مەن تونۇيدىغان تاشپولات تىيىپ

0:00 / 0:00

تاشپولات تىيىپنىڭ تۇتۇلۇشى ئۇيغۇرنىڭ سۆزدە بار، ئەمەلدە يوق سىياسىي ھوقۇقلاردىن تولۇق ئىنكار قىلغانلىقىنىڭ بېشارىتى بولۇپ قالدى. 1955-يىلى ئۇيغۇرلار ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئېرىشىپ 2020-يىلىغا كەلگەندە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا تۇنجى قېتىم خىتايدىن باش مۇدىر قويۇلدى. تاشپولات تىيىپ 2002-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ھوقۇقىنىڭ ئالىي مائارىپ ساھەسىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىغا، 2012-يىلى ئېتىقاد ھوقۇقىنىڭ جامائەت سورۇنلىرىدا ئاشكارا چەكلەنگەنلىكىگە ئىشخانىدا تۇرۇپ شاھىت بولغان بولسا، 2017-يىلىغا كەلگەندە ئىنسانلىق دۇنياسىغا مەنسۇپ بارلىق ھەق ھوقۇقلاردىن مەھرۇم قىلىنغانلىقىنى قاماقخانىدا تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ھاياتى بەدىلىگە ئىسپاتلىغان بولدى. مەكتەپ تورىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت تارىخىدىكى مۇدىرلار قاتارىدا جاللات شىڭ شىسەينىڭ ئىسمى شەرەپ تاختىسىغا ئېسىلغان بولسا، تاشپولات تىيىپنىڭ ئىسمى، تۆھپىسى ۋە رەسىمى چىقىرىپ تاشلاندى.

مېنىڭ 1998-يىلى تاشپولات تىيىپ بىلەن تونۇشۇپ قېلىشىم بىر دوستۇم يازغان ماقالە سەۋەبلىك بولغان ئىدى. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىدا ئىشلەيدىغان ئۈمىد غېنى ئۇيغۇرلاردىكى چۈشكە بولغان چۈشەنچىلەر ھەققىدە بىر پارچە ماقالە يازغان ئىدى. مېنىڭ تەۋسىيەم بىلەن بۇ ماقالە «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىملىي ژۇرنىلى» غا ئەۋەتىلگەن بولسىمۇ، ئۇزاق ساقلىتىلىپ بېسىلمايدىغان بوپتۇ. ئۈمىد بىلەن مەسلىھەت قىلىپ، بۇ ئىشنى مەزكۇر ژۇرنالنىڭ باش مۇھەرىرى تاشپولات تىيىپقا دەپ باقماقچى بولدۇق.

تاشپولات تىيىپ ئالدى بىلەن ئۈمىدنىڭ قايتۇرۇلغان ماقالىسىنى قولىغا ئېلىپ بىرەر قۇر كۆز يۈگۈرتكەن بولدى. ئاندىن ماقالىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى ۋە نەقىل مەنبەلىرى ھەققىدە بىرئاز پاراڭلاشتى. ئەسەرنىڭ بېسىلماسلىقىغا كۆرسىتىلگەن «خەلق قوبۇل قىلالمايدۇ» دېگەن سەۋەپنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ سەل نارازى بولغاندەك بولۇپ قاپاقلىرى تۈرۈلدى. ئۇ خۇددى ئۆزىگە سۆزلەۋاتقاندەك قىلىپ: «‹شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستىتى ئىلمى ژۇرنىلى› يا ئاممىۋى ژۇرنال بولمىسا، يا بۇ خەلق ئىشلار ئىدارىسىگە قاراشلىق تەشۋىقات ژۇرنىلى بولمىسا، نېمىشقا خەلقنىڭ قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقىنى بىر ئىلمىي ماقالىنى بېسىش-باسماسلىققا ئۆلچەم قىلغاندۇ؟ ئەگەر بىز بىر ئىلمىي ئەسەرگە پەننى، پاكىتنى ئەمەس، ئاممىنىڭ باھاسىنى ئۆلچەم قىلساق، بىزنىڭ پارتىيە مەكتەپلىرىدىن پەرقىمىز قالامدۇ؟» دەپ غۇدۇراپ كەتتى. ئاندىن ژۇرنال تەھرىر بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىپ كۆرسەتمە بەرگەندەك قىلىۋېدى، ماقالە بېسىلىدىغان بوپتۇ.

