خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورى ئۆتكەن ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرىدە، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچاننى شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشى دەپ تىلغا ئالغان ۋە ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى بىر تېلېۋىزوردا «تايلاندنىڭ 109 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگىنىنى ئەپۇ قىلىشقا بولمايدۇ» دېيىش ئارقىلىق تايلاند ھۆكۈمىتىگە ئاشكارا تەھدىت سالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە ئەيىبلىگەن ئىدى. ئۆتكەن ھەپتە چەتئەللەردىكى بەزى خىتايچە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خىتاي دۆلەت ئاخباراتىنىڭ يۇقىرىقى بايانلىرىغا ئاساسەن، تايلاندىكى پارتلىتىش ۋەقەسىدە شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ قوماندانلىقى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ مەزكۇر سۆزلىرىنىڭمۇ ۋەقەدە تەسىرى بارلىقىنى ئىشارەتلىدى.
بۈگۈن رادىئومىزدا بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئابدۇقادىر ياپچان، ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا ۋەقەنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدىكى پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، بۇنى ھەرگىز تەھدىت دېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر.
0:00 / 0:00