تەۋەررۈك مىراس - «قەشقەر توختام ھۆججەتلىرى»
2024.02.28
ئۆتكەن ھەپتە گېرمانىيە بېرلىن دۆلەت كۇتۇپخانىسىنىڭ تور سەھىپىسىدە 788 پارچە يېقىنقى زامان ئۇيغۇر توختام ھۆججەتلىرىنىڭ سانلىق نۇسخاسى ئېلان قىلىندى. مىلادىيە 1799-يىلىدىن 1968-يىلىغىچە ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈلگەن، كۆچۈرۈلگەن ۋە يېڭىلانغان بۇ ھۆججەتلەر، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 170 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىنى تەتقىق قىلقۇچىلارنى ناھايىتى مۇھىم ھۆججەت مەنبەلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
«قەشقەر توختام ھۆججەتلىرى» ھەققىدە يېزىلغان قىسقا ئىزاھات ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردا، بۇ ھۆججەتلەرنىڭ 2000-يىلىنىڭ باشلىرىدا قەشقەر ۋە خوتەندىن سېتىۋېلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ھۆججەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا قارىغاندا، مەزكۇر ھۆججەت يىغمىسىدىكى 650 پارچىغا يېقىن ھۆججەت قەشقەر شەھىرى ۋە ئەتراپىدا، قالغانلىرىنىڭ خوتەنگە قاراشلىق ناھىيەلەردە پۈتۈلگەنلىكى مەلۇم. بۇ يىغمىدىكى ھۆججەتلەر تۈرى ۋە مەزمۇنىغا قاراپ، ئېلىم-بېرىم تىل خەتلىرى، توختامنامە، ۋەسىيەتنامە، ئەرزنامە، ۋاكالەتنامە، باج گۇۋاھنامىسى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلىنىدىكەن.
ئەسلى قوليازمىنى سېتىۋېلىش لاھىيەسىنى «ياپونىيە ئىلىم پەننى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى» مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن. بېرلىن دۆلەت كۇتۇپخانىسى شەرقىي ئاسىيا بۆلۈمى بۇ قىممەتلىك ئەسەرلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنى رەتلەش، دىگىتاللاشتۇرۇش ۋە تورغا قويۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرغان. بىر نەچچە يىللىق جىددىي ئەمگەكلەردىن كېيىن، «ئاسىيانى كېسىپ ئۆتۈش» (Cross Asia) ناملىق مەخسۇس تور بەتكە قويۇپ، ئۇنى پايدىلانغۇچىلارنىڭ ھەقسىز قوللىنىشىغا سۇنغان.
بۇ قىممەتلىك ھۆججەتلەرنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ۋە مەدەنىيىتى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىقىشى كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ. ئىگىلىشىمىزچە، بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ئەسلى نۇسخالىرى بۇ تەتقىقات تۈرىگە مەسئۇل ياپونىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس سۇگاۋارا جۈن (Sugawara Jun) ئەپەندى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىپ، 2014-يىلى 9-ئايدا ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەقدىم قىلىنغان. شۇ قېتىملىق توختامغا ئاساسەن مەزكۇر قوليازمىلارنى ئىئانە قىلغۇچى ئۇلارنىڭ دىگىتال (رەقەملەشتۈرۈلگەن) نۇسخاسىنى باشقا ئورۇنلارنىڭ قوللىنىشىغىمۇ بېرەلەيتتى. سۇگاۋارا جۇن ئەپەندى بۇ تاللاش ھوقۇقىنى قوللىنىپ، مەزكۇر ھۆججەتلەر توپلىمىنىڭ يوقۇرى سۈپەتلىك دىگىتال نۇسخاسىنى بېرلىن دۆلەت كۇتۇپخانىسىغا تەقدىم قىلىشنى توغرا كۆرگەن. شۇنداق قىلىپ، ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ كۇتۇپخانىلارنىڭ بىرى بولغان بېرلىن دۆلەت كۇتۇپخانىسىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرىنى خوشال قىلىدىغان بۇ ئاجايىپ ھۆججەتلەر يىغمىسى مەيدانغا كەلگەن.
