«تەھدىتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش» ئىستراتېگىيىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ؟
2021.06.25

يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن G7 كېڭىشى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا بولغان پوزىتسىيەسىدە ئاساسىي جەھەتتىن بىردەكلىك ساقلانغان بولۇپ، مەزكۇر خەلقئارالىق قۇرۇلۇشلارغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا بولغان پوزىتسىيەسىدە بۇندىن كىيىن قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىدىغانلىقى قىزىق نۇقتا بولماقتا.
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان NATO رەھبەرلىرى يىغىنىنىڭ ئورتاق باياناتىدا خىتاينىڭ قىلمىشلىرى «خەلقئارالىق سىستېمىغا قارشى جەڭ ئېلان قىلىش» دەپ سۈپەتلەنگەن.
باياناتتا خىتاينىڭ يادرو قورال زاپاس كۈچىنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقى، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ زامانىۋىيلىشىشىنىڭ ئىنتايىن «مۇجىمەل» ئىكەنلىكى ۋە رۇسىيە بىلەن ھەربىي جەھەتتىن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقى تىلغا ئىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتاينىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئەمەسلىكى ۋە يالغان خەۋەر تارقىتىش قىلمىشى مۇلاھىزە قىلىنغان.
«بلومبەرگ» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ سىستېمىلىق بىر تەھدىت ئامىلى ئەمەسلىكىنى، (NATO) نىڭ خىتاينىڭ ئەسكىرى كۈچىنى سىنىماسلىقى كېرەكلىكىنى، تەھدىت كەلگەندە ئۆزلىرىنىڭمۇ قاراپ ئولتۇرمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. باياناتتىن كىيىن خىتاينىڭ بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللەر ئۆمىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى «خىتاينىڭ تىنچ قۇدرەت تېپىشىنى قارىلاش ئۈچۈن تۆھمەت چاپلىدى» دەپ ئەيىبلىگەن.
دېموكراتىك دۆلەتلەر تەرىپىدىن خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسەتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى جىددىي مەسىلە سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنماقتا. دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا بولغان پوزىتسىيەسىنىڭ ئۆتكۈرلىشىشىگە ئەگىشىپ غەرب دۇنياسى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭ سىياسەت يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان بەزى دۆلەتلەرنىڭ «تەرەپ تاللاش» قا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ خىتايغا بولغان پوزىتسىيەسى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بايدىن ھۆكۈمىتى شەرقى تۈركىستان ۋە خوڭكوڭ قاتارلىق مەسىلىلەردە خىتاينى دۇنياۋى قىممەت قاراشلارغا پىسەنت قىلماسلىق بىلەن ئەيىبلەشنى ۋە يالغۇز قالدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن. ھەر ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭ مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قىلىشقا تىرىشىۋاتقان تۈركىيەنىڭ بولسا ئىتتىپاقداشلىرى تەرىپىدىن خىتايغا قارشى ئېنىق پوزىتسىيىدە بولۇشقا مەجبۇرلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
ئىستانبۇل مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقارا مۇناسىۋەت كەسپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ھەلىن سارى مەرتەمنىڭ ئانادولۇ ئاگېنتلىقىدا ئىلان قىلىنغان «تىرانىسئاتلانتىك مۇناسىۋەتلەردە يىڭى يەر شارىۋىي قارشى تەرەپ-خىتاي» ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق دىيىلگەن: «كاپىتالىست رىقابەتكە تايانغان ‹تەرىپىڭنى تاللا› بېسىمىنى تۈركىيە ۋە باشقا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ بارغانسېرى كۈچلۈك ھېس قىلىدىغانلىقى ئىنىق. بۇ جەھەتتىن ھەر ئىككى تەرەپكە يامان بولمايدىغان ‹تەھدىتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش› ئىسىتىراتىگىيەسىنى ئىجرا قىلىش بارغانسېرى تەسكە توختايدۇ.»
ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ دوكتورانتى مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ «تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش» سىياسىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشمايدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكاغا ئىغىش ئېھتىماللىقىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ھەلىن سارى مەرتەم يازمىسىدا يەنە دۇنيا دېمۇكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە شەخسىي ئەركىنلىكتىن ۋاز كىچىش ئارقىلىق باي بولۇشنى تاللىسا، ئامىرىكانىڭ تەلىيىنىڭ كاجلىشىدىغانلىقىنى، رۇسىيە ۋە خىتايغا ئوخشاش مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ ئۇتىدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى كۈچەپ تەكىتلەۋاتقانلىقىنى ئىيتقان.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى «ئامېرىكانىڭ خىتاي تەھدىتىگە قارشى تۇرۇش سىياسىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ رولى نىمە؟» دىگەن سوئالىمىزغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر مەسىلىسى خىتاي ئىمپىريالىزىمىغا قارشى كۈرەشنىڭ ئاساسىي ۋە دەلىل ئىسپاتى. ئۇيغۇر مەسىلىسى غەرىپ دۇنياسىنىڭ خىتاي ئىمپىريالىزىمى بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان قىممەت قاراشتىكى كۈرەشنىڭ، يەنى دىمۇكراتىيە بىلەن دىكتاتۇرلۇق ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنىڭ ئاساسلىق تېمىسىغا ئايلاندى. بۇ ئۇيغۇرلارغا بىر ئۈمىد، بىر رىغبەت ۋە كۈچ بېرىدۇ.»
ماقالىدە يەنە ئامېرىكانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدە تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى بەزى زىل مەسىلىلەردە ئىتتىپاقداشلىرىنى بىرلەشتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىغا دىققەت تارتقان ۋە مۇنداق دېيىلگەن: «ۋاشىنگتون قانداقلا بولمىسۇن ئىتتىپاقداشلىرىنى رۇسىيە ياكى خىتايغا تارتتۇرۇپ قويۇشنى ياكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بېقىندى ئەھۋالغا چۈشۈپ قىلىشىنى خالىمايدۇ.»
مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى تۈركىيەنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىر كۈچى قاتارلىق جەھەتلەردىن مۇھىم ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى، غەربىنىڭ خىتايغا قارشى سىياسەتلىرىدە تۈركىيەنىڭ مۇھىم رول ئوينىيالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق ۋە كېڭەيمىچىلىك سىياسەتلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىۋاتقان بۈگۈنكىدەك ۋەزىيەتتە، كۆزەتكۈچىلەر بەزى دۆلەتلەرنىڭ غەرب بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا بىر تاللاش ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇرلىنىدىغانلىقىنى، بۇندىن كېيىنكى سىياسىي يۆنىلىشنىڭ تېخىمۇ روشەن ئۆزگىرىشلەرنى بىللە ئىلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتماقتا.