خىتايدىكى «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش» ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى (1)

0:00 / 0:00

ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» دېگەن نامدا ئۇيغۇرلار دىيارىدا يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان تۈرلۈك بەلگىلىمىلەر ۋە قانۇنلار خەلقئارا جامائەتنىڭ كۈچلۈك تەنقىدلىرىگە دۇچ كېلىۋاتقان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بۇ تەنقىدلەرگە قارىتا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مۇرەككەپ ۋە خەتەرلىك ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ ئۆزلىرىنى ئاشۇنداق تەدبىرلەرنى ئېلىشقا مەجبۇر قىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىپ كەلمەكتە. بۇنىڭ بىلەن خىتايدىكى تېررورلۇق ھادىسىلىرى ھەمدە ئۇنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتىغا قاراپ چىقىش مەقسىتىدە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سۆھبەتلەشتۇق.

تۈرلۈك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن دۇنيا مىقياسىدا تېررورلۇققا قارشى ئومۇميۈزلۈك بىر ئېقىمنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى نامايىش قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىنىڭمۇ تېررورلۇقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بايانلىرى شۇ قاتاردىن يەر ئېلىشقا باشلىدى. ئارىدىن ئون نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتكەن بۈگۈنكى ۋاقىتتا بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ بايانلىرى ئىسلام دىنىنى ۋە ئىسلام ئەسەبىيلىكىنى كونترول قىلىش، رادىكاللىق ۋە ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش، دېگەن ساھەلەرگە مەركەزلىشىشكە باشلىدى.

تەيۋەندىكى نەنخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ياڭ شىيۆ ۋە تارىخ پەنلىرى دوكتۇرانتى سكوت رومانيۇكنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ «تېررورلۇق ۋە خىتايدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش: باشقىچە شەكىلدىكى تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە بۇ مەسىلىلەر خېلى تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىنغان. ماقالە ئاپتورلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتايدىكى مۇسۇلمانلار ۋە ئىسلام دىنىغا دائىر مەسىلىلەرنى بىر ياقلىق قىلىشتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسىلىنى تونۇشى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىپ تەدبىرلەرنى ئېلىشى ئامېرىكىدىكى ئىسلام دىنىغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تۇرۇش ئەھۋاللىرىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق يوسۇندا ئوتتۇرىغا چىقماقتا ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن خىتايدىكى ئالاقىدار تەدبىرلەر مۇسۇلمانلار بىلەن مۇسۇلمان بولمىغان خىتاي پۇقرالىرى ئوتتۇرىسىدا يوغىناپ مېڭىۋاتقان بىر ھاڭنى پەيدا قىلىشقا باشلىغان، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە بولسا «ئىسلام ۋەھىمىسى» تېخىمۇ كەڭ يېيىلىشقا باشلىغان. بۇ ھال ئۇيغۇرلار دىيارىدا تېخىمۇ سەلبىي ۋەزىيەتنى يارىتىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋەتكەن. خىتاي دائىرىلىرى بولسا بۇ خىلدىكى يامانلىشىۋاتقان ۋەزىيەتنى «خىتاينىڭ بىرلىكىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ئۇيغۇرىستان ياكى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى» دەپ شەرھلەپ، بۇنىڭغا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدىكى ھەرخىل تەدبىرلەرنى توختىماستىن ئېلىشقا باشلىغان.

بىز ئۇيغۇرلار دىيارىدا مۇشۇ خىلدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا خىتاي دۆلىتىنىڭ يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ قايسى دەرىجىدە تەسىرى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، پروفېسسور ياڭ شىيۆ بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبنىڭ خىتاينىڭ سىياسەتلىرى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار دىيارىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئىقتىسادىي ئامىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، زورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشى ئاساسىي جەھەتتىن ئىقتىسادىي سەۋەبلەردىن بولۇۋاتىدۇ. نېمىشقا شۇنداق دەيمىز دېگەندە، خىتايدىكى ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىش نىسبىتىدە شىنجاڭ خىتايدىكى باشقا ئۆلكىلەردىن كۆپ ئالدىدا تۇرىدۇ، ئەمما بۇ خىل ئىقتىسادىي ئۆسۈشنىڭ نەتىجىسى مۇۋاپىق تەقسىم قىلىنمايۋاتىدۇ، يەنە كېلىپ شىنجاڭدا ئىشسىزلىق نىسبىتى باشقا ئۆلكىلەردىن كۆپ يۇقىرى. شۇڭا جەمئىيەتتىكى مۇشۇ خىل تەڭسىزلىك، سىز باياتىن تىلغا ئالغان زورلۇق ھەرىكەتلىرىگە پىلتا بولۇۋاتىدۇ.»

