ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى (1)

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە ئىجرا بولۇۋاتقان تەدبىرلەر رايون مىقياسىدىكى قارشىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ بىر مۇھىم سەۋەبى ئىكەنلىكى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر بولۇۋاتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى دۇنيا مىقياسىدىكى «جىھادىي» ھەرىكەتلەرگە باغلاشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇنىڭ بىلەن «تېررورلۇق» مەسىلىسى بويىچە يىللاردىن بۇيان ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان ھادىسىلەر، بولۇپمۇ ئاز ساندىكى ئۇيغۇر قاچقۇنلىرىنىڭ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى «جىھادىي» ھەرىكەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا زور كۈچ بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان تەدبىرلەرنىڭ بىرى «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ خىتايغا قوشنا جايلاردىمۇ جىددىي داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنى «تېررورلۇقنىڭ قۇربانلىرى» دەپ دۇنيا مىقياسىدا ھېسداشلىققا ۋە قوللاشقا ئېگە بولۇشنى ئىستەپ يۈرگەندە ھەرقايسى جايلاردىكى خەلقلەر، بولۇپمۇ شەرقىي جەنۇبىي-ئاسىيا رايونىدىكى خەلقلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان بەزى «سىر» لارنى كۆرۈپ يەتكەنلىكى دىققەت قوزغىماقتا.

ئامېرىكىدىكى جېيمىس تاۋن فوندى باشقۇرۇۋاتقان «تېررورلۇق كۆزەتكۈچىسى» ژۇرنىلىنىڭ 15-ئاۋغۇست نەشر قىلىنغان سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇرلار ۋە خىتاينىڭ رايون خاراكتېرلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقلىرى» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئەنە شۇ ساھەگە بېغىشلانغان ئەڭ يېڭى ماقالىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى زاكارىي ئابۇزانىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ بۇ ماقالىدا ئاپتور ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشىلىق كۆرسىتىشتە نېمە ئۈچۈن دۇنياۋى رەۋىشتە تونۇلغان بىر قىسىم تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى قوللانغان زورلۇق ۋاسىتىلىرىنى قوللانغانلىقىغا قاراپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. پروفېسسور زاكارىنىڭ قارىشىچە، ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ يەر شارى مىقياسىدىكى «جىھادىي» ھەرىكەتلەرگە قوشۇلۇپ قېلىشى تاسادىپىي ھادىسە ئەمەس ئىكەن.

ئۇنىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە زەربىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 2013-يىلىدىن بۇيان ئىزچىل ئېشىپ ماڭماقتىكەن، يەنە كېلىپ بۇ ئۇيغۇرلار ئاساسەن دېگۈدەك «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «تېررورلۇق» جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىكەن. خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىنى زور ساندىكى ھەربىي كۈچ ئارقىلىق بىراقلا باستۇرۇپ تاشلاشنى ئويلاپ يۈرگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىلدىكى قارشىلىقى رايون دارىسىدىن ھالقىپ بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېنغا ماشىنا ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىش ھەمدە كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدىكى پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئىكەن.

ئۇ، زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۇيغۇرلاردىكى زورلۇق كۈچ ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىشنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«مېنىڭچە بۇنىڭدىكى ھەقىقىي سەۋەبلەر ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ زورلۇق ھەرىكەتلىرىگە يۈزلىنىپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇم خاراكتېرلىك سىياسەتلىرىدۇر. يەنە بىر ياقتىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ھالدا ئۆزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق يوسۇندا ھەل قىلىشنىڭ بىرەر يولىنى تېپىشنى خالىمايۋاتىدۇ. بۇ ساھەدە ھەممىگە تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ قولغا ئېلىنىشى بۇنىڭ بىر مىسالى. ئۇ خىتاي دۆلىتىدىكى مۇشۇ مەسىلىلەرنى دىئالوگ يولى ئارقىلىق ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. مۇشۇنداق بىر ۋەكىللىك شەخسنىڭ قولغا ئېلىنىشى، ئۇيغۇرلارغا ئۆز دەردىنى نورمال ھەمدە قانۇنلۇق يوللار ئارقىلىق ئاڭلىتىشتا باشقا ھېچقانداق ئىمكانىيەتنىڭ قالمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، مۇشۇنداق قىيىن ئەھۋال تەبىئىي يوسۇندا كىشىلەرنى زورلۇق يولىغا مەجبۇرلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ ياكى شەرقىي تۈركىستاندا ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەر مانا مۇشۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئازغىنە كىشىلەرنىڭ زورلۇق ھەرىكەتلىرىگە ھەددىدىن زىيادە كۈچلۈك بولغان ھۇجۇم بىلەن جاۋاب قايتۇرماقتا. بۇ بولسا ئۆز نۆۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنى قولىغا قورال ئېلىشقا مەجبۇر قىلماقتا.»

پروفېسسور زاكارىينىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 1990-يىللىرىدىن باشلاپلا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە ئىسلام ئېتىقادىنى خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بىر تەھدىت، دەپ ھېسابلاپ كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن مۇشۇ ئىككى ساھەگە چېتىشلىق كىچىككىنە ھادىسىلەرمۇ سىستېمىلىق باستۇرۇشنىڭ ئوبيېكتىغا ئايلانغان ھەمدە ئۇيغۇرلارنى تەدرىجىي ھالدا ئۆز ۋەتىنىنى تەرك ئېتىپ، چەتئەللەرگە كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان. 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ زور ساندا چەتئەللەرگە كۆچۈپ كېتىشىنى تېزلەتكەن. نۆۋەتتە ئىجرا بولۇۋاتقان مۇسۇلمانچە ئىسىملارنى ئۆزگەرتىش، ساقال-بۇرۇت ۋە ياغلىق ئارتىشنى چەكلەش قاتارلىق تەدبىرلەر بولسا بۇ خىل باستۇرۇشنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەڭ تىپىك مىساللارنىڭ بىرى ئىكەن.