بۇ ھۆججەتلەرنىڭ 70پىرسەنتتىن كۆپرەكىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە يەرلىك ئادەت-يوسۇنلىرىغا ئاساسەن پۈتۈلگەن «قازى ھۆججەتلىرى» ياكى «قازى قارارلىرى» تەشكىل قىلىدۇ. ھۆججەتلەرنىڭ مەزمۇن جەھەتتىكى قۇرۇلمىسىغا دىققەت قىلغاندا، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا قوللانغان ھۆججەت قۇرۇلمىسى بىلەن ئانچە پەرقلىق ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىكلەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەزەلدىن ئۆز مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاشقا ۋە قوغداشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلايدۇ. مەزكۇر يىغمىدىكى قالغان 30 پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدىغان ھۆججەتلەر يىل دەۋرى جەھەتتىن كېيىنرەك پۈتۈلگەن ھۆججەتلەر ھېسابلىنىدۇ.
مەزكۇر ھۆججەتلەرنىڭ ئاساسىي قىسمى ئۇيغۇرچە بولۇپ، ئۇيغۇر جانلىق تىلىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئالاھىدىلىكى ۋە قوللىنىلىش ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان مەنبەدۇر. ھۆججەتلەر ئارىسىدا يەنە خىتايچە، پارسچە ۋە ئەرەبچە يېزىلغان ھۆججەتلەرمۇ بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاز ساندا ئۇيغۇرچە-خىتايچە ئارىلاش ياكى پاراللېل يېزىلغان ھۆججەتلەرمۇ دىققىتىمىزنى چېكىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ھۆججەتلەر ئالدى بىلەن شەرىئەت قانۇنى بويىچە تەييارلىنىپ قازىنىڭ تامغىسى بېسىلغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ئېلىپ بېرىلىپ، ھۆكۈمەت قانۇنى بويىچە خىتايچە باسما ۋە يازما ھۆججەت نۇسخالىرى تەييارلانغان. ھۆججەتلەرنىڭ رەسمىي نۇسخاسى پۈتكەندە تامغا ئۇرۇلغان ياكى بارماق بېسىلغان. بەزى ھۆججەتلەر ئالدى بىلەن ئۇيغۇرچە تەييارلىنىپ، ئاندىن ئۇيغۇرچە-خىتايچە ئىككى تىلدا باسما ۋە يازما ھۆججەت شەكلىگە كەلتۈرۈلگەن.
بېرلىن دۆلەت كۇتۇپخانىسى بۇ يېڭى ھۆججەتلەر يىغمىسى كېلىشتىن بۇرۇنلا ئۇيغۇر دىيارىدىن بۇرۇن ئېلىپ كېلىنگەن ئىككى مۇھىم يىغىمىغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان بىر ئورۇن ئىدى. ئۇلاردىن بىرى، 1902-1903-يىللىرىغىچە گېرمانىيەلىك مەشھۇر شەرقشۇناس مارتىن خارتمان (Martin Hartmann) تەرىپىدىن قەشقەر ۋە يەركەن قاتارلىق جايلاردىن سېتىۋېلىپ بېرلىنغا ئېلىپ كېلىنگەن ۋە كۈنىمىزدە «مارتىن خارتمان يىغمىسى» نامى بىلەن ساقلىنىۋاتقان 120 پارچىدىن ئارتۇق ھەر خىل قوليازمىلاردۇر. يەنە بىرى، 1902-يىلىدىن 1914-يىلىغىچە گېرمانىيە دۆلەتلىك ئېتنوگرافىيە مۇزېيى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيۇشتۇرغان تۆت قېتىملىق قىدىرىپ تەكشۈرۈش سەپىرى جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن يىغىۋېلىنىپ بېرلىنغا ئېلىپ كېلىنگەن يىغمىدۇر. مىلادىيە 2-ئەسىردىن 14-ئەسىرگىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە بارلىققا كەلگەن 22 خىل يېزىق، 20 خىلدىن ئارتۇق تىلدىكى 40 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق قەدىمكى قول يازما ئەسەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، شۇنداقلا «تۇرپان قوليازمىلىرى يىغمىسى» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بۇ قوليازمىلارمۇ دەل مۇشۇ كۇتۇپخانىدا.
