نۆۋەتتە، بانكوك پارتلاش ۋەقەسى ئابدۇراخمان ئابدۇساتتار ئىسىملىك خىتاي پاسپورتى كۆتۈرگەن بىر شەخسكە كىلىتلىنىپ قالدى. ھازىر ئۇنىڭ نەدە ئىكەنلىكى تۈركىيە بىلەن تايلاند ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپقا ئايلاندى.
تايلاند ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئىستانبۇلغا كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇنداق بىر شەخسنىڭ تۈركىيەگە كىرگەنلىكىنى رەت قىلماقتا.
تايلاند ھۆكۈمىتى ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا پاسپورتنىڭ راست-يالغانلىقىغا چۆشەنچە بەرمىگەن. بىراق بانكوكتىكى پارتلاشنىڭ «ئاچقۇچلۇق ئادىمى» ئابدۇراخمان ئابدۇساتتارنىڭ پارتلاشتىن بىر كۈن ئاۋۋال بېنگالغا كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
بېنگال ھۆكۈمىتى بولسا ئابدۇراخمان ئابدۇساتتار ئىسىملىك كىشىنىڭ 16-ئاۋغۇست بېنگالغا كىرگەنلىكىنى، بىراق ئۇنىڭ 30-ئاۋغۇست بېيجىڭغا ئۇچۇپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
بۈگۈن تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئۇ كىشىنى 30-ئاۋغۇست جەت ھاۋا يوللىرىنىڭ ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، يېڭى دېھلىغا، ئۇ يەردىن ئابۇدابىغا، ئابۇدابىدىن ئىستانبۇلغا ئۇچقانلىقىنى ئېلان قىلىشى تۈركىيەنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى.
تايلاند ساقچى باياناتچىسى پروۋان تاۋېرنسىرى «ئۇ 31-ئاۋغۇست ئىستانبۇلغا ئۇچقان. ئىستانبۇل ئۇنىڭ ئاخىرقى بېكىتى ئىكەنلىكى ئېنىق» دېگەن ئىدى.
بىراق بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يۇقىرى دەرىجىلىك بىر تۈرك ئەمەلدارى گۇماندارنىڭ تۈركىيەگە قېچىپ كىرگەنلىكىنى رەت قىلىپ، «ئۇنداق بىر كىشىنىڭ تۈركىيەگە كىرگەنلىكىگە دائىر قېچقانداق خاتىرە يوق. تايلاند دائىلىرىمۇ بىزگە بىر تېررورلۇق گۇماندارىنىڭ تۈركىيەگە سەپەر قىلغانلىقىنى مەلۇم قىلمىدى» دېگەن.
تايلاند ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ۋەقە ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئاشكارا تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارا ئاخبارات تەكشۈرۈش نىشانى ئۇيغۇرلارغا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى مەلۇم.
بۇ ئەھۋال د ئۇ ق نىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئۇ يېقىندا تايلاند دائىرىلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشقا، بارلىقى ئۇچۇرلارنى تولۇق ئېلان قىلىپ، ئورۇنسىز گۇمان پەيدا قىلماسلىققا چاقىرغان ئىدى.
ئامېرىكا خادسون تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور خەن ليەنچاۋ ئەپەندى، نۆۋەتتە دېلو تەكشۈرۈش باسقۇچىدا كېتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ئەھۋالدا ھازىر خۇلاسە چىقىرىشقا بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەن ليەنچاۋ: ئالدى بىلەن پۈتكۈل ۋەقەنىڭ جەريانى ئېنىق ئەمەس. ئۇنىڭ تەكشۈرۈش باسقۇچى تاماملانمىدى. بۇ ئىشقا قانچىلىك ئادەم چېتىشلىق ئۇنىمۇ بىلمەيمىز. ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى قانداق، ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى تەشكىلات قانداق تەشكىلات كۆپچىلىك بۇلارنى بىلمەيدۇ.
بۇ ئەھۋالدا ئۇنىڭغا قارىتا كۆپچىلىك ئېغىر بېسىق بولۇشى كېرەك. بىر-ئىككى گۇماندارنى دەپلا پۈتۈن ئىشنى ئۇيغۇرلارغا ئارتىپ، ئۇلارنى تېرورچىغا چىقىرىشقا بولمايدۇ. پۈتۈن ئۇيغۇرغا تېررورلۇق قالپىقى كىيدۈرۈپ زەربە بېرىش، بۇ كومپارتىيە ئىزچىل قوللىنىپ كەلگەن ئۇسۇل. بۇ بىز ئالاھىدە ھوشيار بولۇشىمىز كېرەك بولغان نۇقتىدۇر.
بۇ يىل 17-ئاۋغۇست بانكوك شەھەر مەركىزىدىكى ئېراۋان ھىندى ئىبادەتخانىسىنىڭ يېنىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدە 20 ئادەم ئۆلگەن. ئۆلگەنلەر ئىچىدە چوڭ قۇرۇقلۇق ۋە خوڭكوڭلۇق خىتايلار خېلى سالماقنى ئىگىلەيتتى.
تايلاند ئاخبارات پارتلاشنى ئىزچىل تايلاندنىڭ بۇ يىل 7-ئايدا نۇرغۇن مۇشەققەتلەر بىلەن ئاران قېچىپ چىققان 109 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىگە باغلاپ، بۇ بىر ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى بولۇشى مۇمكىن، دېگەن پىكىرنى ئىلگىرى سۈرگەن.
لېكىن دوكتور خەن ليەنچاۋنىڭ قارىشىچە، پارتلاش ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىشقا ھازىر بالدۇرلۇق قىلسىمۇ، بىراق پارتلاش خىتايغا بېرىلگەن كۈچلۈك سىگنال.
