18-سېنتەبىر كۈنى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تور بېتى» دە «شىنجاڭ گېزىتى» دىن ئېلىنغان بىر ئۇچۇر بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىقلار نازارىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كان بايلىقلىرىنى قېزىش ھوقۇقىنى سېتىش ھەققىدىكى تەشۋىقات يىغىنىنىڭ 25- ۋە 26-سېنتەبىر كۈنلىرى غۇلجىدا ئېچىلىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ قېتىمقى تەشۋىقات يىغىنىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى 180 دىن ئارتۇق كان بايلىقلىرىنى قېزىش ھوقۇقى بازارغا سېلىنىدىكەن. قېزىش ھوقۇقى سېتىلىدىغان بۇ كانلارنىڭ كۆلىمى 40 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ نېفىت، گاز، كۆمۈر، مىس، ئالتۇن، لىتىي قاتارلىق 22 تۈرلۈك كان بايلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۇنىڭ ئىچىدە 39 دانە ئالتۇن كانى، 40 دانە مىس كانى، 34 دانە نېفىت تەبىئىي گاز كانى بار ئىكەن.
بۇنداق يىغىننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېچىلىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولماستىن، بەلكى بۇ يىل ئىيۇندا خوتەندە ئېچىلغان «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كان بايلىقلىرىنى مەركەز قىلغان قېزىش ھوقۇقىنى سېتىش تەشۋىقات يىغىنى» دىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىملىق يىغىندۇر. خوتەندىكى يىغىندىن كېيىنكى 1-ئىيۇلدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى 127 خىل كان بايلىقىنى قېزىش ھوقۇقىنىڭ سېتىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېلان چىقىرىلغان ئىدى.

كوللېكتىپ ئىگىلىك تۈزۈمىنى ئاساس قىلغان خىتايدەك بىر دۆلەتتە، بارلىق تەبىئىي بايلىقلار ھۆكۈمەتنىڭ مۈلكى دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا خىتاينىڭ تەبىئىي بايلىق ساھەسى بىۋاسىتە ھالدا خىتاي ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. كارخانىلارغا سېتىلىدىغان تەبىئىي بايلىقلاردىن كىرىدىغان كىرىم ياكى پايدىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە كىرىمىنىڭ ئاساسلىق مەنبەلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر ۋاقىت دۆلەتنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىدىن خالىغانچە پايدىلىنالايدۇ. ئەمما تەبىئىي بايلىقلاردىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى سېتىش بولسا، كۆپىنچە ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يۈز بېرىدۇ. ئۇنداقتا ئۇيغۇر ئېلىدە كان بايلىقلىرىنى قېزىش ھوقۇقىنى سېتىشنىڭ خىتاي ئىقتىسادىدا چېكىنىش بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ؟
ئۇيغۇر ئېلى تەبىئىي بايلىقلىرى ئىنتايىن مول بولغان بىر باي زېمىن. بۇ بايلىقلارنىڭ ئېچىلىشى خىتاينىڭ ئېنېرگىيە، ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش قاتارلىق ساھەلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەمما تەبىئىي بايلىقلارنى قېزىش ئالدى بىلەن زور مەبلەغ، ئىلغار تېخنىكا ۋە بەلگىلىك ئەمگەك كۈچى تەلەپ قىلىدىغان خىزمەت. ئەمگەك كۈچىنى ھەل قىلىش خىتاي ئۈچۈن ئانچە تەس ئىش ئەمەس، نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇيغۇرلارنى «زامانىۋى قۇللار» سۈپىتىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سالسىلا ئىش پۈتىدۇ. ئەمما مەبلەغ بىلەن ئىلغار تېخنىكا مەسىلىسى ئۇنچە ئاسانغا توختىمايدىغانلىقى ئېنىق. يەنى، 2024-يىلى 9-سېنتەبىردە ئېلان قىلىنغان خىتاينىڭ 1-ئايدىن 7-ئايغىچە بولغان مالىيە كىرىم-چىقىم ھېساباتىدا شاڭخەيدىن باشقا جايلارنىڭ ئىقتىسادىدا قىزىل رەقەم كۆرۈلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان. بۇ ھال ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىدىمۇ قىزىل رەقەم بار، دېگەننى كۆرسىتىدۇ. ئىلغار تېخنىكىلارنى ئېلىپ كىرىش ھەرقاچان مالىيە ۋە ئەمگەك كۈچى مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشىغا باغلىق بىر ئىش. دېمەك، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كان بايلىقلىرىنى قېزىش ھوقۇقىنىمۇ سېتىپ چىقىرىش دەرىجىسىگە چۈشۈپ قېلىشى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن يۈز بەرگەنلىكى تەبىئىي.
نۆۋەتتە خىتاي ئىقتىسادىدا ئېغىر بىر چېكىنىشنىڭ بولۇۋاتقانلىقىمۇ شەكسىز. شۇنداقلا بۇ چېكىنىشنىڭ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىنىڭ خىتايغا قاراتقان جازا تەدبىرلىرى بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىمۇ ئېنىق. گەرچە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دەرھال خاتىمە بېرىش بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ باش تارتىپ بولالماس مەجبۇرىيىتى بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ ب د ت دىكى قوللىغۇچى دۆلەتلىرىنىڭ كۆپلۈكى سەۋەبىدىن، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ب د ت ئارقىلىق ھەل قىلىنىش يوللىرى ئېغىر توسالغۇغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاي گەرچە ب د ت نىڭ فونكىتىسىيەسىگە زور تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ توختىتىلىشىغا ئېغىر توسالغۇ پەيدا قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما غەرب دۇنياسىدىن خىتاي ئىقتىسادىغا بېرىلگەن جازالار ئوخشاشلا خىتاينى ئېغىر ھالسىراتماقتا.
دېمەك، خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ۋە خىتاينى ئۆز جىنايەتلىرى ئۈچۈن تېگىشلىك بەدەل تۆلەتكۈزۈشنىڭ يوللىرى ب د ت ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىغاندىمۇ يەنىلا مەۋجۇت! خىتاينىڭ ئىقتىسادىي قۇۋۋىتى ئۇنىڭ تۈرلۈك جىنايەتلەرنى سادىر قىلىشىنىڭ ئاساسى. شۇنداق ئىكەن، خىتاينىڭ ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىشمۇ، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ جىنايەت يولىنى توسۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا.
گەرچە خىتاي نەچچە ئون يىلدىن بېرى پۈتۈن كۈچىنى سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ قىسمەتلىرىنى تەكرارلىماسلىق ئۈچۈن سەرپ قىلغان ۋە قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن رېئاللىق خىتاينىڭ ئۈمىدلىرىنى يەردە قويىدىغاندەك قىلىدۇ. يەنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن دۇنيانى كوممۇنىزم يولىغا باشلاش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنىدى. ئەمما سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن دۆلەتلەرنىڭ ئېغىر ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي كىرىزىسقا پېتىپ قېلىشى كوممۇنىستىك تۈزۈمىنىڭ ئاللىبۇرۇن مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئىسپاتلىغانىدى. خىتاي دەل باشقىلار مەغلۇپ بولغان يولدا مېڭىشنى تاللىدى. مانا بۈگۈن خىتايدىمۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكىگە ئوخشاشلا ئېغىر كىرىزىسلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
شۇنىسى ئېنىقكى، خىتاي پۈتۈن كۈچى بىلەن تىركەشمەكتە. ئەمما تاللىغان يول خاتا ئىكەن، ھەرقانچە تىركەشسىمۇ، ئۇنىڭ مەغلۇپ بولۇشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى خالاس!
[مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]