ياپونىيىدە نەشردىن چىقىدىغان، سېتىلىش تىراژى ھەممىدىن كۆپ ھېسابلىنىدىغان «شۇكان بۇن شۇن» ژۇرنىلىنىڭ 11 - ئانىڭ 14 - كۈنىدىكى نەشرىدە «خىتاي كومپارتىيىسى گۇمران بولماقتا» دېگەن سەرلەۋھىدە ماقالە ئېلان قىلىندى.
مەزكۇر ماقالىدە 28 - ئۆكتەبىر خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭ تيەنئەنمېندىكى ئاپتوموبىل ھۇجۇمى ۋەقەسى توغرىسىدا ياپونىيىلىك ئاتاغلىق ئوبزورچى كوتارۇ مىئۇرانىڭ بۇ ۋەقەگە بەرگەن باھالىرى ۋە قاراشلىرى كىرگۈزۈلگەن.
ماقالىدە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تيەنئەنمېندە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل ھۇجۇم ۋەقەسىنى تېررورلۇققا باغلاپ ئۇيغۇرلارنى شىددەت بىلەن قاتتىق باستۇرماقچى بولغانلىقىدىن ئىبارەت خىتاي تۈپ مەقسىتى ئۈستىدە پىكىر بايان قىلغان.
ماقالىدە خىتاي كومپارتىيىسىدە يۈز بېرىۋاتقان بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنىڭ تېررورلۇق بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلۇقىنى، خىتاي دۆلىتى ئۆزىدىكى بىر پارتىيىلىك تۈزۈم بىلەن دۆلەتنى باشقۇرۇشقا ۋە مىللىي مەسىلىنى توغرا يول بىلەن ھەل قىلىشقا ئاجىزلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ماقالىدە خىتاي جەمئىيىتىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بۇ خىلدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىشى «خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىپ گۇمران بولۇشقا باشلىغانلىقىنىڭ بىشارىتى» دېيىلگەن.
ماقالىدە، تيەنئەنمېندە يۈز بەرگەن ۋەقەدە قازا قىلغۇچى كىشىلەردىن ئۈچ نەپىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە تارىخىي توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ؛«ئۇيغۇرلار تۈركىي مىللەت، ئۇلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئولتۇراقلاشقان. ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، چىراي شەكىل جەھەتتە خىتاي مىللىتىدىن تولىمۇ پەرقلىق. ئۇيغۇرلار 20 - ئەسىرنىڭ بېشىدا ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن خىتاي كومپارتىيىسى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى بېسىۋالغان. خىتاي كومپارتىيىسى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇش، ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى ئۈزۈلدۇرمەي ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. 2009 - يىلى ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلغان 5 - ئىيۇل نامايىشىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قوراللىق باستۇرۇپ، مىڭلارچە كىشىنى ئۆلتۈرگەن. خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېتنىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان» دېيىلگەن.
ماقالىدە تيەنئەنمېندە يۈز بەرگەن ۋەقەنى خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دېگەنلىكىنى، ئەمما خىتاينىڭ بۇ ۋەقە ھەققىدىكى بايانلىرىدا كۆپلىگەن گۇمانلىق تەرەپلەرنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان.
ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى باياناتلىرىدىكى بەزى گۇمانلىق تەرەپلەر ئۈستىدە توختىلىپ «خىتاي قانۇن ئورگانلىرى دەسلەپكى باياناتىدا ئاپتوموبىل ھۇجۇمچىلىرىنىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىغا جېپ ئاپتوموبىلى بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ئاپتوموبىلدىكى قاتناش نومۇرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش نومۇرى تاختىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما كېيىنكى باياناتىدا ھۇجۇمچىلار «مېرسېدىس بېنز» ماركىلىق ئاپتوموبىل قوللانغان دېيىلگەن، بۇ ئۇيغۇرلاردا مۇشۇنداق قىممەت باھالىق ئاپتوموبىلنى ئالغىدەك پۇل بارمىدۇر؟ شۇنداقلا ئىسلام ئەقىدىلىرى يېزىلغان بايراقلارنى ئاپتوموبىلدىن تاپقانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاي ساقچىلىرى پارتلاپ، كۆيۈپ كەتكەن ئاپتوموبىلدىن قانداقلارچە بۇ بايراقلارنى تاپقاندۇ؟» دېيىلگەن.
