سىياسەتشۇناس كونستانتىن سىرويېژكىن: ھازىر بارلىق ھەرىكەتلەرنى تېررورلۇق ھەرىكەت سۈپىتىدە كۆرسىتىش مودىغا ئايلاندى

0:00 / 0:00


كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر دىيارىدا ئورۇن ئېلىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەرنى تېررورلۇق ھەرىكەت بىلەن باغلاشتۇرۇش ئادەتكە ئايلاندى. بۇ بولۇپمۇ خىتاي ۋە خىتاي مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغان دۇنيانىڭ بەزى ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئېلان قىلىۋاتقان ئۇچۇرلاردا پات - پاتلا بايقالماقتا. مۇلاھىزىچىلەر ئۇيغۇر ئېلى ۋە دۇنيانىڭ باشقا مەملىكەتلىرىدە يۈز بېرىۋاتقان ئەنە شۇنداق قانلىق ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىش مەقسىتى ۋە سەۋەبلىرىگە كۆرە ئۆز تەخمىنلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس كونستانتىن سىرويېژكىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تېرررورچىلىق چۈشەنچىسى ۋە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى قانلىق ۋەقەلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.

سوئال: تېررورچىلىق دېگەن نېمە؟ بۇ چۈشەنچىنىڭ بىرەر ئېنىقلىمىسى بارمۇ؟

جاۋاب: بۇ قىيىن مەسىلە، سەۋەبى ئۇنىڭ ئېنىقلىمىلىرى كۆپ، ئەمما ئومۇمىي قوبۇل قىلىنغان ئېنىقلىمىسى بۈگۈنكى كۈنگىچە يوق.

سوئال: بۇنىڭ قانداق بەلگىلىرى بار؟

جاۋاب: بىرىنچىدىن، ھەر قانداق تېررورلۇق ھەرىكەت - بۇ سىياسىي ھەرىكەتتۇر. ئۇ سىياسىي مەقسەتنى كۆزلەيدۇ، يەنى ئۇ بىرەر سىياسىي قارارنى قوبۇل قىلىش مەقسىتىدە سىياسىي رەھبەرلىككە تەسىر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. مەسىلەن، تۇتقۇنلارنى ئازاد قىلىش، قانۇنلارغا قانداقتۇ بىر ئۆزگىرىشلەرنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىش ۋە ھاكازا؛ ئىككىنچىدىن، ئۇ قورقۇتۇش، كۆپ سانلىق ئاھالىنى چۆچىتىش مەقسىتىنى كۆزلەيدۇ. شۇڭلاشقا ساقچىخانىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى، ساقچىلارنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرىنى تېررورلۇق ھەرىكەت، دەپ قارىماسلىق كېرەك. بۇ تېررورچىلىق ئەمەس. بۇ جىنائىي ئىشلاردۇر. ئەمدى كۇنمىڭدا بولغان ۋەقەگە كەلسەك، ئۇ يەردە سەككىز پىچاقتىن ئوتتۇز ئادەم ئۆلگەن. بۇ يەردە، ئەلۋەتتە، قورقۇتۇش ئېلېمېنتلىرى بار. شۇنداقلا، 2009 - يىل ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئادەملەرگە يىڭنە بىلەن ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بەردى. بۇمۇ ئاھالىنى قورقۇتۇش ئېلېمېنتىغا ياتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تېررورلۇق ھەرىكەت سۈپىتىدە قاراشقا بولىدۇ. ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا بولغان ۋەقەمۇ تېررورلۇق ھەرىكەت تىزىمىغا ياتىدۇ، سەۋەبى ئۇ يەردىمۇ ئادەم چىقىمى كۆپ بولغان. تېررورچىلىقنىڭ يەنە بىر بەلگىسى - ئۇ ياكى بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى قانداقتۇ بىر تېررورلۇق ھەرىكەتنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ئۆز ھۆددىسىگە ئېلىشى كېرەك. كېيىنكى چاغلاردا بۇ ھەقىقەتەنمۇ يۈز بېرىۋاتىدۇ.

