سىياسىي ئانالىزچى دى دى: خىتاي ياشلىرى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى ھېس قىلالمايدۇ

0:00 / 0:00


بىر قانچىلىغان كۈندىن بۇيان، ياپونىيە مەتبۇئاتلىرى 1989 - يىلى بېيجىڭ تيەنئەنمېندە يۈز بەرگەن 4 - ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 25 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن كۆپلىگەن ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى.

ياپونىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى NHK نىڭ 4 - ئىيۇن كەچتىكى خەۋىرىدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش كۈنىدە بېيجىڭدا ۋەقە سادىر قىلىپ قويۇش ئېھتىمالىقى بار دەپ قارالغان بېيجىڭدىكى 70 تىن ئوشۇق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە بىر قىسىملىرىنىڭ ۋاقىتلىق تۈرمىلەرگە قامالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياپونىيەدىن چىقىدىغان «جاپان تايمېس گېزىتى» نىڭ 3 - ئىيۇن سانىدا خىتاي ئىشلىرى سىياسىي ئانالىزچىسى دىدى تاڭنىڭ «خىتاي ياشلىرى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى ھېس قىلالمايدۇ» سەرلەۋھەلىك ماقالىسى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر ماقالىدە 1989 - يىلىدىن ئېتىبارەن خىتايدا تۇغۇلغان ياشلارنىڭ ھازىرقى زامان خىتاي تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقەلەردىن بىرى ھېسابلىنىدىغان 1989 - يىلى 4 - ئىيۇندا بېيجىڭ تيەنئەنمېندا ئېلىپ بېرىلغان ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكى توغرىسىدا توختالغان.


دىدى تاڭ ماقالىسىدە تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى توغرىسىدا خىتايدا ئەركىن سۆزلەش پۇرسىتى بولمىسىمۇ، ئەمما بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر قىسىم پروفېسسورلارنىڭ دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردىكى يىغىلىشلاردا ئوقۇغۇچىلار بىلەن بۇ ھەقتە پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلىقىنى، ھەتتا بىر قىسىم تارىخ ئوقۇتقۇچىلىرى دەرسخانىدا بۇ ھەقتە ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىغا ئازراق ئۇچۇر بەرگەنلىكىنىمۇ كۆرسەتكەن.

ماقالىدە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكوم سېكرىتارى جۇنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارغا بۇ ھەقتە قويغان تەكلىپىمۇ ئالاھىدە كۆرسىتىلگەن بولۇپ،ئۇ «ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا 4 - ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى ھەققىدە سۆز قىلىشى خەتەرلىك بىر ئىش. ئوقۇتقۇچىلار چوقۇم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. ئوقۇغۇچىلارغا خاتا سىگنال بەرمەسلىكىمىز كېرەك» دېگەن.

دىدى تاڭنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈزلۈكسىز خىتاي مىللەتچىلىكىنى تەرغىپ قىلىپ، ئىقتىسادنى گۈللەندۈرمەكچى بولۇۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي دۆلىتىدە يەنىلا ياشلارنىڭ خىزمەت تېپىشى، ئۆي سېتىۋېلىشى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا قىيىن مەسىلىلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن 25 يىل ئىلگىرى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپلەرنىڭ دەل ھازىر خىتاي ياشلىرى خىتاي كومپارتىيىسىدىن كۈتۈۋاتقان ئارزۇ - تەلەپلەر ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈرگەن.

سىياسىي ئانالىزچى دىدى تاڭنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بېيجىڭلىق ئوقۇغۇچى ۋاڭ جيايىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ دادىسى گەرچە ئەينى ۋاقىتتىكى 4 - ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان سىياسىي ئاكتىپلاردىن بىرى بولسىمۇ، ۋاڭ دادىسىغا بۇ ۋەقە توغرىسىدا توختىلىپ :«مېنىڭچە بۇ، ئالاھىدە ۋەقە، ئالاھىدە ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان ئىش. لېكىن ھازىر بۇنى مۇنازىرە قىلىشقا بولمايدۇ» دېگەن.

