خەلقئارادا تۈرلۈك شەكىللەردىكى تېررورلۇق قىلمىشلىرىغا قارشى بىر ئومۇمىي ئېقىم يېڭىۋاشتىن ھاسىل بولۇۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتايمۇ بۇنىڭغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىزچىل ھالدا تېررورلۇقنىڭ زىيىنىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلماقتا. ئەمما بۇنىڭغا قارىتا بەزى چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرى باشقىچە پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خەلقئارادىكى تېررورلۇققا قارشى ئومۇمىي دولقۇندا قۇربانلىق بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
بۇ يىل 30-ئاۋغۇست قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئادەم بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق تېررورلۇق كۈچلىرىگە، بولۇپمۇ مۇشۇ قېتىملىق ۋەقەنى سادىر قىلغان، دەپ جاكارلانغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىغا قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە قىرغىزىستان دائىرىلىرى بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنىڭ سۈرىيەدىكى د ئا ئى ش تەشكىلاتىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكى ھەمدە باشقا خەلقئارا تېررورلۇق مەسىلىلىرى ھەققىدە كەڭ جامائەت پىكرى توپلاۋاتقاندا چەتئەللەردىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «تېررورچى» كۈچلەرنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى مايكىل كلارك بۇ مۇناسىۋەت بىلەن «دىپلومات» گېزىتىنىڭ 7- سېنتەبىر سانىدا ئېلان قىلغان «خىتايدىكى تېررورچىلار مەسىلىسى خەلقئارالاشماقتا» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ «تېررورلۇق» دەپ قارىلىۋاتقان ھۇجۇملارنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىش ھادىسىسى خەلقئارالىق مەنپەئەتلەر توقۇنۇشىدىن ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا قاراتقان سىياسەتلىرى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇرلار تارىختىن بېرى ياشاپ كېلىۋاتقان مەزكۇر رايون خىتاي ئىشغالىيىتىگە چۈشكەن ۋاقىتتىن باشلاپلا مۇستەھكەم سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى يۇغۇرۇلۇپ كېتىش قىسمىتىگە دۇچ كەلگەن، خىتايلارنى بۇ رايونغا كۆچمەن بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ھەمدە خىتاي دۆلىتى بىر قوللۇق لايىھىلىگەن زامانىۋىلاشتۇرۇش ھەرىكەتلىرى بۇ رايوندا ئۇزاقتىن بۇيان بىخ سۈرۈپ كېلىۋاتقان نارازىلىقنى پەيدا قىلغان. سىياسىي جەھەتتىن يەكلەنگەن، ئىقتىسادىي جەھەتتە نامراتلاشقان، نوپۇس جەھەتتە سىقىلغان، دىنىي ئېتىقادى چەكلەنگەن بۇ خەلق مۇشۇ ئەھۋالدا قانۇنلۇق ياكى قانۇنسىز شەكىللەردە چەتئەللەرگە ھىجرەت قىلىشنى تاللىۋالغان. بۇ ھىجرەتچىلەر بولسا بۈگۈنكى ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتى تىلغا ئېلىۋاتقان «تېررورچى» كۈچلەرنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالغان.
ئاۋسترالىيە لاتروب ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىزمەت قىلىۋاتقان پروفېسسور جېيمىس لېيبولد خىتايدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى بويىچە خەلقئارادا كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىم. ئۇمۇ مايكىلنىڭ پىكرىگە ئوخشاپراق كېتىدىغان كۆز قاراشتا بولۇۋاتقان ئالىملارنىڭ بىرى. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ ھازىرقى كۈندە ئۇيغۇرلار دىيارىدا يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ساقچىلارغا قارشىلىق كۆرسىتىشى ۋە باشقا زورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قارا-قويۇقلا «تېررورلۇق» دەپ خاتا تەسۋىرلىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
«بۇ يەردە نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت، شۇنداقلا بۇ مەسىلىلەر ئۆز نۆۋىتىدە تولىمۇ مۇرەككەپ. ئەمما مېنىڭچە، بىرىنچىدىن، ‹تېررورلۇق› چۈشەنچىسى ھەققىدە خىتاي بۇ ئاتالغۇنى ھەر خىل قوللىنىۋاتىدۇ، شۇنداقلا خەلقئارالىق ئۆلچەم بىلەن سېلىشتۇرغاندا خىتاينىڭ ‹تېررورلۇق› ئاتالغۇسىنى قوللىنىشىدا ئىزچىللىق بولمايۋاتىدۇ. بولۇپمۇ بۇ ئاتالغۇ دائىم خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ زورلۇق ھەرىكىتىنى تەسۋىرلەشكە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. ھالبۇكى ئوخشاش ۋەقەنى خىتاي پۇقرالىرى سادىر قىلغاندا بولسا بۇنى ‹دۆلەت ئىچىدىكى جىنايى ھەرىكەت› دەپ تەسۋىرلەۋاتىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ‹تېررورلۇق› ئاتالغۇسى ئىشلىتىلمەيدۇ. خىتاي بۇ ئاتالغۇنى خەلقئارالىق ئۆلچەم بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئىزچىللىق مەۋجۇت ئەمەس، دېيشىمنىڭ سەۋەبى مۇشۇ.»
