ئۇيغۇرلار دىيارىدا 2016-يىلى ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئىجرا قىلىشقا باشلىغان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نىزامى» خەلقئارانىڭ دىققىتى ۋە تەنقىدىگە دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئالاقىدار كىشىلەر بۇنداق بىر قانۇن ئارقىلىق تېررورلۇقنى چەكلىمەكچى بولغانلىق، ئەمەلىيەتتە ئەڭ ئەقەللىي ئىنسان ھەقلىرىنىڭ تېخىمۇ دەپسەندە بولۇشىغا يول ئاچىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سۆھبەتلەشتۇق ھەمدە خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش» دېگەن نامدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدۇق.
دۇنيا مىقياسىدا تېررورلۇق ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئورتاق تېمىغا ئايلانغان ۋەزىيەتتە، خىتاينىڭ بۇ ئومۇمىي ئېقىمغا قىستۇرۇلۇپ كىرىشى بىلەن، خىتاينىڭمۇ «تېررورلۇقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقى» ئۆتكەن يىگىرمە يىلغا يېقىن مەزگىلدە ئىزچىل تەكىتلەندى. بۇنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى بولسا خىتايدا ماقۇللانغان «تېررورلۇققا قارشى قانۇن» ۋە ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئۇنىڭ قوشۇمچە مەزمۇنى سۈپىتىدە ئېلان قىلىنغان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نىزامى» دا ئەكس ئەتتى.
بۇ ئالاقىدار قانۇنلار ئىجرا بولغاندىن بۇيانقى مەزگىلدە، ئۇنىڭ قانداق ئۈنۈم قازانغانلىقىغا دائىر مەسىلىلەر تەيۋەندىكى نەنخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ياڭ شىيۆ ۋە تارىخ پەنلىرى دوكتۇرانتى سكوت رومانيۇكنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ «تېررورلۇق ۋە خىتايدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش: باشقىچە شەكىلدىكى تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىندى.
ماقالە ئاپتورلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدا بۇ قانۇنلار ئىجرا بولۇشقا باشلىغاندىن بۇيان نۇقتىلىق قىلىپ مۇسۇلمانلارنى «رادىكال» ياكى «ئەسەبىي» دەپ قاراش خاھىشى روشەن ھالدا ئېشىپ بارغان. بۇنىڭغا ماس ھالدا خىتايدا ئىسلام ۋەھىمىسى ۋە «تېررورلۇققا قارشى» ھەرىكەتلەر مۇناسىپ دەرىجىدە يۈكسەلگەن. يەنى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، رايون مىقياسىدا مۇقىملىق ۋەزىيىتى بۇرۇنقىدىنمۇ ناچارلىشىپ ماڭغان.
ماقالە ئاپتورلىرى بۇ ھەقتىكى ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە توختالغاندا، بۇنىڭدىكى ئىزچىل سەل قارىلىپ كەلگەن بىر نۇقتىنىڭ دىققەتتىن ساقىت بولۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇلارنىڭ پىكرىچە، خىتاي كومپارتىيىسى ئۆزلىرى يولغا قويۇۋاتقان مىللىي سىياسەتلەر ھەققىدە شۇ سىياسەتلەرنىڭ ئوبيېكتى بولغان مىللەتلەر بىلەن ھېچقاچان سۆھبەتلىشىپ باقمىغان. يەنە كېلىپ ھۆكۈمران ئورۇندىكى خىتاي كومپارتىيىسىگە خاس بۇ خىل تارىخىي خاراكتېر ھازىرمۇ ۋە كەلگۈسىدىمۇ ئۆزگەرمەي داۋام قىلىدىكەن. مانا مۇشۇ خىل خاراكتېردىكى پارتىيە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ھاكىمىيەت بولسا، ئۆز نۇقتىنەزىرىگە مۇستەھكەم يېپىشقان ھالدا مەسىلىلەرنى كۆزىتىش ھەمدە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ «ئۆزگىچە» ئۇسۇللىرىنى يولغا قويۇپ كەلمەكتە ئىكەن.