ئەمما ئامېرىكىدىكى «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور ياڭ جيەنلىنىڭ قارىشىچە بۇ خىلدىكى ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تەڭپۇڭسىزلىق ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشىلىق كۆرسىتىشكە مەجبۇر قىلدى، دەپ قاراشنىڭ قىلچە ئاساسىي يوق ئىكەن.. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئىقتىسادىي تەرەققىيات مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدۇ. چۈنكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات بارلىققا كېلىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارغا ھۆرمەت، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا قارىتا ئېتىراپ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىغا قىممەت ئاتا قىلىنمىسا، ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلىرى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ مەزمۇنى بىز كۆرۈۋاتقاندەك " قانۇنسىز" بولۇپ قالىدۇ. ئويلاپ كۆرۈڭ، ئۇيغۇرلار ھازىر ساقالمۇ قويالمايدىغان بىر ھالغا گىرىپتار بولۇۋاتىدۇ. تېخى يېقىندا يۈز بەرگەن، بىر پارتىيەلىك كادىرنىڭ ئۆز يېزىسىدىكى دىنىي ئۆلىما ئالدىدا تاماكا چەكمىگەنلىكى ئۈچۈن جازالىنىشىدەك ۋەقەلەر ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھازىرقى مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى. يەنە مىسال ئالساق، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر ئۆز تىلىدا سۆزلىشىشى مەنئى قىلىنىۋاتىدۇ. ھازىرقى ئىقتىسادىي تەرەققىيات مانا مۇشۇنداق تۈپلۈك مەسىلىنى ھەل قىلىشقا چورتلا ئاجىز كېلىۋاتىدۇ. توغرىراقى بۇ مۇمكىن ئەمەس. يەنە بىر جەھەتتىن ئالساق، رايوندىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن كىم بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ؟ يەنىلا ئاشۇ خىتاي پۇقرالىرى بۇنىڭ مېغىزىنى چېقىۋاتىدۇ. چۈنكى، ئۇ جايدا خىتايلار سىياسىي جەھەتتە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ. سىياسىي جەھەتتە ھۆكۈمران بولغانىكەن، ئۇ تەبىئىي يوسۇندا ئىقتىسادقىمۇ ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. شۇڭا ئۇ جايدا ئەمەل تۇتقان ھەرقانداق بىر خىتاي تېزلا ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە دوست-يارانلىرىنى ئۆز ئەتراپىغا توپلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ پايدىسى ئاشۇ غوجاملارغىلا بولىدۇ. ئۇيغۇرلارغا بولسا يوقنىڭ ئورنىدا ئانچە-مۇنچە نېسىۋە تېگىشى مۇمكىن. بۇ خىلدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەندىزىسى يەنە تەبىئىي بايلىقلارنىڭ قېزىلىشىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. نەتىجىدە ئۇ يەردىن بايقالغانلىكى تەبىئىي بايلىقلار بىردەك ئىچكىرىگە توشۇلىدۇ. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ خىل رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلماي، بۇنىڭغا مۇناسىپ تەدبىرلەرنى ئالماي كېتىۋېرىدىغان بولسا، جەزمەنكى بۇ مەسىلە تېخىمۇ ئېغىر مەسىلىلەرگە زېمىن ھازىرلايدۇ.»