ئۇ، ئەگەر جۇڭگو ئۆزىنىڭ ھازىرقى باستۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋەرسە، ئۇ ئۇيغۇرلارنى رادىكاللاشتۇرىدۇ. نەتىجىدە بۇ ئۇيغۇرلارنى ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ خەلقئارا رادىكال چارىلىرىغا باش ئۇرۇشقا مەجبۇرلايدۇ.
خەن ليەنچاۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئۇيغۇرلارغا ھۆرمەت قىلمىسا، ئۇلارنىڭ دىنىي ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلمىسا، ئۇلارغا داۋاملىق زەربە بەرسە، بۇ چوقۇم ئۇيغۇرلارنى رادىكاللاشتۇرىدۇ. بۇرۇن شىنجاڭدا بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ جەنۇبىيدا ئىقتىسادى تەرەققىيات تەكشى بولمىدى. جۇڭگونىڭ بايلىقنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشى، يەر شارىلىشىشنىڭ بېسىمى ئۇيغۇرلارنى كاپالەتسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
دىنىي ئېتىقاد ئۆزىنىڭ يۆلىنىشىنى يوقىتىپ قويدى. ئۇلارغا ھېچنېمە قالمىدى. بۇ ئۇلارنى يېڭى بىر مەنىۋى ئىزدىنىشكە ئىتتەردى. چۈنكى، بۇنداق ھۇجۇم ئائىلىنىڭ يىمىرىلىشىنى، ئىجتىمائىي قىممەت قارىشىنىڭ پارچىلىنىشىنى پەيدا قىلىپ، ئىجتىمائىي تۇراقسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇ جەمئىيەتنىڭ بۇرۇنقى ئەنئەنىگە قايتىش ئارزۇسىنى كۈچەيتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا دىنىي رادىكاللىق باش كۆتۈرۈپ، ئۇ نۇرغۇن ياشلارنى جەلپ قىلىدۇ. ئەسلى كومپارتىيە قاتتىق دىققەت قىلىدىغان، ياشلارنى بۇ نۇقتىغا قىستاپ ئاپارماسلىقى كېرەك ئىدى.
ھازىر، ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكىتى تېخى خەلقئارا كۈچلەر بىلەن بىرلەشمىدى. ئەگەر ئۇ خەلقئارا تېررورلۇق كۈچلەر بىلەن بىرلەشسە، ئۇنىڭ بۇزغۇنچىلىق كۈچى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ.
خەن ليەنچاۋ يەنە، نۆۋەتتە، خىتاينىڭ خەلقئارا ئىقتىسادى پائالىيىتى كېڭەيتىپ، ئوتتۇرا-شەرق، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئافرىقا، جەنۇبىي ئامېرىكا، شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادا نۇرغۇن مەبلىغى ۋە جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ بارلىقىنى بارلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، جۇڭگو باستۇرۇشنى توختىتىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلمىسا، كەلگۈسىدە بۇ نەرسىلەر ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ، جۇڭگو ئىقتىسادى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرايدۇ.
خەن ليەنچاۋ يەنە مۇنداق دېدى: خەنزۇلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى يارىشىشنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم. ئاندىن ئىقتىساد ۋە بايلىق تەقسىماتىنى قايتىدىن تەڭشەڭ كېرەك. بىراق ھەممىدىن ئاۋۋال ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى ۋە تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىش زۆرۈر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، باشقىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھۆرمەت قىلىش لازىم.
ئاندىن تەبىئىي بايلىقنى تەڭ شېرىك بولۇش كېرەك. سىز يەرلىك خەلق ھېچنېمە بەرمەي، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن نېفىتىنى ئىچكىرىگە ئېلىپ كەتسىڭىز بولمايدۇ. ئۇلارنى جەنۇبىي شىنجاڭغا ئوخشاش نامرات قويسىڭىز ئەلۋەتتە بۇنداق نامرات يەرلەردە تېررورلۇق تېخىمۇ ئاسان باش كۆتۈرىدۇ. سىز مەدەنىيەت، دىنىي ئېتىقادىنى بوڭسىڭىز ئۇلارنى ئامالسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويسىز.
مالايشىيا ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى بانكوكتىكى پارتلاش ۋەقەسىگە چېتىشلىق 3 كىشىنىڭ قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلغان. مالايسىا باش ساقچى نازارەتچىسى خالىد ئابۇ بەكىرنىڭ قەيت قىلىشىچە، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئىككىسى مالايشىيالىق، بىرى پاكىستانلىق بولۇپ، مايالسىيالىقلارنىڭ بىرى ئايالكەن.
لېكىن تايلاند تەرەپ قولغا ئېلىنغانلارنىڭ قانۇنسىز قاچاقچىلارمۇ ياكى پارتلاش ۋەقەسىگە چېتىشلىق كىشىلەرمۇ بۇ تېخى ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.
مالايشىيا باش ساقچى نازارەتچىسى خالىد ئەبۇ باكىر، بۇ ئۈچەيلەن تايلاند تەرەپ تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن قولغا ئېلىندى، دېگەن. بىراق ئۇ ئۇلارنىڭ قاچان، قەيەردە قولغا ئېلىنغانلىقى، قانداق جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىدىغانلىقىنى ئېيتمىغان.
تايلاند ساقچى باياناتچىسى پراۋۇت بولسا بومبا قويغان شەخسنىڭ مالايشىياغا قېچىپ كەتكەن بولۇشى مۈمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن خالىد ئابۇ بېكىر، بۇ ئىھتىماللىققا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان.
0:00 / 0:00