قەدىمىي تەكلىماكاننىڭ ياۋروپالىق ئالىملارنى ئالدىغان ئاددىي پۇقراسى—ئىسلام ئاخۇن
2024.11.06
18-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ بىر قىسىم غەربلىك ئېكسپېدىتسىيەچىلەر، سەيياھلار ۋە باشقا تۈرلۈك سالاھىيەتتىكى كىشىلەر ئىچكى ئاسىياغا جايلاشقان تارىم ئويمانلىقىغا قەدەم بېسىپ، ئەسىرلەر بويى ئۇيقۇدا ياتقان تىنچ بوستانلىقنى ئويغىتىشقا باشلايدۇ. «گۆھەر قازغۇچىلار» دەپ تەرىپلەنگەن ئەنگلىيە، گېرمانىيە، رۇسىيە، شىۋېتسىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن زىيارەتچىلەر قەدىمكى شەھەر خارابىلىرى ۋە چۆللۈكلەردىن بايقالغان يازما يادىكارلىق ۋە ئاسارە-ئەتىقىلەرنى گۆھەر ئورنىدا كۆرۈپ قىدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئىشلىرىدا بولىدۇ.
يەرلىك خەلقلەر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مېھماندوست، ئاق كۆڭۈل، تىرىشچان ۋە دۇرۇس پەزىلەتلىرىنى ئۆز ھەرىكىتىدە كۆرسىتىپ، دۇنياۋى ئالىملارنىڭ كۈندىلىك خاتىرىلىرى ۋە كىتابلىرىدىن ئورۇن ئالغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە سانسىزلىغان كارۋانلارغا ساھىبخانىلىق قىلىپ، ئۆز يۇرتلىرىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە باشلاپ بارغان، ئۇلارغا ماياك بولغان كىشىلەردىن ئۆردەك، ئابدۇرېھىم، توختى ئاخۇن ۋە ئەخمەت مەرگەن قاتارلىق كىشىلەرنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ. بۇلارنىڭ ياردىمىسىز غەربلىك ئالىملار قۇم دەريا ۋادىسىدىن «كىروران گۈزىلى» نى، نىيە خارابىلىكىدىن «قارۇشتى پۈتۈكلىرى» نى ياكى مىرەن قەبرىستانلىقىدىن «قاناتلىق پەرىشتە» رەسىمىنى بايقىمىغان بولاتتى. ھەقىقەتەن ياۋروپالىق، رۇسىيەلىك ئېكسپېدىتسىيەچىلەر ۋە ئالىملارغا تەكلىماكاندا يول باشلاپ ئۇلارنىڭ ئاسارە-ئەتىقىلەرنى يىغىپ، ياۋروپا مۇزېيلىرى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ساقلىنىپ قېلىشىغا ھەسسە قوشقان بۇ ئۇيغۇر يول باشلىغۇچىلىرى ئەمەلىيەتتە شۇ دەۋرنىڭ تۇنجى ئۇيغۇر ئېكسپېدىتسىيەچىلىرى ئىدى. ئۇلار ياۋروپالىق ئالىملارغا يول باشلاپ شۇ ئاسارە-ئەتىقىلەرنى كۆرسەتمىگەن بولسا، بۇ بايلىقلار غەرب دۇنياسىدا ساقلىنىپ ھەم تەتقىق قىلىنىپ، ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ بۈيۈك مەدەنىيەت بايلىقلىرىغا يۇقىرى باھالار بېرىلمىگەن بولار ئىدى. ئەكسىچە، بۈگۈنكى كۈندە ئاتالمىش خىتاي ئارخېئولوگلىرى ۋە سىياسەتچىلىرى تەرىپىدىن خالىغانچە يوقىتىلىپ ھەم سىياسىۋىيلاشتۇرۇلۇپ، «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى»، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» تەشۋىقاتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلغان بولار ئىدى.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۇيغۇر يول باشلىغۇچىلار تا بۈگۈنگە قەدەر گۈزەل ئەخلاقنىڭ شەجەرىسى سۈپىتىدە مەدھىيەلىنىپ ياد ئېتىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەپسۇسكى بۇ خىل ئالىيجاناب كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە غەربلىك سەيياھلارنىڭ خاتىرىسىدە سەلبىي ئوبراز يارىتىپ تارىخ بېتىگە يېزىلغان كىشىلەرمۇ ھەم مەۋجۇتتۇر.
بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەنگلىيەلىك ئارخېئولوگ ئاۋرېل سىتەيىن پاش قىلغان، ساختا قوليازما ياساپ تارىختا نامى پۇر كەتكەن— ئىسلام ئاخۇنمۇ بار. ئاددىي ئۇيغۇر ئىسلام ئاخۇننىڭ ياۋروپالىق ئېكسپېدىتسىيەچىلەرنى ۋە داڭلىق ئالىملارنى ساختا قوليازما ياساپ سېتىپ ئالداش ۋەقەسى ئەينى ۋاقىتتا زىلزىلە پەيدا قىلىپ، ياۋروپالىقلار نەزىرىدە زامانىۋى مەدەنىيەتتىن ئارقىدا قالغان دەپ تۆۋەن كۆرۈلگەن بۇ خەلقنىڭ ئۇنچىۋالا نادان ئەمەسلىكى تەسىراتىنى پەيدا قىلغانىدى. ستەيىن ئۇنى ھەتتا «ئەقىللىق ئەبلەخ» دەپ تەرىپلىگەنىدى.
سۆزنى قەدىمكى قوليازما ئەسەرلىرىنى يىغىش تارىخىدىن باشلىساق غەربلىكلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن قەدىمكى قوليازما ئەسەرلەرنى يىغىش قىزغىنلىقى 1889-يىلى، كۇچار ئەتراپىدىن بايقالغان 5-ئەسىرگە تەۋە ھىندى تېبابەتچىلىكىگە ئائىت مەزمۇنلار پۈتۈلگەن «بوۋېر پۈتۈكلىرى» دەپ ئاتالغان سانسكرىت تىلىدىكى قوليازمىلاردىن باشلانغان بولۇشى مۇمكىن.
ئەنگلىيەلىك ئوفىتسېر خامىلتون بوۋېر (H. Bower) مەزكۇر قوليازمىلارنى سېتىۋالغاندىن كېيىن كالكۇتتادىكى سانسكرىت تىلى مۇتەخەسسىسى رۇدولف ھۆرنېلگە (Rodolf Hoernle) يازمىلارنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئۈچۈن ئەۋەتىدۇ. بۇ قوليازمىلار ھۆرنېلنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتقان بولۇپ، شۇندىن ئېتىبارەن ئوتتۇرا ئاسىيا زېمىنلىرىدا قەدىمكى قوليازما ئوۋلاش ھەرىكىتى باشلىنىپ كېتىدۇ. ھۆرنېلنىڭ تەلىپى بىلەن بىرىتانىيەنىڭ ھىندىستان ھۆكۈمىتى 1895-يىلىدىن 1911-يىلىغىچە ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەلىكىدە قەدىمكى قوليازمىلارنى ئىزدەش سەپەرۋەرلىكى قىلىپ، قوليازمىلارنى ھۆرنېلنىڭ ئوقۇپ شىفىرىنى يېشىشى ئۈچۈن يوللاپ تۇرىدۇ. كېيىن بۇ قوليازما ئەسەرلەر «ھۆرنېل يىغمىلىرى» ۋە «سىتەيىن يىغمىلىرى» نامىدا رەتلىنىپ لوندوندىكى بىرىتانىيە كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىپ كەلمەكتە. ھالبۇكى بۇ قىممەتلىك پۈتۈكلەرنىڭ ئارىسىدا بىر قىسىم ساختا قوليازمىلارمۇ ئورۇن ئالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئارقىسىدا دۇنياۋى شەخسلەرنى ئالدىغان «ئىسلام ئاخۇن خوتەنى» نىڭ ھېكايىسى بار ئىدى.
ئاددىي شەخس ئىسلام ئاخۇن قانداق قىلىپ مەشھۇر شەخسلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتالىدى؟ پىروفېسسور ھۆرنېلگە قوليازمىلارنى تەمىنلەپ بەرگۈچى ئاساسلىق مەنبە ئەنگلىيەنىڭ قەشقەردىكى باش كونسۇلى جورج ماكارتنېي (George Macartney) ۋە كومىسسار ستۇۋارد گودفرېي (Stuart Godfrey) ئىدى. بولۇپمۇ ماكارتنېي قەشقەر بازارلىرىدىن ۋە كىتابپۇرۇچلاردىن يىغقان قەدىمكى ئەسەرلەرنى بىرىتانىيەگە تەمىنلەپ بېرىشتىن باشقا يەنە رۇسىيەنىڭ قەشقەردىكى باش كونسۇلى پېتروۋىسكى ۋە باشقا شەرقشۇناسلارنىمۇ قەدىمكى ئەسەرلەر بىلەن تەمىنلىگەنىدى. قوليازمىلارنى غەربلىك ئالىملارغا يەتكۈزۈشتە خوتەندىكى ئافغان ئاقساقال بەھرۇددىن خاننىڭ ئوينىغان مۇھىم رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئالىملاردىن گېرمانىيەلىك لېكوك، ئەنگلىيەلىك ئاۋرېل سىتەيىن ۋە شىۋېتسىيەلىك نىلس ئامبولت قاتارلىقلارنى براھمى يېزىقى، قارۇشتى يېزىقى، ئۇدۇن يېزىقى، قەدىمكى تىبەتچە يېزىق ۋە پەھلەۋى يېزىقى قاتارلىق قەدىمكى يېزىقلاردىكى ئەسەرلەر بىلەن تەمىنلىگەن. ھازىر بۇ يازما يادىكارلىقلارنىڭ بىر قىسمى ياۋروپادىكى ئاساسلىق چوڭ مۇزېيلاردا كۆرگەزمە قىلىنماقتا.