شۇ كۈنى تاشپولات تىيىپ بىلەن تەشۋىقات بىلەن تەتقىقاتنىڭ پەرقى، ئىلىم بىلەن ئىدېئولوگىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە پاراڭلاشقان ئىدۇق. شۇ چاغدا ياپونىيەدە دوكتورلۇقتا ئوقۇپ قايتىپ كەلگەن ساناقلىق كىشىلەرنىڭ بىرى بولغان بۇ كىشىنىڭ قاراشلىرى ماڭا تەسىر قىلغان بولسا كېرەك، بەزى سۆزلىرى ھېلىمۇ ئېسىمدە. ئۇنىڭ زىيالىيلارنىڭ ھاكىمىيەت، جامائەتچىلىك ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۆستۈرۈش ۋە چۆكتۈرۈشلىرىدىن خالىي ئىزدىنىشى، مۇستەقىل پىكىر قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىشى ماڭا يېڭىلىق تۇيۇلغان ئىدى. ئۇ ئىلىمنىڭ زامانغا ۋە ھۆكۈمرانلارغا بېقىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئىدېئولوگىيەلەردىن پەرقلىنىدىغان خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدە ئېيتقانلىرى ھېلىمۇ ئېسىمدە.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستىرلىق ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا، بىر دوستۇم ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى. جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ئىشخانىسى ئەسلەھەلىرى مەكتەپ بويىچە ئەڭ زامانىۋى ۋە تولۇق بولۇپ، كومپيۇتېرلارنىڭ سۈرئىتى ئەڭ تېز ئىدى. بەزىدە كومپيۇتېردا قىلىدىغان ۋە ئېلخەتلەر ئاچىدىغان ئىشلارنى شۇ يەردە بېجىرەتتىم. بىر كۈنى شۇ ئىشخانىغا كىرسەم، بىر تۇتام خەتلەر شىرە ئۈستىگە دۆۋىلەپ قويۇلۇپتۇ. قارىسام ھەر قايسى ۋىلايەتلەردىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارغا ئەۋەتىلىدىغان خەتلەر ئىكەن. دوستۇمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇلار تاشپولات تىيىپ ھەر قايسى يۇرتلاردا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسلىھەت سوراپ يازغان خەتلىرىگە ئەۋەتىلىدىغان جاۋاب خەتلەر ئىكەن. ئۇ چاغدا تېلېفون ئومۇملىشىپ، قولىدا سالام خەت يازىدىغان ئىشلار تۈگىگەن ئىدى. تاشپولات تېيىپتەك ھەم بىر ئالىي مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ھەمدە شۇ چاغدىكى يېڭى كەسىپ بولغان يىراقتىن سېزىش كەسپىنىڭ خىتايدا تونۇلغان مۇتەخەسسىسى بولۇپ ئالدىراش ئىشلەۋاتقان بىر كىشى ئۈچۈن شۇنچە كۆپ خەتلەرگە قەلەمدە بىر بىرلەپ جاۋاب يېزىشى تەسەۋۋۇرغا سىغمايدىغاندەك تۇيۇلاتتى. دوستۇمنىڭ دېيىشىچە، تاشپولات تىيىپ ئوقۇغۇچىلاردىن كەلگەن ھەر قانداق خەتكە زېرىكمەي، بىر-بىرلەپ جاۋاب قايتۇرۇپ ئۇلارغا مەسلىھەت بېرىدىكەن، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقە قىلىپ ئۇلار ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلارغا ياردەمدە بولىدىكەن.