بىز بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەردىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا تۈرلۈك نىزامنامىلەر ھەمدە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ بولسا «تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش» دېگەن نامدا شەرھلىنىۋاتقانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ماقالە ئاپتورلىرىدىن ياڭ شىيۆ بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىشتىن باشقا نەتىجە ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ توغرىلىق مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، خىتاي كومپارتىيىسى يولغا قويۇۋاتقان بۇ خىل دۆلەت سىياسەت ۋە نىزامنامىلەرنى ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىۋاتقان چارىلار، دېيىش مۇمكىن. چۈنكى، مەن شۇنداق ئويلايمەنكى، بۇ ھال دۇنيا مىقياسىدا ئورتاق بولغان بىر ھەقىقەتنى يورۇتۇپ بېرىدۇ: ھەرقانداق بىر تېررورلۇق ھەرقاچان زۇلۇمغا قايتۇرۇلغان ئىنكاس سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ ھەرقاچان شۇنداق بولىدۇ. شۇڭا قەيەردە بىرەر تېررورلۇق ھەرىكىتى ئوتتۇرىغا چىقىدىكەن، شۇ جايدا جەزمەنكى، بىر تۈرلۈك ھەقسىزلىق ياكى زۇلۇم ھۆكۈم سۈرگەن بولىدۇ. شۇڭا بۇ خىلدىكى نىزامنامىلەر ئەمەلىيەتتە شۇ جايدا بىر تۈرلۈك ھەقسىزلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئىسپاتى. شۇنداق بولغانىكەن، بۇ خىل نىزامنامىلەر جىددىيلىشىۋاتقان ۋەزىيەتنى يۇمشىتىشنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ كۆپ زورلۇق ھەرىكەتلىرىگە سورۇن ھازىرلايدۇ. مېنىڭ بۇنى ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدىغان سىياسەت، دېيىشىمنىڭ سەۋەبى مانا مۇشۇنىڭدا. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي كومپارتىيىسى بۇ خىل تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنىڭ ئورنىغا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر خەلقىگە پايدىلىق بولغان ئىجتىمائىي پاراۋانلىقنى يولغا قويۇشى لازىم، دەپ ئويلايمەن. مۇشۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، خىتاي كومپارتىيىسى مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان ئېتنىك تەركىبلەرگە، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەرگە، شۇنىڭدەك ئوخشاش بولمىغان تۇرمۇش شەكلىگە ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىنىشى لازىم. دېمەك، تېررورلۇق ھادىسىلىرىنى باستۇرۇش يولى بىلەن تۈگىتىمەن، دېيىش پەقەتلا تېخىمۇ كۆپ تېررورلۇقنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ پۈتۈنلەي خاتا بولغان بىر تۈرلۈك سىياسەت، خالاس.»
ئۇنىڭ قارىشىچە، ھەقىقىي مەنىدىكى تېررورلۇق مەۋجۇت بولمىغان رايوندا، بۇ خىلدىكى دۆلەت ھاكىمىيىتىگە تايانغان ھالدا يولغا قويۇلغان سىياسەتلەر بىر قاتار ئەكسىچە ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىكەن، جۈملىدىن ئوخشاش بولمىغان خەلقلەرنىڭ ئەقەللىي ھەق- ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىشنى شارائىت بىلەن تەمىن ئېتىدىكەن. شۇ قاتاردا خەلق ئارىسىدىكى ھەرقانداق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشىمۇ ھۆكۈمەت ئۈچۈن تەھدىت، دەپ قارالغانلىقتىن، پۇقرالارنىڭ بۇ خىلدىكى تەشكىلاتلار ئارقىلىق ئۆز ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ئىمكانىيىتى بولمايدىكەن. ئەكسىچە بۇ خىل تەشكىلاتلار ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللۇقىغا چۈشۈپ قېلىپ، خەلقنىڭ ھۆرلۈكىنى بوغىدىغان، شۇنداقلا «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش» كە ھەمدەم بولىدىغان ئورگانلارغا ئايلىنىپ قالىدىكەن.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دۆلىتى تېررورلۇققا قارشى قانۇن ۋە نىزاملارنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى، ئۆزلىرىنىڭمۇ تېررورلۇق ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ھەققىدىكى بىرەر سىستېمىلىق نەزەرىيىسى مەۋجۇت بولمىغان. 1990-يىللىرى خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتە باش كۆتۈرۈشكە باشلاۋاتقان بولغاچقا ئىچكى جەھەتتىكى جىددىي ئۆزگىرىشلەر ئاساسلىق سۆز تېمىسى بولۇۋاتقان مەزگىللەر بولغان. بۇ مەزگىللەردە خىتايدا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدىمۇ غەرب دۇنياسى ھېچقانداق مەلۇماتلارنى ئاڭلىمىغان ئىكەن.