بۇ ئىشنىڭ جەريانى شۇكى، ئەسلىدە بەھرۇددىن خان قوليازمىلارنى خوتەنلىك ئىسلام ئاخۇندىن سېتىۋالىدۇ، ئىسلام ئاخۇن تەكلىماكان قۇملۇقى ئەتراپىدىكى چۆل-جەزىرەلەردىن قوليازمىلارنى يىغىپ كېلىدۇ، ئاندىن بەھرۇددىن خانغا سېتىپ پۇل تاپاتتى. شۇ تەرىقىدە 1895-1898-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە، ئىسلام ئاخۇن ماكارتنېي، پېتروۋىسكى ۋە باشقا ياۋروپالىق سەيياھلارغا قوليازما سېتىشنى ئۆزىگە كەسىپ قىلىۋالىدۇ، تاكى ئۇنىڭ «ساختا قوليازما» ياساش قىلمىشى ئاشكارىلىنىپ قالغانغا قەدەر ئۇ بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
«ساختا قوليازما» ۋەقەسىدىن بۇرۇن ئىسلام ئاخۇن يەنە دۇنياغا داڭلىق دىزى ماتورنىڭ قۇرغۇچىسى ئەنگلىيەلىك كاپىتان دىزىنىمۇ بىر نۆۋەت (H. H. P. Deasy) ئالدىغانىدى. ئۇ، كاپىتان ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە يول باشلىغۇچى بولۇش باھانىسى بىلەن، كاپىتاننىڭ پوچۇركىسىنى دوراپ، يالغان ئىمزا قويۇپ، قەشقەردىكى بەھرۇددىن ئاقساقالدىن پۇل ئۈندۈرۈۋالىدۇ ۋە بۇ ئىش كېيىن پاش بولۇپ قېلىپ، خوتەن يامۇلى تەرىپىدىن جازالىنىدۇ. ئىسلام ئاخۇن جازاسى ئۈچۈن بوينىغا بىر ئاي بويىچە 30 قاداق ئېغىرلىقتىكى ياغاچ تاقاقنى تاقاپ يۈرىدۇ.
بۇ ئىشتىن كېيىن ئىسلام ئاخۇن خوتەننىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى كېرىيەگە كۆچۈپ كېتىدۇ. ئۇ بۇ يەردە كىشىلەرگە ئۆزىنى باش كونسۇل ماكارتنېي ئەۋەتكەن ئالاقىچى دەپ تونۇشتۇرىدۇ. ئۇ، ئۆزىنىڭ ھۇنزا تىجارەتچىلىرى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان قۇللارنى تېپىپ كېلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇشبۇ يالغان ھېكايە بىلەن يەرلىكلەرنى ئالداپ بىر مەزگىل جان بېقىپ يۈرىدۇ. 1901-يىل، قىش ئايلىرىدا ئىسلام ئاخۇن ئاۋرېل سىتەيىن بىلەن كېرىيەنىڭ يېقىنىدىكى چىرادا كۆرۈشكەنلىكى مەلۇم. بۇ ۋاقىتتا ئىسلام ئاخۇن ئۆزىنى سىتەيىنگە «ھېكىم» دەپ تونۇشتۇرىدۇ. سىتەيىن ئۇنىڭ بىلەن قەدىمكى ئەسەرلەر ھەققىدە كېلىشىدۇ. سىتەيىن ئارخېئولوگ بولۇش بىلەن بىرلىكتە ھىندى ئىران تىللىرىغىمۇ پىششىق ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىچكى ئاسىيا سەپىرىدە خوتەندىكى قەدىمىي دەندەن ئۆيلۈك خارابىسىدىن نۇرغۇنلىغان بۇددا نوملىرى ۋە قارۇشتى، بىراھمى يېزىقىدىكى قوليازمىلارنى بايقىغانىدى. ئەمما سىتەيىن ئىسلام ئاخۇن تېپىپ كەلگەن قوليازمىلارنىڭ يېزىقلىرىنى ئۆزى بىلىدىغان بىرەر يېزىققا ئوخشىتالمايدۇ. يەرلىك خەلق ئىچىدىمۇ ھېچكىم قوليازمىلارنىڭ قانداق يېزىقتا يېزىلغانلىقىنى بىلەلمەيدۇ. ئىسلام ئاخۇن تىلغا ئالغان خارابىلىكلەرنىمۇ ئىلگىرى ئاڭلاپ باقمىغانىدى.