بۇ قېتىم بېرلىن دۆلەت كۇتۇپخانىسىغا ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ 1799-يىلىدىن 1968-يىلىغىچە بولغان ئەڭ قاراڭغۇ مەزگىلدىكى كىشىلىك مۇناسىۋەتلەر، ھەر خىل قانۇن-تۈزۈم ۋە ئۆرپ-ئادەتلەرنى تەتقىق قىلىشتا تولىمۇ قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدىغان بۇ يېڭى ھۆججەتلەرنىڭ كېلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان ھاياتى ۋە جەمئىيەت ئەھۋالىنى تەتقىق قىلغۇچىلارنى تولىمۇ خۇرسەن قىلدى.
1966-يىلىدىن 1976-يىلىغىچە داۋاملاشقان ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدە ئەسەبىيلىك بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئاختۇرۇش ۋە كۆيدۈرۈش قىلمىشلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ قۇربانلىرى تارىخىي ھۆججەتلەر ۋە بۇ ھۆججەتلەرنى ساقلىغۇچىلار بولغان ئىدى. شۇ يىللاردا ئۆيىدىن بىرەر پارچە تارىخىي ھۆججەت ياكى يازما ۋەسىقە تېپىلىپ قالغان كىشىلەر ئېغىر جازالارغا ئۇچرىغان ئىدى. 1980-يىللاردا خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتىدە بىرئاز يۇمشاش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ تۇراقسىز سىياسىتىگە قارىتا ئاللىقاچان ئىشەنچىنى يوقاتقان ئۇيغۇر خەلقى، ئۆيلىرىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا ساقلىنىپ قالغان بىر قىسىم تەۋەررۈك ھۆججەتلەرنى داۋاملىق ساقلاشقا جۈرئەت قىلالماي تاشلىۋەتكەن ياكى ئەرزان باھادا سېتىۋەتكەن، ھەتتا بەزىلىرىنى ئۆز قولى بىلەن كۆيدۈرۈۋەتكەن. «قەشقەر توختام ھۆججەتلىرى» مانا مۇشۇنداق ۋاقىتتا بىر قىسىم يىغىپ ساتارلار ياكى ئەتكەسچىلەر تەرىپىدىن يىغىۋېلىنىپ، سۇگاۋارا جۇن ئەپەندىگە ئوخشاش كىشىلەرگە يۇقىرى باھادا سېتىلغان.
قوليازمىلارنى نەچچە ئەۋلاد ئەتىۋارلاپ ساقلاش، ئامال بولمىغاندا كۆچۈرۈپ يېڭىلاش ئارقىلىق قوغداپ قېلىش ئەنئەنىسى ئۇيغۇر كىتابچىلىق ۋە مەنبەشۇناسلىق تارىخىنىڭ ئېسىل خىسلەتلىرىدىن بىرى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىن تارتىپ ئەجدادلىرىدىن قالغان قىممەتلىك قوليازمىلارنى ۋە ھۆججەت خاراكتېرلىك تەۋەررۈك مىراسلارنى ئەتىۋارلاپ ساقلايدىغان ئادىتى يېقىنقى يىللارغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن ئىدى. شۇڭا بەزى ئائىلىلەردىن نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە ئەسەرلەرنىڭ چىقىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس ئىدى. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق ئېسىل ئادەتلەرنى بەزىدە «مىللەتچىلىك» نىلەن ئەيىبلىسە، بەزىدە «خۇراپىيلىق» بىلەن ئەيىبلەپ كەلگەن، 1949-يىلىدىن كېيىن بۇنداق ئەسەرلەرنى كۆپ قېتىم يىغىۋالغان، ھەتتا كۆيدۈرگەن. بۇ خىلدىكى تارىخىي قوليازما ياكى ھۆججەتلەرنى ساقلىغۇچىلارنى قولغا ئېلىپ جازالىغان ئىشلار داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرغان. 1956-يىلىدىن 1959-يىلىغىچە ئۇيغۇر دىيارىدا «تىل ماتېرىياللىرى يىغىش» ئىشى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ناھايىتى كۆپ ساندىكى ئەسەرلەر خەلق ئىچىدىن يىغىۋېلىنغان. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دىنىي ئىشلار ئىدارىسى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق ئورۇنلارغا تاپشۇرۇلغان. شۇ جەريان دا گەرچە ناھايىتى كۆپ قوليازما ئەسەرلىرى يىغىۋېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ھازىرغىچە قايتا كۆرەلىگەن ئادەم يوق.