دەرۋەقە دۇنيا مىقياسىدا تېررورلۇق ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىر چوڭ تېما بولۇۋاتقان ۋەزىيەتتە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە قايسى نۇقتىلاردىن قاراۋاتقانلىقى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ دىققىتىدىن ساقىت بولۇۋاتقانلىقىنى ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى مايكىل كلارك ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. مايكىل كلارك غەرب دۇنياسىدىكى ئالىملار ئارىسىدا خىتايدىكى تېررورلۇق ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە بىرقەدەر چوڭقۇر ئىزدەنگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى. ئۇ بۇ مەسىلىدە ئالدى بىلەن خىتايدا تېررورلۇق تەھدىتىنىڭ قايسى دەرىجىدە مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە قاراشنىڭ مۇھىملىقىنى تىلغا ئالدى. مايكىل كلارك بۇ توغرىلىق مۇنداق دەيدۇ: «بىز 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان بايانلارغا، بولۇپمۇ غەرب دۇنياسىدا ئوتتۇرىغا چىققان مۇشۇ ھەقتىكى مەزمۇنلارغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرىدىغان بولساق شۇنى بايقايمىزكى، بۇنىڭدا ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلغان ئامىل تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى قانۇنلاشتۇرۇش ھەمدە بۇنىڭغا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەنى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى مۇشۇ خىلدىكى تېررورلۇققا قارشى تەدبىرلەردە ئالدى بىلەن ئويلىشىدىغان ئامىلغا ئايلىنىپ قالدى. يەنە كېلىپ بۇ ئەركىن ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى ئۈچۈن بىر تۈرلۈك بايراقدار ئالاھىدىلىك بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمدى مۇشۇ ئالاھىدىلىكنى خىتايغا تەدبىقلايدىغان بولساق، بۇ ھەقتە بىرەر سىستېمىلىق مۇھاكىمىنىڭ بولغانلىقىنى بىز كۆرمىدۇق، 11 -سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنمۇ بۇ ھالدا ئۆزگىرىش بولمىدى. بۇ ھال بىزنى مۇنداق بىرنەچچە تۈرلۈك قىياسنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا يېتەكلەيدۇ: بىرىنچى، خىتايدا تېررورلۇق تېمىسى بويىچە ئويلاشقىنىمىزدا بۇ خىلدىكى تېررورلۇق تەھدىتى مەۋجۇت ئەمەس، يەنى بۇنىڭغا شۇنى قوشۇمچە قىلىپ قويۇشقا بولىدۇكى، بىر پارتىيەلىك دىكتاتورا ھاكىمىيەت ھۆكۈم سۈرگەن مۇھىتتا تېررورلۇققا قارشى قانۇن ماقۇللاش ھاجەتسىز، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەزمۇنىدىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويۇپ ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىش تېخىمۇ ھاجەتسىز. ئەمدى بۇ نۇقتىنى خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەجرىبىلىرى بىلەن زىچ باغلاپ تۇرۇپ تەھلىل قىلىدىغان بولساق، بۇنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان بىر بۇلۇڭدا " تاشلاندۇق" ھالەتتە تۇرۇۋاتقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. بۇ بولسا، ئۇزۇندىن بۇيان قالاق ھالەتتە قالغان، شۇنداقلا خېلى ئۇزۇن مەزگىلگىچە خىتاي ھاكىمىيىتى مۇستەھكەم رەۋىشتە ئۆز كونتروللۇقىدا تۇتالماي كېلىۋاتقان بىر رايوننى خىتاي بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ۋە "زامانىۋىلاشتۇرۇش" تەك بىر ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئىشارە قىلىدۇ.»

مايكىل كلاركنىڭ پىكرىچە، ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىسلام تېررورچىلىرى بىلەن قايسى دەرىجىدە باغلىنىشىنىڭ بارلىقى خىتاينىڭ دۇنيا مىقياسىدا كېڭىيىۋاتقان ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭ بۇندىن كېيىنكى «تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش» قىلىشىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى داۋاملىق مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:«ئەمدى بۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ قويىدىغان بىر تېما ياكى تەسۋىر، بولۇپمۇ 11 -سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى ۋەقەلەر ئىچىدە ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بولغان بىر ۋەقە، ئۇيغۇرلاردىكى بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇقىنىڭ ھازىرقى رادىكال ئىسلام بىلەن قانداق باغلىنىشى بارلىقىدۇر. بولۇپمۇ ئافغانىستان، پاكىستان، يەنە كېلىپ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىراقنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا ۋە سۈرىيەدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئىسلام خەلىپىلىكى بىلەن بولغان ئالاقىسىدۇر. بۇ جايلارغا ئومۇمى جەھەتتىن نەزەر سالغىنىمىزدا، بۇ رايونلارنىڭ دەل خىتاي دۆلىتى ھەربىي قۇۋۋەت ۋە ئېشىۋاتقان ئىقتىسادىي زور كۈچ سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان جايلار ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. ئوتتۇرا شەرق، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرى دەل مۇشۇ تىپقا مەنسۇپ ئاچقۇچلۇق رايونلاردۇر. شۇڭا خىتاي ئېيتىۋاتقان تېررورلۇق تەھدىتى خىتاي ئۈچۈن مەيلى ئىچكى جەھەتتىن بولسۇن ياكى تاشقى جەھەتتىن بولسۇن، زور ئەھمىيەتكە ئېگە تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىچكى جەھەتتە تېررورلۇق تەھدىتى دېگەندە شىنجاڭ ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ؛ يەنە خىتاينىڭ دۇنياۋى مىقياستا ئېشىپ بېرىۋاتقان مەۋجۇتلۇقىنى ئويلاشقاندا تاشقى جەھەتتىكى تەھدىتلەرنىمۇ ئېشىپ مېڭىۋاتىدۇ، دەپ قاراۋاتىدۇ.»

مايكىل كلاركنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ۋەزىيەت ھەمدە خىتاينىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرى مۇشۇ يوسۇندا داۋام قىلىۋەرسە، ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئىككىنچى پەلەستىن بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى يىراق ئەمەس ئىكەن.