شۇنداقلا ئانالىزچى دىدى تاڭنىڭ سۆھبىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاڭ جيايىڭنىڭ ياتاقدىشى 21 ياشلىق ليۇمۇ ئاپىسىدىن بۇ ھەقتە كۆپلىگەن مەلۇماتلارنى ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئاپىسى ئەينى ۋاقىتتا بېيجىڭ دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتقان كېسەل ئانىسىغا قاراۋاتقان بولۇپ،تيەنئەنمېن مەيدانىدا يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن يارىلانغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. ئۇ، ئۆزىنىڭ كۆرگەنلىرىنى پەقەتلا چەتئەلگە چىققاندا قىزىغا سۆزلەپ بېرىپ:«مەن بۇنداق غايەت زور ۋەقەنىڭ يەنە يۈز بېرىشىنى، كۆپلىگەن يارىدارلارنى قايتا كۆرۈشنى خالىمايمەن» دېگەن.

سىياسىي ئانالىزچى دىدى تاڭ ماقالىسىنى ليۇنىڭ ئاپىسىنىڭ «مەن، بۇ مەسىلىدە توغرا يەكۈن نىمە؟ بۇنىسىنى مەن بىلمەيمەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقە ھەققىدە ھازىرغىچە ھېچنىمە دىمىدى. مەن تولىمۇ پۇشايمان قىلىمەن. مېنىڭ ئەۋلادلىرىم بىزنىڭ ئوقۇش دەۋرىمىزدىكى ۋەزىيەتنى چۈشەنمىدى ۋە بۇ توغرىسىدا ھېچنىمە ئۈگەنمىدى. بۇ بەلكىم بىزنىڭ كەلگۈسىمىزنى، كەلگۈسىگە بولغان قارىشىمىزنى ۋە ھاياتىمىزنى ئۆزگەرتىۋېتىشى مۇمكىن» دېگەن بايانلىرى بىلەن ئاخىرىلاشتۇرغان.

بىز تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 25 - يىللىق خاتىرە كۈنىدە مەزكۇر ۋەقەنىڭ ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى تەسىرى ۋە ئۇ يەردە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر ھەققىدە تولۇق مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھازىر ياپونىيەدە ياشاۋاتقان، ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىمغا مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئەينى چاغدىكى ۋەزىيەتنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

دىدى تاڭ ماقالىسىدە 1989 - يىلى 4 - ئىيۇن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى قانلىق باستۇرۇلغان تيەنئەنمېن مەيدانىغا يېقىن ئەتىراپتىكى بېيجىڭ دوختۇرخانىسىدا شۇ يىلى 7 - ئايدا تۇغۇلغان ۋاڭنىڭ مەزكۇر ۋەقەدىن ھازىرغىچە پەقەتلا خەۋىرى يوقلۇقىنى، سەۋەبى خىتاينىڭ ئوقۇشلۇق كىتابلىرىدا، تور بەتلىرىدە ھەتتا مەتبۇئاتلاردا تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى توغرىسىدا سۆز قىلىش خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن چەكلەنگەنلىكى سەۋەبىدىن ۋاڭغا ئوخشاش ياشلارنىڭ بۇنىڭدىن بىخەۋەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ھازىرقى خىتاي ياشلىرى مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدا مەلۇم مەلۇماتقا ئىگە بولسىمۇ، يەنىلا ئۇلارنىڭ بۇ ئىشتا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا توختالغان شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى فۇكىڭ ۋانىڭ سۆزىگىمۇ ماقالىدە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ ئۇ، سۆزىدە:«خىتاي ياشلىرى بۇ ھەقتە تەپسىلىي ئۈگەنسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ھۆكۈمەتىنىڭ قارىشىغا ئىشىنىدۇ» دېگەن.

ماقالىدە دېيىلىشىچە، بېيجىڭدا تۇغۇلغان ۋاڭ تۇنجى قېتىم مەكتەپتىكى بىر ساۋاقدىشىدىن بۇ ھەقتە بىرئاز ئۇچۇر ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ، بۇنىڭغا ئائىت ھېچقانداق ماتېرىيال تاپالمىغان. ئۇ، ئاخىرى 2010 - يىلى ئەنگىلىيىگە ئوقۇشقا بارغاندا شياڭگاڭلىق بىر ساۋاقدىشى ئۇنىڭغا 4 - ئىيۇن تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە ئائىت سىنئالغۇلارنى قويۇپ بەرگەن. ۋاڭ بۇلارنى كۆرۈپ بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچىنىڭ نامايىش قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن مەيدانغا قاراپ كېتىۋاتقان تانكىنىڭ ئالدىنى توسۇپ ئۆزىنى قۇربان قىلغانلىقى ئۆزىگە ھەممىدىن بەك تەسىر قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.