ئۇيغۇر دىيارىدىن ئەڭ بۇرۇن تېپىلغان ئىسلام دەۋرىگە ئائىت يەرلىك ھۆججەتلەر 1911-يىلى يەركەندە بايقالغان بولۇپ، بۇ ھۆججەتلەر مىلادىيە 11-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى دەۋرىگە توغرا كېلىدىغان يەر سېتىش ھۆججەتلىرىدۇر. بۇ ھۆججەتلەر ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگىلىيەنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلى سىر گيورگې ماكارتنېي (George Macartney) تەرىپىدىن ئەنگىلىيەگە ئېلىپ كېتىلگەن. بۇ ھۆججەتلەرنىڭ بىر قىسمى ئەرەب، پارىس تىل-يېزىقلىرىدا، يەنە بىر قىسمى شۇ دەۋردىكى تۈركى-ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدا پۈتۈلگەن. بۇ ھۆججەتلەر ئۈستىدە كېيىنچە ۋ. مىنورسكي (V. Minorsky)، شىناسى تېكىن (Şinasi Tekin)، سىر گېرارد كلاۋسون (Sir Gerard Clauson) ۋە مارسېل ئېردال (Marcel Erdal)غا ئوخشاش مەشھۇر ئالىملار تەتقىقاتلار ئېلىپ بارغان.
1920-يىللارنىڭ ئاخىرىدا قەشقەردىن سېتىۋېلىنغان، كۈنىمىزدە شۋىتسىيەنىڭ لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان «گۇننار ياررىڭ يىغمىسى» دىكى قوليازمىلار ئارىسىدا، تارقان يارلىقى، سويۇرغار يارلىقلىرى ۋە ئۇنىڭ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ھافتون (Houghton) كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان كۆچۈرمە نۇسخىلىرىمۇ خېلى بۇرۇنلا تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. بۇ يىغمىدىكى ھۆججەتلەر ھەققىدە 1930-يىللاردا گۇستاۋ رەكېت (Gustav Raquette) بىلەن باشلانغان تەتقىقات كېيىنچە كورېيەلىك تارىخشۇناس كىم خودۇڭ (Kim Hodung) ۋە ياپونىيەلىك سۇگاۋارا جۇن قاتارلىقلار تەرىپىدىن تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان.
بۇ قېتىم شۇ قەدەر كۆپ ھەم قىممىتى زور بولغان «قەشقەر توختام ھۆججەتلىرى» نىڭ بېرلىن دۆلەت كۇتۇپخانىسىنىڭ تورىغا قويۇلۇشى ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ھەقسىز پايدىلىنىشىغا سۇنۇلۇشى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بۇ كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان نەچچە ئون مىڭ پارچە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ھۆججەتلەر بىلەن بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇشى، يەنە بىر قېتىم گېرمانىيەنىڭ ئۇيغۇر تەتقىقاتىدىكى مۇھىم بىر مەركەزگە ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە. بۇ قوليازمىلار يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بۈگۈن خىتاينىڭ ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا ياراتقان بۈيۈك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى دۇنياغا نامايان قىلىشتا، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ مىللىي قەدىرىيىتىنى ھېس قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر.
*** بۇ ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار پەقەتلا ئاپتورغا خاس بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.