ئارقا-ئارقىدىن دۇنياغا كەلگەن تاسادىپىيلىقلارغا تولغان «بايقاشلار» ۋە غەلىتە يېزىقلار سىتەيىننىڭ گۇمانىنى تېخىمۇ قوزغايدۇ. بۇنىڭ بىلەن سىتەيىن ئىسلام ئاخۇننى ئىككى كۈن سوراق قىلىدۇ، لېكىن ئىسلام ئاخۇن بۇ قوليازمىلارنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى قەتئىي ئىقرار قىلمايدۇ، باشقىلارنىڭ قولىدىن ئالغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرۇۋالىدۇ. لېكىن سىتەيىننىڭ قىستىشى بىلەن ئاخىرى يەنە ئۆزىنىڭ ساختا قوليازمىلارنى ياساپ ساتقانلىقىغا ئىقرار بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سىتەيىن ئىسلام ئاخۇننىڭ يالغانچىلىق نىقابىنى ئېچىپ تاشلايدۇ.
ئىسلام ئاخۇن «قەدىمكى خارابىلىقلاردىن بايقىغان» بۇ «قول يازمىلار» قارۇشتى، ھىندىچە، پارسچە، تىبەتچە، ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە يېزىقلاردىكى قوليازمىلارنىڭ يېزىق تىلىغا ھۆكۈم قىلىش جەھەتتە مول تەجرىبىگە ئىگە مۇتەخەسسىس ھۆرنېلنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ئۇ ھەرقانچە قىلىپمۇ بۇ قوليازمىلارنىڭ قايسى خىل يېزىقتا يېزىلغانلىقىنى بىلەلمەيدۇ ۋە ئۇنى ئوقۇپ يېشىش ئۈچۈن كۆپ ئىزدىنىدۇ. قارىماققا بۇ يېزىقلار بىراھمى يېزىقىغا ئوخشاپراق كېتەتتى. سىتەيىن دەرھال پىروفېسسور ھۆرنېلگە خەت يېزىپ ۋاقتىنى ئۇ قوليازمىلارغا ئىسراپ قىلماسلىقنى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ياساپ چىققان قوليازما بولۇپ چىققانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئۇ ھۆرنېلگە يازغان خېتىدە ئىسلام ئاخۇننى «ئەقىللىق ئەبلەخ»، «ئۆزىنىڭ يۇرتداشلىرىدىن ئالاھىدە ئەقىللىق، يۇمۇرىستىك سۆزلىرى بىلەن كىشىنى جەلپ قىلىدىغان كىشى» دەپ تەسۋىرلەيدۇ.
ئىسلام ئاخۇن غەربلىك ئالىملارنى نادامەت چەكتۈرگەن «قوليازما» لارنى قانداق ياساپ چىققان؟
ئىسلام ئاخۇن بۇ ئىشلارنى يەنە بىرقانچە كىشى بىلەن شېرىكلىشىپ قىلغانىكەن. ئاۋۋال ئۇلار ياغاچ قېلىپلارغا ئويۇلغان براھمى يېزىقىغا ئوخشىتىپ ياسالغان ئاللىقانداق ھەرپلەرنى قەغەز يۈزىگە بېسىپ چىقىدىكەن، كەينىدىن قەغەز ۋاراقچىلىرىنى ئىسلاپ سارغايتىپ قەدىمىي كىتاب ھالىتىگە ئەكېلىدىكەن. ئاندىن باشقىلار كۆزلىگەن نىشانغا بېرىشتىن بۇرۇن ئۇ يەرگە يېتىپ بېرىپ، ئۆزلىرى ياسىغان قوليازمىلارنى قۇملۇققا كۆمۈپ قويىدىكەن. ئىسلام ئاخۇن مانا مۇشۇنداق يوللار بىلەن دۇنياۋى ئالىملارنى ئالدىغانىدى.
سىتەيىن ئىسلام ئاخۇنغا باشقا جازا بەرمەيدۇ، پەقەتلا ئۇنى 1901-يىلى بىر پارچە سۈرەتكە تارتىۋالىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ «قەدىمكى خوتەن» ناملىق كىتابىدا ئىسلام ئاخۇن ھەققىدە بايان قىلىپ، ئۇنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلىدۇ. كېيىن سىتەيىن يۇرتىغا قايتماقچى بولغىنىدا، ئىسلام ئاخۇن ئالاھىدە ئەقىل-پاراسىتى بىلەن ئۇنىڭغا ئوبدان ياردەمچى بولالايدىغانلىقى، شۇڭا ئۆزىنىڭ ئەنگلىيەگە بىللە ھەمراھ بولۇپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، ئەمما سىتەيىن ئۇنى رەت قىلىدۇ. ئىسلام ئاخۇننىڭ كېيىنكى تەقدىرى بىزگە نامەلۇم.
[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]