سوئال: مەلۇم بولۇشىچە، ئاخىرىقى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى تېررورلۇق ھەرىكەت بىلەن باغلاشتۇرماقتا. بۇ ھەرىكەتلەرنى خەلقئارا تېررورلۇق ھەرىكەتلەر بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولامدۇ؟

جاۋاب: مەن بۇ سوئالغا قىسمەن جاۋاب بەردىم، دەپ ئويلايمەن. شىنجاڭدا ئورۇن ئالغان كېيىنكى ھەرىكەتلەر، مەسىلەن، ئامېرىكىدىكى خەلقئارا سودا مەركىزىگە قىلىنغان ھۇجۇم ياكى ئىسپانىيىنىڭ مادرىد ۋوگزالىدىكى پارتلاشقا ئوخشاش كەڭ دائىرىدىكى ھەرىكەتلەر بولمىسىمۇ، بۇلارنىڭ بارلىقى بىر يىپ بىلەن باغلانغان ۋەقەلەردۇر. بۇ ۋەقەلەرنىڭ بىر خاراكتېردىكى، بىر مەزمۇندىكى ئوخشاشلىقىنى بايقاشقا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بارلىقىنىڭ بىر مەركەزدىن باشقۇرۇلۇشىمۇ مۇمكىن. ھەممىسى مۇمكىن. ئەمدى شىنجاڭدا قانداقتۇ بىر تېررورلۇق تەشكىلاتلارنىڭ بار ئىكەنلىكى ھەققىدە سۆزلەرمۇ تارقىلىۋاتىدۇ. شۇلارنىڭ بىرەر پروگراممىسى بارمۇ؟ يوق. كۆپىنچە بۇنىڭ ھەممىسى ئەپسانە. شۇڭلاشقا تېررورلۇق ھەرىكەت دېگەن بۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ مەسىلىدۇر.

سوئال: ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان شۇنداق قانلىق ۋەقەلەرنى توختىتىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: ئەلۋەتتە، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى، ئەڭ ئالدى بىلەن مەدەنىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش لازىم. ئۇلار گويا ھەل بولۇۋاتماقتا. لېكىن يالغۇز ھەرىكەت قىلىۋاتقانلارنى، بولۇپمۇ دىنىي ئاساسقا ئىگە بولغان ھەرىكەتلەرنى توختىتىش قىيىن بولۇۋاتماقتا. بۇ يەردە مۇجاھىتلار توغرىلىق ئېيتىپ ئۆتۈش ھاجەت. بېيجىڭنىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا، ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئەنە شۇ مۇجاھىتلار ئەمەلگە ئاشۇردى. يەنە كېلىپ ئۇلارلارنىڭ پەيدا بولۇشى نورمال ئىش ئەمەس. ئومۇمەن بۇنىڭ بارلىقىنى توختىتىش ئىنتايىن قىيىن. شۇنداقلا بۇ ھەرىكەتلەرنى سىرتتىن قوللاپ - قۇۋۋەتلەشنىڭ توختىتىلىشى لازىم. خەلقئارادا ھەممىسى نېمە قىلىش ھاجەتلىكىنى چۈشەنسىمۇ، ئامما ھېچكىم ھېچنەرسە قىلمايۋاتىدۇ.

سوئال: كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۆيلەرنى ئاختۇرۇش، پۇقرالارنى تۇتۇش ۋە باشقىمۇ ئىشلاردىن كېلىپ چىقىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەرنى تېررورلۇق ھەرىكەت بىلەن باغلاشتۇرۇش ئادەتكە ئايلاندى. بۇ توغرىمۇ؟

جاۋاب: بۇ تېررورلۇق ھەرىكەت ئەمەس. بۇ ئادەتتىكى ئۆز ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن بولۇۋاتقان ئىشلار. ئۇلارنىڭ ھېچكىمنى قورقۇتمايۋاتقانلىقى ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرىدىغۇ. ھازىر بارلىق ھەرىكەتلەرنى تېررورلۇق ھەرىكەت سۈپىتىدە ئاشۇرۇپ كۆرسىتىش مودىغا ئايلاندى. سەۋەبى تېررورلۇق ھەرىكەت بەلگىلىرىنىڭ چېگرىسى ھازىرچە تولۇق ئېنىقلانمىغانلىقتىن، ھەر قانداق ھەرىكەتنى تېررورلۇق ھەرىكەت ماددىسى ئاستىغا بۇرىۋېتىش ئوڭاي بولۇپ قالدى.