ئاشۇنداق تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، ئەمدى كېلىپ خىتاينىڭ بىردىنلا «ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى خەلقئارادىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇۋاتىدۇ» دېگەن يەكۈننى چىقارغانلىقى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنى گاڭگىرىتىپ قويۇۋاتقانلىقى مەلۇم. ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى مايكىل كلارك بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتايدىكى يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بۇ خىل قاراشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللارنى نەزەردە ئېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:«مۇشۇ مەسىلىلەر ھەققىدىكى سوئاللارغا مۇناسىۋەتلىك مۇنازىرىلەردىن ئۇيغۇرلاردىكى ‹بۆلگۈنچىلىك› ۋە ‹تېررورلۇق› خاھىشى ھازىر خاراكتېر جەھەتتە دۆلەت چېگراسىدىن ھالقىغان مەسىلىلەر بولۇپ قاپتۇ، دېگەن يەكۈن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ پەۋقۇلئاددە ئەھۋالنىڭ قاچان ۋە قانداقلارچە شۇنداق بىر يۈزلىنىشكە ماڭغانلىقىنى توغرا تەسۋىرلەش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن مۇنۇ ئىككى تۈپ ھادىسىنى دىققەتتىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. بۇنىڭ بىرى، 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھالاك بولۇشى ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۇستەقىللىقنى كۈتۈۋېلىشى، شۇنىڭدەك 1990-يىللىرى رادىكال ئىسلامنىڭ بۇ رايونغا قوشنا بولغان ئافغانىستاندا باش كۆتۈرۈشى؛ يەنە بىرى بولسا، تەبىئىيكى، 11-سېنتەبىر ۋەقەسى. ھەر ئىككى ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى ‹تېررورلۇق تەھدىتى› نى قانداق بىر مەيداندىن كۆزىتىشىگە روشەن دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى. بۇنىڭغا ماس ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان تەدبىرلەرنى سورىسىڭىز، مەن شۇنى دېيەلەيمەنكى، خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇنىڭغا قارشى قوللانغان سىياسەتلىرى مەيلى ئىچكى جەھەتتىن بولسۇن ياكى تاشقى سىياسەت نۇقتىسىدىن بولسۇن، ئۈنۈملۈك نەتىجە ئېلىپ كېلەلمىدى. ئەمدى سىياسىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتساق، ئۇيغۇرلاردىن كېلىدىغان ‹تېررورلۇق تەھدىتى› نى خاراكتېر جەھەتتە چېگرا ھالقىغان، دەپ جەزملەشتۈرۈشكە قارىتا شۇنى دېگۈم كېلىدۇ: شىنجاڭدا، شۇنىڭدەك خىتاي تەۋەسىدە ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئۇيغۇرلارنى سىقىپ چىقىرىش ھەمدە چەتتە قالدۇرۇش خاھىشى ئەمەلىيەتتە بۇ رايوندا ئەسلىدىنلا مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان سىقىپ چىقىرىش شەكىللىرىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقاردى.»
مايكىل كلاركنىڭ قارىشىچە، خىتاي دەۋاتقان «ئۇيغۇرلاردىكى تېررورلۇق» مەسىلىسى ھەققىدە ئويلىنىشتىن ئاۋۋال، ئالدى بىلەن بۇ خىل «تېررورلۇق» نىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىدىكى تۈپ سەۋەبلەرنى دىققەتتىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىكەن. چۈنكى سەۋەب ياخشى ئانالىز قىلىنمىغاندا، نەتىجە ھەققىدىكى ھۆكۈمنىڭ خاتا بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى چوڭ بولىدىكەن.
مايكىل كلاركنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى زوراۋانلىق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىشنى تەرغىب قىلىدۇ» دەپ قارىشىنىڭ ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلاردىكى «تېررورلۇق» نى خەلقئارا ئارقا كۆرۈنۈشكە ئېگە، دېيىشىنىڭ ئاساسى يوق ئىكەن. ئۇ چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ بەزى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمىسىمۇ، يەنە زور ساندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ، جۈملىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق- ھوقۇقلىرى ئۈچۈن قىلىۋاتقان كۈرەشلىرىنى ئېتىراپ قىلىش لازىم، دەپ قارايدۇ.
بىز بۇ مەسىلە ھەققىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قاناتنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا، ئۇ ئالدى بىلەن، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زورلۇق ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى تۈپلۈك سەۋەبنى ئايدىڭلاشتۇرماي تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ «تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى» ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىشنىڭ يوللۇق بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بىخەتەرلىك مەسىلىسى يېڭىۋاشتىن كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» دېگەن دۆلەت سىياسىتى باھانىسىدە يەنە قانداق باستۇرۇشلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ھەر خىل مۆلچەرلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا ئىكەن.