پروفېسسور زاكارى چەتئەللەرگە كۆچۈپ كېتىشنى ئىستەۋاتقان ئۇيغۇر قاچقۇنلىرىنىڭ مۇشۇ يوسۇندا شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا رايونىغا، جۈملىدىن ۋىيېتنام، مالايشىيا، ھىندونېزىيە قاتارلىق جايلارغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئۇنىڭ پىكرىچە بۇ كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تۈركىيەگە بېرىۋېلىشنى ئويلاپ يۈرگەن بولۇپ، ئۇلاردىن ئاز ساندىكى بىر قىسمىنىڭ قانداق بولۇپ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە ئارىلىشىپ قالغانلىقى تېخىچە بىر سىر ھالەتتە تۇرماقتا.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئوتتۇرا شەرقتىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە مەن بىرنەرسە دېيەلمەيمەن، چۈنكى مېنىڭ تەتقىقاتىم شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا رايونىنى مەركەز قىلىدۇ. ئەمما شۇنى كېسىپ ئېيتالايمەنكى، شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادا پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان ئىككى تۈرلۈك ھادىسە يۈز بەرمەكتە: بىرى، زور ساندىكى ئۇيغۇر قاچقۇنلىرى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئارقىلىق يۆتكىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئاخىرقى ھېسابتا تۈركىيەگە كېتىشنى مەقسەت قىلغان. بۇ بولسا شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. يەنە بىرى مۇشۇ ئۇيغۇرلاردىن بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەكلا ئادەم ئىراق، سۈرىيە، ئافغانىستان قاتارلىق جايلارغا كېتىش ياكى ئۆز ئالدىغا يېڭىدىن بىرەر تېررورلۇق گۇرۇھى بولۇپ تەشكىللىنىش ئورنىغا شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى قوراللىقلار گۇرۇھىغا قوشۇلۇپ كەتتى. بۇنىڭغا زادى نېمىنىڭ سەۋەبكار ئىكەنلىكى ماڭىمۇ قاراڭغۇ. بىز تۆت ئۇيغۇرنىڭ ھىندونېزىيەدە قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلىمىز. ئەمما ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ھىندونېزىيەنى تاللىغانلىقى، ئۇلارنىڭ قانداق بولۇپ ‹شەرقىي ھىندونېزىيە قوراللىق گۇرۇھى›، يەنى مىت بىلەن ئارىلىشىپ قالغانلىقى ھەققىدە تېخى ئېنىق بىرەر جاۋابقا ئېگە بولغىنىمىز يوق.»

پروفېسسور زاكارىينىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر قاچقۇنلىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا پەيدا بولۇشى ھەمدە شۇ جايدىكى قوراللىق گۇرۇھلارغا قاتنىشىشى نۆۋەتتە «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نى جىددىي ئىجرا قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن يېڭىدىن بىر باش ئاغرىقى بولۇپ قالغان. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونى «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» دىكى مۇھىم رايونلاردىن بىرى بولۇپلا قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ رايوندىكى قوراللىق كۈچلەرگە قوشۇلۇپ كېتىشى خىتاينىڭ كۈتمىگەن يېرىدىن چىققان يەنە بىر ھادىسە بولغان.

ئۇ بۇ توغرىلىق توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە ئۇيغۇر قوراللىقلىرىنىڭ توساتتىن شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادا پەيدا بولۇپ قېلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى بەكمۇ ھەزرەتتە قالدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ خىتاي ئۈچۈن بىر چوڭ سىگنال بولدى. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بۇيان نەزىرىنى ئافغانىستاندىن ئۈزمىگەن ھەمدە بۇ جايدىكى ‹بازا› تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىق بولغان گۇرۇھلار قاتارىدا جەڭ قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچى كۈچلىرى ۋە باشقا ئۇيغۇر قوراللىقلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئىدى. يەنە كېلىپ بۇ ھەرقاچان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانلىرىدىن بىرى بولۇپ كېلىۋاتقان جاي ئىدى. شۇ سەۋەبتىن شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق بىر يېڭى تېررورلۇق گۇرۇھى پەيدا بولۇش بىلەن خىتاي بۇنىڭدىن ئولتۇرالماي قالدى. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىلىرى ھىندونېزىيەدە قولغا ئېلىنغان ھەمدە يەنە بەزىلىرى ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوراللىق ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ ئاشۇ ئۇيغۇرلار ئىلگىرى ھىندونېزىيەدىكى بىرنەچچە قېتىملىق تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە ئىشتىراك قىلغان ئىدى. يەنە بىر ياقتىن ھىندونېزىيە ۋە مالايشىيادا بۇرۇندىنلا ناھايىتى جانلىق پائالىيەتتە بولۇۋاتقان تېررورلۇق گۇرۇھلىرى مەۋجۇت بولۇپ، بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئاشۇ تەشكىلاتلارغا ئارىلىشىپ قالغان ئىدى. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل دۇنياۋى باغلىنىش ھادىسىسىدىن بەكلا ئەندىشىگە چۈشۈپ قالدى. 2015-يىلى ئاۋغۇستتا يۈز بەرگەن باڭكوكتىكى بومبا پارتلاشتىن كېيىن بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى تولىمۇ پەرىشان بولدى.»