ماقالىدە «ۋەقەنى خىتاي ھۆكۈمىتى ھەقىقەتەن تېررورلۇق ۋەقە دەپ قارىسا، نېمە ئۈچۈن بۇنى تەكشۈرۈپ خەلقئارا جەمئىيەتكە ھەقىقىتىنى ئاشكارىلىيالمايدۇ؟» دەپ كۆرسەتكەن.
ئاتاغلىق ئوبزورچى كوتارۇ مىئۇرا ۋەقەگە بولغان گۇمانلىرىنى بىلدۈرۈپ «70 ياشلىق بىر ئانا تېررورلۇق ھەرىكىتىگە قاتنىشارمۇ؟ خىتاي دۆلىتى ھەمىشە تىلغا ئېلىۋاتقان شەرىقي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى ھەقىقىي مەۋجۇت تەشكىلاتمىدۇر؟ ئەگەر بۇ تەشكىلات مەۋجۇت دەپ قارالغاندىمۇ،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭدىكى قاتتىق تەكشۈرۈشلىرىدە قانداقلارچە سېزىلمەي قالغاندۇ؟ باشقىلارنىڭ دېيىشىچە، بىر ئائىلە كىشىلىرى بېيجىڭغا ئەرزگە كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئەرزى ئاقمىغان. مېنىڭ ئويلىشىمچە، ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرى ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئاخىرى بىرلىكتە ئۆلۈۋېلىش يولىنى تاللىغان بولۇشى ئېھتىماللىققا يېقىن. ئەمما بۇ ۋەقە تېررور ئەمەس، بەلكى كەمبەغەللەرنىڭ دەرت ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ئۇسۇلى. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنىڭ تۈپ سەۋەبى نامراتچىلىقتىن كېلىپ چىققان دەپ ئېلان قىلسا، ئۆزلىرىنى دائىم دۇنياغا باي - باياشات، خەلقلەر خوشال دەپ كۆرسىتىۋاتقان خىتاي دۆلىتى ئۈچۈن نومۇس، شۇڭا بۇنى تېررور دەپلا ئېلان قىلدى» دەپ بايان قىلغان.
ئوبزورچى كوتارۇ مىئۇرانىڭ دېيىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ۋەقە توغرىسىدا خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ھېچقانداق خەۋەر بەرمىگەنلىكىنى، ئەمما مەتبۇئاتلاردا «تېررورىزم ھەممىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى» دېگەن تىمىدىكى ماقالىلەرنىڭ يامراپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
كوتارۇ مىئۇرا يەنە، خىتاي جەمئىيىتىدە يۈز بېرىۋاتقان بۇ خىلدىكى جەمئىيەت ھادىسلىرىدىن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ خەۋەرسىزلىكىنى، خىتاي كومپارتىيىسى مەتبۇئاتلارنى كونترول قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئەيىبىنى يوشۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، ھەتتا خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەت دەپ قارىلىۋاتقان 55 مىللەت ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش سىياسىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئوچۇق - يورۇقلۇق بىلەن ئاشكارىلىسا، ئۇلار ساقچىلار تەرىپىدىن دەرھال قولغا ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كوتارۇ مىئۇرانىڭ ئوقۇرمەنلىرىدىن بىرى سۇمى خانىم ئوبزورچى كوتارۇ ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
- ئوبزورچى كوتارۇنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئېلان قىلغان ماقالىلىرى ياپونىيىدە زور تەسىر قوزغىغان. ئۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش يولىدا ئىزچىل ھالدا خىتاي كومپارتىيىسىگە قارشى ماقالىلەرنى كۆپلەپ ئېلان قىلماقتا. مەن ئۇنى يالغۇز ئوبزورچىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر، تىبەت كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ھىمايە قىلغۇچىلاردىن بىرى دەپ قارايمەن.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00