بۇ نۇقتىنى پروفېسسور گاردنېر بوۋىڭدونمۇ تەستىقلايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇرلار: ئۆز ۋەتىنىدە غېرىب بولغانلار» ناملىق ئەسىرىدە كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك ئۇيغۇرلار دىيارىغا كېلىپ ماكانلىشىپ قالغان خىتاي كۆچمەنلىرى ئىلگىرى بۇ خىلدىكى «تېررورلۇق» ھەرىكەتلىرىنىڭ ئوبيېكتى بولغان بولسىمۇ، 2004-يىلىغا قەدەر بۇ ھەرىكەتلەر ئىزچىل ھالدا «بۆلگۈنچىلىك» دەپ تەسۋىرلىنىپ كەلگەن. كېيىنچە، يەنى 2006-يىلىدىن كېيىن بۇ خىلدىكى «بۆلگۈنچىلىك» ھەرىكەتلىرى «تېررورلۇق» ئاتالغۇسى بىلەن ئاتالغان. نەتىجىدە ئۇيغۇرلار ۋە خىتايلار تەڭ ئىشتىراك قىلغان ھەرقانداق ۋەقە، جۈملىدىن كىچىككىنە ئوغرىلىق قىلمىشلىرىدىن تارتىپ يۇرت زومىگەرلىرىنىڭ دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى ئىگىلىۋېلىشىغا قارشى نامايىشقىچە بولغان مىللىي توقۇنۇش خاراكتېرىدىكى ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسىلا «تېررورلۇق» دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان.
پروفېسسور لېيبولدنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ زورلۇق كۈچ شەكلىدە ئىپادىلەۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئاددىيلا قىلىپ خەلقئارالىق دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ قۇتراتقۇلۇقى ئارقىسىدا كېلىپ چىققان، دەپ قاراش توغرا ئەمەس. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«شىنجاڭدا نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقى، يەنى نېمە ئۈچۈن بۇ قەدەر كۆپ زورلۇق ھەرىكەتلىرى ياكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ بارلىققا كېلىۋاتقانلىقى بەكمۇ مۇرەككەپ بىر مەسىلە. مېنىڭچە بۇ يەردە بەلگىلىك رول ئويناۋاتقان بىرنەچچە ئامىل مەۋجۇت. مەن تاشقى دۇنيادىكى جىھادچى كۈچلەرنىڭ بۇ جەھەتتە ئوينىغان رولىنى ئىنكار قىلمايمەن، ئەمما بۇنداق دېگەنلىكىم شىنجاڭدىكى بۇ كۈچلەر خىتاي ھاكىمىيىتى جاكارلىغاندەك تاشقى دۇنيادىكى جىھادچىلاردىن مەبلەغ تاپشۇرۇۋالغان ھەمدە باشقا زورلۇق ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن كۆرسەتمە ئالغان، دېگەنلىك ئەمەس. دېمەكچى بولغىنىم شۇكى، ئىسلام ئەسەبىيلىكى بۇ يەردىكى مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا باشلامچىلىق رول ئويناۋاتقىنى يوق. شىنجاڭدىكى زورلۇق ھەرىكەتلىرى ئالدى بىلەن مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەكلىنىش ھادىسىسىگە قارشى كۆرسەتكەن ئىنكاسى. دەرۋەقە خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى، مەدەنىيىتىنى ۋە ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا قوغدىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ھەق ھوقۇقلىرىدىن دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھاكىمىيەتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتىدۇ. ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۇيغۇرلار خىتايلاردىن پەرقلىق مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئۇلار بىلەن رىقابەتلىشىشكە ئاجىز كېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتى، ياخشىراق خىزمەتنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتايلارغا تەقسىم قىلىنىشى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە بۇنداق يەكلىنىشى ئۇلارنى نارازى قىلدى. بۇ ئەلۋەتتە ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى مۇقەررەر ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋەتلەر، خالاس. ئۆتكەن ئەسىرگە نەزەر سالغاندىمۇ مۇشۇ تەرىقىدىكى ھادىسىلەرنى كۆپلەپ ئۇچرىتىمىز. مۇشۇ خىلدىكى گاڭگىراش ھەمدە تەڭپۇڭسىزلىق تەبىئىي رەۋىشتە مۇشۇنداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.»
ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى خەلقئارالىق ئىسلام تېررورلۇقىنىڭ بىر قىسمى شەكلىدە تەشۋىق قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىلدىكى تەشۋىقاتنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىشى نەتىجىسىدە خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا ئىسلام دىنىغا قارشى بىر تۈرلۈك ئىجتىمائىي كەيپىياتنىڭ ئومۇمى ئېقىمغا ئايلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.