتىيەنىڭ شىنجاڭنى باشقۇرۇش تارىخىنى ئۆز-ئارا بىر بىرىگە باغلىيالمىغان. مېنىڭچە، ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدە زور مەسىلە بار. مەسىلەن، ئۇنىڭ دىنىي سىياسىتى، كومپارتىيە شىنجاڭنى ئىدارە قىلغان دەسلەپكى 20-30 يىلدا ئۇلارنىڭ دىنىي سىياسىتى بۇ دەرىجىگە بېرىپ باقمىغانغۇ! ئەجەبا، بۈگۈن ئۇنىڭ بۇرۇنقى دىنىي سىياسىتى خاتا بولۇپ چىقامدۇ. قەدىمىي تارىخنى ئالساق، قەدىمدە جەنۇبىي شىنجاڭ تۈركلىشىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشىنى تېزلەتتى. ئەجەبا، سىز بۇ تارىخنى ئىنكار قىلالامسىز. ئۇلار ئالدى بىلەن ئۇزۇندىن بېرى مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن خاتا ئىدىيە دېگەن بۇ سۆزنى چۈشەندۈرسۇن، ئۇزۇندىن بېرى مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن خاتا ئىدىيە قانداق ئىدىيە. ئەجەبا، شىنجاڭنىڭ 1000 يىللىق ئىسلام ئېتىقادى خاتا تارىخمۇ. ئەگەر سەن بۇنى خاتالىق دېسەڭ بىزنىڭ ساڭا دەيدىغان گېپىمىز قالمايدۇ.»

جۇ شۆيۈەننىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر رايونندىكى يەرلىك خەلق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «شىنجاڭدا خەنزۇلاردىن باشقا ئۇيغۇرلار ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىللەيدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلار مۇتلەق ئاساسى گەۋدە. بۇنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك. ئەلۋەتتە، 1949‏-يىلدىن كېيىن زور كۆلەملىك ئارمىيە ۋە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش قىسىملىرى شىنجاڭغا كىرىپ، نوپۇس تەڭپۇقلىقىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. بىراق ئۇيغۇرلار بىلەن مەزكۇر رايوندىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى نوپۇس تەڭپۇقلىقىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولمىدى. شۇڭا، شىنجاڭدىكى ئاساسلىق يەرلىك خەلق ئۇيغۇرلاردۇر. بىز ئۇقۇمنى ئايدىڭلاشتۇرۇىشىمىز ۋە ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك. خىتاينىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتى نىشانلىق بىر سىياسىي ھەرىكەت. شىنجاڭدىكى نوپۇس ئۆزگىرىشىنى ھەرگىز تەبىئىي يۆتكىلىش كەلتۈرۈپ چىقارمىغان، بەلكى ئۇنى كومپارتىيەنىڭ سىياسىتى پەيدا قىلغان.»

بىراق پرىنسىتون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى چېن كۇيدې ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ قېتىم بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنى ئۇيغۇرلارغا ئاستا-ئاستا «ئۇلار شىنجاڭدىكى ئاساسلىق مىللەت ئەمەس،» دېگەن سىگنالنى بېرىدىكەن.

چېن كۇيدې: مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار بۇ قېتىمقى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغان كەسكىن قاراشلىرىغا ھېچقانداق قايىل قىلارلىق بىر سەۋەب كەرسەتمىگەن. ئۇلارنىڭ قانداقتۇر كۆپ مىللەت، كۆپ مەدەنىيەت دېگەن ئۇقۇملارنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدىكى مەقسىتى شىنجاڭ ئەمدى سىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ رايونى ئەمەس. بۇرۇن ئۇلار ئېتىراپ قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھازىر مەۋجۇت ئەمەس. شىنجاڭغا كۆپلەپ خىتايلار كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، ھازىر ئۇيغۇرلار ئاز سانلىق ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى. خىتايلار ئاساسلىق مىللەت ئورنىغا ئۆتتى، دېگەن نەرسىگە جامائەت پىكرى تەييارلاشتىن ئىبارەت.»

لېكىن چېن كۇيدى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر مەسىلىدە غەلىبە قازىنالمايدىكەن. ئۇ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەزكۇر مەسىلىدە ئۇيغۇرلارنى قايىل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك مەدەنىيەت يىلتىزى بارلىقىنى تەكىتلىدى.