تاشپولات تىيىپ بىلەن ئاخىرقى كۆرۈشكەن ۋاقتىمىز 2008-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان مازار مۇھاكىمە يىغىنىدا بولغان ئىدى. يىغىننى راھىلە داۋۇت ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۈگۈنكى تۇتقۇن زىيالىيلاردىن ئارسلان ئابدۇللا، ئۆمەرجان نۇرى، ئابلىز ئورخۇن قاتارلىقلارمۇ ئىشتىراك قىلغان ئىدى. يىغىننىڭ سوئال-جاۋاب قىسمىدا ئوقۇغۇچىلار مازارلار قاتۇرۇشنىڭ توغرا-خاتالىقى ھەققىدە سوئال سوراشتى. تاشپولات تىيىپ شۇ چاغدا «ئۆرپ-ئادەت دېگەننىڭ توغرا-خاتاسى بولمايدۇ. مازار قاتۇرۇش ھازىر ئەرەبىستاندا بولمىغان بىلەن، ئوتتۇرا ئاسىيادىن تارتىپ تاكى ئىران، تۈركىيەگە قەدەر مەۋجۇت ‍ئۆرپ-ئادەت. ئۇ دېگەن بىر ئىجتىمائىي ھادىسە، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇنلىشالىسا داۋام قىلىدۇ، نامۇۋاپىق تەرەپلەردە ئۆزلۈكىدىن ئۆزگىرىش بولىدۇ،» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ، ياپۇنلارنىڭمۇ باشقىلارنىڭ كۆزىگە خاتادەك كۆرۈنىدىغان ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ بارلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدى. شۇڭا چاغدا ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى ئۇنىڭ «‍ئۆرپ-ئادەتنىڭ توغرا-خاتاسى بولمايدۇ» دېگەن سۆزى ئىدى. ئۇ چاغلاردا ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى تاراتقۇلاردا ‍ئومۇميۈزلۈك تەنقىد ‍ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، مىللىي ئەنئەنىلەر ھېلى ياپونلارنىڭ، ھېلى ئەرەبلەرنىڭ، ھېلى تۈركلەرنىڭ ئادەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرما قىلىنىپ يەكلەنمەكتە، خاتاغا چىقىرىلماقتا ئىدى.

تاشپولات تىيىپ ئانا تىلنى قوغداشقا قولىدىن كەلگەن تىرىشچانلىقنى كۆرسەتكىنىدىن خەۋەردار ئىدىم. ئۇ «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمى ژۇرنىلى» نىڭ ئۇيغۇرچە تەبىئىي پەن قىسمىنى ئىزچىل چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ كەلگەن، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەبىئىي پەن ساھەسىدىن يەكلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە «قۇرغاق رايونلار تەتقىقاتى» دېگەن يەنە بىر ئىلمىي ژۇرنالنىڭمۇ ئىزچىل نەشر قىلىنىشىغا ۋە ئۇيغۇرچە مەملىكەتلىك يادرولۇق ژۇرنال قاتارىغا كىرگۈزۈلۈشىگە ھەسسە قوشقان ئىكەن.

تاشپولات تىيىپ بىلەن 2016-يىلى كۆرۈشكەن، ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان بىر ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 2016-يىلى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇشتىن ۋاز كېچىپ مىسىر، تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانلارغا كەتكەنلىكىدىن ئېچىنغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن. شۇ چاغدا ھەتتا مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان ۋە ئوقۇۋاتقان ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئوقۇش تاشلاپ چەتئەللەردە ئىلاھىيەتتە ئوقۇشنى تاللىغانلىقىغا قايغۇرغان ئىكەن. تارىم ۋادىسىنىڭ يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنى تەكشۈرۈش، توغراقلار ۋە يۇلغۇنلارنىڭ ئۇيغۇر تۇپراقلىرىنىڭ قۇملىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى رولى ھەققىدىكى تەتقىقاتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىر ئالىم ۋەتەننىڭ توغراق ۋە يۇلغۇنلىرى بولغان ياشلارنىڭ قۇمدەك ئېقىپ، توزغاقتەك توزۇپ كېتىشىگە چىدىمىغان بولۇشى مۇمكىن.

تاشپولات تىيىپ 1958-يىلى غۇلجادا تۇغۇلغان. 1983-يىلدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1992-يىلى ياپونىيەدىكى توكيو تەبىئىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، ھەمدە شۇ يىلى ئانا مەكتىپىگە قايتىپ كېلىپ خىزمىتىنى داۋام قىلغان. 1996-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن. 2012-يىلى باش مۇدىرلىققا ئۆستۈرۈلگەن. 2008-يىلى فىرانسىيەدە پەخرى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

ئۇ تەتقىقات ھاياتىدا 80 پارچىدىن ئارتۇق ئىلىي ماقالە ئېلان قىلغان. 13 تۈردە ھەر خىل تەتقىقاتلارغا يېتەكچىلىك قىلغان. 2017-يىلى گېرمانىيەدىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ قىلىنىۋاتقان بىر تەتقىقات تۈرى ئۈچۈن يىغىنغا ماڭغان ئەسنادا تۇتقۇن قىلغان. تاشپولات تىيىپنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرى چىققاندىن كېيىن، ئامېرىكا جۇغراپىيە ئىلمىي جەمئىيىتى، فىرانسىيەدىكى تەتقىقاتچىلار ئۇنى قۇتقۇزۇش ‍ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ قەيەرگە قاماقلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلمەكتە.